izden0997 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 17:49 
ئانا تىلغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكنى بىز كەچۈرۈپ كەچۈرۈ ...
تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. مەنمۇ گېپىم سەل ئېغىر كەتكەندەك ھىس قىلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىپارەنىڭ ئالدىدا ئۆزرىلىكمەن. توغرا ھەرقانداق ئادەم خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. بىراق مېنىڭچە ئوخشاش خاتالىقنى قايتا - قايتا سادىر قىلغان ئادەم مەسئۇلىيەتسىز ئادەمدۇر. مېنىڭ پىكرىمنى زەربە بېرىش دەپ چۈشەنمەسلىكىڭىزنى ۋە ئىپارەنىڭمۇ ئۇنداق چۈشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ بىر نورمال پىكىر ياكى تەنقىد خالاس. بىر ئەسەر ئوقۇرمەننىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلغان ئىكەن، بۇ شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھا بېرىشىگىمۇ سۇنۇلغان بولىدۇ. باھا ياكى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ياكى ئىنكار قىلغان ئاساستا بولىدۇ. بۇ ئوقۇرمەننىڭ شۇ ئەسەرنى چۈشىنىش، ھىس قىلىش ۋە ھەزىم قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولىدۇ. مەن ئەلۋەتتە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغانلارنىڭ بىرى. سەۋەبىنى مەن دەپ ئۆتتۈم. ئەگەر پىكرىم ئاپتورنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن بولسا، پاكىتلىق ھالدا ئۆز كۆز قارىشىنى شەرھلىسە بولىدۇ. مېنىڭچە بىر پارچە ئەسەر مەدھىيەدىن كۆرە تەنقىدكە تېخىمۇ مۇھتاج. ھاجى مىرزاھىد كېرىمى (ئوقۇرمەنلەر بۇ كىشىنى ئوبدان بىلىدىغۇ دەيمەن) تارىم ژورنىلىدا «مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر؟ مېنى تەنقىد قىلىڭلار» دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ تەنقىدكە بولغان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. مەن مۇنۇ گەپكە تېخىمۇ ئامراق. «تەنقىدكىمۇ ئوتتەك مېھرىم بار» (ئەلۋەتتە بۇ گەپنى مەن دېمىگەن.)
سىز ئويلاپ بېقىڭ مۇنبەردىكى ھەر بىر ئادەم تىما ۋە ئىنكاس يازسا ئانا تىلغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش مەقسىتىدە يازارمۇ ؟ سىزمۇ يېڭى ئۆگىنىپ تىما ۋە ياكى ئىنكاس يازغاندا ئىملانى ناھايىتى توغرا يازادىم دەپ كاپالەتلىك قىلالامسىز ؟
_________________________________________________________
مەن ھېچقاچان بۇنداق گەپنى قىلمىدىم ھەم ئۇنداقمۇ قارىمايمەن. تېما يوللاش بىلەن ئىنكاس يېزىشنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ سىز دېگەندەك ئۇنداق مەقسەتنى چىقىش قىلمايدۇ. بۇ گېپىڭىز پەقەتلا مەنتىقىگە چۈشمەيدۇ. بىز ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تېما يوللىغان ياكى ئىنكاس يازغان ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئاشۇ تىلغا ۋە يېزىققا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىز ۋە يېزىقىمىز بىزنىڭ شەخسىي مۈلكىمىز ئەمەس، بەلكى 10 مىليون ئۇيغۇرنىڭ تىلى ۋە يېزىقى.
توغرا، مەنمۇ تېما يوللىغان ۋە كۆپلىگەن ئىنكاسلارنى يازغان، نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرىنىمۇ سادىر قىلغان. بۇنى تەن ئالىمەن. بىراق ئىملا خاتالىقىنى ئامال بار سادىر قىلماسلىققا تىرىشىۋاتىمەن. ماڭىمۇ تورغا چىققىلى ئەمدى ئۈچ ئاي بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇنبەرگىمۇ چىقىپ باقمىغان ئىدىم. بىراق ئەدەبىياتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرقاچان تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمەن. بىز ئۆزىمىز كۆڭۈل بۆلمىسەك، ھەدەپ قوش تىلنى يولغا قويۇۋاتقان بۇ شارائىتتا، يەنە كىمدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن؟
ئىپارە، گەرچە ئەسىرىڭىزگە قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولساممۇ، بىراق يەنىلا سىزنى قوللايمەن (بۇ ئەسىرىڭىزنى ئەمەس ھە). بۇ ئىنكاسلىرىمدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. ئەسىرىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئادەم بەلكىم ئىنكارچىلاردىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا غەيرەت قىلىپ ئەسىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرغايسىز. بىراق ئىملا خاتالىقىنى كۆپلەپ سادىر قىلسىڭىز، تەنقىدىم توختاپ قالمايدۇ.