- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 958
- تىزىملاتقان
- 2011-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-11
- UID
- 10706
- يازما
- 58
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 958
- تىزىملاتقان
- 2011-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-11
- توردا
- 57 سائەت
|
ئۆزبېكىستان«پەن»نەشرىياتى نەشىر قىلغان تىلشۇناس بەھرام باقايېفنىڭ«نەۋايى ئەسەرلىرى لېكسىكىسى»ناملىق ئەسەردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، پۇشكىن ئۆز ئەسەرلىرىدە جەمىي 21197 سۆز ، شېكىسپىر 20 مىڭدىن كۆپرەك سۆز ، سېرۋانتېس 18 مىڭ سۆز ، ئابدۇللا توقاي 14 مىڭ سۆز ، ئاباي 6 مىڭ سۆز ئىشلەتكەن . ئەلىشىر نەۋايىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە تەخمىنەن 1 مىليون 378 مىڭ 67 سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئۇلار 26 مىڭ 35 لېكسىكىلىق بىرلىكتە ئومۇملاشقان . نەۋايى پەقەت«فەرھاد – شېرىن»داستانىدا 5431 سۆز ئىشلەتكەن .
نەۋايى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە تۈركىي تىلىنى فونېتىكا ، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىن پارس تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، تۈركىي تىلىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى نەزەرىيە جەھەتتىن دەلىللىدى . تۈركىي تىلىنىڭ بەزى جەھەتلەردىن پارس تىلى مۇمكىن بولمىغان ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، لېكىن تۈركىي ئاپتورلارنىڭ بۇ خىل ئىمكانىيەتلەرگە سەل قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ . نەۋايى بۇ ئەسىرىدە ئۆز دەۋرىدىكى پارسگۇي ئەدىبلەرگە قارىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ« . . . بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ، مۇخالىپ ۋە دەۋاگەرلىرىم نەۋايىنىڭ تەبىي تۈركىي تىلىغا مايىل بولغىنى ئۈچۈن بۇ تىلنىڭ تەرىپىدە مۇبالىغا قىلىۋاتىدۇ . پارس تىلى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چەتكە قېقىپ ئىنكار قىلىۋاتىدۇدەپ قالمىسۇن ، ھالبۇكى ، پارسچىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش يولىدا ھېچكىم مەندىن ئارتۇق ئىش قىلغان ئەمەس . ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق – كەمچىلىك تەرەپلىرىنى ھېچكىم مېنىڭدىن ياخشىراق بىلگەن ئەمەس ». |
|