كۆرۈش: 18188|ئىنكاس: 84

بىباھا سۆيگۈ (پوۋىسىت)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 23:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن دىلىرەنىڭ <<شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرسىت >>قا ئۆتكەنلىك   چاقىرىقى كەلگەن كۇنى.  ئۇ چاقىرقىنى  قولىغا ئالدى-دە  ئۆينى بىر پېقىرۋىتىپ   ،سەكرەپ تۇرۇپ   ئۇ سۇيۇملۇك كونۋېرتنى سويۇپ باغرىغا  باستى،   ئۇنۇڭ ئارزۇسى بويىچە ئۇ  ئارزۇ قىلغان كەسپكە قۇبۇل قىلىنغان ئىدى.ئۇنۇڭ  ئۇ كۇنكى خوشاللىغىغا ھىچنەرسە تەڭ كەلمەيتتى. ئۇنۇڭ  كوپلىگەن ساۋاقداشلرى بۇ مەكتەپتە ئوقۇشنى   ئارزۇ قىلغان،  لىكىن بۇ تەلەي پەقەت ئۇنۇڭغىلا

نىسىپ بولغان ئىدى.  ئۇ شۇ خوشاللىغىدا كىملەرگىدۇ بۇ خوشاللىغىنى دىگىسى كىلەتتى . كەچتە بۇ    ئويدىكىلەر ھەممىسى دىلىرەنىڭ   بۇ قۇتلۇق ئىشىنى تەبرىكلەشتى.     ھەممىدىن    ئاپىسى بىلەن دادىسى بەكمۇ خوشال ئىدى. قانداق    ئاتا-ئانا   ئوز پەرزەنتىنىڭ بەختنى كورۇشنى ئارزۇ قىلمىسۇن .

شۇنداق قىلىپ دىلىرەنىڭ  ئوقۇشقا ماڭىدىغىنىغا      1ئاي   قالغان بىر كۇنى ئۇنىڭ ھاياتىدا  ئاجايىپ ئىشلار يۇز بەردى. بۇگۇن ئۇنۇڭ نەۋرە    ئاچىسىنىڭ تويى ئىدى .  ئەلۋەتتە دىلىرەمۇ بۇ تويغا قاتنىشاتتى . ئۇ  ئۆزىنىڭ    چىرايلىق  شاپتۇل چىچىگى   ئۇزۇن يوپكا، كوپتىسىنى  كەيدى ، چىچى ئۇزۇن بولغاشقا چىچىنى كوڭۇل قويۇپ ئىگىز قىلىپ تۈگدى ،ھەم   ئوماققىنە 2،4 تال سىىكىلەك چىچىنى    ئالدىغا چۈشۈرۈپ ئۇنى   چىرايلىق قىلىپ   تارىدى. ئاندىن    ئاچىللىرىنىڭ  ئالدىرتىشى بىلەن     تويغا  قاراپ ماڭدى.
توي        نەۋرە   ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە بولاتتى. بۇ  تويغا كەلگەنلەر بەك جىق   ئىدى.ئۇلارنى ساھىپخانلار  قىزغىن كۈتىۋالدى  . دىلىرە دوستلىرىنىڭ  چاقىرىشى بىلەن        ئاچىللىرىدىن   ئايرىلپ ئۆز دوستلىرىنىڭ يىنىغا بېرىپ ئولتۇردى. ھەممىسى  ئوز ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرىشىغا مۇزىكا باشلاندى.باشتىلا     تاڭسا    باشلاندى . دىلىرە يىنىدىكى دوستلىرى  بىلەن  پاراڭلىشىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز       بىر بالا دىلىرەنىڭ  ئالدىغا    كىلىپ  ئىگىلىپ   ،ئوڭ  قولىنى  سول كۆكسىگە قويۇپ : ،<<مەرھەمەت!>> دەپ تۇراتتى . دىلىرە    نىمە قىلىشنى   بىلەلمەيلا قالدى،    ھەم    بۇ ناتۇنۇش بالىنىمۇ بۇرۇ ن بىرەر يەردە كورگنىنىمۇ  ئەسليەلمىدى، شۇڭا دەرھاللا:
- مەن تاڭسا  ئۇخمايمەن! دىدى،   
ئۇ بالا  :
- ئۇخمىسڭىز   مەن ئۇگىتىمەن! دىدى   
-سىز ئۆگىتىسىز ! ياق مەن        ئۆگۈنۇشنى خالىمايمەن !  
دىدى دىلىرە قەتئى نىيەت    بىلەن  .   
ئۇ بالىمۇ خىجىل بولدىمۇ ئوز جايىغا بېرىپ ئولتۇردى  .
بىر چاغدا پەدە  ئۆزگىرىپ <<ئۇسۇل! ئۇسۇل! >> دىيىشىپ كەتتى . دىلىرە ناخشا مۇزىكلارغا بەكلا قىزىققاشقا ئالدىدىكى تاڭسا مۇزۇكىسىدا ئېيتىلغان ناخشىنى  ئويلاپ ئولتۇراتتى    .
تۇيۇقسىز ھىلىقى    بالا    يەنلا ئاۋالقىدەك  ئىگىلىپ   تۇرۇپ: ،<< ئۇسۇلغۇ ئۇقاسىز؟>> دىدى دىلىرە گەپ قىلىپ بولغىچە دوستلىرى:<< ئۇسۇلغا بۇنۇڭدەك ئۇستا بىرسىنى تاپالمايسىز! >> دەپ ئۇنى   ئاشكارلاپ قويدى .         ئەمدى ئامال يوق دوستلىرىغا بىر    ئالىيىۋەتكەندىن كىيىن   ئورنىدىن  تۇردى،    ئۇ  بالىمۇ    ئۇسۇلغا بەك   ئۇستا  ئىدى  . بىر چاغدا            ئۇ        قولىنى كوكسىگە  قويۇپ ئولتۇردى، دىلىرە قانداق قىلىشىنى بىلمەي    تۇرۇپلا   قالدى .  يەنە چاندۇرماي     ئۇ بالىنى   ئايلىنىپ     ئوينىدى.  كوپچىلىك ھەممىسى چاۋاك چىلشىپ دىلىرەنى خىجىل قىلىپ قويدى. دىلىرە شۇ يۇگۇرگەنچە  دوستلىرىنىڭ قىشىغا كىلىپ ئولتۇرۋالدى. بىر چاغدا      دىلىرە دوستلىرى بىلەن   قايسى بىر دوستلىرىنىڭ گىپىنى قىلىپ تۇراتتى، ھىلىقى                بالا يەنە كەلدى بۇ قىتىمقى مۇزىكا  ۋالىس ئىدى دىلىرە بۇ تاڭسىنى چالا پۇلا ئازراق بىلەتتى  بۇرۇن     ئانچە مۇنچە ئۇگەنگەن، ھەم  بۇ تاڭسىغا  ئەڭ   ئامراق     ئىدى. شۇنداقتىمۇ <<بىلمەيمەن!>>دەپلا تۇرۋالدى قىزلار:
- بولدى قىلە   ئۇ بالىنى خىجىل قىلماي !   دىدى
دىلىرە   ئىچىدە :<<ھەجەپمۇ مەن بىلەنلا قالدى بۇ بالا!>> دەپ رەنجىگەنمۇ بولدى، لىكىن  يەنىلا  دوستلىرىنى  ئىشتىرىشى بىلەن  ئالدىغا چىقىپ قالدى  .
ئۇلار پاراڭلاشتى ئۇ  بالا  ئوزىنىڭ  ئۇرۇمچىلىك ئىكەنلىگىنى ،تۇققىننىڭ ئوغلى ئىكەنلىگى ، بۇ يىل    9- سنىپقا چىققانلىغىى   ھەم     ئىسمىنڭ <<جەسۇر!>> ئىكەنلىگىنى دىلىرەنى كورۇپلا كۆزىگە بەك ئىسسىق كۆرۈنگەنلىگى شۇڭا تۇنۇشۇش    ئارزۇيى بارلىغىنى دىدى

داۋامى      ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ...                                   


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلىرە شۇ  ئانلا بىشىنى كوتۇرۇپ   ئۇ بالىغا لاپپدە  قارىدى، بويى  ئوزىدىن ئىگىزرەك،   بۇغداي   ئوڭ ،چىچىنى يانتۇ قىلىپ تارىۋالغان ، قوشۇمۇقاش سەل خەنزۇ چىراي ، بىر قاراشتا قايسى كىنودىكى‹‹ گوفۇچۇڭ ›› دىگەن  ئارتىسقا ئوخشاپ قالىدىغان  بىر بالا تۇراتتى.
ئۇلار تانسىنمۇ ئويناپ بولدى . جەسۇر دىلىرەگە:
-رەخمەت سىزگە! بۇگۇن مەن سىز بىلەن  تونۇشالماي قالارمەنمۇ دەپ بەكلا ئەنسىرگەن ئىدىم دىدى. دىلىرە؛
- ھە شۇنداقمۇ؟ دەپلا قويدى .
مانا تويمۇ ئاخىرلىشىپ  قايتىدىغان ۋاقت بولدى . دىلىرە ، ئاپىسى، دادىسى ،ئاچىللىرى ھەممىسى قايتىدىغان بولۇپ ئوي ئىگىسى بىلەن خوشلاشلىشىۋاتاتتى، جەسۇر نەدىندۇ پەيدا بولدى    -دە  ،دىلىرەنىڭ ئاپىسى، دادىسىغا قاراپ‹‹ دىلرەمۇ كىتەمدۇ؟ ئۇ كەتمىسۇنچۇ؟ ››دىدى. دىلىرە خىجىل بولغىنىدىن ھەم ئاچچغى كىلىپ ‹‹مىڭىسىنىڭ  سۇيى بارمۇ نىمە؟›› دەۋەتتى،
دىلىرەنىڭ دادىسى- ياق بولمايدۇ، بىز بىلەن كىتىدۇ! دىدى.
دىلرە يولدا كەلگىچە‹‹ توۋا، ئاجايىپ غەلىتە بالىكىنا!››دەپ ئويلىدى.،
ئەتىسى    ئەتىگەندە دىلىرە ئوينى تازلاۋاتاتتى ئىشىكنى بىرسى يىنىككىنە چەكتى،دىلىرە يۇگۇرۇپ بېرىپ ئىشىكنى ئاشتى ، ئىشىك تۇۋىدە جەسۇر تۇراتتى .دىلرە ھەيرانلا قالدى ۋە؛
سىز  قانداق كەلدىڭىز؟ دەپ سورىدى جەسۇر ‹‹تۇققانلارنىڭ باللىرىدىن سوراپ ،ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن ، ئۇلار پەستە ئويناپ قالدى!›› دىدى؛
دىلىرە؛-‹‹ قېنى  ئويگە  كىرىڭ!›› دىدى. ئۇ ئويگە كىردى   ھەم سافاغا كىلىپ ئولتۇردى. ،نىمىشقىكىن  جەسۇر دىلىرەگە شۇنچلىك بىر خىل ئامراقلىق بىلەن قارايتتى،لىكىن ئۇ قاراشلىرى بەكلا سەبىئى ئىدى.  بىر  چاغدا  جەسۇرنىڭ ئاتا- ئانىسى كەلدى ئەسلىدە ئۇلارمۇ بۇگۇن مۇشۇ ئويگە كەلمەلچىكەن . ئۇلار جەسۇرنى كورۇپلا
-توۋا ما بالىنى بىزنى ساقلىماي مىڭىپ كەلدىڭما!دەپ سورىدى. جەسۇر؛
- ھەئە  بالىلار بىلەن ئويناپ كەلدىم دىدى . چۇنكى 2 ئوينىڭ ئارلىغى مىڭىپ كەلسە 1سائەتلىك يول ئىدى
شۇنداق قىلىپ دىلىرە ئۇلارغا  تاتلىق   تۇرۇم بىلەن چاي قۇيدى ، ئۇلارمۇ بەك ئالدىراش كەلگىنىنى ، ھازىر ئۇرۇمچگە ماڭىدىغانلىغىنى ، ئويدىكىلەرگە ئۇلارنڭ كەپ كەتكەنلىگىنى دەپ قويىشىنى دىدى دىلىرە خىجىل بولۇپ؛
-دادامنى ئىدارىسىدىن چىېرتۇژ سىزىدىغان ئىش بار دەپ باشلىقى ئەپ چىقپ كەتكەن ، ئاپاممۇ دوختۇرخانىغا ئىشقا كەتكەن ئىدى دىدى.
ئۇلار ماشىنىسىغا چىقپ مىڭشقا  تەمشەلگەندە جەسۇر؛
- دىلىرە  ئوقۇشقا بارغان ۋاختىڭىزدا بىزنڭ ئويگە چوقۇم بېرىڭ ھە! دىدى  ۋە ماشىنا  كوزدىن يوقىغىچە قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى.
1ھەپتە  ئوتكەن بىر كۇنى   بۇ ئويگە بىر پارچە  پۇتۇن يۇزى ماركا بىلەن توشقان بىر خەت كەلدى. ئۇ خەتنى دىلىرەنىڭ   ئاچىسى ئاچتى ئۇ جەسۇرنىڭ خىتى بولۇپ ھەممە تۇققانلارنىڭ   ئەھۋالىنى سوراپ بولغاندىن كىيىن ، دىلرەگە
- دىلىرە سىز قاچان كىلىسىز ؟ مەن  كۇن ساناپ ئوتىۋاتىمەن! دەپ يىزىلغان   ھەم  بىر بالىنىڭ يولدا ئىڭىكىنى تىرەپ  يولغا قاراپ تۇرغان  رەسىمى سىزىلغان   بىر ۋاراق قەغەز  بىلەن تويدا تاتقان رەسىملەر   يەنى دىلىرەنىڭ ئوماق    رەسىملىرى،   ھەم ئوزىنىڭ بىر پارچە ئىسىل رەسىمىدىن بىرسى بار ئىدى.رەسىمنڭ ئاقىغا ‹‹جانسىز   سۇرەت، جانلىق ھاياتنى ئەسلىتىدۇ!ھە  ئوماق قىز!››دەپ يىزىلغان ئىدى.


UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:23:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا دىلىرەنىڭ ئوقۇشقا ماڭىدىغان ۋاختىمۇ توشۇپ قالدى . لىكىن   دىلىرە جەسۇرنى   ئانچە     ئويلىمايتى ،   لىكىن    ئوزىچە           قىززىق ھە! دەپ باش  لىڭشتىپ كۇلۇپ قوياتتى.
شۇنداق قىلىپ بۇگۇن  ئوقۇشقا ماڭدى سۇيۇملۇك يۇرتىنى تاشلاپ       دادىسى بىلەن   بىللە ماڭدى . ئۇ بەك ھاياجانلىناتتى چۇنكى    ئۇ ئۇرۇمچى دەپ  ئاڭلىغان لىكىن بېرىپ باقمىغان   شىنجاڭنىڭ مەركىزى بولغان ھەم   ئالىي ئوقۇش يۇرتى بولغان         ئۇرۇمچىگە بارىدۇ. ئۇ يولدا دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرۇپ  تەبىئەتنىڭ  گۇزەل مەنزىرلىرىنى     تاماشا قىلدى. يوللاردىكى ياپيىشىل دەل- دەرەخلەر. ئېتىزلىقلار، بەزى يەرلىرى  توپۇلۇق .     قاقاسلىق  يەرلەر بىر- بىرىگە ئوخشىمايتتى.
ئۇرۇمچىگىمۇ يىتىپ كەلدى،ئىگىز- ئىگىز  بىنالار ، قاتار- قاتار كەتكەن سودا سارايلار پۇۋۇ   ئادەملەرنىڭ جىقلىغى،    ھەممە      ئوز ئىشى بىلەن   ئالدىراش   ئىدى، مانا سۇيۇملۇك مەكتىپىگىمۇ  يىتىپ كەلدى دەرۋازىدىن كىرگەندە ئىگىز  ئوقۇتۇش بىناسى  ئۇنۇڭ ئالدىدا كىچچىكىنە بىر گۇللۇك  ئۇنۇڭ يان تەرىپىدە مىۋىلىك باغ  بار ئىدى.  يان تەرەپتە بولسا سېرىق بىنا   بار ئىدى  . ئوقۇتقۇچىسى  ئۇلارنى   ئاقىدىكى يىڭى بىناغا  ئورۇنلاشتۇردى ،  بۇ يەرگە   ئوقۇشقا كەلگەنلەرنى كوپىنچىسى جەنۇپلۇق  بالىلار      ئىدى،   دىلىرە ياتىقىغا كرىپ بىر نەرسىلىرنى    يۇغۇشتۇرۇپ   بولۇپ    ئولتۇراتتى ، بىر نەچچە خوتەنلىك قىزلار كىرىپ كەلدى    ھەم دىلىرەگە ئىگىلىپ سالام قىلدى دىلىرەمۇ ئۇلارغا ئىگىلىپ سالام قىلدى، بۇ خوتەنلىكلەرنىڭ ئىسىل   ئادىتى بولسا كېرەك ،  ئۇلارمۇ ئوزلىرىنىڭ نەرسىللىرىنى يۇغۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. تۇيۇقسىز ئىشىك يىنىك چىكىلىپ         قاش كوزلىرى قارا                               بويىمۇ ئىگىزرەك    سەل ياپما   قاپاق بىر بالا سالام قىلىپ كىردى يىنىدا بىر قىز بار ئىدى     ئۇبالا سالام قلىپ بولغاندىن كىيىن  دىلىرەگە  لاپپىدە   بىر  قارىۋىتىپ   ھلىقى قىزنىڭ يۇك- تاقىللىرىنى ئۇستۇنكى كارۋاتقا  ئېلىپ   بېرىپ چقىپ كەتتى.
مانا   چۇشتىن كىيىنمۇ    بولدى     سىنىپ مەسئۇلى  ئۇلارغا يىغىن بارلىغىنى ئۇختۇرۇپ چىقىپ كەتتى.  
دىلىرە ياتاقداشلىرى بىلەن سىنىپقا كىردى بالىلار ھەممىسى ئوز ئىختىيارىچە ئولتۇرغان   ئىدى. دلىرە    قاراپ ئوتتۇرا  پارتىنىڭ      2- ئورنىغغا  كىلىپ ئولتۇردى بۇيەردە بىر قىز بار ئىدى.      بىر چاغدا يان تەرىپىگە بىر بالا ‹‹مەن مۇشۇ يەردە    ئولتۇرايچۇ!›› دەپلا دىلىرەنىڭ      ئوڭ تەرەپىدىكى  ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى  ،چۇنكى    ئىككى پارتىنى جۇپلەپ قويۇلغان  ئىدى. دىلىرە لاپپىدە قىلىپ  قارىدى ئۇ ھىلىقى كۇنى ئوزى بىلەن بىر يۇرۇتدىشى بولغان قىزنىڭ  يۇك- تاقىسىنى    ئۇستۇنكى كارۋاتقا  ئېلىپ بەرگەن  ھىلقى بالا شۇ ئىدى .   ئۇ بالا ‹‹ياخشىمۇ سىز؟ ››دەپ ئەھۋال سورىدى، دىلىرەمۇ‹‹ ياخشىمۇ سىز ؟››دەپ قويدى. شۇنداق قلىپ يەنە    3 كۇندىن كيىن دەرىس باشلايدىغانلىغىنى،  يەنە مەكتەپ قاىدىسى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىر قۇر سوزلەپ بولغاندىن كىيىن   ئۇلارنى قويىۋەتتى   دىلىرە  ياتاققا كىرىپ ئوزىنى ىساقلاپ تۇرغان دادىسىغا    3 كۇن قويىۋەتكەنلىگىنى دىدى، دادىسى؛
- ئۇنداقتا  مەن سىنى  تۇققانلارنىڭ     ئويىگە  ئاپىرىپ    تۇنۇشتۇرۇپ  قوياي يۇر ماڭايلى!دىدى.  بۇيەردە دىلىرەنىڭ دادىسىنىڭ تۇققانلىرى جىق   ئىدى، بىر نەچچىسى ئۇرۇمچى شەھرىدە، بىرنەچچىسى  ئۇرۇمچىنىڭ قايسى بىر ناھىلىرىدە   ئىدى.


مەنبە؛  ئۆز خاتىرلىرىم.

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:24:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار 101- يولنىڭ ئاپتۇۋۇزىغا  چىقتى،ئاپتۇۋۇزدا ئادەم بەك جىق ئىدى.   لىكىن  ئەڭ ئاخىردىكى ئورۇندا  ئورۇن بار ئىدى. ئۇلار ئاشۇ يەردە  ئولتۇردى.
ئۇلارنڭ تۇققىننىڭ ئويى بىرسنىڭ   يەنئەن     يولىدىكى       ياشلار باغچىسى تەرەپتىكى  بىر بىنادا يەنى دىلىرەنىڭ ھاممىسنىڭ  قىزىنىڭ ئويى ،شۇ يەردە  ئىدى. يەنە بىرسىنىڭ  شىنجاڭ ئونۋېرسىتىنىڭ يان تەرىپىدىكى بىنادا   ئىدى، ئۇلار ھەممىسى شۇنداق قىزغىن قارشى ئالدى . شىنجاڭ ئونۋېرسىتىدىكى  بولسا دىلىرەنڭ نەۋرە  ئاكىسىنىڭ ئويى  ئىدى .   ئۇلارمۇ   شۇنداق قىزغىن قارشى   ئالدى ۋە؛-
-دىلىرە قىز بەك ئەقللىقكەن  بۇ مەكتەپكە  ئوتمەكمۇ بەك تەس! دىدى
دىلىرەنىڭ دادىسى ؛
قىزىم ئوزىمۇ دەرىستە ئىزچىل ياخشى، بۇنۇڭ كوپلىگەن  ئارتۇقچىلىغى بار دىدى  .  
ئەتىسى       دادىسى  ئۇنى بازا ئارلىتىپ بىر نەچچە قۇر كىيىم  ئېلىپ بەردى ئاندىن    يىراقتىكى  تۇققانلارنىڭ   ئويىگە يەنى    دادىسىنىڭ ھەدىللىرىنڭ ئويىگە راۋان بولدى . باشتا  چوڭ  ھەدىسىنىڭكىگە كىردى   ئۇ ھەدىسى  ئىنىسىنى كورۇپ يىغلاپ كەتتى . بىر ھازا يىغلاشقاندىن كىيىن ،  كىلىپ دىلىرەنڭ  پشانىسىگە مېھىر بىلەن    سۇيۇپ تۇرۇپ ؛
-‹‹سىلەرنى بەك كۇتتۇق ! ››دىدى  دادىسى؛
- ئۇرۇمچدىكى تۇققانلارنىڭ    ئويىگە ئاپىرىپ  ئۇلارنى تۇنۇشتۇرۇپ قويدۇم دىدى.  شۇئان ئىشىك   ئىچلىپ جەسۇر كىرىپ كەلدى نىمىشقىكىن  دىلىرەنڭ يۇرۇگى    قارتتىدە  قىلپ قالدى . ئوزىنى خۇددى چۇش كورگەندەكلا  ھىس قىلپ قالدى. تۇيۇقسىز ئۇنۇڭ كىرىپ كىلىشىنى  ئويلمىغان  ئىدى.
ئۇ كىردى -دە دىلىرەنىڭ دادىسى بىلەن سالاملىشىپ  ئاندىن دىلىرەگە  قارىدى دىلىرە   نىمىشقىكىن  ئوزنى ئۇنۇڭدىن  قاچۇرغىسى كىلەتتى.ئۇ؛
- ئەمدى كەلدىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى   دىلىرە؛
- ھەئە  ئوقۇشنى  ئەمدى باشلايدۇ! دىدى.
ھاممىسى  جەسۇردىن؛ مەكتەپتىن  ئەمدى قايتتىڭلارمۇ؟دەپ سورىدى ئۇ ھەئە دىدى. ھاممىسى  بۇ كۇندە  مەكتەپتىن قايتپ مۇشۇ ئويگە كلپ مىنى بىر يوقلىۋىتىپ كىتىدۇ   بەك ۋاپادار بالا بولدى! دىدى.
شۇنداق قلىپ  بۇلار     پاراڭلىشىپ ئولتۇردى دىلىرە  جەسۇرغا قاراپ  ئۇنۇڭ چوڭلار بىلەن  بىمالال  شۇنچە  ئەدەپلىك ،         كەمتەر   ھەم  ئوزىگە شۇنچە    ئىشەنىچ بىلەن قىلغا ن پاراڭلىر ىدىن   ئۇنى  ئازراق چۇشەنگەندەك بولدى، لىكىن  جەسۇرنىڭ كوزى  دىلىرە بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالسا جەسۇرنىڭ يازغان خەتلىرى ئىسىگە كىلەتتى-دە،ئۇنۇڭ    تىكىلىپ قارىشىغا   بەرداشلق بېرەلمەي       باشقا   ياققا قارىۋالاتتى، بىر چاغدا ئۇنۇڭ سڭلىسى كەلدى ھەم ھەممىسى بىلەن سالاملىشىپ  بولغاندىن كىيىن مەكتەپتىن قايتقنىنى دىدى بىر دەم  ئولتۇرۇپلا مەن  ئاپام، داداملارغا چوڭ  ئاتاملارنىڭ  دىلىرە ئاچاملارنڭ كەلگىنىنى دەي! دەپ ماڭدى. جەسۇر بولسا  ؛
- مىنى بىر دەمدىكىن  بارىدۇ  دەپ قوي !دىدى .
شۇنداق قىلىپ ئاڭلىغان تۇققانلارنڭ ھەممىسى كەلدى، شۇنى  ئىنىق كورىۋىلىشقا بولىدىكى بۇگۇن ھەممىدىن جەسۇر   بەك خوشال ئىدى، ھىچكىمگە گەپ بەمەي سوزلىگىسىلا كەپ تۇراتتى .
ئەتىسى  ئەتتىگەندە   ئۇ يەنە كەلدى بۇگۇن  ئۇلار دەم  ئالغان ئىدى . ھەممىسى بىلەن سالاملىشىۋىتىپ دىلىرەگە قاراپ  ‹‹ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ›› دىدى   دىلىرە؛
- ياخشى . دىدى      دىلىرە    بىردەم تالادا   ئولتۇرايچۇ دەپ تالادىكى كارۋاتقا   كەپ ئولتۇردى بۇ    ئوينڭ كىلىنى بىلەن  پاراڭلىشىۋاتاتتى . جەسۇر يىراقىراق يەردە تۇرۇپ ئېكىس   شەھەرلىك گۇزەل قىزغا دەپ ناخشا   ئېيتتى. دىلىرە ئىتتىكلا  ئۇنۇڭغا قاردى چۇنكى ئېكىس دىگىنىدە دىلىرەنىڭ  يۇرتى تىلغا  ئېلىنغان  ئىدى، ئۇ دىلىرەگە  قاراپ تۇراتتى  كوزلىرىدىن    دىلىرەگە  ئامراقلىغى ئۇنى شۇنچە ھورمەت قىلىدىغىنىنى  چىقىپ تۇراتتى. لىكىن دىلەرىنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنۇڭ بىلەن  پاراڭلىشىشقا جۇرئەت قىلالمايتتى.
  بۇگۇن چۇشتىن كىيىن       دىلىرەلەرنى جەسۇرنىڭ     ئويىگە چاقىرغان    ئىدى،جەسۇر بۇلارنى    ئويىگە باشلاپ باردى .   

  

   
داۋامى بار...



UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلىرە     بۇ يوغون قوروغا كىرىپلا ھەيران  قالدى چۇنكى ئوينى  2 قەۋەت قىلىىپ سالغان      قورومۇ بەكلا يوغون       بىر   قار پىكاپ بىر  10 نەچچە      ئاپتۇۋۇز بار ئىدى. تۇققانلارنىڭ ئۇلارنى بەك باي دىگىنى يالغان   ئەمەسكەندە دەپ ئويلىدى.
دىلىرەمانا   ئويگىمۇ كىردى ئويمۇ  شۇنداق  ئىسىل  زىننەتلەنگەن ئىدى. ھەممە نەرسىلەر تولۇق  ئىدى ئۇلارمۇ شۇنداق قىزغىن قارشى ئالدى ئاپىسى؛
- دىلىرە  قىز تارتىنمىسۇن ئوزىنىڭ  ئويىگە ئوخشاش قانداق ئىش بولسا   سىڭلىسى    رەناغا دىسە بولىدۇ  بۇ قىز بەك تاتىنچاقكەن دىدى
-  دىلىىرەنىڭ دادىسى  
-شۇنداق بۇ قىزىم بەك   ھايالىق چوڭ بولدى   دىدى .
        ئۇلار نىڭ شۇنچە چىڭ تۇتقىنىغا قارىماي دىلىرەنىڭ دادىسى ئاچىسى بىلەن پاراڭلاشقىسى بارلىغىنى دەپ  خوشلاشتى .   جەسۇرنىڭ     ئاپىسى؛
دىلىرە قىز بۇنۇڭدىن كىيىن دەپ ئىلىشىدا مۇشۇ ئويگە كەلسۇن ! دىدى دادىسى؛

؛
- بولىدۇ رەخمەت چوڭ ئاپىللىرىنىڭ  ئويىگىمۇ بارا! دىدى . جەسۇرنىڭ ئاپىسى ؛
بۇ يەرگە كەلسە ھەممە نەرسە بار نىمىش قىلىمەن دىسە قىلالايدۇ .دىدى-دە دىلىرە قىزغا قاراپ
- دىلىرە بۇندىن كىيىن  مۇشۇ ئويگە كلىڭ! مەن بار سىڭلىڭىز بار .جەسۇر بار زېركمەيسىز! دىدى. دىلىرە رەخمەت ئاچا! دىدى.
ئۇلار ھاممىسىنىڭ ئويىگە قايتىپ كەلدى ھەم   دادىسى  ئەتە ماڭىدىغانلىغى شۇڭا  قىزىمغا ياخشى قاراپ قويۇڭلار! دىگىلى كەلگەنلىگىنى دىدى. بۇ يەردە جەسۇرمۇ بار ئىدى ھاممىسى؛- خاتىرجەم بول ئىنىم خىزمەت دەپ ئالدىراپ كتىپ بارىسەن ، بۇندىن كىيىن دەم  ئىلىشتا 2 كۇن بولغاندىن كىيىن دىلىرە مۇشۇ يەرگە كەلسۇن ! ئۇ يوللارنى بىلگىچە جەسۇر ئاپىرىپ ئەكەلسۇن!  ئوغۇل بالا بولغاندىن كىين! دىدى.      
جەسۇر؛
خاتىرجەم بولۇڭ ئاتا! مەن بار! مەن   ئەكىرىپ قويىمەن !دىدى.

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئەتىگەندە دىلىرەنىڭ دادىسى ،              دىلىرە، جەسۇر 3ئى   دادىسىنى يولغا ساپ قويغلى ئۇرۇمچىنىڭ بكتىگە ماڭدى . دادىسىمۇ ئاپتۇۋۇزغا چىقتى دىلىرە  دادىسنڭ كىتىدىغىنىنى ئويلىسا ئوزىنى بۇ شەھەردە يالغۇز قالىدىغاندەكلا ھىس قىلدى.-دە  دادىسىغا ئىسلىپ يىغلىدى، دادىسى
-  يىغلىما قىزىم   مەن پات- پات كەپ تۇرىمەن، سىنى يوقلاپ تۇرىمەن! دىدى.     دىلىرەنڭ    يىشىنى سۇرتۇپ پىشانىسىگە سۇيۇپ قويدى.  يان تەرەپتە تۇرغان جەسۇر نىڭمۇ كوڭلى يېرىم بولدىمۇ ئۇنۇڭمۇ  كوزىگە ياش كەلگەن ئىدى.
- بولدى چوڭ ئاتا !كوڭلىڭلارنى يېرىم قلماڭلار مەن بار! دىلىرەگە مەن    ئوزۇم ياخشى قارايمەن   ! بۇنۇڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ! دىدى. دىلىرەنڭ دادىسى؛
-رەخمەت   بالام  بۇ قىزىم يالغۇز سىرتلارغا چىقىپ  باقمىغان ھەم مىنىڭ  ئامراق قىزىم ئىدى.  دىدى.
- جەسۇر  قەتئىلىك بىلەن ؛
- خاتىرجەم  بولۇڭ ! مەن    ئوزۇم ئاپىرىپ   ئەكىلىمەن!ھەرگىز ئوزى يالغۇز يول ماڭمايدۇ دىدى.
    شۇنداق قلىپ دىلىرەنڭ دادىسىمۇ   كەتتى.  دىلىرەنىڭ يىنىدا  پەقەت جەسۇرلا قالدى . دىلىرەنىڭ كاللىسى بەكلا قالايمىقان ئىدى. ئوزىنى بۇ  شەھەردە يالغۇز قالغاندەكلا ھىس قىلاتتى.
جەسۇر دىلىرەگە؛    دىلىرە كوڭلىڭزنى يېرىم قىلماڭ ،   مەن بار   مەن سىزگە ياخشى   قارايمەن!   سىزنىڭ  كوڭلىڭىز يېرىم بولسا مىنىڭمۇ كوڭلۇم    يېرىم بولىدىكەن! دىدى.   بۇلار  ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ            مەكتەپكە قاراپ  ماڭدى دىلىرە نىمىلەرنىدۇ  ئويلاۋاتاتتى .يىنىدا     ئولتۇرغان جەسۇر؛
سىز  راستىنلا   ئويدىن  ئايرىلىپ باقماپتىكەنسىز-ھە؟دىدى. دىلىرە ھەئە شۇنداق  دادام  كەتكەندىن كىيىن كوڭلۇم بەك يېرىم  بوپكەتتى  بۇ شەھەردە يالغۇز  قالغاندەكلا دىدى. جەسۇر؛
مەن بار تۇرسام    ئوزىڭىزنى   ئۇنداق يالغۇز ھىس  قىلماڭ! دىدى.دىلىرە ؛
سىزمۇ كىتىسىز!دىدى     جەسۇر؛
-مەن كەتكىنم بىلەن سىزنى  ئالغىلى ھەپتىدە  1 قىتىم كىلىمەن!    دىدى جەسۇر         بىر خىل كۇيۇنۇش   ئاھاڭىدا. دىلىرە  جەسۇرغا قاراپ ئۇنۇڭ سوزلىرىدىن  ئوزىگە بىر يۇلەنچۇك تىپىۋالغاندەك بولدى.
  بۇلار مەكتەپكە كەلدى  ياتاقتا بىر مۇنچە  قازاق قىزلار  ئولتۇراتتى دىلىرە كرىپ  ئۇلارغا سالام قىلىپ بولۇپ ئوزىنىڭ  ئورنىغا  كىلىپ جەسۇرنى  ئولتۇرۇڭ! دىدى. ھىلىقى قىزلار يىڭى   كەلگەن شىمالنڭ چوچەك، ئالتاي دىگەن يەرلرىدىن كەلگەنلەر  ئىد.ى .
جەسۇر بىلەن دىلىرە ئىككىسى پاراڭلاشتى، جەسۇر دىلىرەگە   ؛
مەن سىزنڭ ئورنڭىزنى چىرايلىق قىلپ ياساپ بېرىمەن! دىدى دىلىرە'
قانداق قىلىپ ياساپ بېرىسىز؟ دىدى جەسۇر؛
ما تامغا رەسىم  چاپلاپ بېرىمەن!  ئاندىن جىق ئاسىدىغان نەرسلەرنى ئېسىپ  بېرىمەن سىز ئاشۇنۇڭغا قاراپ ياتىسىز! دىدى، دىلىرە جەسۇرغا قاراپ ئۇنۇڭ قەتئىلكىگە ھەيران قالدى. لىكىن  دىلىرە جەسۇردىن بىرەر  قىتىممۇ پوپاڭلقنى، يوغانچلقنى   ھىس قىلىپ   باقمىدى.قاراڭغۇمۇ چۇشەي دەپ قالدى دىلىرە جەسۇردىن  ئەنسىرەپ؛
- جەسۇر قاراڭغۇ چۇشەي دەپ قالدى   ئاپتۇۋۇز يوق بوپ قالسا قانداق قلىسىز؟ ماڭسىڭىز بولامىكىن!دىدى جەسۇر

يەنە يېرىم سائەتتىن كىيىن ماڭىمەن  ! سائەت 8گىچە   ئاپتۇۋۇز بار دىدى. يېرىم سائەتمۇ توشتى   مانا جەسۇرمۇ مىڭشىقا تەمشەلدى . دىلىرەنىڭ  ئۇنۇڭدىنمۇ   ئايرىلغىسى كەلمىدى.  جەسۇرمۇ دىلىرەگە قاراپ قاراپ        قوياتتى  نىمىلەرنىدۇ دىگىسى باردەك  .لىكىن  ھىچقانداق گەپ قلماپلا؛
دىلىرە مەن ماڭدىم ئوزىڭىزنى   ئاسراڭ! جۇمە  كۇنى كىلىمەن! دىدى.
ياتاقداشلىرىغا      مەن كەتتىم  دىلىرەگە ياخشى قاراپ قويۇڭلار!    دىدى ئالتايلق بىر سايا دىگەن  قىز بولىدۇ بىز ياخشى قارايمىز ھەممىمىزدىن  كىچىككەن دىدى، شۇنداق قىلىپ  جەسۇرمۇ كەتتى دىلىرە نىمىلىەرنىدۇ   ئويلاپ ياتتى. دادىسىنىڭ سوزلىرى، جەسۇرنىڭ  ئۇنۇڭغا كويۇنۇشلرى جەسۇرنىڭ ئاجايىپ بىر مېھرى بار ئىدى .دىلىرە بۇنى ھىس قىلغاندەك بولدى.


UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغدا ھىلىقى خوتەنلىك قىزلار كەلدى ئۇلارنىڭ دىيىشىچە دوستلۇقنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى كورگەش ئاز تولا بىر نەرسىلەر ئالغان ئىدى. .ئۇلار بىلەن بىر ھازا پاراڭلىشىپ  بىر-بىرلىرىنىڭ نەلىكلىگىنى دىيىشىپ ئاندىن‹‹ ئەتە ئەتتىگەندە دەرس باشلايدۇ شۇڭا  بالدۇر   ئۇخلايلى! ،› دەپ   بالدۇرلا ياتتى دىلىرەمۇ بۇگۇن ھېرىپ قالدىمۇ ئۇمۇ ئۇخلاپ قالدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممىسى بىرلىكتە سىنىپقا كىردى. دىلىرە سىنىپقا كىرگەندە ھىلىقى يىنىدىكى بالا  كەپ بولغان  ئىدى. دىلىرە   ئوز  ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى  ھىلىقى  بالا  دىلىرەگە قاراپ كۇلۇپ     تۇرۇپ  ياخشىمۇ سىز؟ دىدى دىلىرەمۇ ياخشىمۇ سىز ؟دىدى يىنىدىكى قىزمۇ  سىرتتىن   كىردى دە ئەھۋال سوراپ جايىغا كىلىپ ئولتۇردى.  
سىنىپ مەسئۇلىمۇ كىرىپ ھازىر دەرس باشلايدىغانلىغىنى دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى 50 ياشلار چامىسىدىكى جاڭ مۇئەللىم يىتىپ كىردى،ھەم بۇگۇنكى  دەرىسىمز  .‹‹ئاساسى خەنزۇ تىلى،›› بۇ دەرىسنى يەنە بىر لىئۇ مۇئەللىم ئىككىمىز ئۆتىمىز .يەنە ئاڭلاش دەرىسى، بار ئۇنى يۆۋىي مۇئەللىم  ئوتىدۇ  . چۇشتىن كىيىن دەرىس يوق سىلەرنى ئاساسىڭلارنى ياخشىلىۋالسۇن دەپ چۇشتىن كىيىن دەرىس ئورۇنلاشتۇرمۇدۇق ، چوقۇم مۇشۇ ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىڭلار بىر يىل تەييارلىقتىن كىيىن ئاساسى دەرىسكە ئوتىمىز ئۇ چاغدا دەرىس تەسلىشىدۇ .دەپ پىششىق ئۇيغۇر تىلىدا سوزلىدى ئاندىن كىتاپلارنى تارقاتتى ھەم ئوزىمۇ بەك  ئ.ۇچۇق ،بولغاشقىمۇ    بۇگۇن  دەرىس ئوتمەي سىلەر بىلەن پاراڭلىشاي بىر- بىرىمىزنى چۇشۇنەيلى! دەپ ھەممىسىدىن  ئىسمىنىڭ نىمىلىگى، نەلەكلىگى،  مەكتەپكە كەلگەندىكى تەسىراتلىرىنى سورىدى. ھەممىسى شۇنچە ھاياجان، شۇنچە خوشاللىق ئىچىدە ئىدى. ھەممىسى بەس- بەستە سوزلىشەتتى .  دىلىرە ئوزىمۇ ئېيتىپ تۇگەتكىسىز خوشاللىق ئىچىدە ئىدى. خۇددى ئوزىنى ئىگىز   تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندەك ھىس قىلاتتى. مۇئەللىمىنىڭ ياخشىلىغىچۇ؟ بۇمۇ بىر خوشاللىق   ئىدى.دىلىرە  ھاياجان ئىچىدە ئوزىنى شۇنچىلىك   بەخىتلىك ھىس قىلاتتى  .تۇيۇقسىز قىزىم سىزگە كەلدى؟ دىدى     دىلىرە ئورنىدىن تۇرۇپ ؛‹‹مىنىڭ ئىسمىم دىلىرە   مەن       بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ئوزۇممۇ ئېيتىپ تۇگەتكىسىز ھالدا خوشال بولدۇم ، ئوزۇمنى   ئەڭ بەخىتلىك ھىس قىلدىم!›› دىدى. جاڭ مۇئەللىم      شۇنداق ھەممىڭلار شۇنداق خوشال، مەنمۇ خوشال ھەممىڭلارغا  ئۇتۇق تىلىەيمەن، مەن  دىگەندەك  ئۇگەنسەڭلار چوقۇم يىڭىپ چىقىسىلەر!دىدى.
2 سائەتمۇ توشتى        لىئۇ مۇئەللىممۇ يىتىپ كەلدى  ئورۇقراق 50 نەچچە ياشلاردا بار بۇ مۇئەللىم  كىرىپلا بىر قۇر ئەھۋال سورىغاندىن كىيىن  يىڭى دەرىسىنى باشلىدى. سوزلىكلەرنى ئۇنلۇك ھالدا ئوقۇتاتتى، بىردەم تېكىستلارنى   ئوقۇتاتتى. 2- سائىتىدە   مەشىقلارنى   ئىشلىتەتتى.   2 سائەتتە    بىر دەرىسنى تۇگۇتىۋەتتى.  دىلىرە ئىچىدە 1- دەرىس ئاسان بولغاشقا شۇنداق قىلغاندۇ دەپ ئويلىدى.


داۋامى بار...

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 13:09:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى  ئەتە يازاي!

UID
6463
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1037
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 19:11:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەق قىز ،مىسرانىمدىكى پۈتكەن ئەسەرنى رەتلەپ يوللىسىڭىز بولماسمىدى.قايتا يېزىپ جاپا تارتقۇچە؟

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 11:36:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشتىن كىيىن دىلىرە سائەت 2لەر ئەتراپىدا سىنىپقا  كىردى. قولىدا كتاپ دەپتەلىرى بار ئىدى ئۇ سىنىپقا كىرىپ بىرنەچچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس تەكرارلاۋاتقانلىغىنى كۆردى، ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى ھىلىقى  بالىمۇ دەرس تەكرارلاۋاتاتتى . دىلرەنى كورۇپ سىزمۇ چىقىپسىزدە؟ دىدى دىلىرە     ھەئە دىدى ، كىتاپلىرىنى  ئىچىپ ئەتتىگەنلىك دەرىسىنى بىر     قۇر يىزىپ تىكىىستلارنى    ئوقۇدى  مەشىقلەرنى  بىر  قۇر  ئوزى   ئىشلىۋىتىپ ئەتىكى دەرىسلەرنى كورىۋاتاتتى   . يىنىدىكى  بالا سىزنىڭ  ئىسمىڭىز دىلىرەمۇ؟ دىدى دىلىرە‹‹ ھەئە!،› دىدى ئۇ؛
؛‹‹ بەك چىرايلق    ئوماق   ئىسىمكەن!  ››     دىدى. دىلىرە؛‹‹رەخمەت!››دىدى. ئەتىكى دەرىسنىڭ خام خەتلىرىنى  بىر  قۇر   ئوقۇپ تېكىستلىرىنى كورىۋىتىپ، ئاندىن   بۇگۇنكى دەرىسنىڭ خام خەتلىرىنى دوسكىغا چىققىدەك  ئۇگۇنىۋىتىپ چىقىپ كەتتى. بۇ دىلىرەنڭ بۇرۇندىن  ئۇگۇنۇش قائىدىسى ئىدى مۇئەللىم دەرىس  ئوتكەندە  كوڭۇل قويۇپ  ئاڭلىۋىلىپ       ، بىردەمدىن    كىيىن مۇئەللىمگە ئوزىنىڭ چۇشەنچىسىنى قوشۇپ سوزلەپ     بېرەتتى. شۇڭۇمۇ ئوتتۇرا  مەكتەپتىكى  مۇئەللىمى بەك ئامراق     ئىدى          ‹‹ ئىنكاس  قايتۇرىشىڭىز بەك تېز!›، دەپ ماختايتتى .دەرس  ئاڭلاش توغرا كەلسە پەقەت دىلىرەنىلا  سوزلىتەتتى، دىلىرە كىچىگىدىن يىتۇلدۇرگەن   مەكتىپتىن كىلىپلا  تامىغىنى  يەپ بولۇپ ئوزىنىڭ كىچك ئويىگە كىرىپ دەرس تەكرارلايتتى ، بۇگۇن ئوتكەن دەرىسىنى     راۋرۇس ئۇگۇنۇپ بولۇپ ئاندىن  ئەتىكى دەرىسنى بىر قۇر كورۇپ كوڭلىدە مەشىقلەرنى بىر قۇر   ئىشلىۋىتەتتى. شۇڭۇمۇ بۇ يەرگە  كەلگەندىن كىينمۇ دەرىستە قىينىلىپ كەتمىدى.、 ئەتىسى جاڭ  مۇئەللىم قايسىڭلار دوسكىغا  چىقىسىلەر ؟دىدى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇگەنگەنلەر قول كوتۇردى بۇنۇڭ  ئىچىدە دىلىرەمۇ بار ئىدى . دوسكىغا دىلىرە، يىنىدىكى  بالا يەنە 2 ئوقۇغۇچى چىقتى . ھەممىسى توغرايازغان ئىدى، كۇنلەر مۇشۇ تەرىقىدە  ئوتتى مانا جۇمەمۇ يىتىپ كەلدى.   ە                                       




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش