كۆرۈش: 238781|ئىنكاس: 109

نەۋايىنى خاتىرىلەش ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
164
تېما
118
نادىر
11
جۇغلانما
5388
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-18
توردا
1738 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 04:28:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەلشىر نەۋايى توغۇلغانلىقىنىڭ 570يىللىقىنى خاتىرلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەلكۈيى ئېكرانى مەخسۇس زىيارىتى

  
ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ۋە بارلىق تورداشلار  قۇتلۇق قۇربان ھېيىت ھارپىلىرىدا سىلەر بىلەن مۇشۇ تېما ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقىمىزدىن،كاتتا مەرىكىدىن ھەممەيلەننىڭ بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىدىن چەكسىز سۆيۈنىمىز.شىركىتىمىزدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە تورىمىز نامىدىن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز!
  
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ۋە قوشۇلىشى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىق ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە <<ئەلشىر نەۋايى  توغۇلغانلىقىنىڭ 570يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>ئۆتكۈزدى.  

  

  
گىرمانىيە،تۈركىيە،قازاقىستان ۋە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق مۇتەخەسىس ئالىم ئۈرۈمچىگە جەم بولدى.يىغىندا 40نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە تاپشۇرۋېلىنىپ،27پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاپتونۇم رايوننىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەت باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى،مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى ئىسمايىل تىلىۋالدى ،ئىسمايىل ئەھمەت،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت يىغىندا سۆز  قىلدى.يىغىنغا مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ،مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى،ئەلكۈيى تورى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق ھەرقايسى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىر ۋە ۋەكىللىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن خەۋەر بەردى.
  
ئەلشىر نەۋايى توغۇلغانلىقىنىڭ 570يىللىقىنى تەبرىكلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسىس،ئالىملار ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك ئۇستازىنى خاتىرلەش،ئۇنىڭ ئولۇغ تۆھپىلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە جەم بولغان.ئەلكۈيى تورى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىننىڭ نەق مەيدان ئۇمۇمىي ئەھۋالىنى شۇنداقلا يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن ئالىم - مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئەلشىر نەۋايى  ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق!   
  

كۆرۈش نوقتىسى(ئېنىقلىقى يۇقىرى نۇسخىسى(قېتىۋالسا پەستىدىكى flash playerقويغۇچتىكىنى كۆرۈڭ! (Medila player )

flash playerقويغۇچا كۆرۈش(ئېنىقلىقى سەل تۆۋەن تېز قويىلىدۇ)


يىغىن مەيدانىدىكى رەسىملەر داۋاملىق يوللىنىۋاتىدۇ....


(يىغىن رەئىس سەھنىسىدىن بىر كۆرۈنۈش)

(ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە)

يىغىندا ئالدى بىلەن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە ئەدەبىي مۇۋەپپەقىيتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە موقام ئىلمىي جەمئىيتى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان 30 توملۇق <<ئەلشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى توپلىمى>> ئىچىدىكى 4 توملۇق <<چاھار دىۋان>> تۇنجى قېتىم خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.بۇ كىتاپنى نەشىرگە تەييارلاش ئۈچۈن  ئۇزۇن يىللاردىن بويان ئەلئارىسىدىن ئەلشىر نەۋايى  ئەسەرلىدىن 400نەچچە پارچىنىڭ قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى قىزىپ چىقىلدى.يەركەندە 150پارچە قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى تېپىلدى،قەشقەر ،كۇچا،خوتەن قاتارلىق جايلاردىنمۇ نەپىس ئىشلەنگەن قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى تېپىلغان.قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلار رەتلەش،سېلىشتۇرۇپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق،ئۇيغۇرچە نۇسخا،خەلقئارلىق نۇسخا ۋە ئەسلى نۇسخا بويىچە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنىپ،بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەيدانغا كەلگەن.
  


(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۈمۈر داۋامەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشمەكتە)


(يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش)

  


(مىرسۇلتان ئوسمان، جاڭ خۇڭچاۋنىڭ نەۋايى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەندى)


(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۈمۈر داۋامەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت تۆھپىكارلارغا مۇكاپات تارقاتماقتا)


(نەۋايىشۇناسلىققا تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچىدىكى ئالىم مۇتەخخەسىسلەر يىغىندا

ئوتتورىغا چىققان 4 توملۇق <<چاھار دىۋان>> بىلەن مۇكاپاتلاندى)



(گىرمانىيە،تۈركىيە ،قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان نەۋايىشۇناس ئالىم - مۇتەخخەسىسلەر يىغىندا ئوتتورىغا چىققان 4 توملۇق <<چاھار دىۋان>> بىلەن مۇكاپاتلاندى)


(داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندىم سىزىپ چىققان ئەلشىر نەۋيىنىڭ رەسىمى ۋە رەسسام يىغىن مەيدانىدا)

دۇنيا ئەھلىگە ئايان بولغاندەك، ئەلشىر نەۋايى  1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » نامىدىكى «ھەيرەتۇلئەبرار»،«پەرھات-ۋە شېرىن»،«لەيلى ۋە مەجنۇن»،«سەبئى سەييارە»،«سەددى ئىسكەندەر» دىن ئىبارەت بەش داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . بۈيۈك بوۋىمىز ئەلشىر نەۋايى  1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى.شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق شائىر،مۇتەپپەككۇر، جامائەت ئەربابى ھېسابلىنىدۇ.
  


(يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش)



(چەتئەلدىن كەلگەن مۇتەخخەسىسلەر ئەلشىر نەۋايى ھەققىدە يازغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقىماقتا)


(شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى،جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،تەتقىقاتچى ئابدۇكېرەم راخمان ئەپەندىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا)


(شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى،جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،تەتقىقاتچى ئابدۇكېرەم راخمان ۋە ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان  ئۈمىدۋار ۋە ئەلكۈيى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت  يىغىن مەيدانىدا بىرگە)

  
نەۋايىنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇ بۈيۈك ئۇستازىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز. بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈرۈمىچدە ئېچىلىشى بىر تارىخى خاراكتىرلىك چوڭ ئىش بولۇپ،نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەدەبىي ئورنى يەنىمۇ ئېنىق،چۈشىنىشلىك قىلىپ يورۇتۇپ بىرىلگەن.بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن ئەلشىر نەۋايى  توغۇلغانلىقىنىڭ 570يىللىقىنى چىن دىلىمىزدىن خاتىرلەيمىز شۇنداقلا بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىپتىخارلىق ھالدا تەبرىكلەيمىز!
  


(شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندىم ۋە ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان  ئۈمىدۋار  ئەپەندىم  يىغىن مەيدانىدا)

  


(ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىم داڭلىق رەسسام غازى ئەمەتيېڭىدىن  سىزىپ چىققان ئەلشىر نەۋائىينىڭ رەسىمى ۋە رەسسام بىلەن يىغىن مەيدانىدا بىرگە)



(شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى ،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئوبزورچى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەلكۈيى تورىدىكىلەرگە بۇ يىغىننىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكتە)


(ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئوبزورچى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار)


(تۈركىيە ئاتا تۈرك ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى مۇستافا كاچالىن ئەپەندىم  ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىم  بىلەن بىرگە)


(يىغىن زالىدىن كۆرۈنۈش)



كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى

دەلىللەنگەن ئەزا

سۇلايمان ئابلىمىت

UID
1651
يازما
189
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
73172
تىزىملاتقان
2009-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 11:48:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر قۇتلۇق ۋە ئەھمىيەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دىيارىمىزدا،جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگىنى تولىمۇ كاتتا ياخشى ئىش بولۇپتۇ،تۆھپىكارلىرىمىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر!

UID
11056
يازما
74
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1835
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-4
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 12:42:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىر نەۋايى توغۇلغانلىقىنىڭ 570يىللىقىنى خاتىرلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دىيارىمىزدا مۇۋۋەپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىدىن قەلبىم لەززىگە كەلدى.دۇنيا مەدەنىيتىدە بۈيۈك ئورۇندا تورىدىغان ،ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەخرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئىپتىخارلىق كىشىمىزنى ياد ئىتىش، سېغىنىش ، ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ ئويغاق زىيالىيلار،رەھبەرلەر شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئىرىشكەن بۇ يىغىن ئۇيغۇر تارىخىدا تولىمۇ كاتتا بىر ئىش بولۇپ قېلىشى ئېنىق.يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا كۈچ قوشقان رەھبەرلەرگە،جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى مۇقام جەمئىيتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۇش بىلەن بىرگە بۇ يىغىننىڭ ئەمەلىي جەريانىنى رېتىملىق قىلىپ تېزلىكتە خەلققە يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئەلكۈيى تورىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە،جاپاكەشلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
ئىنكاس داۋاملىق يېزىلىۋاتىدۇ.

UID
6174
يازما
106
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3006
تىزىملاتقان
2010-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-22
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 14:31:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزبەكىستاننىڭ ۋەكىللىرى كەلمەپتىدە، كەلگەن بولسىمۇ ناۋايىنى ئۇيغۇر دىمەيسەن دەپ شەرت قويىتى، شۇنداق گەپ بولغان بولسا كۈدى-كۆرپىسىنى يىغىپلا يامانلاپ ماڭىتى، ئۇندا ئىش بۇرۇنمۇ بولغان

UID
12313
يازما
92
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1742
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-27
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 15:04:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى بوۋىمىز ناۋايى تۇغۇلغانلىغىنىڭ 570يىللىغىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىغى ناھايىتى قۇتلۇق ئىش بوپتۇ،مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا زور تۆھپە قوشقان ئەجداتلىرىمىزنى يات ئىتىپ تۇرشىمىز ،ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق كىرەك

UID
2459
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1189
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-13
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 15:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىلىمى پۇراققا ئىگە سۆھبەت يىغىننىڭ دىيارىمىزدا ئېچىلغىنى بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ.
بەكمۇ سۆيۇندۇم. بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ كېلىۋاتقان. شۇنداقلا  مۇشۇ پائالىيەتنىڭ رەئىس سەھنسىدىن ئورۇن ئالغان رەھبەرلىرىمىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. سىلەر نىڭ باشچىلىقىڭلاردا 12مۇقاممىز قۇتۇلۇپ قالدى. مانا سىلارنىڭ رەھبەرلىكىڭلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،مەدىنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئۇزۇلۇپ قالمىدى. يەنە بۇنۇڭدىن كېيىن سىلەر رەھبەرلىكىڭلاردا كۆمۇلۇپ قېلىۋاتقان مىراسلىرىمىزنىڭ دۇنياغا تونۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . سىلەر ھەققىي خەلىقنىڭ چاكىرى . رەھمەت!
مۇنبەر نىڭ ئېچىلغانلىقىدىن شۇنچىلىك خوش بولدۇم .

UID
16900
يازما
13
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
108
تىزىملاتقان
2011-11-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-11-15
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 15:55:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادى بىلەن جاھانغا مەشھۇر بولغان،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرى بۈيۈك مۇتەپپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائى تەۋەللۇتىنىڭ 570 يىللىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يۇرتىمىزدا مۇۋەققىپىيەتلىك ئېچىلىشى ھەربىرەيلەننى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ ھەم سۆيۈندۇرىدۇ.
شائىر ئۆز غەزەللىرىدىكى پاساھەت ھەم ھۆسىندارلىق بىلەن ئۇيغۇر مۇقاملىرىمىزنى بېيىتقان،شائىر ئىجادى ئوتتۇرا ئەسىردىن تارتىپ تالايلىغان تۈرك شائىرلىرىنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغان ھەمدە قەلىمىگە ئىلھام بولغان.شائىرنىڭ ئاجايىپ ئىستىداتىغا شەك كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ،ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تارىخىدىكى گۈللىنىشنىڭ شانلىق نامايەندىسى.شائىر ئەلشىر نەۋائى،مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ،تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىزنى ئىپتىخارلاندۇرىغان ئۈچ بۈيۈك چوققا.
دەۋرىمىزدە بىز شائىرنى ئەسلىگەندە ئۇنىڭ يۇقىرى بەدىئىي قابىلىيتى، شېئىرىي ماھارىتىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىش يېتەرلىك بولامدۇ؟ ياق،ياق يېتەرلىك ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى بىز   شائىردىكى،مىللەتپەرۋەلىك، خەلقچىلىق روھىنىمۇ ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. پارسچە شېئىر يېزىش،پارسچە ئىشلىتىش ئېقىم بولغان،ئانا تىل تاشلىنپ قالغان شۇ دەۋرلەردە،شائىرنىڭ پارسچە سەۋىيسى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ ئۆزىگە پارسچە«ۋاقتلىق» تەخللۇسنى قويۇپ شېئىر يازغان،شۇنداقلا ئۇ يەنە ئانا تىلىدا نۇرغۇن گۈزەل شېئىرلارنى يېزىپ،شۇ ۋاقتىتىكى پارس تىلىغا مەستانە بولغان شائىرلارغا تۈرك تىلى –ئۇيغۇر تىلىنىڭ قامىتى،رەڭدارلىقىنى تونۇتۇپ قويغان،ئۇ باش بولۇپ ئانا تىلنى خەتەرلەردىن ساقلاپ قالغان،خۇددى مەھمۇد قەشقىرى ئىلگىرى دىۋان ئارقىلىق ئانا تىلنىڭ كۈچىنىڭ ئەرەب تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ھەممىگە بىلدۈرگەندەك،ئانا تىلنىڭ ھۆرمىتىنىڭ ئاشۇرغاندەك....ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ھەممەيلەننى غەمگە سېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە شۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى بىزگە ئىنتايىن چوڭ ئىلھام،يول كۆرسەتكۈچ بولالايدۇ.ئەلۋەتتە،ئەلشىر نەۋائىنىڭ قەلىمىدە،ۋۇجۇدىغا بىز ئۆگىنىشگە،يات ئېتىشكە تىگىشلىك تالايلىغان نەرسىلەر بار. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئىنتايىن مۇۋەققىپىيەتلىك بېسىلغان بىر قەدەم .بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئەلشىر نەۋائىي ئىجادىنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىغا بولغان ئىلمىي قىممىتىنى قەدىرلەپ ،نەۋائى ئىجادىدىكى گۈزەللىكلەرنى قېزىپلا قالماستىن،يەنە نەۋائى روھىدىكى گۈزەللىكلەرنىمۇ قېزىشى كېرەك،ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشى،ئاندىن خەلققە باشلامچىلىق قىلىشى،نەۋائى ھەم نەۋائىدەك ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ روھىنىڭ خەلق ئىچىدە تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك،بۇ خەلقنىڭ زىيالىيلاردىن كۈتىدىغىنى،ھەم نەۋائىينىڭ خاتىرلەش ھەقىقىي مەنزىلى ......

تىرىشچان ئەزا

مەمەتجان

UID
13110
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
683
تىزىملاتقان
2011-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 17:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنى كۆرۈپ يىغلىغۇم كىلۋاتىدۇ.

UID
14972
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
386
تىزىملاتقان
2011-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-17
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 18:05:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بولۇپتۇ."ئەمما تۇزى كەم تاماق" دەك ئىش بولۇپتۇ.ئۆزبەگىستان ۋە ئافغانىستان ئالىملىرىمۇ قاتناشقان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.مۇھىم مېھمانلار كەم بولۇپ قاپتۇ،

UID
4470
يازما
200
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3260
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-10
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 21:22:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىدە ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان پائالىيەت بوپتۇ.مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايوندىكى مۇشۇنداق كاتتا مەرىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە تەستىق سالغان رەھبەرلەرگە تەشەككۈر!خەلق ئۈچۈن قىلغان ئەجىر ئۇنتۇلمايدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا رەھمەتلىك چوڭ دادامنىڭ كىتاپ ئىشكاۋىدىن ئەلىشىر نەۋائىينىڭ « خەمىسە » داستانىنى ئېلىپ  ئوغۇرلۇقچە ئوقۇۋالاتتىم،رەھمەتلىك چوڭ ئانام بولسا "كىچىك تۇرۇپ مۇھەببەت داستانلىرى"نى ئوقۇشۇمنى قاتتىق چەكلەيتتى.ئۇ چاغلاردا مۇھەببەتنىمۇ،بۇ داستانلارنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتىم،ئەمما مەكتەپكە بېرىپ ساۋاقداشلىرىمغا داستاندىكى ۋەقەلەرنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ بېرەتتىم. چوڭ دادامنىڭ شۇ كىتاپلىرى ھازىر نەدىدۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش