- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 288
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14965
- تىزىملاتقان
- 2010-7-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-13
 
- UID
- 3703
- يازما
- 288
- تېما
- 84
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14965
- تىزىملاتقان
- 2010-7-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-13
- توردا
- 1 سائەت
|
يەنە بىر تېمىدىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسى بۇ تېما ئاستىغا رەتلەندى،يىغىننىڭ ئەھمىيىتى شۇنداقلا نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش شۇنداقلا باشقا نوقتىلاردا تورداشلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى مۇشۇ تېمىغا قالدۇرىشىنى سورايمىز.
suot ناملىق تورداشنىڭ يازمىسى:
1. نەۋايىنىڭ نەسەبىنىڭ ئۇيغۇر ياكى ئۆزبېكلىكىگە كەلسەك، بۇ تالاشمىساقمۇ بولىدىغان مەسىلە. ھازىر دۇنيادىكى بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلاردا نەۋايىنى ئۇيغۇر شائىرى دەپ ئېتراپ قىلدى. تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرىدا نەۋايىنىڭ نەسەبى توغرىسىدا توختىلىپ ئۇنى ئۇيغۇر دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇنى تالىشىشىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بارلىق تۈرك ئەدەبىياتىغا، جۈملىدىن ئۆزبېك ئەدەبىياتىغىمۇ خىلى تەسىر كۆرسەتكەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىمۇ خىلى كۈچلۈك، بېراق بۇنىڭ بىلەن نەۋايىنى ئۆزبېك دېيىشكە بولمايدۇ. (خۇددى تۇرپان بۇ يەردە بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات گىرمانىيە قاتارلىق چەتئەل دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك بولغىنىغا ئوخشاش. بۇنىڭغا ئاساسەن تۇرپاننى گىرمانىيىنىڭ زىمىنى دېمەيمىز ھەم ئەلۋەتتە.)
2. بۇ يېغىننىڭ ئەھمىيتى ھەم ئۇنىڭ نەسەبى توغرىسىدا توختىلىش بولماستىن، بۇ ھەقتىكى ئەمەلىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر ئوقۇلدى. (نەسەبى توغرىسىدا مىرسۇلتان مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1993-يىللىق سانىدائىلان قىلىنغان ماقالىسى كۇپايە بولسا كېرەك دەيمەن.)
barimtay ناملىق تورداشنىڭ ئىنكاسى
مەن گەرچە مۇڭغۇل ئۇلۇسىدىن بولساممۇ ناۋايىنى بەك ھۆرمەتلەيمەن.بىزغۇ بىر نەچچە ئەۋلات باشتىن ئاخىر ئۇيغۇر ئارىسىدا چوڭ بولۇپ تىلمۇ ئۇيغۇرچە چىقىپ باشتىن ئاياق ئۇيغۇرچە ئوقۇپ دىگەندەك ھەر ھالدا 50 پىرسەنتىم ئۇيغۇر شۇنىڭدىمۇ كىملىگىمدە پەقەتلا ئۇيغۇر، بۇ ماڭا مۇڭغۇل ئۇلۇسىنىڭ چاغاتاي دەۋرىدە ئۆز قايىللىغى ۋە سۆيۈنىشى بىلەن دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك ئىلغار بىر قەۋىمگە ئۆز مەيلى بىلەن قىتىلىپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكىنىنى ئەسلىتىدۇ، بۇ مەنچە تارىختىكى ھۆكۈمران ئورۇندىكى كۈچلۈك ئۇلۇسنىڭ يەنە بىر ھاكىمىيەت بىشىدا بولمىغان ئەمما مەدەنىيەتلىك ئىلغار بىر قەۋىم تەرىپىدىن يۇمشاق قىتىلىۋىلىشى، بۇ زوراۋانلىق بىسىمى ئاستىدىكى ئاسلىمىلاتسىيەگە ياكى ئاتالمىش مىللەتلەرنىڭ ئاخىرى بىرىپ چوڭ قوشۇلىشىغا ئوخشىمايدۇ، چىن ئىخلاس چىن كۆڭلى بىلەن مايىل بولغاندىلا ئاسلىمىلاتسىيە يۇمشاق ۋاستە بىلەن ئەمەلگە ئىشىشى مۇمكىن، لىكىن زوراۋانلىق ۋاستىسىدىكى ئاسلىمىلاتسىيەنىڭ مىنىڭچە ئىرقى قىرغىنچىلىقتىن پەرقى يوق. يۇمشاق قۇرۇت قاتتىق قارغاينى يەپ يىقىتالايدۇ لىكىن بوران چاپقۇن ئۇنىڭ قەددىنى ئىگەلمەيدۇ.
بارىمتاي دىگەن ئىسمىغا كەلسەم بۇ گۆرەگە تۇتۇلغان ئوغۇل ياكى غوجىلىق قۇل دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىسىم تورغاق غوجىلار ياكى ئېغىر تىنىقلار دىگەندەك تارىخى رومانلىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، سەيىدىيە خاندانلىغى يىمىرىلگەندىن كىيىن شىنجاڭدا بىر مەھەل جەنۇپتا غوجىلار ياكى ئۇششاق بەگلىكلەر يۇرت سورايدىغان، شىمالدا بولسا جۇڭغارلار كىرىپ ھاكىمىيەت سورىغان ئىككى قۇتۇپلۇق ئەھۋال شەكىللەنگەن، شەنى ئالدى قوڭتاجى دىگىنىمۇ شۇ چاغدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانى خۇنتەيجىدىن قالغانمىكىن، يەنە ئۇنىڭ ئوغلى غالدان سىرىن بار. جۇڭغارلار جەنۇپتىكى بەگلىك غوجىلىقلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ توپىلاڭ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن جەنۇبتىكى بەگ غوجىلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىردىن ئوغۇللىرىنى سورىتىپ ئاساسەن غۇلجىغا ئىلىپ بىرىۋىلىپ نەزەربەتتە تۇرغۇزغان، بۇنىڭدىكى مەقسەت قايسى تەرەپتە ئىسيان چىقسا شۇنىڭ ئوغلىنى دەررۇ ئۆلتۈرۈش. بۇ بالىلارنى بارىمتاي دەيدىكەن.
بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بانىدىن بانا بارىمتاي دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى سۆزلەپ قويدۇم.
بىلىشىمچە ناۋايى ئاۋغانىستاننىڭ غۇراسان ھېراتتا تۇغۇلغانغۇ دەيمەن، بۇ توغرىلىق سۆزلىمىسەممۇ تارىخى رەشىدىيەدە مەلۇماتلار بەك تولۇق ، ئۇ چاغدا خۇراسان ئىلى قاراخانىيەنىڭ (1400-1500-يىللاردىكى ھاكىمىيەتنى قاراخانىيە دەپ ئاتاش مەنچە توغرا بولمىغان بولىشى مۇمكىن، تۈزۈتۈپ قويارسىلەر، مىنىڭچە بۇ سەيىدىيە خاندالىغى بارلىققا كىلىشتىن نەچچە ئون يىللار بۇرۇنقى مەزگىل) تەۋەلىگى بولغان، ناۋايى ۋە شۇ چاغدىكى ناۋايىنىڭ بالا ئاغىنىسى، ساۋاقىشى ھەم ھېرات پادىشاھى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىگە تارىخى پاكىتلار يىتىپ ئاشىدۇ، لىكىن ناۋايىشۇناسلىق ئەڭ تەرەققى قىلغان يەر ئۆزبەكىستان، ئۆزبەكىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مۇكەممەل كەڭ دايىرىلىك ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ناۋايى تەتقىقاتىنىڭ تۈركىلىوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئىجابى رولى ۋە ئەھمىيىتىنى ۋە ئەجرىنى ئىتىراپ قىلىشقا ئەرزىيدۇ، شىنجاڭدىمۇ بو توغرىلىق قىزغىن مۇھاكىمىلەر ئۈزۈلۈپ قالماسلىغى كىرەكتى. مىنىڭ باھايىم ناۋايى شەرىقنىڭ شىكىسپىرى.
pelek ناملىق تورداشنىڭ ئىنكاسى:
ئەگەر بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ،تەتقىق قىلىپ ،قەدىرلىسەك ئىدۇق ،ئۆزبىك قىرىنداشلارنىڭ <خامتالاش>لىرىغا بۇنچە كايىپ كەتمەيتۇق. نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدە شەك يوق. <بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋائي> ناملىق ئىلمى ماقالىلەر توپلىمىدا ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولۇنغان.
كۆپرەك تارىخ ئوقۇيلى ،نەۋائى(1441-1501) ھىراتتا ياشاپ ئۆتكەن1507-يىلى شەيبان ئۆزبىكلىرى ھىراتنى ئىشغال قىلغاندا ئەلشىر نەۋائى ۋاپات بولغىلى 6يىل بولۇپ قالغان ئىدى.شۇڭا دەيمىزكى ،بۇ زات ئۆزبىك بولۇش شەرىپىگىمۇ ئەسلا مۇيەسسەر بولغان ئەمەس.
ئۇيغۇرناز ناملىق تورداشنىڭ ئىنكاسى:
مۇشۇنداق پائالىيەتلەر داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسا، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە، نەۋايىغا ئوخشاش نۇرلۇق ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇلغان دانىشمەنلىرىمىز ھەر ۋاقىت ياد ئېتىلىپ تۇرسا دېگەن ئۈمىدتىمەن!
enheleq ئەنەلھەق ناملىق ئەزايىمىزنىڭ ئىنكاسى:
سالام دىليار ئەپەندى .
سىزمۇ ماڭا خاس ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇپ ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز بوپتىكەن ؟
قارىسام تەسەۋۋۇپ ھەققىدە سۆز ئارلاپ قالدىڭىز .سىزگە بىر نەچچە سوئال تەييارلاپ قويدۇم .سىز سوئالىمغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يىغندا ئيتىلمىغان(بۇ يىغنغا تولۇق قاتناشتىم ) ھەم سىز مەتبۇئاتلاردا كۆرۈپ باقمىغان تەسەۋۋۇپ ھەققىدىكى ئۆز كۆز-قاراشلىرىمنى بايان قىلمەن .
1-سوئال
تەسەۋۋۇپ دىگەن نېمە ؟
2-سوئال
سىز تەسەۋۋۇپنى قانداق چۈشنىسىز ؟
يىغىندا تۇرسۇن قۇربان ئەپەندى نەۋاينىڭ پەلسەپىۋى مەسەل داستانى "لىسانۇت-تەير"توغىرسىدا ماقالە ئوقۇدى .بۇنىڭدىن باشقا ئايگۈل ئابدۇرېھىم نەۋايى ۋە ئۇنىڭ "لىسانۇت-تەير"داستانى ھەققىدە ئېپادىلەنگەن تەسەۋۋۇپ ھەققىدە ماقالە يازغان ،ئەپسۇس يىغىندا ئوقۇلمدى .يەنە پەرھات تۇرسۇننىڭ "لەيلى-مەجنۇن'دىكى تەسەۋۋۇپچىلىق ھەم ئوقۇلمدى .
خوش ،خۇلاسە ئورنىدا ،تەسەۋۋۇپ ئىزچىل تۈردە بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىزدا خاتا ھالدا چۈشىنىپ كېلىنۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن .بۇ ئويلىرىمنى سىز سوئالىمغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېين بايان قىلمەن .
سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
ھۆرمەت بىلەن :ئەنەلھەق
ئارسلان ئەپەندىگە :سىزنىڭ تەسەۋۋۇپ يۇنان تەرەپتىن كەلگەن دېيشىڭىز بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالدى ،تەسەۋۋۇپ قويۇق شەرق پەلسەپىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان .بۇنى ھەم دىليار ئەپەندى سوئالىمغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېين ئىزاھلايمەن .
بەلكىم ئىزاھىم كېچىكىپ قېلشى مۇمكىن ،سەۋەبى ئەتە تەتقىقات تۈپەيلى يىراق يەرگە سەپەرگە چىقمەن .لېكىن ئىزاھلايدىغانلىقمغا ئىشنىشىڭلارنى سورايمەن .ئەلۋەتتە ،قاراشلىرىمنى مۇكەممەل دەپ ئېيتالمايمەن ،لېكىن بۇ ھەقتە ئېيتلمىغان سۆزلەرنى ئېيتالايدىغانلىقمغا كۆزۈم يېتىدۇ .
dellyar571 نىڭ ئىنكاسى
ۋەلەيكۇم ئەسسالام،سۇئالىڭىز خاتا كىشىدىن سورالدى چۈنكى مەن تەسەۋۋۇپ ھەققىدە باشقىلارغا بىلگى بىرەلەيدىغان ماقامدا ئەمەس لىكىن ئىنكاسڭىزدا پۇرۇتۇپ ئۆتكەندەك مەنمۇ تەسەۋۋۇپ ھەققىدە ئۇيغۇر زىياللىلار يازغان ماتىرياللاردا ئىغىر مەسىللەر ساقلىنىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن .بۇنىڭ سەۋەبى بىزدىكى تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتى دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار نەتىيجىلىرىدىن خالى بىكىنمە ھالەتتە ئىلىپ بىرلغانلىقىدىن بولغان بولىشى مۈنكۈن. ئىسلاھات ئىشىكىنى ئىچىۋىتىش سىياسەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشى ئارقىسىدا جۇڭگودا سىياسەت بىلەن ئىلمىيەت قانچە بىر بىردىن يىراقلاشسا بۇ خىل بىكىنمىچىلىك كەلتۇرۇپ چىققان سەۋەنلىكلەر تۇزىلىپ كىتىدۇ دىگەن ئۇمىتىمەن .
بۇ مەنىدىن ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز مۇھەممەت سالى داموللام قۇتاتقۇبىلىكتىكى تەسەۋۋۇپ روھنى يورۇتۇپ يازغان ماقالىسى زور ئەھمىيەتكە ئىگە چۈنكى ئۇستاز مۇشۇ ماقالىسى بىلەن زىياللارغا تەسەۋۋۇپقا ۋەزىيەت ياكى سىياسەت پەيدا قىلغان بىكىنمىچىلىك ئىچىدە ئەمەس دىنىمىز قوبۇل قىلىدىغان قانونلىق مەنتىقە ۋە مىزاندا يىقىنلىشىشنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسەتتى .ماقالە ئىلان قىلىنىپ خىلى ۋاقىتلارغىچە ئۇستازنىڭ يازمىسىى ئۇيغۇر زىياللىرىنى تەسەۋۋۇپ ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەندە بۇرۇنقىدەك ۋەزىيەت سىياسەتكە بىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىخمۇ مۇھىمى ئۆلىمالىرىمىزىغا يىقىنلىش كىرەكلىنى ھىس قىلدۇرالىدىمۇ يوق دەپ ۋەزىيەت كۆزىتىۋىتىپ ( چۈنكى بۇ دىگەنلىك ئۆلىمالىرىمىز چەتتە قىلىپ زىيالىلار يازمىلىرىدىن ھاسىل بولىۋاتقان مىلىتىمىز مەنىۋىيىتىدە " بىر نەرسە كام" بولىۋاتقىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن ۋە بۇنىڭ بەدىلىنى بىز ئائىلىلەردە، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە تۆلەۋاتقان ئىدۇق . بۇنى تۇلۇقلاش ھەنىفى مەزھىپىدە بولغان ئەسلى -ئاساسى ئىقىمدىكى دىنى ئۆلىمالىرىمىز بىلەن سەھىھ ئىمانلىق زىيالىرىمىزنىڭ سەمىيمى قول سىقىشىشىنى تەققازا قىلاتتى) پەرھات تۇرسۇننىڭ "لەيلى-مەجنۇن'دىكى تەسەۋۋۇپچىلىق ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم . ئايگۈل ئابدۇرېھىم، پەرھات تۇرسۇننىڭ ماقالىسى ئوقىلمىغان بولسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق ھەممدىن مۇھىمى پىشقەدەم زىيالىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرىدىكى نۇقسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ يۇكسلىش پۇرسىتى قىلالايدىغان سەھىھ ئىمانلىق يىڭى زىيالىرىمىزنىڭ مەيدانغا كىلىش كەلمەسلىكىدە . بۇنداق زىيالى ياشلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى قىسمەن چەكلىمىلەرگە ئۇچۇرىشى مۇنكۈن بولىسمۇ بەرداشلىق بىرەلىسىلا ئىككى دۇنيالىق بەخىتلىك بولۇپ كىتەلەيدۇ . سىزگە تەكلىپىم تىما ناۋايىدا ئىكەن، ناۋايىنىڭ يازمىلىرىدىكى تەسەۋۋۇپ روھىيىتى ئۇستىدە توختىلىپ ئىنكاسىڭىزنى بىزىسىڭىز كۆپچىلىك مەنپەئەتلەنسە
ئەنەلھەقنىڭ ئىنكاسى:
مەن ھازىر مەلۇم ئىشلار بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتىم .چوقۇم قايتىپ كېلىپ نەۋايننىڭ بىر ئەسىرىنى تۇتۇپلا ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپ ئەقىدىسىنى ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىچە يازاي .نەقىل ۋە سىتاتا ئالىدىغان ماتىرىياللىرىم كۈتۈپخانىدا ئېدى . |
|