ئىگىسى: ئىپارە

بىباھا سۆيگۈ (پوۋىسىت)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 11:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن مانا جۇمە   كۇنىمۇ يىتىپ كەلدى.دىلىرە  ئىچىدە؛‹‹  بۇگۇن جەسۇر كىلەمۇ؟  قانداق قىلا؟ ››دەپ  ئويلىدى چۇشتىن  كىيىن      سىنىپقا چىقمىدى. چۇنكى جەسۇرنى كەپ قالسا            مىنى تاپالماي قالمىسۇن دەپ ئويلدى .چۇشتىن كىيىن بىردەم يتىپ دەم  ئالدى. ئاندىن  چاماداندىن ئوزىنىڭ ياخشى كورىدىغان كىيىملىرىنى    ئاچقىپ    رەتلەپ        بۇگۇن   مانى  كىيەي دەپ   قارامتۇل سېرىق  ئۇزۇن   يوپكىسى بلەن   ئالدىغا   تور تۇقۇلغان   قارا رەڭلىك        كوپتىسىنى     ئىلىپ ئۇنى كىيدى .چۇنكى سول قاپىقى شۇنداق تاتىپ تۇراتتى سول قاپىقى دىلىرەگە بەك يارىشاتتى، شۇڭا     بۇگۇن جەسۇر  كەپ قىلىشى مۇمكۇن  ئۇ كەلگىچە كىيمىمنى كىيىۋالاي   بولمىسا بىئەپ بوپ قالمىسۇن دەپ ئويلىدى بۇ كىيمىى شۇنداق يارىشاتتى .ئۇزۇن  يوپكىسى    ھوشۇقىنىڭ سەل ئۇستىدە     ئىدى . چىچنى  بىر قىلىپ ئۆرىدى  ئاندىن كوزلۇك   كاچازىسىنى تاقىدى.   ئاندىن سۇس قىلىپ گىرىم  قىلدى . ئاندىن بىردەم كىتاپ كورۇپ  ئولتۇراي دەپ  كىتاپ  كورۇپ  ئولتۇراتتى   ئىشىكنى يىنىك چىكىپ جەسۇر   كىرىپ كەلدى
جەسۇر      ياخشى تۇردىڭىزمۇ دىلىرە ؟دىدى
دىلىرە؛  ‹‹ياخشى  ئوزىڭىزچۇ؟ ›› دىدى ۋە دەرھال  مىيەگە كىلىپ ئولتۇرۇڭ !دىدى  نمىشقىكىن جەسۇرنىڭ  يىنىدا  ئولتۇرۇشقا جۇرئەت  قىلالمىدى . شۇڭا  ئۇدۇلدىكى     كارۋاتقا    كەپ  ئولتۇردى. ۋە  چاندۇرماي    مەن سىزگە چاي قۇيۇپ بېرەي! دىدى. جەسۇر   بولدى سىز   ئازراق بولسىمۇ دەم   ئلىۋىلىڭە! دىدى دىلىرە؛
    دەم ئىلىۋاتىمەن كۇندە چۇشتىن كىيىن دەرس  يوق ،  دەرىسلىرىمنى  تەكرارلاپ بولغاندىن كىيىن ئاساسەن بىكا !دىدى .دىلىرە سىلەر  ئوقۇمىدىڭلارما؟ دەپ سورىدى جەسۇر؛
  چۇشتىن كىيىن  تازلىقتى شۇڭا ئازراق تازلىق قىپ بوپلا سىزنىڭ يىنىڭىزغا ماڭدىم. ، يەكشەنبە كۇنى بالدۇراق  ئويدىن چىقىپ ياتىقىڭىزغا   كېرەكلىك نەرسىلەرنى   ئالايلى-ھە ! بۇگۇن مەنمۇ   ئالدىراپ قالدىم دىدى. دىلىرە‹‹ماقۇل!›› دىدى.
جەسۇر    شۇ چاغدىلا دىلىرەگە سىنچلاپ قارىدى . دىلىرە ئۇنۇڭغا   قارىيالمىدى    ھەم    ئولتۇرغان يېرىدىن لەپپىدە قىلپ قوپۇپ كەتتى ،. ننىمىشقىكىن ئوزىنى ئۇنۇڭدىن   قاچۇرغىسىلا  كەپ تۇراتتى. ھەم دىرىزە تۇۋىگە بېرىپ تۇرۋالغىسى كەپ تۇراتتى .جەسۇرنڭ              دىلىرەنى     بۇ   ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلداغىسى كەلدىمۇ دەرھاللا؛‹‹دىلىرە بىز ماڭايلى!›› دىدى شۇنداق قىلىپ  ئاپتۇۋۇزغىمۇ چىقتى بۇ  ئاپتۇۋۇز لار   نىڭ     ھەممىسى جەسۇرلارنىڭ  ئىدى. جەسۇر  يولدا  بىردەم شوپۇرلار بىلەن پاراڭلاشسا  بىردەم بىلەتچى بىلەن    تەڭ تولايتتى،  بىردەم دىلىرەنىڭ قشىغا كلىپ دىلىرەگە قاراپ  كۇلۇپ قوياتتى .       ئۇ دىلىرەگە شۇنچىلىك بىرخىل    ئامراقلىق،   شۇنچلىك بىر خىل سەمىمى قارايتتى. بىردەم دىلىرەنڭ  قشىغا كىلىپ   ئولتۇراتتى .تۇيۇقسىز    جەسۇرنىڭ بىلىكى       دىلىرەنىڭ   بىلىكىگە تىگىپ     كەتتى شۇئانلا    ئىككىسى تەڭلا        بىر- بىرىگە  قاراپ قالدى . لىكىن قانچىلىك تېز قارىغان بولسا شۇنچىلىك تېز          ئوزلىرىنى   ئوڭشىۋالدى؛
جەسۇر ؛ مانا  كەپمۇ قالدۇق! دىدى ئۇلار  ماشىنىدىن چۇشتى   جەسۇر    بىزنىڭ  ئويگلا  بارىمىزغۇ؟ دىدى دىلىرە        ؛
ياق     ھاممامنڭكىگىلا بارايلى !    سىزنىڭكىگە  كىيىنچە   بارارمەن.   دىدى. جەسۇر بوپتۇ ئەمىسە! دىدى
شۇنداق قىلىپ ھاممىسنڭكىگە كەلدى   ھاممىسى؛
‹‹كەلدىڭلارمۇ؟مىيەگە  كەپ ئولتۇرۇڭلار!>> دىدى  . جەسۇر'
مەن  ئويگە بېرىپ كىلەي يىلى كىلىمەن    دىدى. ھاممىسى بوپتۇ بېرىپ   كەل،    ئويۇڭدىكلەر   ئەنسىرەپ   قالمىسۇن! دىدى.   . جەسۇر كەتتى  . شۇ چاغدىلا دىلىرەنىڭ جەسۇرنى    كوگىسى  كەلدى. ئىچىدە قاچان كىلە؟    دەپ  ئويلىدى. قاراڭغۇ چۇشەي دىگەندە ئۇ بىر گىتتارنى  ئىلىپ كەلدى. دىلىرە ئۇنۇڭ كەلگىنىنى كورۇپ      شۇنداق خوش بولدى ئۇنۇڭ شوخ قەدەملەر بىلەن كىرىشى. گىتتارنى   بوينىغا  ئىسىۋلىشى  كوك رەڭلىك     گىتتار قوڭۇر رەڭلىك مايكا  چاچلىرىنى  ئالدىغا چۇشۇرۋىلىشلىرى بەك    ئوماق، بەك جەلىپ قىلارلىق  ئىدى. بىر چاغدا تاماق يىيىلىپ بولغاندىن  كىيىن ھاممىسىنڭ ئوغلنىڭ   ئوغۇللىرى  ئۇلارمۇ كىردى.
جەسۇر گىتتارنى قولىغا ئېلىپ ؛

سېغىندىم ھەجەپ سېغىندىم  ،

قەدىرلەپ سويگەن يايرىم،

ھىچ كىشىگە تەڭ قىلماي ،

  ئارزۇلاپ سويگەن يايرىم .



خۇما  كۆزۇڭ  ، ئوماقلىغىڭ ،

شېرىن           سوزلەرىڭ .   

كېچەللەرى ئۇخلاتماي،

سېغىندۇرغان شۇ يايرىم .
.

خۇما كوزۇڭ، ئوماقلىغىڭ،

   شېرىن        سوزلەرىڭ .

    كېچەللەرى ئۇخلاتماي،

سېغىندۇرغان شۇ يايرىم.   

دىگەن   ناخشىنى پۇتۇن دىققىتى بىلەن گىتتارنى چىلىپ تۇرۇپ ئېيتتى.  




UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 11:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېيتىپ بۇلۇپ گىتتارنى بىر   قاتتىق  پاس بېرىۋىتىپ ، ئاندىن داۋاملق  ناخشىنڭ ئاخىرىنى ئېيتتى .
مەن سىنى سۆيمەكتىمەن،

ئۇنسىز        ئۈمۇدسىز .

گاھىدا        تەلمۇرۈپ،

گاھىدا       قىزغىنىپ.



خۇما كۆزۇڭ ئوماقلىغىڭ،

شېرىن        سۆزلۇگۇم.

كېچەلەرى ئۇخلاتماي  .


سېغىندۇرغان  شۇ يايرىم.    دەپ   ئېيتتى-دە، قولى بىلەن      چىچىنى كەينىگە قىلپ يەنە داۋاملىق گىتتارنى   ئېلىپ    ناخشا   ئېيتتى ؛

ئايدىڭ، ئايدىڭ كېچەلەر بولدى،


بۇگۇن يەنە سائەت 1 بولدى.


ئىشىك  ئالدىڭدا مەن ساقلاپ.


ئايدىن جامالىڭ سوراپ ،


تاڭ   ئېتىشقا  5سائەت قالدى.



كۇتتۇم، كۇتتۇم ، خەۋەر  كەلمىدى،                                          


سېغىنىشتا  يۇرەك ئۆرتەندى.                                                   


ناخشا ئېيتسام سەن  ئۇچۇن،


                             ئاڭلار جاھان   مۇڭ بىلەن.


گۇل چىرايىڭ  كەلمەي تاڭ بولدى.
  
دەپ شۇنچە         يىقىملىق ھەم مۇڭ بىلەن ئېيتتى.  دىلىرە بىرىنجى ناخشىنى بۇرۇن  ئاڭلىغان بولسمۇ، بىر يىگىتنڭ  ئۆزى  ئۇچۇن     بۇنداق ناخشىلارنى  ئېيتىشىنى    ئويلاپ باقمىغان   ئىدى.
2- ناخشىنى   ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى  ھەجەپ پەيزە ناخشىكەن  دەپ ئويلىدى.  دىلىرە  ناخشا مۇزىكىلارغا قىزىقاتتى. دەرس ئۇگەنسىمۇ بىر تەرەپتىن ناخشىنى قويۇپ قويۇپ ئۇگىنەتتى .ھەم سىنىپنىڭ بىردىن- بىر    ناخشىچىسى ئىدى .لىكىن بۇ ناخشىنى   ئاڭلاپ  باقمىغان   ئىدى.

شۇنۇڭ بىلەن جەسۇر بىردەم دەم   ئالاي دەپ  بالىلار بىلەن    پاراڭلىشپ ئولتۇردى. دىلىرە ئۇنۇڭغا   ئۇنتۇنسىز قاراپ تۇراتتى. ئۇنۇڭ شوخ قىلىقلىرى، ئورۇنلۇق گەپلىرى دىلىرەنى   ئويغا سىلىپ قويدى.  ئۇ بولسا بالىلار بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتكەن  ئىدى.  بىر چاغدا دىلىرە ئىسىگە كەپ قالدىمۇ دىلىرەگە قارىدى. شۇنچىلىك بىر  ئامراقلىق بىلەن دىلىرەگە قاراپ كۇلد ى، دىلىرەمۇ ئۇنۇڭغا تاتىنىپقىنا ئاغزىنى سەللە مىدىرلىتىپ كۇلدى. ئۇ كۇنكى جەسۇرنىڭ ناخشىسى قىلىقلىرى، دىلىرەنى ئويغا سىلىپ قويغان ئىدى     ئۇ كېچىچە    ئۇنۇڭ سىماسىنى قىلىقلىرىنى،، شوخلۇقلىرىنى      ئويلاپ ياتتى .  
  


UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 11:39:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داامى بار...

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-1 11:40):
داۋامى بار...

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 11:47:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بار...

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 12:17:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىسى       دىلىرە     ئۆيلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ   بۇلۇپ، ھاممىسىغايەنە بىر ھاممىسىنىڭكىگە  بارىدىغانلىغىنى دەپ قويۇپ         كەتتى.   ئۇ ھاممىسىمۇ دىلىرەنى كورۇپ    خوش   بوپ كەتتى     . بىردەم   پاراڭلشىپ  ھەدىسى بىلەن بازاغا  چىقتى. بازاردىن      قايتقاندا   يولدا تۇرغان جەسۇرنى كۆردى. جەسۇر ئۆزىنىڭ   چوڭ  ئۆيگە بارغانلىغىنى ،  دىلىرەنىڭ       كىچىك ھاممىسىنىڭكىگە  كەتكىنىنى ئاڭلاپ  مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرغىنىنى دىدى. شۇنۇڭ بلەن دىلىرە ھەدىسىگە خوش دەپ چوڭ ھاممىسنىڭكىگە ماڭدى.                  چۇش ۋاختى   بوپ قالغان       ئىدى جەسۇر بىرنەرسە يىگىڭىز بارمۇ؟ دىدى. دىلىرە بولدى      ھاممامنڭكىىلا   كىتەيلى!  دىدى. جەسۇر؛  
‹‹سىرتنىڭ تامىقىنىمۇ  يەپ   قويۇڭ! >>دىدى.
دىلىرە؛.‹‹ ئۇنداقتا نۈرىمىەن  ئىچەيلى!›› دىدى.
بىر    ئاشخانىغا كىرىپ نۇرمىەن بۇيرۇتتى. بۇلار  ئۇدۇلمۇ-     ئۇدۇل   ئولتۇرغان ئىدى. شۇ چاغدىلا    دىلىرە ئۇنۇڭ       چىرايىغا يىقىندىن    قارىدى    ئۇ    جوزا   ئۇستىدىكى ئەينەكنىڭ    ئاستىغا بسىلغان         تاماق تىزىملىگىنى    ئوقۇۋاتاتتى.دىلىرە   ئۇنۇڭغا شۇنچىلىك      قايىللىق  ھەم            ئامراقلىق  بىلەن قاراپ قويدى. بىر چاغدا ئۇ بىشىنى كۆتۇردى، ۋە ؛
‹‹  كىيىن  تاماق يەپ  قالساق دەپ  تاماق تىزىملىگىنى كۆرۇپ قويدۇم!›› دىدى.    دىلىرە گەپ قىلمىدى.
                 ئەتىسى     سائەت 9 لار بىلەن  مەكتەپكە قاراپ ماڭدى . ئاپتۇۋۇز ئىچدە ئادەم بەك جىق  ئىدى     يەنە بىر   ئاپتۇۋۇز  كەلگىچە  مېڭېۋېرەيلى! دەپ ماڭدى ئككىلسى    ئۆرە تۇرغان     ئىدى. دىلىرە جەسۇرنىڭ يىنىدا   ئىدى. يېرىم سائەتلەر ماڭغاندا تۇيۇقسىز ئۇدۇلىدا   ئورە تۇرغانلارنڭ    ئىچىدە بىىر قىز     بىر   ئوغۇل قۇچاغلىشپ   سۈيۇشۇۋاتقنىنى     دىلىرە    كۆرۇپ        ھەيرانلقتا  ئۇلارغا     قاراپلا  قالدى  .    شۇئان جەسۇر بۇنى كۆرۇپ ئىشتىكلا  دىلرەنىڭ بېشىنى   مەيدىسىگە  قويۇپ   بىشىنى بىر   قولىدا                              ئوراپ تۇتىۋالدى -دە‹‹  ئۇلارغا  قارىماڭ! ئۇنداق تېتىقسىزلارغا!››دىدى . دىلىرە        شۇ چاغدا   ئۇنۇڭ        ئىسسق ،       يىقىملق       باغرىنى              ھىس قىلدى. بىر ئازدىن كېيىن ھىلىقىلارمۇ  چۇشۇپ قالدى ئادەملەرمۇ   ئازايدى.       شۇنۇڭ بىلەن جەسۇر دىلىرەنى بىر ئورۇندا   ئولتۇرغۇزۇپ  ئۆزى ئۆرە تۇردى . دىلىرە    ئولتۇرۇپ ئويلايتتى؛ ‹‹توۋا        مۇشۇ      ئاپتۇۋۇزدىمۇ ھەجەپ خىجل بولمايدىكىنا ؟›› دەپ ئويلىدى .  

مانا  مەكتەپكىمۇ كەلدى   كىرىپ بىر   قۇر         ياتاقتىكىلەر بىلەن سالاملىشىۋىتپ ، جەسۇر  ئىككىسى بازارغا ماڭدى.    ئۇلار بازاردىن  قىپ- قىزىل پەردە، يەنە    كارۋات  ياپقۇچ، جاۋۇر، چىنە،           قوشۇق نەرسىلەرنى       ئالدى. جەسۇر  دىلىرەگە بىر      سېرىق ھەل بېرىلگەن ،  سەل قىممەترەك   يوغونراق ،   ئەينەكتىن بىرنى    ئەپ بەردى .ۋە‹‹كۇندە مۇشۇ ئەينەككە قاراپ مىنى ئەسلەڭ!  ھە ؟!›› دىدى دىلىرەمۇ بىشىنى لىڭشىتىپ ‹‹ماقۇل!  ››دىدى.                 

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 12:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ياتاققىمۇ يىتىپ كەلدى. ياتاقتا ھەممىسى دىگىدەك بار ئىدى، ئۇلار بىلەن سالاملىشىۋىتىپ پەردىنى   كارۋاتقا    ئۆلچەپ   كۆردى شۇنداق چىرايلق تۇراتتى،كارۋاتقا كارۋات ياپقۇشنى ياپتى كارۋات ياپقۇچ كوك رەڭدە ئىدى. جەسۇر؛
‹‹ ئەمدى مەن تاملىرىڭىزنى    ياساپ بەرسەم. پەردىنى تىكتۇرۇپ   تاتسڭىز شۇنداق چىرايلىق بوپ كىتىدۇ ،ئۆزىڭىزگە   ئوخشاشلا!،› دىدى-دە دىلىرەنڭ بۇرنىنى تۇتۇپ ئەكىلىتىپ قويدى.
ياتاقتىكى  ئالتايلىق بىر قىز ؛
جەسۇر  نىمدا ياخشى ھەممە  ئىشلىرىڭىزنى قىلىپ بېرىدىكەن! سىز بەك تەلەيلىك جۇمۇ! دىدى جەسۇر؛
دىلىرەنڭ مەندىن باشقا نىمىسى بار بۇ شىەھەردە ، ھىچنەنى بىلمەيدۇ، شۇڭا  بەك   ئەنسىرەيمەن! دىدى.
دىلىرە ئۇنۇڭ گىپىنى   ئاڭلاپ ئۇنۇڭ شۇنچە كۇيۇمچانلىغىدىن نىمىنىدۇر ھىس  قىلغاندەك بولدى.
  جەسۇرنىڭ ماڭىدىغان ۋاختى بوپ  قالغان    ئىدى.   ئۇ ماڭىدىغان بولۇپ ئورنىدىن قوپتى دىلىرە  شۇ چاغدىلا      ئۇنۇڭدىن ئايرىلغىسى  كەلمەي   قالدى. ۋە؛
       قاچان كىلىسىز؟ دەپ  ئۇنۇڭغا قارىدى جەسۇر؛
ئاللا خالىسا جۇمە كۇنى كىلىمەن   بىريەرلەرگە چىقىپ كەتمەي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ھە!  دىدى   
ماڭىدىغاندا دىلىرەگە ؛
‹‹ ئاللاغا ئامانەت! ››دىدى. دىلىرەمۇ؛
‹‹ئاللاغا ئامانەت !››دىدى ۋە     بۇگۇن نىمىشقىكىن ئۇنى زالغىچە     ئۇزۇتۇپ چىقتى. جەسۇرنىڭمۇ دىلىرەدىن   ئايرىلغىسى يوق، دىلىرەنىڭمۇ جەسۇردىن  ئايرىلغىسى يوق ئىدى. دىلىرە   ئاقىدىن قاراپلا قالدى جەسۇر؛
دىلىرەگە؛‹‹ كىرىپ كېتىڭ!›› دىدى ھەم يەنە قايتىپ كىلىپ دىلىرەنىڭ   2 مۆرىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىنىڭ  ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ؛
‹‹كىرىپ كىتىڭ ھە، بولامدۇ؟.>> دىدى  ۋە دىلىرەنىڭ   ئىڭىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەكىلتىپ  قويدى
ۋە   '‹‹   گەپ ئاڭلاڭ ھە ! سىز كىركەتمىسىڭىز مەنمۇ ماڭالمايدىكەنمەن!،›› دىدى.      شۇ چاغدىلا دىلىرە كەينگە قاراپ قاراپ قويۇپ كىرىپ كەتتى.  دىلىرە ياتاققا  قايتىپ كىردى  . ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ياتتى، جەسۇرنى ئويلايتتى.  ئۇنۇڭ سىماسى كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى .
    بۇگۇنكى   ئىشلىرى  ئۇنۇڭ شۇنچە كۇيۇنۇشلىرى  دىلىرەنى     ئويغا سالاتتى.
ئەتىسى ئادىتى بويىچە ھەممىسى ئورنىدىن بالدۇر قوپتى چايلىرىنى ئىچپ بولۇپ سىنىپقا چىقتى . جاڭ مۇئەللىم كۇلۇمسرەپ كىرىپ كەلدى ۋە   يىقىملىق سالىمىنى قىپ بولغاندىن كيىن ئادىتى بويىچە؛
-ئۆتكەنكى دەرىسنڭ خام خەتلىرىنى ئۇگۇنۇپ كەلدىڭلارمۇ؟ دىدى .
دىلىرە     بۇ خام خەتلەرنى    ئۇگۇنۇپ بولغان ئىدى.   ئۇ ھاممىسىنىڭكىگە بارغاندا كىتاپلىرىنى  ئېلىۋالغان     ئىدى، ئۇمۇ قول كۆتۇردى . بۇگۇن مۇئەللىم باشقىلارنى دوسكىغا چىقاردى. 3-4- سائەتتە   ئاڭلاش دەرىسى ئۆتۇلدى.
چۇشتىن كىيىن  دىلىرە سىنىپقا چىقتى چۇنكى بۇگۇندىن باشلاپ ئاڭلاش دەرىسى قوشۇلغان بولغاشقا بىسىپ ئۇگەنمىسە بولمايتتى، دەرىسلەرنى كۇندىكى ئادىتى بويىچە ئۇگۈنۇپ بولۇپ ، ئاڭلاش دەرىسىنڭ كىتاۋىنى  ئېلىپ تۇراتتى .ينىدىكى بالا دىلىرەگە بىردەم بىردەم قارايتتى. دىلىرە   ئۇنۇڭ قارىشىدىن جىلە بولدىمۇ؟، ياكى   خىجىل بولدىمۇ؟ شۇنچە قىزىرىپ كەتتى . شۇنۇڭ بىلىەن   ئاچچىغى كىلىپ ؛
‹‹ نمە ماڭا قاراۋېرىسىز؟›› دىدى.
ئۇ بالا؛‹‹خاپا بولماڭ سىڭلىمدەك كۆرۇپ قارىدىم .سىزگە قارىسام يۇزىڭىز قىزىرىپ كىتىدىكەن ،شۇڭا قارسام قارىغىم كەلدى !››دىدى ۋە؛
‹‹سىزنىڭ قاش كۆزىڭىز قارا، چىرايىڭىز خوتەنلىك قىزلارغا ئوخشايدىكەن . مەن سىزنى تۇنجى قىتىم ھىلقى خوتەنلىك قىزنىڭ يۇك- تاقىسىنى ئەكىرىپ قويغاندا كورۇپ خوتەنلىكمىكىن دەپ ئويلىغان  ئىدىم!›› دىدى. دىلىرە ؛
‹‹بىزنڭ تىگىمىز خوتەنلىك! دادام خوتەنلىك!،› دىدى.
-ھە مەن خاتا تۇنۇماپتىمەن.دىدى ئۇ بالا  
مىنىڭ  ئىسمىم ئەزىمەت تۇنۇشۇپ قالايلى! دىدى . دىلىرە ؛
تۇنۇشمىساقمۇ ھەممىمىز بىر سىنىپتىغۇ؟ دىدى.   
  



UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 12:21:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلپ بۇ بىر ھەپتىمۇ ئۆز ئىزى بويىچە  ئۆتۇپ كەتتى . مانا جۇمە كۇنىمۇ يىتىپ كەلدى.
چۇشتىن كىيىن بولغاندا دىلىرە سىنىپقا چىقماي كىتاپ دەپتەلىرىنى  يۇغۇشتۇرۇپ      ،  ھاممىسىنىڭكىگە ئېلىۋالىدىغان كىتاپلىرىنى بىر سومكىغا سېلىپ    ،   ئاق كوپتىسى بىلەن قىزىل   ئۇزۇن ساراپان  كوينىگىنى     كەيدى.   چىچىنى   ئىگىز قىلىپ تۇگدى. بۇ چاچ  پوسونىمۇ كىيمى بىلەن شۇنداق ياراشتى. ئانچە مۇنچە گىرىم    قىلدى بۇ قىتىم   كۆزىگىمۇ گىرىم قىلدى كۆزىگە گىرىم قىلسا بەك يارىشىدىكەن .كۆزىنى تىخىمۇ قارا قىلىپ،تىخمۇ چىرايلق بوپ كىتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ھېرىپ قالدىمۇ بىردەم ئۇخلىۋالاي دەپ  ياتتى.  ياتاقتا قالغان قىزلارغا؛
-جەسۇر كەپ قالسا  ئويغۇتۇپ قويۇڭلار! . دەپ ئۇخلاپ قالدى. بىر چاغدا كۆزىنى ئاچسا يىنىدا جەسۇر يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى . دىلىرە؛
ئىشتىكلا قوپۇپ مىنى نىمىشقا  ئويغاتمىدىڭىز؟ دەپ سورىدى جەسۇر؛
- قارسام شۇنداق تاتلىق   ئۇخلاۋىتىپسىز شۇڭا ئويغاتمىدىم دىدى.
- ياتاقتىكى قىزلار جەسۇر ئويغاتماڭلار ، بىردەم ئۇخلىۋالسۇن! دىگەنتى شۇڭا ئويغاتمىدۇق دىدى. دىلىرە شۇ چاغدىلا جەسۇرغا قارىدى جەسۇرمۇ ھېرىپ كەتكەن ئىدى. دىلىرە سەل خىجىل بولۇپ   ؛
سىزنى      بەك   ئاۋارە قىلدىم ھە؟ دىدى جەسۇر   ؛
مەن  ئۆزۇم خالاپ قىلدىم ، سىزنىڭ ئىشىڭىز  ئەمەس، بۇگۇن رەسىم       نەرسلەرنى  ئەكەلگەن  ئىدىم يەكشەنبە كۇنى تاقاپ  بېرەي  ھە ! دىدى دىلىرە؛
ماقۇل ! دىدى. جەسۇر رەسىمنى  كورسەتتى ئۇ بىر ئارتىسنىڭ رەسىمى   ئىدى يەنى‹‹ گوفۇچۇڭ ›› دىگەن ئارتىس   ئىدى .
ھىلىقى  ئالتايلىق قىز؛
جەسۇر   ئۆزىگە   ئوخشايدىغان رەسىمنى  ئەكەپتۇھە؟ دىدى. دىلىرە ؛
-راست ئوخشايدىكەن.! دىدى.

دىلىرە     ھىلىقى پەردىلىكنى ھاممىسىنىڭكىدە تىككىزۇش ئۇچۇن ئۇنىمۇ  ئېلىۋالدى.
يولدا دىلىرە جەسۇرغا قارىدى ئۇ ھەقىقەتەن   ھارغان  ئىدى.  كۆزلىرىمۇ   ئېلىشپ كىتىپتۇ دىلىرە     ئىچىدە  ئويلايتتى    ؛
   جەسۇرغىمۇ نمە جاپا ھە؟ دەپ  ئۇنۇڭغا شۇنچلىك بىر خىل مېھىر بىلەن قارىدى. ھەم جەسۇرغا؛
‹‹جەسۇر بۇندىن كىيىن ئۆزۇم بېرىپ ئۆزۇم كىلەي ! ھازىر خىلى بىلىپ قالدىم مانچىنچى يولنىڭ   ئاپتۇۋۇزىغا  ئولتۇرساملا بولىدىكەنغۇ؟ ››دىدى جەسۇر؛
   - ياق ، 1،2   ئايدىن كيىن شۇنداق  قىلارسىز! كەلگەندە   ئۆزىڭىز كەلسىڭىزمۇ، بارغاندا مەن ئاپىرىپ قويمىسام بولمايدۇ! دىدى.
دىلىرە     بەزى گەپلەرنى سورىماقچى بولدى-يۇ، لىكىن  ئارتۇق گەپ قىلمىدى،ئۇلار  يەنىلا ھاممىسىنىڭكىگە چۇشتى ،   جەسۇر ئۆيىگە بېرىپ   يەنە قاراڭغۇ چۇشەي دىگەندە گىتتار، كورت نەرسىلەرنى، يەنە گازىر ئىچىملىك نەرسىلەرنى  ئەپ كەلدى.

        

UID
9352
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
191
تىزىملاتقان
2011-2-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 16:41:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئىنتىزار قىلماي چاقانراق يازسىڭىزچۇ ؟؟؟

UID
1381
يازما
505
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15904
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 17:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كىچىك ئوماق قىزچاق «ئۇنداق بولدى،مۇنداق بولدى» دەپ ھىكايە سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەكلا ھېسياتقا كەپ قالدىم.

UID
28289
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:17:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپارە ياخشىمۇ سىز ، بۇ ئەسىرىڭىزمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ ، يەنە ئاخىرى چىقماي قالمىسۇن ، ئەلكۇيىدىكى كۆپ ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرى چىقماي قالغىنىغا 2 يىلدىن ئاشتى ،
بۇلارنى تولا ساقلاپ ، يەنە ئىككى يىل قېرىپ كەتتىم ،  ئاخىرىنى ئوقالماي تۈگەپ قالارمەنمۇ دەپمۇ ئەنسىرەيمەن .

      سىزنىڭمۇ  يەنە ئاخىرىنى يازماي يوقاپ كەتمەسلىكىڭىزنى سورايمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش