ئىگىسى: 维医医生

مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4964
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1177
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 19:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشتاق ئەقىلغا سىغمايدىغان  تايىنى يوق گەپنى يىزىپ يۇرمىسەڭلاركەن،نەدىمۇ كۇ كۇ خاتىرسىنى باشقا كومپىيوتىردا ئىچىپ كۈرگىلى بولىدۇ؟ قىنى javir نىڭ سۇئالىغا قانداق جاۋاپ كىلەركىن،كۈرۈپ باقىلى

يېڭى يۇلتۇز

بارلىق گۇزەل ماخ

UID
13777
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2011-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 20:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور دوستۇم سىز يولۇققان بۇ مەسلە مىنىڭ ئەمدى بىشىمدىن كەچۇرۇپ ئىزىغا چۇشۇشكە باشلىغان تورمۇش مەسىلەمگە ئوخشاشلىقىىدىن سىزگە  بۇ ئىنكاسنى  يېزىۋاتىمەن .  
مىنىڭ يولۇقۇنىم سىزنىڭكىدىنمۇ ئېغىركەن . شۇنىڭغا سىزنىڭ ھازىقى ھىسىياتىڭىزنى تامامەن چۇشىنىمەن .  
مەنمۇ مەلۇم بىر ئىدارىدەئىشلەيمەن . يولدۇشۇم بىلەن 1يىلدىن ئارتۇق يۇرۇپ ،مىنىڭ  ئۆيۇمدىكىلەر ئىنتايىن تەستە قوشۇلۇپ توي قىلدۇق .  قىسقىسى يولدۇشۇم مىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى . ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن مەن خۇددى ئەركە  مەلىكە ئىدىم . شۇنداق ئۆتۇپ بىريىلدىن ئاشقاندا قىزىم تۇغۇلدى. بىزنىڭ ئائىلە تېخىمۇ كۆڭۇللۇك  ئۆتتى. يولدۇشۇم  باشلىقى بىلەن چىقىشالماي  بەك خوشامەت قىلماي ئۆز سەۋىيەسىگە ئىشىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۇنلەردە بولىۋاتقان  ناھەقچىلىقلەرگە چىدىماي خىزمىتىدىن ئىستىپا سوراپ چىقىپ كەتتى،.
نەچچەئاي ئۆيدە ماڭا چوڭلارغا قارىشىپ ئۆتۇپ كەتتى. تۇرمۇشىمىز يەنىلا كۆڭللۇك بولسىمۇ ئۇ  بۇ بىكار يۇرۇشكە چىدىمىدى.  ئازراق مەبلەغ سىلىپ تىجارەت قىلىۋىدى ئاقماي دەسمىدىن ئايرىلدى.  بىر شىركەتتە ئىشلىدى، شىركەت  بىر يىلغا قالماي تاقالدى.  يەنە تىجارەت قىلدى،بۇ تىجارەت باشقا شەھەرلەگە يوتكۇلۇپ قىلىدىغان بولغاچقا مەن دەسلەپتە كۆنەلمىدىم ،كىيىن كۆنۇشكە مەجبۇر بولدۇم .بىرئاي يىنىدا تۇسا 15كۇن باشقا يۇرتتا تۇراتتى  ، شۇنداقتىمۇ بىركۇندە نەچچە قىتىم تىلىغۇنلىشىپ سېغىنىشىمىزنى يەتكۇزۇشۇپ تۇراتتۇق ،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى  يەنى توي قىلىپ5-يىللىرىغا كەلگەندە  تۇرمۇش بېسىمىمۇ ،ياكى تۇرمۇشۇمىزدىكى يىڭىلىقلار  بارغانچە ئازقالدىمۇ ،ياكى مەن قىزىم بىلەنلا بۇلۇپ كەتتىممۇ ئىشقىلىپ پات-پات سۇركىلىشپ قالىدىغان ،يىغلاپ دەدىمنى كۆزۇمدىن ئالىدىغان بۇلۇپ قالدىم . لىكىن ئەزەلدىن ئاجىرششىش توغۇرسىدا گەپ بۇلۇنمايتتى.3-شەخىسمۇ مەۋجۇت ئەمەستى . مەنمۇ ئۆزۇمنىڭ ئاتا_ئانىسىغا  بىر قىتىممۇ يولدۇشۇم دىن كۆڭۇل  ئاغىردى دەپ بارمايتتىم. چۇنكى دەسلىۋىدە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر تويىمىزغابەك تەس قوشۇلغاچقا،  تاپاتەنە گە  قىلىشتىن  قۇرقاتتىم .ھەم  يولدۇشۇممۇ جىق بولسا بىركۇن قىيداپ  ، يەنىلا  ماڭا يول قوياتتى. لىكىن كۇندىن كۇنگەئەل _ئاغىنىلىرى جىقلاپ ؟ئۆيگە كەچراق قايتىدىغان بولىۋالدى. لىكىن قايىتماي قالمايتتى.بۇۋاقىتلاردا مىنىڭ بەك ئىچىم تىتىلدايتتى. كۆڭلومدىن نۇرغۇن بولمىغۇر  خىياللار كىچەتتى. بەرزىدە ئۇكەلگىچە ئۇخلىماي ساقلايتتىم. بەرزىدە قاپاقلىرىمنىمۇ ئاچماي كەلگىننى تۇيىمىغان بۇلۇپ يېتىۋالاتتم. لىكىن  سۇكۇت قىلاتتىم ئۇرۇشمايتتىم .   ماناھازىر توي قىلغىنىمىزغا
6يىل قەدەم قويدى.  مەن تىخى 2-بالامغا ھامىلدار .    بۇنىىڭدىن 3ئايلاربۇرۇن يولدۇشۇم تىجارەت ئىشى بىلەن ئۇرۇمچىگەچىقىپ ھەپتە تۇرۇپ كىردى. كىرىىپ دەسلەپتە مەنمۇ ھىس قىلماپتىمەن ،ھەپتە ئۆتكەندە  ئۆزىچە مەندىن تىلىفۇنىنى قىزغىنىدىغان ، ئۆيگە كىرسىلا بىشىم ئاغىرىپ كەتتى دەپ ياتاق ئۆيگە بىكىنىۋالىدىغان، قىزىم بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەك ئوينىشىپ ئەكىلەتمەيدىغان بولىۋالدى،. مىنىڭمۇ سىېزىكىم ئېغىرلىشىپ  توختىماي ياندۇراتتىم .قىزىمنىڭ ئەركىلەشلىرى ئۇنى بۇنى دەپ جىدەل قىلىشلىرى  تىتىمايدىغان   بۇلۇپ كەتتى. تاماق  ئىتىشىم 3كۇندە بىر بۇلۇپ قالدى. ئۆيلىرىمنىمۇ كۆڭۇل قويوپ تازىلىيالمايتتىم. ئۇنى ئازدەپ  بالامنىڭ چۇشۇپ كىتىش خەۋىپى بارمىش ، دوختۇر مۇ چوقۇم  ئارام ئىلىڭ  دەيتتى.   لىكىن   2-بالىنى تۇغساڭ دەپ  ھامىلدارلىقىمدىن  شۇنچە خوش بولغان يولدۇشۇمنىڭ ئەمدى مەن بىلەن كارى يوق ئىدى. مەنمۇ جىق ئويلاشماي ئۆزەمنىڭ ھالى بىلەن ئىدىم .   سىزىكتىن ھىچ  چىقاي دىيمەيتتىم.  شۇۋاقىتلاردا يولدۇشۇمغا تىلىغۇن قىلسام داۋاملىق <<سۆزلىشىۋاتىدۇ >>دەيتتى. بۇلۇپمۇ كەچلىگى  شۇنداقتى. گاھى بۇ سۆزلىشىشلەر  بىر سائەت داۋام قىلاتتى. دەسلەپتە پەرۋا قىلمىدىم 15كۇن ئۆتكەندە ،شۇنچە مىجەزىم يوق مىنى تاشلاپ قويۇپ يەنە بىرقىتىم ئۇرۇمچىگە كەتتى.  بۇقىتىمقى ئۇرۇمچىگە بىرىشى باشقا ۋاقىتىقا ئوخشىماييتى.  2كۇندە بىر تىلىفۇنمۇ ئۇرمايتتى. شۇنچە كۆيۇنۇشكە  تەسەللىگگە مۇھتاج  كۆڭلۇم ئۆزۇم تىلفۇن ئۇرساممۇ قوپال مۇئامىلىدىن مۇزلاييتى. كۆڭلۇم نىمىنىدۇر  تۇيۇپ تۇراتتى. چۇشلۇرۇم  پەرەزلىرىمنىڭ  خاتا ئەمەسلىكىدىن  بىشارەت  بىرەتتى.  بىراق تىلىفۇنلىرى  تولا  ئىتىكلىك ئىدى.  ئۇرۇمچىدىن كىلىپ نەچچە كۇن ئۆتكەندە مىنىڭ تەلىۋىم بىلەن سىرتتىن تاماق يەيدىغان بۇلۇپ ماڭدۇق  . ئاشىانىغا كىلەي دەپ تۇرساق يولدۇشۇمغا تىلفۇن كەلدى .يولدۇشۇمنىڭ ھۇدۇقىش بىلەن تىلىغۇن سۆزلىشىشى ،نۇرمال ئىشلىنىۋاتقان تىلىفۇننى ئاڭلانمىدى دەپ بىسىۋىتىشى مىنى گۇمانغا سالدى.  تىلىغۇن يەنە كەلدى يولدۇشۇم تېخمۇ جىددىلەشتى . تىزتىز مىڭىپ <ئايالىم بالام بىلەن تاماققا كەلدىم >دىگەن گەپنى قىلىپ تىلىغۇننى بىسىۋەتتى.   ھەممە ئىش شۇكۇندىن باشلاندى .
مەن يولدۇشۇمدىن كىملىگنى سوردىم< بىر تۇنۇشۇم، ئۇرۇمچىدە تۇنۇشۇپ قالغان، مىنى ئۇرۇمچىدىمىكىن دەپ قاپتۇ> دەپ يىغىشتۇردى.  نەچچە كۇن ئۆتۇپ كىر يۇيىۋىتىپ تىلىغۇنسىغا ئارقىمۇ ئارقا 400يىۋەن پۇل تۆلىگەن ھۆجىجتىنى كۆرۇپ قالدىم . ئۇنىڭ تاۋسەن تىلىفۇنى ئەزەلدىن  100يىۋەندىن ئاشمايتتى.  گۇمانىم تىخمىمۇ  كۇچەيدى.   تىلىغۇن تەپسىلاتى چىقىرايمۇ دىگەننى نەچچە ئويلاپ نەچچە  يالتايدىم .تىلفۇن تەپسىلاتى چىقىرىش ماڭا تەس كەلمەيتتى .چۇنكى تىلىغۇن كارتىسىنى بىجىرگەندە مىنىڭ ناممىمدا بىجىرگەن.نەچچە كۇن ئۆتۇپ كەتتى .بىر كۇنى كەچتە قىزىم بىلەن ئەخلەت تۆكۇشكە چىقىپ   يولدۇشۇمنىڭ ئۆيىنڭ ئالدىغا كىلىپمۇ ئۆيگە كىرمەي  چىملىقتىكى ئورۇندۇقتا  كىمدۇر بىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقىنىنى كەينىدىن كۆرۇپ  قالدىم . تىلىغۇندىكى تەلەپپۇزلىرى  بۇرۇن مەن بىلەن پاراڭلىشىىدىغان  تەلەپپۇزىغا بەكمۇ ئوخشايتتى. تۇيۇقسىز مىنى ئىچ ئىچىمدىن يىغا تۇتتى .قىزىمنى كۆتۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆيگە كىرۋالدىم. يۇرەكلىرىم سېلېپ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى. پات پات دەرىزىدىن قارايتتىم . بىر سائەتلەر ئۆتكەندە يولدۇشۇم تىلفۇنۇمنىڭ<  مىيى يوق> دىگەچ ئىشىكتىن كىردى.كۆزىگە قاراشقا جۇرئەت قىلالمىدىم.  ئاستا كىرىپ يېتىۋالدىم  .  بىركىچە ئۇخلىيالمىدىم .
ئەتىسى چۇشتە ئۇ ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۇرۇمچىدە يەنە ئىشى چىقىپ قالغىننى قەتئى بارمىسا بولمايدىغىننى ھازىرلا ماڭىدىغىننى دەپ قويۇش ئۇچۇن كەپتۇ، تىخى 10كۇن بولمىسا،مەن تىخى ئېغىر ئاياق تۇرسام بۇ زادى قانداق ئىش دەپ كۆزىگە كىرۋالدىم . ئۇ بىر دوستى بىلەن چىقىدىغىننى  2كۇندە قايتىپ كىلىدىغىننى دەپ تۇزۇك خوشلاسماستىن كىتىپ قالدى. ئۇدوستىنى مەن ئەزەلدىن ياخشى تۇنۇيدىغان بولغاچقا ئارتۇق تىرەكىشىپ تۇرمۇدۇم دوستىنىڭ ئىسمى ئالىم بۇلۇپ يىقىندا ئايالىدىن ئاجىرشىپ كەتكەن ئىدى.. لىكىن ھىلىقى كۇنى كەلگەن تىلفۇننى ئويلاپ ئىچ -ئىچىمدىن يىغلاپ كەتتىم .  كەچتە ئىشتىن چۇشۇشكە ئاز قالغاندا ئۇنىڭدىن تىلىفۇن كىلىپ شۇدوستى بىلەن بىللە ئىكەنلىگىنى،شۇدوستىنىڭ شەخسى ماشىنىسدا ماڭغىننى ،ئەتىسى ئەتىگەندەئۇرۇمچىگە چۇشۇدىغىننى دەپ قويۇشقا تىلىفۇن قىلدى. شۇنچە يىرىم كۆڭلۇم بىر تىلىفۇن كىلىشى بىلەن ئىچىلىپ قالدى. ئىشتىن چۇشۇپ ئىغىر ئاياق بولغاچقا يالغۇز ئۆيدە تۇرماي دەپ ئويلاپ چوڭ ئۆيگە بىرىش قارارىغا كىلىپ ماڭدىم . چوڭ ئۆينىڭ قىشىدىكى تاللا بازىرىدىن قېىيىن ئانام ئامراق نەرسلەردىن ئېلىۋالاي دەپ كىرىشىمگە ئىشىكتىن چىقىۋاتقان ، يولدۇشۇم مەن بىللە ئۇرۇمچىگە ماڭدىم دىگەن دوستى ئالىم بىلەن ئۇچىرشىپ ھاڭ تاڭ قالدىم . ئالىممۇ چۇچۇپ كىتىپ تۇزۇك سالاملاشماستىن كىتىپ قالدى،. يۇرۇكۇم يەنە بىر قىتىم ئاغىدى. مەن زادى بۇئىشلارنى ئىنىقلاش قارارىغا كەلدىم . كۆڭلۇمدە < ئالىم بۇيەردە، نىمىشقا يولدۇشۇم ماڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە دەيدۇ ،نىمىشقا ماڭا يالغان سۆزلەيدۇ ،سائەت -سائەتلەپ تىلىغۇن سۆزلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتى بارمىدۇ، دوستى بىلەن بولمسا ماشىنىدا زادى كىم بار > دىگەنلەر كەچتى .كەينىمگە يىنىپ ئىشىخانامغا كەلدىم . ئالىم دىگەن دوستىغا نەچچە رەت تىلىفۇن قىلدىم تىلفۇننى ئالمىدى. 5مىنۇت ئۆتۇپ يولدۇشۇم تىلىغۇن قىلدى .دىمەك ئالىم ئۇنىڭغا تىلىغۇن قىلغان ئىدى. يلدۇشۇمنىڭ گېپى قولاشمايتتى .<ئالىم بىلەن بىللە ماڭماقچى ئىدىم ،تۇيۇقسز ئىشى چىقىپ قالدى، سىنى ئەنسىرمىسۇن دەپ بىللە دەپ قويغان > دىگەندەك .
لىكىن تىلىغۇننى قويوپ تورغا چىقتقم.  كۆچمە خەۋەرلىششتە ئىشلەيدىغان بىر تۇنۇشۇم ئارقىلىق توردىن تىلىغۇن تەپسىلاتىنى چىقىرىشنى بىلىۋالدىم .لىكىن مەخپى نۇمۇرنى تېپىش بەك تەسكە چۇشتى. يولدۇشۇمغا يالغان سوزلەپ تىلىغۇنىسغا ئۇچۇر بۇلۇپ كەلگەن مەخپى نۇمۇرنى بىلىۋالدىم.   تىلىغۇن تەپسىلاتىنى ئېچىپلا قىتىپ قالدىم . چۇنكى يولدۇشۇم بىر نۇمۇ ربىلەن يەنە كىلىپ ئۈرۇمچىدىكى بىر نۇمۇر بىلەن كۇنىگە 10~8ۋاخ تىلىغۇن سۆزلىشىدىكەن .   ئالدىغا نۇمۇر قىتىشنى بىلمىگەچكىمۇ بىر ئايلىق تىلىغۇن پۇلىسى 500يىۋەندىن ئارتىپ كىتىپتۇ ، كىملىگنى ئىنىقلاش  كىرەك .ئايالمۇ ئەرمۇ . سرتتىن مىڭ تەستە نۇمۇرى چىقمايدىغان ئاممىۋى تىلىغۇن تاپتىم .تىلىغۇننى بىر ئايال ئالدى ،شۇۋاقىتتكى ھىسىياتىمنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن .   
مەن _ سىز كىم
ئۇ ئايال _ سىز كىم
مەن _  ## نىڭ ئايالى
ئۇئايال_  ھە ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ مەن خانىقىز .
بۇ ئىسىم  يولدۇشۇمنىڭ  ساۋاقدىشى ،شۇنداقلا  تۇنجى مۇھەببىتىنىڭ ئىسمى ئىدى.
مەن _ سىز شۇما ؟
خانقىز _ ھە مەن شۇ ؟
مەن _ نىمە مۇناسىۋىتىڭلار با زادى ؟
خانىقىز _  ساۋاقداش شۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

مەن _  كۇندە نەچچە قىتىم پاراڭلىشىدىغان ،سائەتلەپ ھىكايە سۆزلىشىدىغان قانداق ساۋاقداش ؟؟؟؟؟
خانقىز ___ گەپ يوق .
مەن _سىز توي قىلىپ بولغانغۇ ؟(يولدۇشۇمدىن مەكتەپ پۇتتۇرگەن يىلىلا  بۇ ئاتالمىش تۇنجى مۇھەببىتىنىڭ باي بىرسى بىلەن توي قىلىۋالغىننى،ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغىننى، ئاڭلىغان ئىدىم .
خانقىز _ ئاجىرشىپ كەتكەن .
تىلفۇندا مەن سۆزلىشىۋاتامدىم ، باشقا بىرىمۇ ..... قاتتىق يىغلاپ كەتتىم . توختىماي تىترەيتتىم .
مەن _  سىز ئۇنىڭ ئايالى بارلىقىنى بىلمەمتىڭىز ؟
خا نقىز _ بىلەتتىم ، سىز بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەسكەنغۇ ؟ يىقىندا ئاجراشماقچى بۇپ تىكەنسىلەرغۇ ؟
بىشىم قايدى.......................مىڭ  تەستە
مەن _ ئۇ شۇنداق دىگەن بولسا راس شۇنداق ، سىز گە يولدۇشۇمنى بىرىۋەتتىم ،. بۇگۇندىن باشلاپ مىنىڭ ئۇنداق يولدۇشۇم يوق . مىنىڭ يولدۇشۇمغا قىلغان ئەقىدەمگە ھەممە ئادەمنىڭ يولدىشى سرتقا قارىسمۇ ،مىنڭ ئىرىم ئۇنداق قىلمىسا بۇلاتتى. مىنى يىغلاتقان بولسىڭىز ئاللا سىزنىمۇ يىغلاتسۇن دەپ تىلفۇننى قويدۇم .
ئارقىدىن يولدۇشۇمغا تىلىفۇن قىلدىم .
مەن _ كىمنىڭ يىنىغا ماڭغىنىڭنى بىلدىم . مەن بىلەن

يېڭى يۇلتۇز

بارلىق گۇزەل ماخ

UID
13777
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2011-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 20:16:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا يوللىنىپ كەتتى. داۋامىنى ئەتەيازاي، ئىپتارغا تاماق ئەتمىسەم بولماس .

UID
11730
يازما
86
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1198
تىزىملاتقان
2011-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 22:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
12417
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2011-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 23:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ تىمىغا شۇنچىلىك ئىسىل ئىنكاسلار چۈشۈپتىكەن،ھەم كىشىنى قايىل قىلارلىق ، ئەتراپلىق  ،سەمىمىلىك بىلەن يىزىلغان مەسلىھەتلەر باركەن.
بۇ  مەسلىھەتلەردىن  تېما ئىگىسى ھەقىقەتەن رازى بولدى دەپ ئويلايمەن.

UID
10963
يازما
39
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 23:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۇنىڭ بىلەن يۇزتۇرانە سۈزلىشىڭ . تىڭىپ يۇرمەڭ ئۇزىڭىزنى خار قىلىپ .

ئەڭ سىرلىق ئادەم ئەڭ جەلېپكاردۇر.

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 01:37:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالى مەكتەبتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا  شۇ ۋاحتىسدىكى  مەكتەب باشلىقى  ،نەچچە  يىل ئوي تۇتقان  شۇنداق كىلىشكەن  ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ   مەكتەب  باسما حانىسىدا  ئىشلەيدىعان  شۇنداق سەت  بىر   چوكان بىلەن  تۇي قىلعان ئىدى ، يەنە بىر قوشنام  ئايالىنى 7بالا بىلەن تاشلىۋىىپ  باشقا بىرسى بىلەن  تۇي قىلىۋالعان ئىدى ،  مەن بۇلاردىن  ھازىرعىچە نەپرەتلىنەتتىم .  ھازىر ئۇلارنىمۇ  توعرا چۇشىنىدىعان بولدۇم . نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا  تەڭرىتەع  ژورنىلىنىڭ  باش مۇھەررىرى  پولات  ھىۋىزۇللادىن ،  بىزدىكى ئەدەبى  ئەسەرلەر  حۇددى بىزگە مۇھاببەتلىشىشتىن باشقا  ئىش يوقتەك ئوحشاشلا  مۇھاببەت تىمىسىدا  يىزىلىدۇ ؟  نىمە ئۇچۇن ئامرىكىنىڭ  فىلىملىرىدەك  قەھرىمانلار  تەسۋىرلەنمەيدۇ ؟ دەپ سورىسام . تۇرمۇشنىڭ ئوزى مۇھاببەت ئۇستىگە  قۇرۇلعان ، مۇھاببەتسىز تۇرمۇشنى  تەسەۋۋۇر قىلعىلى بولمايدۇ . ھەم بۇھاببەتسىز  تۇرمۇشمۇ بولمايدۇ ........دىگەندەك  پەلسەپەۋى قاراشلىرى بىلەن  مىنىڭ ئاعزىمنى تۇۋاقلىعان ئىدى .  ئۇ ۋاحتىدا  بەكلا ياشكەنمەن .   مەحسەتكە كەلسەم  يۇقۇردا بىر تورداش  ماڭا ناھايىتى ياحشى ،ئەتراپلق ، قائىل قىلارلق  مەسلىھەت  بىرىپتۇ .  بۇلۇپمۇ  ئۇنىڭ  ئەگەر  سىز  ئاعرىپ قىلىپ ئايالىڭىز سىزدىن چانسا  قانداق قىلاتتىڭىز ؟ دىگەن  سوزى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى .  ئادەم قىرىعاندا گۇلە-قاققا ئامراق بۇلىدۇ  شۇڭا مەنمۇ جاپالق كۇنلەردىن  مەن بىلەن بىللە ئوتكەن  كوڭلىنىڭ شىرى قالمىعان  بولىسمۇ  بالىلىرىمنىڭ ئانىسى بولعان  بۇ قىرى حوتۇننى ، ئوگزىگە  سالعان گۇلە -قىقىم  دەپ  يىنىمدىن ئايرىمىسام بولعۇدەك . شۇنداق قىلىپ  تورداشلارنىڭ  سەمىمى  مەسلىھەتى بىلەن ،ئىككى بالا يىتىم  بۇلۇشتىن ، بىر  ئوبداب ئائىلە  بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ قىلىندى .  يەنە بىر گەپ ، مەن بىر ماتىريالدا  دۇنيادىكى  بۇزۇلعان ئائىلىلەرنىڭ  بۇزۇلىشىعا %80ئاياللار سەۋەبچى   بۇلىدۇ دىگەن   ئۇچۇرنى كورگەن . شۇڭا ئائىلىسى  بۇزۇلۇش حەۋىپىگە  دۇچ كەلگەن  حانىم -قىزلىرىمىزنىڭ ئوزىنىڭ كەتكۇزۇپ قويعان  تەرەپلىرى ئۇستىدە كوپرەك ئويلۇنۇپ  كورۇشىنى ئىرىنى ماراپ يۇرگەندىن ياحشى دەپ  قارايمەن . چۇنكى بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكەن  ئاياللارنىڭ ،ئىرىنىڭ  يۇركىنى  تەۋرىتىشكە  ھىچقانچە كۇچ كەتمەيدۇ . ئەگەر  ئۇنداق قىلىشنى حالىمىسا  ئاحىردا  ئويدىن ئوزى  تەۋرەيدىعان ئىش چىقىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
83
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2623
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 14:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راسىت بولغان ۋەقە ،مەن يولدۇشىم بىلەن بىرگە ئشلەيمەن ، ئۇ مېنىڭ باشلىقىم ، مەن ئۇنىڭ چ چ خاتىرسىنى  ئۇ دەم ئالغان كۈنى ئشخانىسىدىكى خاتىرسىدىن كۆرگەن ،دەسلەپ يازاي دىسەم ھېكايە ئۇزىراپ كەتمىسۇن دەپ يازمىغان كەچۇرگەيسىلەر ؟  سىلەرنىڭ بەزىدە قاتتىق ،بەزىدە سەمىمى مەسلەھىتىڭلاردىن قانداق قىلىشنى بىلىۋالدىم رەھمەت سىلەرگە .  بەزى ئنكاسلاردا كەيپىياتىم جايىدا ئەمەس ،ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە كىلىدىغان سۆزلەرنى يېزىپ سالغان ئوخشايمەن كەچۇرگەيسىلەر ؟  نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ سەمىمى مەسلەھەت بەرگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

UID
6414
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1038
تىزىملاتقان
2010-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 15:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستۇدىكى قوپاللىق قىلغان ئەرلەر ئۇلۇغ رامىزاندا بۇ تورداشنىڭ ئىچىنى نىمانچە ئاچچىق قىلىسىلەر ،ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك قىلىپ ،،،،چچنى خۇييەن قىلسا سۇزلىشىش خاتىرسى ھەممە يەدە چىقىدۇ .........
ھەدە سىز چوقۇم ئېرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا سىز بىلەن ئوي تۇتقۇسى با -يوقلۇقىنى ،مۇھەببىتىنىڭ با يوقلۇقىنى بىلەلەيسز،....................شۇنۇڭغا قاراپ ئىش تۇتاسز .

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
257
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7708
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 17:06:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشى ئاقلانە تەربىيە ئالغاندىن كىيىن ئارتۇقچە گۈدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارغۇلاچە ئىشنىپ كەتمەيدىغان بۇلۇپ ،ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بۇلىدۇ. ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيىسىگە ئىرىشكەندىن كىيىن ،ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرشىغا بەرداشلىق بىرىپلا قالماي،ھەرخىل تەسىرلەنى توسالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بۇلىدۇ.

ئەرلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى پەقەت ئاياللانىڭ ئەخلاقى پاكلىقى ۋە زىھنى تەربىيلىنىشى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچىلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئىرىشەلەيدۇ.

  ئەرلىرىمىزدىن ئاغىرىندىغان بەزى ئاياللىرىمىز  نىكا ئوقۇلۇپ ئىرىڭىز بىلەن  بىر ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ئىرىڭىزنى قانداق كۈتۈشنى ،ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش، ئۆي ئىچىدە قانداق ياسىنىش ، ئۆي سىرتىدا قانداق ياسىنىش ،يولدىشىڭىز قانداق ھالىتىڭىزنى بەكراق ياختۇردۇ ، قايسى رەڭدە كىيىسىڭىز ئىرىڭىزنىڭ كۈزىگە ئىلىق كۈرۈنىسىز ، ئىرىڭىز خىزمەتتىن ھېرىپ چارچاپ كەلگەندە ئۆيە ئېغىناپ ياتماي ئىرڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سوراڭ ئاغزىڭىزنى تاتلىق قىلىڭ ، ئىرىڭىز بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدىڭىزمۇ ئىرڭىزنى ئۈزىڭىزنىڭ شەخسى مۈلىكى دەپ بىلىڭ چۇنكى ئۇ سىزنىڭ ھەق نىكالانغان ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىز . بەزى سۆزلەنى بۇ يەردە دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . ئەڭ  مۇھىمى ئەر ئاياللىق مەنىۋى تۇرمىشىڭىز كۆڭۈللۈك ئۆتمىسە ھەممە نەرسە سىز ئۈچن ۋە ئىرىڭىز ئۈچۈن بىر تىيىن بۇلىدۇ سىرىتقا قاراپ قېلىش ئەنە شۇنىڭدىن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىرىڭىزگە ۋە ئۈزىڭىزگە مەسئۇل بۇلۇڭ ، بارچە ئاماللا بىلەن ئىرڭىزنى ياخشى كۈتۈشنى  ئۈگۈنۈڭ بۇ دىگەنلىك بەزىدە سىز خىزمەت -بالا بېقىش -ئايىلە ئىشى سەۋەبىدىن دىگەندەك  ئىرىڭزىگە كۆڭۈل بۈلەلمەسلىگىڭىز مۈمكىن ھىچ بولمىغاندىمۇ ۋاقتىڭىزنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى چۇقۇم ئىرىڭىز ئۈچۈن ئاجىرتىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدۇشۇڭ ئامال با ئۇنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە تىرشىڭ.  كوزا كۈندە سىۇنمايدۇ كۈنىدە دىگەندەك سىز ، سىز ئالدىراشچىلىق ، ياكى تۇرمۇش ، خىزمەت ،بالا بېقىش مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلى ئىرىڭىزگە دىگەندەك كۆڭۈل بۇلەمەي قالسىڭىز كوزا چۇقۇم سۇنىشى مۇمكىن . ئەر كىشى بەزىدە كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ ، ئىرڭىزگە ۋاقىت چىقىرىپ ئەركىلەپ تۇرۇڭ ،تاتلىق سۆزلەر ۋە ناز كەرىشمىلەر بىلەن ئىرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرشىڭ ، بايم دىگەندەك ئىرىڭىز سىزنىڭ شەخسى مۈلكىڭىز ، ئۇنى قانداق ئاسىراش ، قانداق كۈتۈش ، كانداق ئەر قىىلىش سىزگە باغلىق . مىنىڭچە ئاياللىرىمىز مۇشۇ جەھەتتىن دىققەت قىلسا  بەزى شەيتانلارنىڭ ئازدۇرشىدىن ساقلانغىلى بۇلدۇ .

چۈنكى بەخىت ساقلاپ تۇرغانلارغا ئەمەس ، ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش