- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2012-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-25
- UID
- 34707
- يازما
- 2
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2012-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-25
- توردا
- 0 سائەت
|
مەن بۇ يىغىننى پەقەتلا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن دەپ قارىمىدىم. ئەلۋەتتە ئۇستازىم مۇستافا كاچالىن ئەپەنىدىنىڭ تەشرىپدار بولغانلىقىدىن كۆپ سۆيۈندۈم. ئەمما، مۇشۇ يىغىننىڭ پىلاكاتىنى كۆرۈپلا ئىمانىم قىرىق گەز ئۆرلىدى. نەۋائىي كىم دەپ ئۆزبەگ قېرىنداشلار بىلەن ئىت بىلەن مۈشۈكدەك تالاشتۇق شايلىمىزنى چېچىپ تۇرۇپ. ئەمما شۇ تۇزكور زىيالىيلار شۇنى كىچىككىنە بولسىمۇ ئۆز ئەمەلىيتىدە كۆرسىتىشمىدى يەنى بىر ئۇيغۇر ئالىمىنى خاتىرىلەپ ئېچىلغان شۇ يىغىن يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تۇرۇقلۇق مۇبارەك يېزىقىمىزنىڭ بىچارىلەرچە ئەڭ ئاستىغا چۈشۈپ قىلىشى يەنە كېلىپ لوپا ئەينەك بىلەن ئاران ئوقۇغىلى بولغىدەك قىلىپ يېزىلشى ھەي بۇنىڭ باشقا قەۋم زىيالىيلىرى ئارىسىدا تەسىرىنىڭ قانداق بولغانىلىقىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولا. بۇ دۆلىتىمىز بىزگە بەرگەن قانۇنلق ھۇقۇق ئەمەسمۇ. بىز ھەتتا بېيجىڭدا ئېچىلغان مەھمۇد كاشغەرىي توغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەملىك قىلىپ يازغانتۇق. بۇ يىغىن بېيجىڭدا ئېچلغانلىقى، مەكتەپنىڭ چوڭ ياردەم بەرگەنلىكى، ئۈچۈن ئەڭ ئۈستىگە خەنزۇچە، تۈركىيە تىل جەمئىيتىنىڭ زور مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇننىڭ بىرسى تۈركىيە تەرەپ بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركچىسى ئىككىنچى ئۇرۇنغا، ئۇ ئۇيغۇر ئالىمى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىسى ئۈچىنچى ئۇرۇنغا، خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىنگىلىزچىسى تۆتىنچى ئۇرۇنغا يېزىلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىىسى ئەڭ ئۈستىگە، ھەمدە ئۆلچەملىك يېزىلىشى كېرەك ئىدى.
قېرىنداشلارىدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، بىز قۇرۇق گەپنى ئاززاق قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلساق. يۇقىرقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلاردەك ماڭقۇرت بولمىساق، شۇ ئالىمنىڭ ھۆرمىتىدىن پايدىلىنىپ جېنىنى بىقىۋاتقانلار بەكرەك دىققەت قىلسا. |
|