ئىگىسى: ئىپارە

بىباھا سۆيگۈ (پوۋىسىت)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28289
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:36:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىلەر ئوقۇرمەنلەر ، مەن بىر ئېغىز سۆزلەي ، بىر ئادەم بىر ئەسەرنى شۇنداق قىزىقىپ يىزىۋاتسە ، سىلەر قوپۇم  بۇنى پالانى يەردىن ئەكىرسىڭىز بولمامدۇ ، جاپا تارتقىچە دەپ رەدىيە بېرىدىكەنسىلەر ، بۇ يازغان ئادەمگە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىغىنى بىلەمسىلەر ،         مەنچە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرساق بولمامدۇ ،

  ئۇلارغا سوغاق سۇ چاچقىچە ،  ئىلھام بېرەيلى ، يا ئۆزىمىز يازالمىغاندىكىن ...................

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:50:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپارە قىز، ياخشىمۇسىز؟ سىزگە ئىككى تەكلىپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ:
1. ئەسىرىڭىزنى ئاۋۋال ۋوردتا يېزىپ پۈتكۈزىۋېلىپ، بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ بولۇپ، ئاندىن مۇنبەرگە يوللىغان بولسىڭىز. ئەسىرىڭىزنىڭ ھەربىر ئابزاسىدىن بۇ ئاتالمىش «پوۋسىت»ىڭىزنىڭ ئىنتايىن خاملىقى چىقىپلا تۇرىدىكەن. ئەسىرىڭىزنى مىڭلاپ ئادەم كۆرىدۇ. بۇ ئۆزىڭىزنى شۇ مىڭلىغان ئادەم ئالدىدا سازايى قىلغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟
2. ئەسىرىڭىزدىكى ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقى ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىدۇ. شۇڭا سىز بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللاشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ئاۋۋال يېزىپ پۈتتىرىۋېلىپ، قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، كوررىكتورلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئاندىن يوللىغان بولسىڭىز. بۇ ئۆزىڭىزگىمۇ ياخشى. ئۆزىڭىزگىمۇ بېسىم قىلىۋالمايسىز.
بىزگە پىشمىغان تاماق لازىم ئەمەس. سىڭلىم خاپا بولمايسىز. مەن سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ بۇ ئىنكاسنى يازدىم. سىزنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مەسخىرە ئوبىيكتى بولۇپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن ئەسكەرتىشكە مەجبۇرمەن. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، مۇنبەر دېگەن شۇنداق نەرسە، گاھىدا سىزنى شۇنداق خۇشال قىلىدۇ، گاھىدا مۇنبەرگە كىرگىنىڭىزگە، تېما يوللىغىنىڭىزغا تويغۇزىۋېتىدۇ. سىزنىڭ قىز(ئايال) بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقت چىقىرىپ بۇ ئەسەرگە تۇتۇش قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم. بىزگە سىزگە ئوخشاش ئىزدەنگۈچى ئايال(قىز) پىروزىچىلار لازىم. بىراق سىزنىڭ ئېلان قىلىشقا(بولۇپمۇ توردا) ئالدىرىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurya0999 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-3 12:17
ئىپارە ياخشىمۇ سىز ، بۇ ئەسىرىڭىزمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ ،  ...


ئۆزىڭىزمۇ   ياخشىمۇ؟ مەن    پەقەت سىزنىڭ مۇشۇ سۆزىڭىز  ئۈچۈنلا ئاخىرىىنى يىزىۋەتتىم،      ئەمىسە!

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 13:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزمۇ  ياخشىمۇ؟ دىمەكچىتىم لېكىن    خەتنىڭ بېشى كۆرۈنمەي،    شۇنداق يىزىلىپ قالدى،   باشقۇرغۇچىلار بۇنى    ئوڭشاپ  قويساڭلار بولغىدەك!

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 13:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ بۇلار تاماقتىن كىيىن سورۇن تۈزدى ، ھىلىقى تۇققانلىرىنىڭ باللىرىمۇ كىردى، ھەم تۇققىنىنىڭ بىر  قىزىمۇ كەلدى    ھەممىسى  قىزغىن  كورت ئويناپ چۈپكەتتى. جەسۇر بىلەن دىلىرە  ئىككىسى بىر بولدى  ، جەسۇر دىلىرەگە  ئانى چۇشۇڭ ،مانى چۈشۈڭ !دەپ شەرەت قىلاتتى.   قىلىقلىرى بەك  ئوماق ئىدى، شەرەتنىمۇ بەك تېز قىلاتتى  ،لىكىن دىلىرە ئۇنۇڭغا     شەرەت قىلالماي بەك قىينالدى .شۇنۇڭ بىلەن تۇققىنىنىڭ بىر  ئوغلى  ‹‹ گتتار چالايلى !›› دىدى، ئۇمۇ يىڭى ئۇگەنگۈچى    ئىدى .  جەسۇر؛
- بۇگۇن دىلىرە بىر  ناخشا ئېيتىپ بەرسۇن! دىدى .كۆپچىلىك   ھەممىسى     ۋو  شۇنداق قىلسۇن! دەپ چاۋاك چەپ كەتتى  دىلىرە    ؛
- مەن ناخشا ئۇخمايمەن دەپ تۇرۋالدى. جەسۇر؛

- يالغان، بۇگۇن قانداقلا بولمىسۇن بىر ناخشا ئېيتىپ بېرىسىز! دىدى دىلىرە؛
  -   ئۆزۇم قىزىقپ   ئۈگۈنىۋالغان ناخشىلارنى ئېيتىپ بېرەي  ئەمىسە دەپ خەنزۇچە ‹‹ئەسلەش›› دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى .
جەسۇر  ئەكبەر قەھرىماننىڭ‹‹ كافىدىيەندە›› دىگەن ناخشىسىنى     ئېيتتى.    ئاندىن    بىر  قانچە        ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناخشىلارنى ئېيتتى. ناخشىلارنى  شۇنداق بېرىلىپ ئاھاڭى بىلەن ئېيتاتتى ، ئۇنۇڭدا     دىلىرەگە    ئوخشاشلا     ناخشىغا   شۇنچە ھەۋىسى بار   ئىدى. دىلىرەمۇ قايسى   ناخشا يىڭى چىقسا شۇنى نەچچە كۇندىلا ئۈگۈنۈپ بولاتتى. بىراق ناخشنىڭ مەنىسى ھەم ئاھاڭىغا بەك  ئەھمىيەت بېرەتتى. كەچتە جەسۇر  ماڭىدىغان ۋاختىدا  دىلىرەگە؛
-ئەتە بىزنىڭكىگە بېرىڭ،  ئاپام ؛‹‹ دىلىرە قىز نمىشقا بىزنىڭكىگە  كەلمەيدۇ؟ ئەتە باشلاپ كەل دىدى!›› دىدى
دىلىرە  نىمە دىيىشىنى بىلمەي  بىر دەم تۇرۇپ كىتىپ ‹‹ماقۇل!›› دىدى.
  ئەتىسى  دىلىرە   ناخشا قويۇپ قويۇپ  دەرس تەكرارلاۋاتاتتى     ، جەسۇر  كىرىپ  كەلدى؛      
      -  نىمىش قىلىۋاتىسىز دىلىرە ؟دەپ   ئۇنۇڭ ينىغا كېلىپ    ئولتۇردى.
  بۇگۇن ھاممىسى بىر يەردە توي بار دەپ چىقىپ كەتكەن   ئىدى. دىلىرە   ؛
-دەرس تەكرارلاۋاتىمەن! دىدى.   
شۇ چاغدا     دىلىرە   ئۇنۇڭ يىنىغا كىلىپ  ئولتۇرغىنىغا خوش بولدى. لىكىن   ئۇنۇڭغا  قارىيالمىدى، جەسۇر؛
-كىتاپلىرىڭىزنى كۆرۈپ باقايچۇ ! دەپ كىتاۋىنى ئېلىپ كۆرۇپ مەن بەزى خەتلەرنى بىلىدىكەنمەن ! دىدى.     '
- دىلىرە ؛
قايسى خەتنى؟ دەپ ئۇنى كۆرۇش   ئۇچۇن    ئۇنۇڭغا  يىقىن  بوپ قالدى، شۇ چاغدا دىلىرەنڭ  ئۇنۇڭغا تېخىمۇ   يىقىن      بولغىسى كەلگەندەك  بىر سېزىم بولدى.     دىلىرە شۇ زامان ؛.
سىز خەنزۇ تىلىدا ياخشىكەنسىز ھە؟ دەپ سورىدى  جەسۇر؛
مەن خەنزۇ  تىلىگە ئامراق دىدى، بىر چاغدا ھاممىسىمۇ يىتىپ كەلدى.   ئۇلار ھاممىسىغا دەپ قويۇپ جەسۇرلارنىڭكىگە        ماڭدى،.         
جەسۇرنىڭ      ئاپىسى تاماق    ئېتىپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان  ئىدى . تاماقتىن كېيىن     جەسۇر   ئالبۇم بىر نەرسللىرىنى   ئاچىقتى .      ئۇنۇڭ  رەسىملىرىدىن گىتتار تۇتۇپ چۇشكەن  رەسىمى    ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. جەسۇر   بىر دەم ‹‹شاخمەت  ئوينايلى! ››دەپ شاخمەت ئەپ چىقتى. بۇ يەردە جەسۇرنىڭ سىڭلىسىمۇ بار  ئىدى، 3 بىرلىكتە شاخمەت  ئوينىدى.   ئۇ كورتقىلا   ئۇستا بوپ قالماي ،شاخمەتكىمۇ ئۇستا  ئىدى. دىلىرەمۇ    ئۇنۇڭدىن قىلىشمايتتى. كەچتە دىلىرە جەسۇرنىڭ سىڭلىسى بىلەن ياتتى.جەسۇرنىڭ سىڭلىسىمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى، ئۇمۇ ؛<<دىلىرە   ئاچا،!>> دەپ تۇراتتى.   ئۇ نەرسىللىرىنى بۇ نەرسىللىرىنى دىلىرەگە بېرەتتى.  كېچىچە بۇلار  پاراڭلىشىپ چىقتى.
ئەتىسى دىلىرە يۇزىنى يۇيۇپ بولۇپ چىچىنى   تاراۋاتاتتى، جەسۇر    كىرىپ  كەلدى .دىلىرە چىچىنى بىراقلا   قويىۋەتكەن    ئىدى، جەسۇر  كىرىپلا دىلىرەگە  قارغان پېتى        كېلىپ  دىلىرەنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇردى. دىلىرە قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي       قالدى . چىچىنى تاراي دىسە تېخى تارىماي دىسە تېخى قاققان قوزۇقتەكلا  ئورنىدىن  يا تۇرالماي،  يا قوپالماي   ئولتۇرۇپلا قالدى. بىر تۇرۇپ ئويلايتتى؛
‹‹ بۇ نىمانداق دۆت، بىرەرسى كىرىپ قالسا نىمە دەپ قالىدۇ؟ ھەي بۇ چىچىمنى تاراۋاتقاندا يىنىمغا   كەپ ئولتۇرمىسا بولاتتى!>> د ەپ ئويلدى-دە، قۇشۇمىسىنى تۇرۇپ    يان تەرەپكە قاراپ تۇرۇۋالدى. شۇ چاغدىلا جەسۇر؛
-چىچىڭىزنى قويىۋەتسىڭىز بەك يارىشىدىكەن،   بەك چىرايلىق    بوپ  كېتىدىكەنسىز!چىچىڭىزنى  تاراۋېرىڭ  مەن يىلى  كىرىمەن! دىدى .
دىلىرە چىچىنى تېز-تېز تاراپ بولۇپلا ئۇنۇڭدىن بۇرۇن چىقىۋالدى. جەسۇر  تالادىن  بىردەمدىن كېيىن كىردى    ، كىرىپلا دىلىرەنىڭ يىنىغا   كېلىپ    ئولتۇردى. دىلىرە   بەكمۇ خىجىل بولدى.
نەچچە ياڭزا قىلىپ سەي قورۇلغان،  ماي قۇيمىقى بار ئىدى تاماق دىلىرەنى يىدىمۇ؟ ياكى دىلىرە تاماقنى يىدىمۇ بىلەلمىدى.     


UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 13:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن   دىلىرە ھىلىقى پەردىنى تىككىزىۋالمىسام بولمايدۇ دەپ  ، ئۇلارنىڭ تۇتىۋالغىنىغا قارىماي ھاممىسىنڭكىگە قايتىپ كەلدى-ۋە،ھاممىسىنىڭ   سەيپۇڭ  كىلىنىگە پەردىلىكنى بېرىپ قويۇپ ھاممىسىنىڭ   تامىقىغا قارىشىپ بەردى.  تاماقتىن  كېيىن       جەسۇرمۇ  يىتىپ كەلدى.  ئىككىسى بىرلىكتە ماڭدى. جەسۇر؛
- ما يولدىن ماڭايلى بىللە  پاراڭلىشىپ ماڭىمىز !دىدى. دىلىرە‹‹ماقۇل!›› دىدى بۇ يولدا ئانچە  ئادەم يوق ئىدى. جەسۇر دىلىرەنى جىلە قىلىپ ماڭاتتى، دىلىرە ئۇنى‹‹ ئەسكى !› › دەپ ئۇراتتى     !. بۇلار شۇنداق خوشال ئىدى .دىلىرە يىنىدا جەسۇرنىڭ بولغىنىدىن بەك خوش ئىدى . كۆزىگە ئىشەنمەي بىردەم بىردەم جەسۇرغا قاراپ قوياتتى. جەسۇر بولسا بېشىنى ئېگىپ دىلىرەگە ئامراقلىق قىلىپ  بۇرنىنى چىمدىپ ‹‹   سىز بەك چىرايلىق ھە؟سىز پەقەت مېنىڭ بولسىڭىز ھە؟›› دەپ دىلىرەنى  جىلە قىلاتتى. دىلىرە بۇ نى مېنى جىلە قىلىپ شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ چۈشىنەتتى. شۇڭا  ئۇنى قوغلاپ ئۇراتتى. جەسۇر بولسا دىلىرەنىڭ قولىنى تۇتىۋىلىپ دىلىرەنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ‹‹ راست دەۋاتىمەن!›› دەيتتى. دىلىرە نىمىشقىكىن ئۇنۇڭ گىپىنى چۇشەنسىمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ چاقچاققا  ئايلاندۇرۇپ  تۇرۋالاتتى.

مەكتەپكىمۇ يىتىپ كەلدى ، جەسۇر ھىلىقى رەسىملىرىنى چاپلاپ يەنە بىر مۇنچە يۇرەك شەككلىك  يىپتا تۇقۇغان كارۋاتنىڭ  ئۇستىگە   ئاسىدىغان نەرسىلەرنى      تاقاپ بەردى . يەنە   كېچىدە يانىدىغان، قارسىڭىز بىر جۈپ گۇلدىن قىزىل نۇر چىققاندەك كۆرىنىدىغان ئەينەكتە ياسالغان بىر جۇپ گۈلنى بەردى.ھەم؛
.‹ بۇنى كېچىسى يىنىڭىزغا                           قويۇپ قويسىڭىز ئىچىدىن  نۇر  چقىدۇ، بىرسى سىز  ،بىرسى مەن!››   دىدى. دىلىرە شۇ چاغدىلا  ئۆزىنىڭ ئۇنۇڭدىن  مەڭگۈ ئايرىلغىسى يوقلىغىنى  ھىس قىلدى.
بۇ ھەپتىسى دىلىرە ھەپتە  ئارلىقتا ياتاقتىكى قىزلار بىلەن دوستلۇق   سودا سارىيىغا باردى  .  كۇنمۇ سۇۋۇپ قالغان ئىدى. دىلىرە    ئۆزىگە بىر قارامتۇلراق قىزىل     سوكنى  شىلەپە ئالدى.
بۇ شىلەپىنى دىلىرە چىچىنى بالا چاچ قىلىپ 2 ئۆرۈپ ئالدىغا چۇشۇرۇپ قارا سوكنى گاچا  پەلتە چاپىنىنى كەيدى .  قوڭۇر   رەڭلىك  پەلتىسىدىن   ئازراق چىقىپ تۇردىغان يوپكىسىنى كىيىپ سىنىپقا چىقتى. بۇ كىيمىمۇ شۇنداق ياراشقان   ئىدى.   بۈگۈن دىلىرەگە پۇل كەلگەن ئىدى. يەنە  كىلىپ  ئەزىمەتكىمۇ   پۇل كەلگەن   ئىدى،                  ئەزىمەت دىلىرەگە؛

؛ ‹‹پۇل    ئالىدىغان يەرنى بىلەمسىز؟ ››دەپ سورىدى. دىلىرە بىلمەيتتى شۇڭا ؛‹‹بىلمەيمەن   قانداق  قىلارمەن؟ ››دىدى. ئەزىمەت؛ ‹‹بۇگۇن چۇشتىن كېيىن مەن  بارىمەن، ئىككىمىز بىللە بارايلى! ››دىدى.  دىلىرە    ئىچىدە؛
‹‹بۇگۇن تەلەيىمگە  ئەزىمەتكىمۇ  پۇل كەپتۇ، بولمىسا قانداق قىلار  ئىدىم؟ ››دەپ ئويلىدى.  
بۇلار بىرلىكتە ‹‹قىزىل تاغ ›› بانكىسىغا باردى. ھەم ئەزىمەت دىلىرەگە پۇلنى   قانداق  ئالىدىغانلىغىنى  ئۇگەتتى. ئاندىن بىرلىكتە قايتىپ كەلدى.

بۇ ھەپتىسى دىلىرەگە يەنە بىر خوشاللىق بولدى  بىر كۇنى چۇشتىن كېيىن دەرس تەكرارلاپ بولۇپ ياتاققا قايتىپ كىرىۋىتىپ بىنانىڭ يىنىدىكى يولدا ئۆزىنىڭ يۇرتىنىڭ ماشىنىسىنى  كۆرۇپ  قالدى.  دىلىرە؛
-.‹‹بىزنىڭ ئۆيدىن بىرەرسى كەلدىمۇ     ؟ ››دەپ ئويلىدى   . دىگەندەك ياتاق زالدا  ئاكىسى   تۇراتتى. دىلىرە شۇنداق خوش بولۇپ      ‹‹ ئاكا! ››دەپ  ئاكىسىغا  ئېسىلپ ئۇنۇڭ  ئىككى يۈزىگە سۈيۈپ قويدى. ئاكسىمۇ دىلىرەنىڭ پىشانىسىغا سۈيۈپ قويدى .ھەم بىرلىكتە ياتاققا كىردى. يىنىدا بىر دوستى بار ئىدى  دىلىرە بۇ ئاكىسىغا بەك    ئامراق  ئىدى.    ئاكىسىمۇ دىلىرەنى ھەر قانداق نەرسىلەردىن   ئاسراپ تۇراتتى.   ئاكىسى دىلىرەگە؛

- دوستۇم   ئۈرۈمچىگە  بىر ئىش بىلەن بارىمەن! دىگەن شۇڭا سېنى كۆرۇپ كېلەي دەپ كەلدىم، دىدى.
دىلىرە ئاكىسىنى باشقىدىن قۇچاغلاپ تۇرۇپ‹‹ رەخمەت  ئاكا! ››دەپ يىغلاپ كەتتى.  ئاكىسىمۇ يىغلىدى.  ئاچىسى دىلىرەگە ئۆز قولىدا توقۇغان قوڭۇر رەڭلىك مايكا  ،  ھەم يوپكا ئەۋەتكەن  ئىدى.  مايكىسى بەكلا ياراشتى. لېكىن يوپكىسى بەكلا قىسقا بولغاشقا  ئۇنى كىيەلمىدى. ئاكىسى؛
- ئاپام كېلەر ھەپتە كەپ قالارمىكىن ، سېنى كۆگۈم كەپكەتتى دەپ دادامغا كۈندە يىغلاپ دادام كېلەر ھەپتە ئەپ كېلىدىغان بولدى، دىدى.               

     






UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 13:19:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ بۇ ھەپتىسى دىلىرەنىڭ   ئاپىسى ھەم دادىسى كەلدى. ئۇلار    كېلىپ دىلىرەنى     ئېلىپ  تۇققانلارنىڭ  ئۆيىگە باردى.بۈگۈن دىلىرە     ئاچىسى  ئېۋەتكەن  مايكىسىنى،  ھەم  ئىككى تەرىپىدە    يانچۇغى بار  ئۇزۇن  قارا يوپكىسىنى ،        بېشىغا ھېلىقى قىزىل سوكنى  شىلەپىسىنى كىيىپ   ،قارا سوكنى پەلتىسىنى كىيۋالغان، چېچىنى بالا چاچ قىلىپ  ئىككى قىلىپ  ئۆرىۋالغان ،     ئالدىغا   ئىككى تال      چېچىنى  چۈشۈرۋالغان ئىدى.     بۇ كىيمى  ئۇنى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق  ھەم  تىخىمۇ      ئوماق قىلىۋەتكەن ئىدى.
ئۇلار   ئۇدۇل چوڭ   ھاممىسىنىڭكىگە  ئاندىن يەنە بىر ھاممىسىنىڭكىگە باردى. ئاندىن كەچتە جەسۇرلارنڭ  ئۆيىگە باردى.   جەسۇر  دىلىرەنى كۆرۇپ    ئۇنۇڭغا   شۇنداق      قاراپ كەتتى.     ئۇنۇڭ قارىشىدىن دىلىرەگە تېخىمۇ ئامراق بوپ قىلىۋاتقانلىغىنى   بىلگىلى بولاتتى. دىلىرەمۇ  ئۇنۇڭ  ئامراق بولغىنىدىن خوش    بولاتتى.  
چوڭلار    ئايرىم، كىچىكلەر ئايرىم ئولتۇردى . كىچكلەر جەسۇرنىڭ  ھوجرا ئۆيىدە  ئولتۇردى.  ئىشىكتىن  كىرگەندە بىر     كارۋات،      ئاندىن  بىر سافا  ، ئالدىدا  بىر تاماق    ئۈستىلى بار   ئىدى. تاملارغا رەسىم چاپلاغلىق   ئىدى.بۇلار شۇنچە خوشال ئىدى. مانا تاماقمۇ تاتىلىدى ،جەسۇر دىلىرەنىڭ ئۇدۇلىدا  ئولتۇرغان   ئىدى،   قانداق كۆرۇپ قالغان؟ جەسۇر دىلىرەدىن؛

سىزنىڭ  ئاستىنقى  لىۋىڭىزدە مەڭ باركەن ھە؟ دەپ سورىدى. دىلىرە خىجىل بولۇپ؛
- ھەئە دىدى.  دىلىرە   ئىچىدە ؛‹‹بۇنى قانداق كۆرۇپ قالغاندۇ؟›› دەپ  ئويلىدى.

بۇلار ھەممىسى ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىشپ  ئۆينى بىر    ئالدى. شۇنۇڭ بىلەن جەسۇر ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىشنى  ئويلىدىمۇ ،<<بىردەم ناخشا  ئېيتايلى!>> دىدى. ھەممىسى قوشۇلدى جەسۇر گىتتارىنى    ئېلىپ؛

مەن ھازىر بىرسىگە كۆيۈپ يۈرىمەن،

يۈرسەممۇ خىيالى  كۈلۈپ يۈرىمەن.

دەردى يوق دىمەڭلار كۈلكەمگە قاراپ،

قانداقتۇر خىياللار سۈرۇپ يۈرىمەن.


مەن سېنى سۈيەتتىم ئىشقىمنى بېرىپ ،

يېنىمدا   بولمىساڭ بولىمەن     غېرىپ.  

تەلپىمنى رەت قىلما، ھەسرەتكە سېلىپ ،

توي قىلماي ئۆتەرمەن  مەڭگۈگە قېرىپ .   



تەلپىنمى رەت قىلما ،ھەسرەتكە سېلىپ،

توي قىلماي    ئۆتەرمەن مەڭگۈگە قېرىپ.


دەپ    ناخشا ئېيتتى. بۇ ناخشىنى جاۋاپقا ئېرىشمەكچى بولغاندەك  دىلىرەگە قاراپ تۇرۇپ ئېيتقان    ئىدى. دىلىرە   ھەم خىجىل بولاتتى ، ھەم ئۇنۇڭغا قارىيالمايتتى.  ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ جەسۇر دىلىرەگە     يەنە قايتا   قارىدى .دىلرە خىجىل بولغىندىن   قىزىرىپ   كەتتى. ۋە  ئىتتىكلا يەرگە قارىۋالدى.  جەسۇر  دىلىرەگە؛

-ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلگەندۇ ؟ سىز بىر ناخشا ئېيتىپ بېرەسىز!؟-دىدى  . دىلىرە؛
- بوپتۇ  مەنمۇ      بىر ناخشا  ئېيتىپ بېرەي ئەمىسە !دىدى-دە؛


يايرىم باققان بىر جۈپ قۇش،

مەن ھەدىيە      قىلغانغۇ؟

كېتەر چاغدا   قويۇپ بېرىپ ،

يوللاپ تۇرغان خەيىرى-خوش.      



كەلمەسكە كەتكەنمىدىڭ،

يىراق،      يىراق جايلارغا.

چىقىپ  ئىشىك   ئالدىغا  ،


تەلمۈرىمەن       يولۇڭغا.



چىقىپ ئىشىك ئالدىغا،

تەلمۈرىمەن        يولۇڭغا.

دىگەن ناخشىنى   ئېيتىپ بەردى. جەسۇر مۇ  نىمىلەرنىدۇ چۈشەنگەندەك ھەم خوشال بولغان،  ھەم قايىل بولغان    كۆزلىرى بىلەن  دىلىرەگە  قاراپ  ‹‹   رەخمەت ! ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتتىڭىز !   ›› دىدى.  
      






UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
manisa يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 16:41
ئادەمنى ئىنتىزار قىلماي چاقانراق يازسىڭىزچۇ ؟؟؟:diz ...

مىنىڭ     ئەسىرىمنى  ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 12:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahu يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 17:40
بىر كىچىك ئوماق قىزچاق «ئۇنداق بولدى،مۇنداق بولدى» دە ...

ياخشى يازالمىغان بولۇشۇم مۈمكۈن، بۇ مېنىڭ بىرىنجى قىتىم    پوۋسىت يېزىشىم، ئۇنداق مۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالماسلىغىم تۇرغانلا گەپ!

UID
22371
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 12:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلىرىم بىراۋ مىڭ بىر جاپادا تىما يېزىپ بىزلەر بىلەن ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلاي دەپ ئەۋەتسە بىز بۇ تىمىغا بىر تالمۇ ئىنكاس يېزىپ قويماپتۇق. قېرىنداشلا سىلەر مۇشۇ قىزنىڭ قانچىلىك جاپادا بۇ تىمىنى يازغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىلارمۇ ؟ ئۇنداق قىلماي ئىپارە قىزنىڭ يوللىغان بۇتىمىسىغا تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىماي بېرىڭلار، قوللاڭلار ۋە ئەسەر يازغۇچىلارنى ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىڭلار ھەم ئورتاق ئىلھام بېرەيلى!
ئىپارە  سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى مەن ياختۇرۇپ ئۇقۇدۇم تىلى ئاددى، چۈشىنىشلىك ۋە ئەتراپلىق يېزىپسىز . ئاندىن يېزىش جەريانىدا ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن شۇڭا بۇ نوقتىغا دېققەت قىلسىڭىز . ئەمما سىزنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئەسەرنى يېزىپ بىزلەرگە سۇنالىغىنىڭزغا بارىكاللار ئېيتىمەن،  تىرىشىڭ قېرىندىشىم، ئاندىن سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ يېڭى - يېڭى  ئىجادىيەتلەرنى بىزلەرگە سۇنىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش