ئىگىسى: ئىپارە

بىباھا سۆيگۈ (پوۋىسىت)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28289
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 23:08:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،ئىپارە خاننىڭ  داۋاملىق يىزىشىغا يول قويۇڭلار ،ئۇنى رىغبەتلەندۈرەيلى ،

     بۇ بەلكىم ئىپارەنىڭ تۇنجى ئەسىرىدۇر ، سوغۇق  سۇ سەپمەيلى

UID
28289
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 23:10:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمدە  ئىملا خاتالىقى  بولۇپ تۇردىغان ئىش ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ خېتىگە ھۆرىمەت قىلمىغانلىق بولمايدۇ ، مانا مەن بۇ خىزمەت بىلەن ئىشلىگىنى 16 يىل بولدى ، ھازىرمۇ يەنە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ تۇرىدىغۇ ،

  مەن كۈندە  داۋاملىق خەت ئۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىمەن،  بۇنى مەن ھىس قىلالايمەن

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 23:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، ئىملا خاتالىقى بولۇپ تۇرىدۇ، بىراق بەك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىملا خاتالىقى كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلىدۇ. قىزنىڭ مەڭزىدىكى بىر تال خال ھېچگەپ ئەمەس، بىراق نۇرغۇنلىغان خال قىزنى قانداق كۆرسىتىپ قويار؟
ئىپارە، مەن سەۋەبلىك بەل قويىۋەتمەڭ. تېخىمۇ تىرىشىڭ. غەيرەت قىلىڭ. ئىملايىڭىزغا قارىتا مۇشۇنچىلىكلا ئىنكاس يازاي، ئەمدى بەس. ھەممىنى يوللاپ بولسىڭىز، شۇ چاغدا مۇنازىرىلىشەيلى.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 00:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلار، ماڭىمۇ تەنقىد بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

/thread-13208-1-2.html

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 18:34:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار  شۇنچە    ئامراق،      شۇنچە ياخشى   ئۆتىۋاتاتتى.  جەسۇر يەنىلا ئادىتى بويىچە دىلىرەنى ئېلىپ  كېتىپ،    يەنە ئەكىلىپ قوياتتى. ھەم  ئۇلار بارغاندا كەلگەندە ھىلىقى يول بىلەن ماڭاتتى.يەنە شۇنداق ئامراقلىق قىلىپ بىر- بىرىنى قوغلۇشۇپ  ،يەنى كىم كىمنى تۇتىۋالسا قارشى تەرەپ نىمە دىسە شۇنى قىلاتتى. بۇلاردەك بەختلىك خوشال  ،ئامراق  ئادەم يوق  ئىدى.
لېكىن شۇ كۈنلەردە ھاممىسىنىڭ     كېلىنىدىن    جەسۇرنىڭ دەرىستىن چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىغى، سىنىپتا نىمىنىدۇر  ئويلاپ ئولتۇردىغان بوپ قالغانلىغىنى ئاڭلىدى.دىلىرە  ئىچىدە ئويلايتتى؛‹‹ مەن قىز بالا تۇرۇپ دەرىستىن چېكىنمەي، نمىشقا  ئۇ دەرىستىن چېكنپ كېتىدىغاندۇ؟›› دەپ ئويلايتتى ھەم نمىنىدۇر بىر نەرسىدىن ئەنسىرەيتتى. ھەم جەسۇرغىمۇ دىدى؛

-جەسۇر! دەرىستىن  ئۇنداق چېكىنىپ كەتمەڭ           ، بىز ھەر ھەپتە  كۆرىشىۋاتىمىزغۇ؟دەرىسىڭىزنىمۇ بىللە تەڭ  ئېلىپ بېرىڭ! دىدى. ئۇ  ھەقىقەتەن  دىلىرەنىڭ   ئالدىدا خىجىل بوپ قالغان  ئىدى.
‹‹ دىلىرە   بۇنداق دەرىستىن چېكىنىپ كەتسە مۇئەللىمى  ئاتا- ئانىسىغا دېسە   نىمە  ئىشلار يۈز بېرىپ كېتە؟ ››دەپ ئەنسىرەيتتى. دىلىرە  ئەكسىچە دەرىستىن چېكنمىگەن ، دەرىسنى تېخىمۇ  ياخشى  ئۈگۈنۈپ سىنىپنىڭ  ئەلەچى ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىدى. يەنى يېنىدىكى بالىمۇ  دەرىستە بەك ياخشى بولۇپ ئۇ سىنىپنىڭ  ئۈگۈنۈش ھەيىئتى بولغان ئىدى.

يىڭى  يىلغا بىر ھەپتە قالغاندا دىلىرەگە بىر پارچە خەت كەلدى  . دىلىرە   ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. چۈنكى بىرەرسىگىمۇ خەت يازمىغان ئىدى. ئۇ بۇرۇن تولۇقتا بىللە  بىر پارتىدا  ئولتۇردىغان يەنەكىلپ بىر يىل، بىر  ئايدا  تۇغۇلغان  ئىزھار    ئىسىملىك ساۋاقدىشىدىن كەلگەن     ئىدى. بۇمۇ ھازىر  ئۈرۈمچىدە   ئوقۇۋىتىپتۇ . ئۇنۇڭ مىجەزىمۇ دىلىرەگە ئوخشاش ئېغىر بېسىق ،
، سىنىپنىڭ  ئىسىل باللىرىدىن ئىدى.قاش كۆزلىرى قارا،كۆزى بەكمۇ يوغون  ئەمەس بەكمۇ كىچىك ئەمەس  بىر  قاراشتا    ياپونىيەنىڭ قايسى بىر  داڭلىق  ئەرتىسلىرىگە  ئوخشايتتى. دىلىرە ئۇنۇڭ ئاچىسى بىلەن دوست  ئىدى.دەل شۇنۇڭدىن كەلگەن خەت ئىدى. ئەھۋال سوراپ بولۇپ بىر كۈنى دىلىرەنى   ئىزلەپ كىلىدىغانلىغىنى دەپ يازغان   ئىدى.


يىڭى يىلغا   ئىككى كۈن قالغاندا دىلرەگە يەنە بىر پارچە خەت كەلدى ئۇ جەسۇرنڭ خېتى ئىدى. ئۇ   ئىچىدە  پۈتۈنلۈي گۈل بىلەن تولغان ئۇنى  ئاچسا  تىزىپ قويغىلى بولىدىغان شۇنداق چىرايلىق ئاتكىرتكا ئىۋەتكەن ئىدى.‹‹ يڭى يىلنى بىللە   ئۆتكۈزەيلى !مەن   سېنى ساقلايمەن!  ››دەپ يازغان     ئىدى.



مانا يىڭى يىلمۇ  كەپ قالدى .  بۈگۈن كېچە  يېڭى يىل دىگەن كۈنى دىلىرە   ئىككى سائەتلىك دەرىستىن چىقىپ تۇراتتى.        بىر بالا‹‹ دىلىرە تالادا سىزنى بىرسى   ساقلاپ تۇرۇدۇ! ››دىدى.  دىلىرە   بۇ كىمدۇ؟ دەپ    چىقتى. ئالدىدا   ئىزھار  تۇراتتى، ئۇ؛
بۈگۈن  ئاچىسىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىگى ھەم   دىلىرەنى   ئېلىپ كېلىشىنى بىللە يېڭى يىلنى ئۆتكۈزەيلى !دىگەنلىگى يەنى كېلىپ ئۇنۇڭ  ئاكىسنىڭ  ئۆيىدە ئۆتكۈزىدىغانلىغىنى دىدى. دىلىرە قانداق قېلىشنى بىلەلمدى راست گەپ قىلغاندا ئۇ يەرگمۇ بارغىسى يوق ئىدى. بىراق دوستى   ئۇنى دەپ شۇنچە يىراق يەردىن كېلپ ئۇنى تەكلىپ قىلىپ تۇرۇپتۇ. قانداق قېلىش كېرەك؟ ئۇ  ئىزھارغا ‹‹بۈگۈن   تۇققانلارنىڭكىگە بارمىسام بولمايتتى؟›› دىدى.

ئىزھار ‹ ئاچام  ئاشۇنداق يىراق يەردىن   كەلسە بارمىساڭ   قانداق بولىدۇ؟ مەنمۇ نىمە دەپ بارىمەن ؟››دىدى. شۇنۇڭ بىلەن  دىلىرە ئۇلارغا يۈز كىلەلمەي ئۇ يەرگە   ئىزھار  بىلەن  بىللە ماڭدى . مانا  ئۇلارمۇ  ئىزھارنىڭ   ئاكىسىنىڭ  ئۆيىگە  كەلدى . ئۆيدە       دىلىرەنىڭ دوستى    ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغا ن ئىدى، ئۇلار  سالاملىشپ بولۇپ  پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى دوستى  شىخەنزىنىڭ بىر مەكتىۋىدە  ئوقۇۋېتپتۇ. يىڭى يىلنى مۇشۇ يەردە    ئۆتكىزەي دەپ كەلگەنلىگىنى دىدى. بىر چاغدا  ئىزھارنىڭ  ئاكىسى     ئۇنۇڭ مۇھەببىتى   كەلدى. جوزىلار تاتىلىپ بولغاندا دوستى دىلىرەگە باناننى  ئاقلاپ بەردى ،  يىمەي دىسە تېخى     ئازراق يىدى. شۇنۇڭ بىلەن  كۆڭلى  ئېلىشىپ . ئاشقازىنى   ئاغرىپ   بولالمىدى.  تالاغا چېقپ   شۇنچە قۇستى. لىكىن    ئاشقازىنىنڭ    ئاغرىغى قەتئى توختىمىدى،    تاماقمۇ يىيەلمىدى. ئۇ   ئەسلىدە باناندىن زەھەرلەنگەن   ئىدى . بېشى  قېيىپ كۆزىگە ھىچنەرسە   كۆرۈنمىدى .شۇنۇڭ بىلەن ‹‹مەن بولالمىدىم !›› دىدى. دوستى.     ئىزھار    ھەممسى؛
‹‹ بوپتۇ  ئۇنداق بولسا  يىتىپ دەم  ئېلىڭ!›› دىدى. شۇنۇڭ بىلەن دىلىرە ئازراق دارا  ئىچىپ  ئۇخلاپ  قالدى.   ئەتىسى   ئىزھار  ئۇنى مەكتەپكە   ئەكىلىپ قويدى. ئەتىسى ئۇ ياخشى بولۇپ قالغان  ئىدى.   ياتاققا   كىرگەندىكىن   ئىزھار دىلىرەگە ‹‹ مەن  سېنىڭ   ئورنۇڭدا بىر دەم  ئۇخلىۋالايمىكىن ! ›› دىدى دىلىرە   جەسۇرنڭ كەپ قېلشدىن بەكمۇ    ئەنسرگەن   ئىدى. ‹‹پەۋقۇلادە    ئۇ كەپ قالسا نىمە دەپ چۈشىنىدۇ ؟›› دەپ  ئويلىدى-دە،
- مەن    ھازىر   تۇققانلارنىڭكىگە بارىمەن! دىدى. ئىزھار؛
- قارا قوقۇپ كەتكىنىڭنى، سېنى نىمە دەيدىكىن دەپ دەپ قويدۇم، مەن كەتتىم ،كېيىن يەنە  سېنى  ئىزلەيمەن! دەپ كەتتى.
شۇ چاغدىلا دىلرە ئۇھ! دىدى ۋە جەسۇرنىڭ يېنىغا مېڭىشقا تەييارلىق قىلدى بۈگۈن     ئالاھىدە   ياساندى  .  ئەڭ    چىرايلىق كىيمىنى تاللاپ كىيدى. ھەم ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل گىرىم قىلدى. شۇ چاغدا بازارغا كەتكەن قىزلار قايتىپ كەلدى ۋە ؛
- دىلرە سىز تۈنۈگۈن  كەتكەندىن كېيىن قاراڭغۇ چۈشەي دىگەندە جەسۇر كەپتىكەن مەن              بىشىمنى يۇيىۋاتاتتىم  ،   شۇڭا   ئىشىكنى ئاچمىدىم؛
‹‹ سىزنى يوق، دوستى كەپتىكەن يىڭى يىلنى  ئۆتكۈزىمىز! دەپ چىقىپ كەتكەن >>دىدىم  .دىدى.  دىلىرە شۇ چاغدىلا پۇشايمان قىلدى .
‹‹بارغىنىم نىمە بولدى؟ ئاغرىپ ئۇلار بىلەنمۇ ئولتۇرالمىدىم ، كۆڭلۈم تاتمىغاندىكىن بارمىساممۇ بوپتىكەن! ››دەپ  ئويلىدى. ۋە دەرھاللا يولغا چىقتى.




UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 18:36:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ دىلىرە   يولغا چىقتى، كاللىسىدا نۇرغۇن ئوي خىياللار بار ئىدى.   ئۇ ئويلايتتى؛ ‹‹تۈنۈگۈن   ئۇ كەپتۇ-دە. ئەسلىدە مەن   ئۇنۇڭغا             بۇندىن كېين  سىز كەلمەڭ،               مەن باراي.    ئۆزۈم بارالايدىغان بولدۇم دىگەن   ئىدىم. چۈنكى    ئۇنۇڭ دەرىستىن چېكىنىپ كېتىشنى خالىمايمەن، لىكىن  ئۇ تۈنۈگۈن يەنە كەپتۇ!جەسۇر      ئەمدى بارسام نىمە دەر؟ ئۇ  تۇنۇگۈن شۈنچە سوغۇقتا كىلىپ كىتىپتۇ،                       قانداق قىلارمەن؟     ›› دەپ تۇنجى قىتىم  ئۆزىنىڭ ئۇنۇڭ   مۇھەببىتى    ئىكەنلىگىنى ئۇنۇڭدىن  بىسوراق بىر يەرگە بارسا بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇ كەلگەندە چۈش بوپ قالغان ئىدى.  ئۇ كىلپ تۇرىشىغىلا جەسۇرمۇ   كەلدى. ئۇ   ئەتتىگەننىڭياقى ئىككى قىتىم كەپ بولغان   ئىدى. جەسۇر دىلىرەنى كۆرۈپ       خاپا بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن  ئەكسىچە شۇنداق خوش بولۇپ؛  دىلىرەدىن؛
-  ھازىر كەلدىڭمۇ؟ تۈنۈگۈن مەن بارسام سەن يوقكەنسەن،     مەن     يولدا  بارغىچە بەك توڭلاپ كەتكەن     ئىدىم ياتقىڭغا كىرىپ بىر دەم  ئىسىنىۋالاي دەپ  ئويلىغان ئىدىم  ، قىزلار  ئىشكنى  ئاچمىدى دىدى. دىلىرە     شۇ چاغدىلا جەسۇرنىڭ  ئالدىدسا گۇنا ئۆتكۈزگەندەك  پەس   ئاۋازدا ؛  
-شۇ  يۇرتۇمدىن بىر دوستۇم كەپتىكەن                يىڭى يىلنى بىللە   ئۆتكۈزىمىز بىر يۇرتلىقلار! دەپ    شۇ يەرگە بارغان       ئىدىم  .دىدى جەسۇر؛
- بوپتۇ ئۆزەڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغاندىن كېيىن مەن خاپا بولمايمەن !دىدى. ۋە       ؛
-  بۈگۈن كەچتە يىڭى يىلنى  قايتىدىن   ئۆتكۈزەيلى! مەن كەچتە كىلىمەن! دەپ         كەتتى.
ئۇ كەتكەندىن كېيىن ھاممىسىنڭ كېلىنىدىن جەسۇرنىڭ تۇنۈگۈن  كەلگىنىنى، كېلىپ     دىلىرەنى سورىغىنىنى، بىردەم بىردەم تالاغا چقىپ، كىرىپ يەنە سائەتكە قاراپ  سائەت     ئالتە بولغاندا    كېتىپ، يەنە        يەتتە يېرىم بولغاندا كېلىپ    سائەتكە قاراپ                        سائەت   ئونبىر    بولغاندا    ئاندىن كەتكىنىنى بىلدى. دىلىرە بۇنى      ئاڭلاپ شۈنچە    ئازاپلاندى.  << ئىسىت نىمىشقىمۇ   تۈنۈگۈن كەلمىگەندىمەن! >>دەپ پۇشايمان قىلدى.  

كەچتە   جەسۇر كۆك     گىتتارىنى ، يەيدىغان بىر مۇنچە مىۋە- چىۋە نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدى . بۈگۈن يىڭى يىلنى   ھاممىسىنىڭ كېلىنىنىڭ  ئۆيىدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىدى.ھاممىسىنڭ   كېلىنىنڭ    ئىككى  ئوغلى بار         ئىدى. ئۇلارمۇ   بۇ     ئىككىسىنىڭ   ئارلىشىۋاتقىنىنى بىلەتتى.  ئۇلار  بىر دەم پاراڭلاشتى.ئاندىن      يەنە نا خشىسىنى باشلىدى. بۇ قېتىم ھاممىسىنىڭ كېلىنىنڭ ئوغلى ئوزى يىڭى ئۈگەنگەن ئەكبەر قەھرىماننڭ .‹‹چىمەن    ئىچىدە›› دىگەن ناخشىسنى     گىتتار بىلەن  ئېيتتى.  ئاندىن جەسۇر   ئېلىپ يەنە ھىلىقى؛







ئايدىڭ، ئايدىڭ  كېچەلەر بولدى.

بۈگۈن يەنە سائەت بىر بولدى.


ئىشىك ئالدىڭدا مەن ساقلاپ ،



ئايدىن جامالىڭ سوراپ.






تاڭ ئېتىشقا بەش سائەت قالدى.


كۈتتۈم ، كۈتتۈم خەۋەر كەلمىدى،

سېغىنىشتا يۈرەك ئۆرتەندى.

ناخشا ئېيتسام سەن ئۈچۈن،

ئاڭلار جاھان مۇڭ بىلەن.

گۈل چىرايىڭ كەلمەي تاڭ بولدى.








  .






UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 18:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگەن ناخشىنى ئارقىمۇ- ئارقا ئېيتتى، قەتئى توختىمىدى. شۇ چاغدىلا   دىلىرە جەسۇرنىڭ  قانچلىك  ئازاپلانغانلىغىنى بىلدى. ھەم جەسۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ       تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ                            كۆزلىرىدە لىق ياش؛
- بولدى جەسۇر ئەمدى چالماڭ،   مىنى كەچۈرۈڭ! مەن خاتا قىپتىمەن     ،سىزنىڭ قانچلىك   ئازاپلانغىنىڭىزنى بىلدىم        !. دەپ                   يىغلىدى.جەسۇر؛
- مەن    سېنى قانچىلىك سېغىنغىنمنى بىلەمسەن؟      تۈنۈگۈن سېنى بىر كۆرۈشنى قانچىلىك  ئارزۇ قىلغىنىمنى بىلەمسەن؟ دەپ سورىدى.دىلىرە يەرگە قاراپ
ئاغزىنى  ئۈمچەيتىپ يىغلاپ تۇرۇپ؛
-مەن خاتا قىپتىمەن! بۇندىن كېيىن       سىزدىن      بىسوراق    ھىچ  نەگە بارمايمەن! دەپ يىغلاپ كەتتى.  . جەسۇر  يەنە دىلىرەنىڭ يېشىنى ئېيتىپ  تۇرۇپ؛
- بولدى، مەن سەندىن خاپا بولمۇدۇم .دىدى ۋە       يانچۇغىدىن    يۈرەك شەكىلىك  مۇنچىقى بار كۈمۈش  زەنجىر ،بىلەن يۇرەك شەككىلىك   كۈمۈش ھالقىنى     ئېلىپ    دىلىرەگە بەردى.   دىلىرە    شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ قىلغىنىدىن بەك  پۇشايمان قىلدى. كۆزلىرىدىن        ياشلىرى      توختىماي چۈشەتتى.   







UID
28289
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 12:51:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
10103
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
218
تىزىملاتقان
2011-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 20:00:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىزغا قىزىقىپ كىرىپلا كېتىپتىمەن، ،. ئاخىرىغا تەشنامەن.  ھارمىغايسىز.

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 14:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار   ئولتۇرۇپ      ئۇشاق- چۈششەك
نەرسىلەر ھەم    ئىچىملىكلەر بىلەن چاي ئىچتى، دىلرەنىڭ    ئاشقازىنى     يەنە    ئاغىردى.    جەسۇر شۇ زامان   دىلىرەنى     ئېلىپ يىقىن     ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا  ئەپ چىقتى.   دوختۇر بىر  مۇنچە دارىلارنى بەردى.  بۇلار دارىلارنى     ئېلپ قايتىپ چىقتى. ئۆيگە    كېرىپ جەسۇر      دارىلارنى دىلىرەگە     ئىچكىزىپ بولۇپ    .‹‹ بىردەم       يىتىپ دەم ئېلىۋال !›› دەپ ياستۇقنى    ئېلىپ دىلىرەگە بەردى.  يىنىدا دىلىرەگە قاراپ ئولتۇردى. قالغان بالىلار                         تاشقارقى    ئۆيدە كورت  ئوينايمىز دەپ چىقىپ كەتكەن   ئىدى. دىلىرە     كۆزىنى      ئاران    -ئاران    ئاچاتتى. جەسۇر دىلىرەنىڭ      بېشىنى سىلاپ    ئۇ       كۆزىنى  يۇمغاندا   دىلىرەنىڭ پىشانسىگە   سۈيۈپ قوياتتى. ئۇنۇڭغا   تويماي   شۇنچە   ئامراقلىق بىلەن قارايتتى. دىلىرەمۇ كۆزىنى   تەستە   ئېچىپ     ئۇنۇڭ يىنىدىن    ئايرىلماسلىقىنى تىلەپ    ئۇنۇڭغا  شۈنچە    ئامراقلىق بىلەن قارايتتى.     ئەگەر ساق  بولغان بولسا     ئۇنۇڭ   باغرىدا         ئۇنى      قۇچاغلاپ تۇرۇشنى شۈنچە    ئارزۇ قىلاتتى.  دىلىرە     ئۇخلاپ   قالدى ،            لىكىن جەسۇر  ئۇنى ساقلاپ يېنىدا   ئۇنۇڭغا قاراپ ئولتۇردى.     بىر چاغدا     دىلىرە    سەل ئويغاندى  سائەت   ئون   بىر  بولغان    ئىدى. شۇ چاغدىلا جەسۇر ؛

-مەن كېتەي     ئاخىرى ئويغاندىڭ! -دىدى.
دىلىرە    ئۇنى    ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولۇپ   ئورنىدىن    تۇردى.جەسۇر  ئۇنۇڭ  پىشانىسىگە سۈيۈپ قويدى.      شۇ زامان دىلىرە   ئۇنىڭ  باغرىغا     ئۆزىنى   ئېتىپ ئۇنى  چىڭ    قۇچاغلىۋالدى.    جەسۇرمۇ    ئۇنۇڭ  يۈزلىرىگە  سۈيۈپ تۇرۇپ ئۇنى  تېخىمۇ  چىڭ باغرىغا     باستى .  ھەم جەسۇر؛
  .‹‹بولدى سەن چىقما!   يىتىپ دەم ئال     سېنى  ئاللاغا تاپشۇردۇم! ›› دەپ چىقىپ  كەتتى.   
   ئەتسى چۈشتىن كېيىن   يەنە  ھىلىقى يول بىلەن  ماڭدى، جەسۇر؛
-دىلىرە بۈگۈن ئاشقازىنىڭ قانداراق بوپ قالدى؟ ياخشى بوپ قالدىڭمۇ؟ دىدى. دىلىرە؛
- ھەئە  ھازىر خېلى ياخشى ،  لېكىن   ئەمدى   ئىككىنچى بانان دىگەن نەرسىنى يىمەسلىگىم مۈمكۈن.، ئەسلىدە سىز مېنى  ئالدىنقى كۈنى    ئاخشام قاغىۋىتىپيىكەنسىز -ھە؟ دىدى. جەسۇر؛
-ياق لېكىن      سېنى بەك ساقلىدىم  !دىدى .دىلىرە؛
- شۇڭا   ئاللا مېنى جازالاپتۇ! دىدى.  
شۇنداق قىلىپ مەكتەپكىمۇ كەلدى. جەسۇر ماڭىدىغاندا ئىككىسى    زالدا خېلى بىر ۋاقىتقىچە  پاراڭلىشىپ تۇردى   دىلىرەنىڭمۇ  ھەم جەسۇرنىڭمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلغىسى كەلمەيتتى  . لىكىن  ئامال يوق.      جەسۇر دىلىرەگە؛
-چوڭ بولغان بولساقچۇ،  ئىككىمىز توي  قىلغان بولساق بىر- بىرىمىزدىن   ئايرىلمايتۇق !-دەيتتى.
بۇ ھەپتىسى دىلىرە  ئالدىراش ئۈگۈنۈش بىلەن  ئۆتتى. چۈنكى   مەۋسۈملۈك   ئىمتىھانغا   ئاز   قالغان  ئىدى.

بۇ جۈمە كۈنى دىلىرە ھاممىسىنىڭكىگە   ئۆز ى باردى.  جەسۇر مەكتەپتىن كېلىپلا دىلىرەگە<< بۈگۈن  كەچتە   سېنى  بىر يەرگە   ئاپىرىمەن ! >>دەپ قويۇپ كەتتى.
كەچتە ھىلىقى دوستلىرى بىلەن     دىلىرەنى   ئېلىپ ‹‹كالا ئوكېي ›› خانىغا   ئاپاردى .جەسۇر خەنزۇچە ناخشىغا بەك ئۇستا بولۇپ ناخشىنى   بەك ياخشى ئېيتاتتى. دىلىرەمۇ   ئۆزى بىلگەن ناخشىلارنى ئېيتتى. ئاندىن  بىردەم بىردەم ئورنىغا كېلىپ ئولتۇراتتى. جەسۇرمۇ دىلىرەنىڭ يېنىدىن كەتمەيتتى ،   دىلىرەنىڭ كۆزىمۇ  جەسۇرنىلا   ئىزلەيتتى . ئۇنۇڭ دوستلىرى بىلەن قىلغان پاراڭلىرى، قىلىقلىرى،  دىلىرەنىىڭ            ئۇنۇڭغا تېخىمۇ   ئامراقلىغىنى كەلتۇرەتتى. بىر    دەمدىن كېيىن    جەسۇر دىلىرەنى        تانسىغا تاتتى ،   ئىككسى تانسا ئوينىدى. جەسۇر دىلىرەنىڭ قولىنى تۇتقاندا دىلىرە     جەسۇرغا قارىدى،  جەسۇرمۇ دىلىرەگە  ئامراقلىق     ھەم  يىقىملىق نەزىرى بىلەن دىلىرەگە قارىدى. ‹‹ سەن  ماۋۇ سۇس       رەڭلىك چىراقنىڭ يورۇقىدا  تېخىمۇ  چىرايلىق بوپ كېتىدىكەنسەن! ئاينىڭ يورۇقىدا تۇرغاندەكلا!،›دىدى جەسۇر  ئامراقلىق بىلەن       .دىلىرە  ؛
-‹‹ ھە شۇنداقمۇ !››دەپ ئاغزىنى سەللا مىدىرلتىپ تاتلىققىنىە    كۈلۈپ قويدى.
تانسا تۈگەپ    ئۆز ئورنىغا كېلىپ  ئولتۇردى. جەسۇرمۇ دىلىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ       ئولتۇردى  .        دىلىرە   جەسۇرنىڭ يېنىدا بولغىنىدىن    ئاجايىپ بىر خوش بولاتتى. ئۇنۇڭ بىلەن بىللە يۈرسە ئۆزىنى   ئاجايىپ بىر   خوشال، ئاجايىپ بىر خىل  ئەركىن  ،        ھەم خاتىرجەم، ھەم بەخىتلىك ھەم ئۆزىنى بىر خىل چۈش ،بىلەن رىئاللىق  ئوتتۇرسىدا تورىۋاتقاندەكلا  ھىس قىلاتتى .           


شۇ كۈنلەردە ھاممىسىنىڭ   كېلىنى دىلىرەگە؛
- دىلىرە، جەسۇر  ئىككىڭلار  بىر- بىرىڭلارغا بەك  ئامراقكەنسىلەر،   بەك     ئامراق بوپ كەتسەڭلار ئاللا سىلەرنى قوشمايدۇ، سىز ‹‹ئامراق بولماڭ، جۇدا بولارسىز. ئۆچ بولماڭ          ،مۇپتىلا بولارسىز.›› دىگەن ماقالىنى  ئاڭلىغانمۇ؟ دىدى.            

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش