ئىگىسى: 维医医生

مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

يارتىلىشىمىزدىك

UID
12641
يازما
113
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3294
تىزىملاتقان
2011-6-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 10:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا چىققان ئىكەنسىز تورنىڭ قانداق بىر مۇھىت ئىكەنلىكىدىن چوقۇم ئانچە مۇنچە تەسىراتىڭىز بار.  بۇ ساھەدە تېپىلغۇسىز دانالارمۇ ، يەنە بىز بىلمەيدىغان غەلىتە  ئادەملەرمۇ كوپ ئىكەن.  مەنغۇ توي قىلمىدىم ،لېكىن مېنىڭچە پەقەت سىز دانالىق بىلەن پىكىر يۇرگۇزۇپ ئۇنى قايىل قىلسىڭىزلا   يولدىشىڭىز 10 يىللىق ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنى ھەرگىز ئۇنىڭغا  تېگىشمەيدۇ . چۇنكى سىلەر خەتەرلىك باسقۇچتىن ئوتۇپ كېتىپسىلەر ،بۇنچىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسىنى بېشىدىن ئوتكۈزگەن ئەر كىشى ئائىلىدە بەك خارلىقتا قالمىسىلا ياكى زىيادە كوڭۇلسىز تۇرمۇش تارىخى بولمىسىلا  بۇنداق ئەقىلسىزنىڭ ئىشىنى قىلمايدۇ . بۇ  بىر ئوتكۇنچى ھىسىيات بولىشى مومكىن،   مېنىڭچە بۇنىڭغا ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، سەۋېرچان بولۇڭ .

... باشقىلار بۇ يەرگە باسقاندا ئاياع، بولىدۇ كۉل ئىزى ئۇلارعا نىشان. ئاحىرقى چوعلانى تءپىپ كۉللەردىن، كىيىنكى كارۋانلار ياقىدۇ گۉلحان.

UID
13818
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 12:21:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[quote]بۇ 41قەۋەتتىكىyaprak605 يوللىغان 2011-08-06 20:14 غا قارتىلغان :
ئاپتور دوستۇم سىز يولۇققان بۇ مەسلە مىنىڭ ئەمدى بىشىمدىن كەچۇرۇپ ئىزىغا چۇشۇشكە باشلىغان تورمۇش مەسىلەمگە ئوخشاشلىقىىدىن سىزگە  بۇ ئىنكاسنى  يېزىۋاتىمەن .  
مىنىڭ يولۇقۇنىم سىزنىڭكىدىنمۇ ئېغىركەن . شۇنىڭغا سىزنىڭ ھازىقى ھىسىياتىڭىزنى تامامەن چۇشىنىمەن .  
مەنمۇ مەلۇم بىر ئىدارىدەئىشلەيمەن . يولدۇشۇم بىلەن 1يىلدىن ئارتۇق يۇرۇپ ،مىنىڭ  ئۆيۇمدىكىلەر ئىنتايىن تەستە قوشۇلۇپ توي قىلدۇق .  قىسقىسى يولدۇشۇم مىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى . ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن مەن خۇددى ئەركە  مەلىكە ئىدىم . شۇنداق ئۆتۇپ بىريىلدىن ئاشقاندا قىزىم تۇغۇلدى. بىزنىڭ ئائىلە تېخىمۇ كۆڭۇللۇك  ئۆتتى. يولدۇشۇم  باشلىقى بىلەن چىقىشالماي  بەك خوشامەت قىلماي ئۆز سەۋىيەسىگە ئىشىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۇنلەردە بولىۋاتقان  ناھەقچىلىقلەرگە چىدىماي خىزمىتىدىن ئىستىپا سوراپ چىقىپ كەتتى،.
 
سىزنىڭ بېشىڭىز غا كەلگەن كۈنلەرگە شۇنداق بېئارام بولدۇم،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن،داۋامىنى بىلسەك بولارمۇ

UID
3329
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
591
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 13:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر تىپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەسقۇ  جاھاندا
مۇشۇ گېپىڭىزنىڭ  ئۆزىدىنلا  ،  ئېرىگە قۇپال تېگىپ قۇيىدىغان ، گەپ تاكاللاشسا، تەڭ تۇرۇپ، ئەرگە باش ئەگمەيمەنغۇ - دەپ تۇرىۋالىدىغان ، بوينى قاتتىق ئايالدەك تەسىر بېرىپ قويدىڭىز.. كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك ئاجرىشىپ كەتسەڭلەر. سىلەرغۇ مەيلى ، سىز تىگەرسىز بىرسىگە، ئېرىڭىزمۇ ئالار  بىرسىنى، بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى بالىغىلا بولىدۇ - دە ، ئشلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىنى ئۆزىڭىزدىنمۇ كۆرۈپ بېقىڭ !

UID
6692
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2665
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 16:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تۇرمۇش قۇرغىلى قانچە ئۇزۇن بولغاننى تىلغا ئالماپسىز ، بالىڭىز 11 ئايلىق بوپتۇ ،  قارىغاندا  بۇ دەل ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى تۇغۇپ بۇلۇپمۇ تۇنجى تۇغۇتىدىن كىيىن ئاز كام بىرەر يىل مىجەز جەھەتتىن ئۆزگىرىپ تۇرمۇشتا داۋالغۇش بۇلىدىغان مەزگىل ، چۇنكى بۇ جەرياندا ئەرلەر  ئاياللىرى تۇغۇتلۇق ياتقاندىن باشلاپ ئۆزلىرىنى قايتىدىن <ئازادلىق >قا چىقىپ قالغاندەك نەگە باردىڭىز ، نەدە تۇردىڭىز دەپ سورايدىغان ئادەم يوق ئەركىن ئۈگىنىپ قالىدۇ دە تۇغۇپ كۈتۈرۈلۈپ يېنىپ چىققاندىن كىيىن ئەرلىرىمىز بىزگە بۇرۇنقىدەك كۈيۈنمەيۋاتقاندەك ،ۋاي دىمەيۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ خاپا بۇلىمىز ،ئەرلەر بۇ ھالىتىمىزگە قاراپ كۈنۈپ بۇلالماي ئۇلارنىڭ مىجەزىدىمۇ ئۆزگىرىش بۇلىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئىككىلا تەرەپتە بىر-بىرىگە باتناش ،خاپا بۇلۇشلار  پەيدا بۇلۇپ ،ئەرلىرىمىزنىڭ بۇ قىلىقلىرى  بىز ئاياللارغا  ئەرلىرىمىز ئۆزگۈرۈپ كەنكەندەك تۇيغۇ بىرىپ قۇيىدۇ ،بۇ جەرياندا بىز ئەلۋەتتە تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قالغاندەك بولغان ئەرلىرىمىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋالىمىز ، بۇنىڭ بىلەن زىدىيەت تەبىئى ئېغىرلىشىدۇ ، بەزىلەر بۇ زىدىيەتنى ۋاقتىدا ھەل قىلىۋالىدۇ ،يەنە بەزىلەر زىدىيەتنى ھەل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئېغىرلاشتۇرۇپ  قۇيىدۇ  ، شۇنىڭ بىلەن  شۇ بىر ناراسىدە يىتىم بۇلىدۇ ،جەمىيىتىمىزدە بالىلىرى يېشىغا توشمىغاندا ئاجرىشىپ كىتىش ئەھۋاللىرى ئېغىر ،بۇ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن دەپ ئويلايمەن ، شۇڭا دىمەكچىمەنكى  ئەگەر سىلەرنىڭمۇ مۇشۇ ۋاقتىڭلار بولسا سىز ئامال بار ئېغىر بۇلۇڭ ،ئىرىڭىزگە قىزغىن ، سەمىمى ، ئىللىق چىراي مۇئامىلە قىلىڭ ، مەيلى ئۆي ئىچى- سىرتىدا بولسۇن  پاكىزە ، رەتلىك يۈرۈڭ ،كۈزىگە كىرىۋالماڭ ، كەيپىياتى خۇشال چاغدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئوبدان مۇڭدىشىڭ ،خاپا بولغان تەرەپلىرىڭىزنى ، قايسى ئىشلىرىنىڭ خاتا بولغىنىنى ، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېيتىڭ ، بۇ چاغدا ئىرىڭىزمۇ ئويلۇنۇپ سىزدەك ئەقىللىق خۇتۇنىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەس بۇلىدۇ ،ياكى كۆپ دىققەت قىلىدۇ .
سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلارغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىش مىنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتكەن ،مەن ھەر قېتىم كۆڭلۈم بىر ئىشلارنى تۇيغاندىكىنلا ئۇنىڭ ئاشۇ چچ  دا   يەنە ئالاقە قىلىۋاتقىنىنى  بىلىپ قالاتتىم ،  بىلىپلا شۇنداق تىرىكەتتىم ، دەردىمنى ئىرىمدىن ئالاتتىم ، ئاۋۇ سەتكە بىلىندۈرمەيتتىم ، ھازىر ئەمدى ئۇ سەتمۇ مىنى يىغلاتقاننىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ ، ئۆمۈلۈك پۇشايماندا قالدى ،  ئۇنداقلا ھامان جاجىسىنى يەيدۇ ، اللانىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، سىز ئىرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇئامىلىسىدىن سىز بىلەن ئۆي تۇتىدىغان -تۇتمايدىغان قورسىقىنى بىلەلەيسىز ،  ئاجرىشىمەن دەپلا ئاجرىشىپ كىتىدىغان نىمىكەن ئۇ ؟  ئۇنداق ئاسان ئىش بولمايدۇ ،ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئاناڭلار بار ، ئۇرۇق -تۇققانلار بار ،ئوتتۇراڭلاردا بالاڭلار بار ، خاتىرجەم بۇلۇپ  بۇ ئىشلىرىنى بىلىپ قالغىنىڭىزنى يۇقارقى تورداشلار دىگەندەك ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ ، بۇ ۋاقىتلىق ئىش ، بىر مەزگىلدىن كىيىن تەبىئى ياخشىلىنىپ كىتىسىلەر ! ئاخىردا بەخىتلىك ئۈتىشىڭلارنى تىلەپ توردىشىڭىز - تاتلىق

بەخىت بىلەن ئازاپ قوشكىزەك

UID
13836
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
259
تىزىملاتقان
2011-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 01:30:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە يولدىشىڭىز چ چ ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن توردا ئۇقىزغا يالغان خەت يېزىپتۇ! تور دۇنياسىنى سىزمۇ بىلىسىز، بۇلۇپمۇ توردىكى مۇھەببەت پاراڭلىرى %99 ساختا، يالغان سۆزلەر يېزىلىدۇ. شۇڭا سىز خاتىرجەم بۇلۇپ، كۈندەشلىك قىلماي، يولدىشىڭىزنى ياخشى كۈتۈڭ! يولدىشىڭىز ئۆزنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ قالسا ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويۇڭ. باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس يولدىشىڭىز ئۈچۈن چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭ!
مەيلى ئىشلارنىڭ ئاخىرى قانداق بولسۇن، ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتسىڭىز بولمايدۇ.
چ چ دىكى گەپ سۆزلەرنى راست دەپمۇ قايرايلى ماقۇل- سىز قاراپ تۇرۇپ قولىڭىزدىكى سۈيۈملۈك يولدىشىڭىزنى باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىشىغا قاراپ تۇرامسىز؟ ئارزۇلاپ توي قىلغان يولدىشىڭىزدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كىچەمسىز؟  ................ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

UID
3254
يازما
98
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2529
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 16:36:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر چاغدا ، يولدىشىمنىڭ چ چ سى ئۇچۇق قالغان چاغدا بىر ئايال بىلەن سۆزلەشكەن خاتىرىلىرىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم . ئارتۇق گەپ سۆز بۇلۇنماپتۇ . لېكىن ئىرىم ئۇ ئايالغا بىر ئەرنىڭ ئايالنى سۈيىۋېلىۋاتقان ھەرىكەتلىك رەسىمنى ئەۋەتىپتىكەن . كۆڭلۈم بەك بۇزۇلغانتى . ماڭىمۇ ئەۋەتىپ باقمىغان رەسىمغۇ ئۇ . لېكىن شۇنچە ئۇزاق سۆزلەشكەن خاتىرىنى بىرقۇرنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇدۇم . ئارتۇق گەپ قىلىشمىغان بىلەن مىنىڭ بىلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ، ھىچقانداق يامان نىيىتى بولمىسىمۇ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى دەپتۇ . بەزى يەرلىرىگە كەلگەندە "ئۇ كەلدى ، خوش" دەپتۇ . قارىغاندا شۇ ۋاقىتلاردا مەن كومپيۇتېر قۇيۇلغان ئۆيگە بىرەر ئىش بىلەن كىرىپ قالغان ۋاقىتلىرىم ئوخشايدۇ . مەن زىيادە گەپ سۆز ياكى مىنى ھاقارەتلەيدىغان گەپ سۆزلەر يوقكەن ، دەپ ئويلاپ بۇ ئىشنى ھازىرغىچە يولدىشىمغا دىمىدىم . مىنىڭچە ئەر كىشى كىچىك بالا . ئۇلار دائىم بىزنىڭ ئەركىلىتىپ ، بالىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىزنى كۈتىدىكەن . ئامال قانچە ؟ ئۆينى ، بالىنى دەپ چىداپ ئۈتىمىزدە بەزى قىلىقلىرىغا ! بەك ئېشىپ كەتسە ھۆركىرەپ سوقۇشىمىز بەزىدە ، جىم تۇرۇۋالساقمۇ بىزنى بوزەك ئىتىدۇ ئۇلار ....ھى ھى ھى  

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 19:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرىڭىز  ساراڭ بوپ قاپتۇ .  ھازىر  بۇنداق  ساراڭ  بوپ قالغانلار  جىق ،  
ئۇنىڭ كىسىلىنىڭ  بالدۇراق  ساقىيىشىغا  دۇئا  قىلىڭ .  كۆڭلىڭىزگە ئىپ كەتمەڭ .
بىشىنى سىلاپ  ئۆزىڭىزگە ئۈگۈتىۋىلىڭ ئەمدى بۇ ئاسىلاننى .

UID
13836
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
259
تىزىملاتقان
2011-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 07:22:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولدىشىڭىزنىڭ توردىكى پاراڭلىرى ۋاقىتلىق ئۆزىنى خوش قىلىش بۇلىشى مۇنكىن.  سىز خاتىرجەم بۇلۇپ، يولدىشىڭىزغا ياخشى قاراڭ، يولدىشىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇتۇپ قۇيۇڭ! يولدىشىڭىز ئۈچۈن چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭ، ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ!
(ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا، قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىشىغا قاراپ تۇرماسسىز؟)

UID
2630
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
651
تىزىملاتقان
2010-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 09:32:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاۋاپ بەرگۇچىنىڭ چۇقۇم سۇئال سورىغۇچىدىن ئەقىللىق بولۇشى ناتايىن  [s:14      ھەر كىم ھەر نىمە دەيدۇ، دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ          

UID
13173
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
535
تىزىملاتقان
2011-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 10:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن توۋندڭكى ئنكاسنى ئوقۇپ بەك ئاچچىغىم كەلدى ،

只有努力,才能得到幸福
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش