ئىگىسى: 维医医生

مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4121
يازما
191
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5801
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 18:07:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 27قەۋەتتىكىabm165 يوللىغان 2011-08-05 14:19 غا قارتىلغان  :
    ھازىر  ھەممە  ئاياللار  ئەرلەرنى  ۋاپاسىز  دەيدىعان  بۇلىۋالدى ، بۇنىڭ سەۋەبىنى  ئىزدەيدىعان  ئادەم يوق .  ئوزەمنى  ئىلىپ ئىيتسام  ،مەن توي قىلعىلى 23يىل بولدى . ئايالىم بىلەن 4يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلعان ،ھازىر قىزىم رايۇنىمىزدىكى مەلۇم نوقتۇلۇق ئالىمەكتەبنى كىلەر  يىلى  پۇتكۇزىدۇ ،ئوعلۇم تۇلۇق 2-يىللقتا  ئوقۇۋاتىدۇ . ئىككىمىز ئايدا ئوتتۇرا ھىساپ  بىلەن 10000يۇەن ئىش ھەققى ئالىمىز .  ئائىلىمىزدە ھىچقانداق مەسىلە ياكى قىيىنچىلق يوق . ئەمما  مەن بىر ئىككى يىل بولدى  ئايالىمدىن ئاجىرشىپ كىتىشنى ئويلايدىعان بۇلۇپ قالدىم .  سەۋەبى : مەن ئايالىم  بىلەن توي قىلعان 23يىلدن بىرى ھەرقانداق بىر سۇركىلىش بىلەن بىركۇنمۇ  يامانلىشىپ باقمىدۇق . چۇنكى مەن ئايالىمعا ھەرقانداق تەلەپ قويۇپ ئۇنىڭدىن ئاعرىنىپ باقمىدىم ، ئويدە تاماق ئىتىدىعان ، باشقا ئوي ئىشلىرىنى ئايالىمعا حوشياقمىسا  ئوزەم ئاكتىپ قىلىمەن ،سەپە سالمايمەن ،بالىلارنىمۇ ئاساسەن ئوزەم ئاعزىمدا تاماق يۇگۇزۇپ  دىگەندەك  چوڭ قىلدىم .نەق گەپكە كەلسەم   ئوزەمنى ھازىرعىچە  شىرىن ئايلىرىم توگىمىگەندەك ھىسقىلىپ ئايالىمنى بۇرۇنقىدەك ياحشى  كورىمەن ،ئەمما  ئايالىم مىنىڭ بۇنداق ھىسسىياتىمعا  پىسەن قىلمايدىعان ،  بىر ھىسسىياتسىز  مەحلۇققا ئايلىنىپ قالدى . مىنىڭ بۇنداق  ھىسسىياتى ئولگەن  قىرى حوتۇن بىلەن  ۋاحتىمنى  ئىسراپ قىلعۇم يوق ،بۇ گەپنى  ئۇنىڭعىمۇ دىدىم ، ئەمما  ئاياللاردىكى فىزىلوگىيەلك  چىكىنىش  كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتقان  بۇنداق مەززىسى يوق تۇرمۇشنى گەپ  بىلەن ھەلقىلعىلى  بولمايدىكەن . شۇڭا  بۇ مەسىلىنى تۇرمۇشنى ئالماشتۇرۇش  ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلماقتىن باشقا چارە يوق .  ئەگەر  بىز راستتىنلا  ئاجىرشىپ  كەتسەك  .مەسىلە  كىمدە بۇلىدۇ ؟  ئىچ كىيىمنى  يۇمىسا  فىتلاپ كىتىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا كىيىمنى يۇيامدۇق ؟ياكى فىتنى ئولتۇرەمدۇق ؟ دىمەك ئاتالمىش «ئەرلەر  ۋاپاسىز » نەزىريىسىنى تەرعىپ  قىلعۇچىلار  مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئىككى تەرەپتىن ئىزدىشى ،ھەرگىزمۇ  تۇي قىلىپ  بالا  تۇعۇشنى ئوزىنىڭ تارىحى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولعانلق دەپ قارىماسلىقى كىرەپ  ، چۇنكى مىنىڭ نەزىرىمدە  تۇرمۇشتا مۇھاببەت بولمىسا  بۇ دۇنيادا ياشىعاننىڭمۇ ئەھمىيىتى  قالمايدۇ . شۇڭا ھازىر مەنمۇ ،نەچچە يىللق ئىنىاق  ئائىلىسىنى  تاشلاپ باشقا  ئوي تۇتىۋالعان ئەركەكلىرىمىز  گە  ھەۋەس  قىلىدىعان بۇلۇپ قالدىم .
سىز نىمە بولغانسىز ئەمدى؟ 23يىللىق تۇرمۇشۇمنى بۇزۇمەن دەپ. ھەي باللىرىڭىزنى ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلدىغان چاغدا ، ئۆي بۇزىمەن دەپ يۈرسىڭىز بولماس.

مەن دوستقا مۇىتاج

UID
4121
يازما
191
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5801
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 18:15:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2011-08-04 22:56 غا قارتىلغان  :
ئەگەر  تۇل ئاياللىق ھاياتنى بىشڭىزدىن كەچۇرۇپ باقماقچى بولغان بولسىڭىز دەرھال  ئاجىرىشىڭ!
     بىر قىتىم ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ قانچىلىك خۇرلىققا مۇپتىلا بولدىغانلىغى ئاجرىشىپ كەتكەنلەردىن سوراپ باقسىڭىز    نۆۋەتتىكى خۇرلىقىڭىزدىن نەچچە مىليۇن ھەسسە كۆپ بولدىغانلىغىنى دەپ بىرىدۇ.
      ئاجرىشىپ كەتكەن  ئاياللارنى جەميەتتىكى   (ئوۋچى) ئەرلەر  تازلىق قەغىزىگە ئوخشىتىدۇ!
      
ناۋاي ئۇستام، ئىسسىق ئۆتەپ قالدىمۇ قانداق؟
مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئىرى ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق ئاچچىقى يامان ، غۇرۇرى كۈچلۈك ئەر ئىدى. يىقىندىن بۇيان تازا تايىنى قالمايۋاتىدۇ. ئۇ دوستۇم يىقىندا ئىرىنى ئۆيدە باللىرىغا قارغۇزۇپ قۇيۇپ، ئىككى قىتىم ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئاشنىسى بىلەن ئويناپ كەلدى، يىغىنغا باردىم دەپ.ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن . ئىرى كۆزىگە سەت كۆرنۈپ ، يوق ئىشقا جىدەل چىقىرىپ، ئىرىنىڭ كىيىم- كىچەكلىرىنى يىرتىپ ، دادىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ چىقىپ كەتسە، ئەر ھەممە ئىشنى بىلگەندىن كىيىن، "جىنىم خوتۇن، ئاپپاق خوتۇن، خاپا بولمىغىن ، مەن سىنىڭدىن ئايرىلسام ياشىيالمايمەن. بوپتۇ، 40مىڭ سوم قەرزىڭنى بىر ئامال قىلىپ تۆلەيلى ، مىنى تاشلىۋەتمىگىن "دەپ يالۋۇرۇپ ئەپچىقىۋاپتۇ.
شۇنىڭ قارىغاندا، ئەرلىرىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلسا ، ئاندىن ئەرلەر خوتۇنلارنى بەك ياخشى كۆرەمدۇ قانداق؟
مەنغۇ ئاجراشقان خوتۇن ھەم ئەرلەرنى ئانچە مۇنچە غۇرۇرى بار ئادەملەر دەپ ئويلايتىم. ئاجراشقان ئاياللار قانداقسىگە تازلىق قەغىزىگە ئوخشاپ قالغاندۇ سىلەر تەرەپتە؟

مەن دوستقا مۇىتاج

UID
13069
يازما
25
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
745
تىزىملاتقان
2011-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 19:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشنىمۇ بەزىدە قاتناش ۋەقەسىگە ئوخشۇتۇپ قويىمىزغۇ. سىز ماشىنىڭىزنى توغرا ھايداپ ماڭغان بولسىڭىزمۇ، قارشى تەرەپ سىزنى سۇقۇپ قويىدۇ. بۇ سەۋەنلىك سىزدىمۇ ياكى قارشى تەرەپتىمۇ؟
ئاجراشقان ئايالنى تازلىق قەغىزىگە ئوخشىتىپتۇ بەزىلەر.ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكى خەلقى ئالەم ئالدىدا داغدۇغۇلۇق توي قىلىپ، ئۇچۇق ئاشكارە ئىش قىلغانلاقىدىمۇ؟ كۆرىۋاتىمىز، ئۇچۇرتىۋاتىمىز، دوختۇرخانىدا نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ.
بۇلۇڭ پۇچقاقتا قىلدىغان قىلىپ بولۇپ ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغانلار بار . ئۇنداقلاردىن ئاجراشقان بولسىمۇ  ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان تۇل ئاياللار مىڭ ھەسسە ياخشى.
ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى، مەنچە سىز بۇ ئىشنى قەتئىيلا يولدىشىڭىزنىڭ يۈزىگە سالماڭ. ئەرلەرنىڭ غورۇرى بەك كۈچلۈك، چ چسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرگەنلىكىڭىزنى بىلسە سىزدىن بەك نەپرەتلىنىشى تۇرغانلا گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە يېقىنچىلىق قىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تاشقى قىياپىتىگە، ئۆي ئىچىگە بەك دىققەت قىلىڭ. خۇشخۇي بولۇڭ.  يۇقىرىدا دوسلىرىمىز بەكمۇ قىممەتلىك بولغان پىكىرلەرنى بېرىپتۇ، ئالدىراپ ئاجرىشىمەن دېگەن گەپنى قىلماڭ. ئاجراشسىڭىز سىزگىمۇ ئەر چىقىدۇ، يولدىشىڭىزغىمۇ ئايال. لېكىن ئاراڭلارنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ يالدامىسى بولغان پەرزەنتىڭلار بار. قانداق قىلىمىز ئاياللار شۇنداق ئاجىزكەنمىز. بەرداشلىق بېرىڭ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

UID
11269
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
549
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 21:46:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 27قەۋەتتىكىabm165 يوللىغان 2011-08-05 14:19 غا قارتىلغان  :
    ھازىر  ھەممە  ئاياللار  ئەرلەرنى  ۋاپاسىز  دەيدىعان  بۇلىۋالدى ، بۇنىڭ سەۋەبىنى  ئىزدەيدىعان  ئادەم يوق .  ئوزەمنى  ئىلىپ ئىيتسام  ،مەن توي قىلعىلى 23يىل بولدى . ئايالىم بىلەن 4يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلعان ،ھازىر قىزىم رايۇنىمىزدىكى مەلۇم نوقتۇلۇق ئالىمەكتەبنى كىلەر  يىلى  پۇتكۇزىدۇ ،ئوعلۇم تۇلۇق 2-يىللقتا  ئوقۇۋاتىدۇ . ئىككىمىز ئايدا ئوتتۇرا ھىساپ  بىلەن 10000يۇەن ئىش ھەققى ئالىمىز .  ئائىلىمىزدە ھىچقانداق مەسىلە ياكى قىيىنچىلق يوق . ئەمما  مەن بىر ئىككى يىل بولدى  ئايالىمدىن ئاجىرشىپ كىتىشنى ئويلايدىعان بۇلۇپ قالدىم .  سەۋەبى : مەن ئايالىم  بىلەن توي قىلعان 23يىلدن بىرى ھەرقانداق بىر سۇركىلىش بىلەن بىركۇنمۇ  يامانلىشىپ باقمىدۇق . چۇنكى مەن ئايالىمعا ھەرقانداق تەلەپ قويۇپ ئۇنىڭدىن ئاعرىنىپ باقمىدىم ، ئويدە تاماق ئىتىدىعان ، باشقا ئوي ئىشلىرىنى ئايالىمعا حوشياقمىسا  ئوزەم ئاكتىپ قىلىمەن ،سەپە سالمايمەن ،بالىلارنىمۇ ئاساسەن ئوزەم ئاعزىمدا تاماق يۇگۇزۇپ  دىگەندەك  چوڭ قىلدىم .نەق گەپكە كەلسەم   ئوزەمنى ھازىرعىچە  شىرىن ئايلىرىم توگىمىگەندەك ھىسقىلىپ ئايالىمنى بۇرۇنقىدەك ياحشى  كورىمەن ،ئەمما  ئايالىم مىنىڭ بۇنداق ھىسسىياتىمعا  پىسەن قىلمايدىعان ،  بىر ھىسسىياتسىز  مەحلۇققا ئايلىنىپ قالدى . مىنىڭ بۇنداق  ھىسسىياتى ئولگەن  قىرى حوتۇن بىلەن  ۋاحتىمنى  ئىسراپ قىلعۇم يوق ،بۇ گەپنى  ئۇنىڭعىمۇ دىدىم ، ئەمما  ئاياللاردىكى فىزىلوگىيەلك  چىكىنىش  كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتقان  بۇنداق مەززىسى يوق تۇرمۇشنى گەپ  بىلەن ھەلقىلعىلى  بولمايدىكەن . شۇڭا  بۇ مەسىلىنى تۇرمۇشنى ئالماشتۇرۇش  ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلماقتىن باشقا چارە يوق .  ئەگەر  بىز راستتىنلا  ئاجىرشىپ  كەتسەك  .مەسىلە  كىمدە بۇلىدۇ ؟  ئىچ كىيىمنى  يۇمىسا  فىتلاپ كىتىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا كىيىمنى يۇيامدۇق ؟ياكى فىتنى ئولتۇرەمدۇق ؟ دىمەك ئاتالمىش «ئەرلەر  ۋاپاسىز » نەزىريىسىنى تەرعىپ  قىلعۇچىلار  مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئىككى تەرەپتىن ئىزدىشى ،ھەرگىزمۇ  تۇي قىلىپ  بالا  تۇعۇشنى ئوزىنىڭ تارىحى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولعانلق دەپ قارىماسلىقى كىرەپ  ، چۇنكى مىنىڭ نەزىرىمدە  تۇرمۇشتا مۇھاببەت بولمىسا  بۇ دۇنيادا ياشىعاننىڭمۇ ئەھمىيىتى  قالمايدۇ . شۇڭا ھازىر مەنمۇ ،نەچچە يىللق ئىنىاق  ئائىلىسىنى  تاشلاپ باشقا  ئوي تۇتىۋالعان ئەركەكلىرىمىز  گە  ھەۋەس  قىلىدىعان بۇلۇپ قالدىم .
abm165 تورداش، كۆڭلىڭىزدىكىنى يۇشۇرماي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىڭىز ياخشى بوپتۇ. مېنىڭچە، بىزنىڭ مىللىتىمىزدە بۇ تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىزنىڭ يولدىشى ۋە سىزگە ئوخشاش ئەركەكلەر، يەنى تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقى، غايىسى ياش، چىرايلىق ئاياللار بىلەن ..... قىلىش بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلىدىغان، رازى بولىدىغان ئەرلەر سانى كۆپەيگەنسىرى، مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىۋاتىدۇ دېسەك ئارتۇقچە بولمىغۇدەك.
بەلكىم ئايالىڭىز بىلەن تەڭ ياشتا بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئايالىڭىزمۇ سىز بىلەن تەڭ ئىشلەپ مائاش ئېلىشى مۇمكىن. گەرچە يېشىڭلاردا پەرق چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ئايالىڭىزنىڭ سىرتتا ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىشى، ئائىلىدە ئۆي ئىشى قىلىشى، تۇغۇشى، يېتەرلىك دەم ئالالماسلىقى، ئۆزىنى كۈتەلمەسلىكى، تۇغۇت چەكلەش دورىسىنىڭ تەسىرى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى سىزدىن بەكرەك قېرىپ كەتكەن بولۇشى ئېھتىمال. دېمىسىمۇ دىيارىمىزدا ئاياللار بەك قاتتىق جاپا تارتىدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي، ئەگەر ئايالىڭىز قېرىپ كەتمىگەن بولسا، ئەكسىچە، سىز قېرىپ ياكى ئاغرىپ قېلىپ، ئايالىڭىڭىزنىڭ ... ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئايالىڭىز سىزگە "سەندەك كارغا كەلمەس قېرى ئادەم بىلەن ئۆي تۇتۇش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، ئاجرىشىپ كېتەيلى" دېسە، سىز قانداق تۇيغۇدا بولغان بولاتتىڭىز؟! كىمنىڭ قېرىپ سەتلەشكۈسى بار؟ كىم ياش تۇرۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ دەيسىز؟! ئەگەر سىز ئايالىڭىزنى ياخشى كۈتۈپ، ئۇنى سىرتتا ئىشلەپ مائاش ئېلىش غېمىدىن ئازات قىلىپ، ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادى يۈكىنى يالغۇز ئۈستىڭىزگە ئېلىپ، ئۇنى پىلانلىق تۇغۇت ۋاستىلىرى بىلەن ئۇپراتماي راھەت ياشاتقان، ئەرلىك مەسئۇلىيىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلغان بولسىڭىز، ئۇمۇ تېز قېرىپ كەتمەسلىكى، بۇ چاغدا يەنە شەھۋانىي ھەۋەسلىرىڭىز يالقۇنلاپ ئايالىڭىز ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇپ بولالمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىككىنچى خوتۇن ئالغان بولسىڭىز بەك ئەيىپلەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئىدى... لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى رىئاللىقىمىزدا سىز بۇنداق قىلالمايسىز.  
قوساق تويۇپ، يانچۇققا تۆت تال پۇل كىرگەندىن كېيىنلا بەزى ئادەملەر ئىلگىرىكى  ھالىتىنى يۇقىتىپ، ئەسلى تەبىئىتىنى ئاشكارىلايدۇ. ئېسىل تەبىئەتلىك، ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىنسانلار قولىدىكى مال-دۇنيا ئىمكانلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قولى ھازىر خېلى ئۇزۇن يەرگىچە يېتىدۇ. ھايۋانى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن باشقا ئۇلۇغۋار غايىسى يوق، ئۇ دۇنيادىكى ئەھۋالىغىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان پەس ئىنسانلار نەپسىنى قاندۇرۇش (دۇنيادىكى لەززەتلەرنى (زەھەرلىك چىكىملىكتەك) ماددىدىن، ئايال كىشىدىن ... ئىزدەش) يولىدا ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا خۇشاللىق يوق. مۇھەببەت دېگەن نەرسىنىڭ دائىرىسىمۇ بەكلا تار.
سىز "تۇرمۇشتا مۇھاببەت بولمىسا  بۇ دۇنيادا ياشىعاننىڭمۇ ئەھمىيىتى  قالمايدۇ" دەپسىز. بۇ سۆزىڭىزگە قارشى ئەمەسمەن. سىزدىن سوراپ باقاي، ئەگەر ھەقىقەتەن مۇھەببەت ئۈچۈن ياشىسىڭىز، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلار ئاتا-ئانا مۇھەببىتىگە تەشنا بولۇپ تۇرۇپتۇ. http://uyghuracademy.com/?p=18605 بۇ بىچارە كىچىك بالىلار قايسى ئۇيغۇر ئەركەك مېنى قۇتقۇزۇۋالاركىن؟ دەپ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاشۇلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇھەببەت دېگەن بىرلىكتە بەھرىمەن بولسا زىيادىلىشىدىغان نەرسە. سىزنىڭغۇ قېرى بولسىمۇ بىر ئايالىڭىز باركەن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى توي قىلالماي قالغان نۇرغۇن بويتاق بالىلار بار. ئايدا ئون مىڭ كوي كىرىمىڭىزنىڭ ئازىراق بىر قىسمىنى ئايرىپ بولسىمۇ ئاشۇ نامرات بويتاقلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇشنى، ئۇلارنىمۇ مۇھەببەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟! ...
پەيغەمبىرىمىز "خوشنىسى ئاچ تۇرسا، ئۆزى توق ياتقان كىشى بىزدىن ئەمەستۇر" دەپتىكەن. سىز بۇنىڭغا مەيلى ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، ئەتراپىڭىزدا ياردەمگە ئېھتىياجلىق نۇرغۇن كىشىلەر تۇرغان، ئۇلارغا ئازىراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش قولىڭىزدىن كېلىدىغان شارائىتتا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ نەپسىي ئارزۇيىڭىزنى قاندۇرۇش كۇيىدىلا بولۇپ، ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسا، ئاللاھ سىزدىن قىيامەت كۈنى بۇنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورايدۇ. بۇ دۇنيادا بىكارغا يارىتىلغان ھېچقانداق نەرسە يوق.
ئەگەر سىز "ياش ئاياللارنى ئويلايدىغان" شۇ ۋاقىتلاردا ئىچكىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارغا ياردەم قىلىش، ياكى ئەتراپىڭىزدىكى بىچارىلەرگە ياردەم قىلىش بىلەن بەنت بولسىڭىز، ئايالىڭىز كۆزىڭىزگە سەت كۆرۈنمەيدۇ. (ئايالنى ئويلاشقا چولىڭىزمۇ يەتمەيدۇ)
سىزگە سەمىمىي مەسلىھەتىم شۇكى، كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان قىزىڭىز، ئالىي مەكتەپكە بارىدىغان ئوغلىڭىزنى رەنجىتمەسلىك، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە يارا پەيدا قىلماسلىق، ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ، شەيتانىي خىياللاردىن ۋاز كېچىڭ. ئەجەل بىزگە قاچان كېلىدۇ؟ ئېنىق ئەمەس. بەلكىم قىرىق نەچچە ياشتىن ھالقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئاخىرەتلىكىڭىز ئۈچۈن قانچىلىك دەسمىيىڭىز بار؟ شۇنى ئويلىسىڭىز زىيان تارتمايسىز. ئاخىرەتنى، ئۆلۈمنى ئىنكار قىلسىڭىزمۇ ئۇ بەرىبىر كەلمەي قويمايدۇ.
مەن سىزگە ھاياتىڭىزنى ساھابىلەردەك ئۆتكۈزۈڭ، ئاللاھ يولىدا ئۆي ماكانىڭىزنى تاشلاپ ئۇزاق ئۇزاق يەرلەرگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى خەقلەرگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈڭ دېمەيمەن. چۈنكى، سىز بۇنداق قىلالمايسىز. ئەمما شۇنداق قىلغانلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئىنسانلار. زامانىمىزدىمۇ شۇنداق غايىسى بار ئىنسانلار ھېلىھەم مەۋجۇت...
ئۆمرىڭىزنى قانداق بىر غايە ئۈچۈن ئاتىسىڭىز ، چوقۇم شۇنىڭغا چۈشلۇق نەتىجىگە ئېرىشىسىز. سىزنىڭ غايىڭىز مۇھەببەت بولغان ئىكەن، بۇ مۇھەببەتنى بەك تار دائىرىدە چۈشىنىۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. (ئىلگىرىكى ساھابىلەر ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈشتە ئۈلگە بولغان. پەيغەمبىرىمىزمۇ سىزدەك ياش چاغلىرىدا ئاتمىش ياشلىق "قېرى" ئايالى خەدىچە بىلەن كۆڭۈللۈك ياشىغان. خەدىچە ئانىمىز ھايات چاغدا پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئايال بىلەن ئۆيلىنىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. سىزمۇ شۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغاندىكىن، ئايالىڭىزنى "قېرى" كۆرمىسىڭىز قانداق؟!)
شۇنى ئۇنۇتماڭكى، مۇھەببەت دېگەن قەلبتە پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدىغان بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ. ھالال مۇھەببەت ھالال، ھارام مۇھەببەت ھارام. ھالال مۇھەببەتنى ياخشى پەرۋىش بىلەن بۆك-باراقسان قىلىش سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدۇ. شۇنداقلا، ھارام مۇھەببەت شېخىنى قەلبىڭىزدىن قۇمۇرۇپ تاشلاشمۇ يەنە قولىڭىزدىن كېلىدۇ. بۇلار ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ نەپسىڭىزنى قانچىلىك كونترول قىلالايدىغانلىقىڭىزغا باغلىق. شۈبھىسىزكى، "نەپسىنى (ھارامدىن) پاكىزلىغۇچىلار مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىدۇ." (87-سۈرە 14-ئايەت)

قورقۇنچاقلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ!

UID
4121
يازما
191
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5801
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 22:50:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 33قەۋەتتىكىabduley يوللىغان 2011-08-05 21:46 غا قارتىلغان  :

abm165 تورداش، كۆڭلىڭىزدىكىنى يۇشۇرماي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىڭىز ياخشى بوپتۇ. مېنىڭچە، بىزنىڭ مىللىتىمىزدە بۇ تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىزنىڭ يولدىشى ۋە سىزگە ئوخشاش ئەركەكلەر، يەنى تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقى، غايىسى ياش، چىرايلىق ئاياللار بىلەن ..... قىلىش بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلىدىغان، رازى بولىدىغان ئەرلەر سانى كۆپەيگەنسىرى، مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىۋاتىدۇ دېسەك ئارتۇقچە بولمىغۇدەك.
بەلكىم ئايالىڭىز بىلەن تەڭ ياشتا بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئايالىڭىزمۇ سىز بىلەن تەڭ ئىشلەپ مائاش ئېلىشى مۇمكىن. گەرچە يېشىڭلاردا پەرق چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ئايالىڭىزنىڭ سىرتتا ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىشى، ئائىلىدە ئۆي ئىشى قىلىشى، تۇغۇشى، يېتەرلىك دەم ئالالماسلىقى، ئۆزىنى كۈتەلمەسلىكى، تۇغۇت چەكلەش دورىسىنىڭ تەسىرى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى سىزدىن بەكرەك قېرىپ كەتكەن بولۇشى ئېھتىمال. دېمىسىمۇ دىيارىمىزدا ئاياللار بەك قاتتىق جاپا تارتىدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي، ئەگەر ئايالىڭىز قېرىپ كەتمىگەن بولسا، ئەكسىچە، سىز قېرىپ ياكى ئاغرىپ قېلىپ، ئايالىڭىڭىزنىڭ ... ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئايالىڭىز سىزگە "سەندەك كارغا كەلمەس قېرى ئادەم بىلەن ئۆي تۇتۇش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، ئاجرىشىپ كېتەيلى" دېسە، سىز قانداق تۇيغۇدا بولغان بولاتتىڭىز؟! كىمنىڭ قېرىپ سەتلەشكۈسى بار؟ كىم ياش تۇرۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ دەيسىز؟! ئەگەر سىز ئايالىڭىزنى ياخشى كۈتۈپ، ئۇنى سىرتتا ئىشلەپ مائاش ئېلىش غېمىدىن ئازات قىلىپ، ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادى يۈكىنى يالغۇز ئۈستىڭىزگە ئېلىپ، ئۇنى پىلانلىق تۇغۇت ۋاستىلىرى بىلەن ئۇپراتماي راھەت ياشاتقان، ئەرلىك مەسئۇلىيىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلغان بولسىڭىز، ئۇمۇ تېز قېرىپ كەتمەسلىكى، بۇ چاغدا يەنە شەھۋانىي ھەۋەسلىرىڭىز يالقۇنلاپ ئايالىڭىز ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇپ بولالمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىككىنچى خوتۇن ئالغان بولسىڭىز بەك ئەيىپلەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئىدى... لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى رىئاللىقىمىزدا سىز بۇنداق قىلالمايسىز.  
قوساق تويۇپ، يانچۇققا تۆت تال پۇل كىرگەندىن كېيىنلا بەزى ئادەملەر ئىلگىرىكى  ھالىتىنى يۇقىتىپ، ئەسلى تەبىئىتىنى ئاشكارىلايدۇ. ئېسىل تەبىئەتلىك، ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىنسانلار قولىدىكى مال-دۇنيا ئىمكانلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قولى ھازىر خېلى ئۇزۇن يەرگىچە يېتىدۇ. ھايۋانى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن باشقا ئۇلۇغۋار غايىسى يوق، ئۇ دۇنيادىكى ئەھۋالىغىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان پەس ئىنسانلار نەپسىنى قاندۇرۇش (دۇنيادىكى لەززەتلەرنى (زەھەرلىك چىكىملىكتەك) ماددىدىن، ئايال كىشىدىن ... ئىزدەش) يولىدا ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا خۇشاللىق يوق. مۇھەببەت دېگەن نەرسىنىڭ دائىرىسىمۇ بەكلا تار.
سىز "تۇرمۇشتا مۇھاببەت بولمىسا  بۇ دۇنيادا ياشىعاننىڭمۇ ئەھمىيىتى  قالمايدۇ" دەپسىز. بۇ سۆزىڭىزگە قارشى ئەمەسمەن. سىزدىن سوراپ باقاي، ئەگەر ھەقىقەتەن مۇھەببەت ئۈچۈن ياشىسىڭىز، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلار ئاتا-ئانا مۇھەببىتىگە تەشنا بولۇپ تۇرۇپتۇ. http://uyghuracademy.com/?p=18605 بۇ بىچارە كىچىك بالىلار قايسى ئۇيغۇر ئەركەك مېنى قۇتقۇزۇۋالاركىن؟ دەپ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاشۇلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇھەببەت دېگەن بىرلىكتە بەھرىمەن بولسا زىيادىلىشىدىغان نەرسە. سىزنىڭغۇ قېرى بولسىمۇ بىر ئايالىڭىز باركەن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى توي قىلالماي قالغان نۇرغۇن بويتاق بالىلار بار. ئايدا ئون مىڭ كوي كىرىمىڭىزنىڭ ئازىراق بىر قىسمىنى ئايرىپ بولسىمۇ ئاشۇ نامرات بويتاقلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇشنى، ئۇلارنىمۇ مۇھەببەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟! ...
.......
بەك ياخشى يىزىپسىز. بىر ئەر بىر ئايالنى دىنى يولغا باشلاش ئۈچۈن  ئەمرىگە ئاپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئايال ئۇ ئەردىن 12ياش چوڭكەن. مانا بۇ ئەتراپىمىزدا يۈز بىرۋاتقان ئىشلار. ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى شەيتان چىرمىۋاپتۇ.

مەن دوستقا مۇىتاج

UID
12865
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
615
تىزىملاتقان
2011-7-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 01:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ھېچ ئىش كۆمىگەندەك تۇرمۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ .سىز كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىنى كۆرۈپسىز شۇڭا،ئەمىلىيەتتە يولدىشىڭىز ئنتايىن نورمال ھالەتتە تۇرسىمۇ سىزگە"باشقىچە"تۇيۇلۇشى مۇمكىن،بۇ ئىشلانىڭ سەۋەبىنى يوقۇردىكى تورداشلار ئېيتقاندەك ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ.مېنىڭ دىمەكچى بوغۇنۇم،سىز-ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ،ئۆزىڭىزدە ئىشەنچ بولمىسا ئۇتتاغىنىڭىز شۇ . "ئاشۇ كىشى 10يىلدىمۇ ئۇنتالمىغان ئايالدىن مېنىڭ نېرىم كام ؟"دەپ ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇڭ.  قاراپ تۇرۇڭ خۇددى ئالدىڭىزدىن بىر قۇيۇن ئۆتۈپ كەتكەندەك ،ياكى بىر چۈشدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ .بەخىتلىك ئائلىڭىزنىڭ داۋاملىشىشىنى،مەڭگۈ ئىناق بىر جۈپلەردىن بولۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن .

كەلگۈسىڭدىن ئۈمىتۋار بول، ئۆتمۈشۈڭدىن ئۆكۈنمەس بول

UID
12244
يازما
47
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1337
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 01:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈنلەردىكى ھېسسىياتىڭىزنى ، ئازاپلىرىڭىزنى ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلالايمەن . ...  يوقىرىدىكى تورداشلار ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بېرىپتۇ . پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىڭ ، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ . مەۋھۈم دۇنيادىكى بىرى ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىپ  يولدىشىڭىزنى قولدىن چىقىرىپ قويسىڭىز ئەخمەقلىق قىلغان بولىسىز . سىز باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىڭىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشنى ئويلىشىڭىز كېرەك . ئالدى بىلەن پىسخىكىڭىزنى تەڭشەڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، بالىڭىز ئۈچۈن ئىرادىلىك ياشاڭ ، يولدىشىڭىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋالمىغان ئاساستا ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ . بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، سىزگە غەيرەت ، سەۋرچانلىق تىلەيمەن !

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
78
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2688
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 11:54:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چ چ دىكى گەپلەرگە ئاساسلىنىپلا بىرە قارار چىقىرىش مىنىڭچىمۇ توغرا بولمايدۇ .
سىز ئۇنىڭغىلا ئېسىلىۋالماي ئەمىلىي ھەركىتىگە بەكرەك قاراڭ . ھەقىقىي ئىسپات قولىڭىزغا چۈشكەندە ئاندىن ئويلىنىپ بىر ئىش قىلارسىز .

UID
6414
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1038
تىزىملاتقان
2010-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 12:06:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرگىزمۇ ئاجرىشىمەن دىمەڭ ،بالىڭىزنى يىتىم قىلماڭ ،بۇنداق ئازار يىگەن ھالەتتە ئاجراشسىڭىز، ئازاپلىنىشتىن باشقىغا ئېرىشەلمەيسىز،ئۇزىڭىزنى ئواشاپ بولالمايسىز ،سىز ئۇ سۇزلىشىش خاتىرسىنى كۆرمىگەن بولۇپ يۇرۇۋېرىڭ ،ناھايتى چىرايلىق ياسىنىپ ،روھلۇق يۇرۇڭ ،ناھايتى خۇشخۇي ،خۇشال يۇرگەندەك بولۇڭ ،ئېرىڭىزگە كويىنىدىغان ۋاقىتتا شوخلۇق بىلەن،ئۇنۇڭخا بەك كۆويۇنىدىغىنىڭىزنى بىلدۇرۇڭ ،ئەمما ھەر ۋاقىت ئەس يادىڭىزدا ئېرىڭىزلا بولماي ،ئۇنۇڭغا بەك دىققەت قىلمىغان قىياپەتتە تۇرۇڭ بەلكى سىرتلاغا چىقىپ ئايلىنىپ ،خۇشال خۇراملىقىڭىزنى ئپادىلەڭ،.....مەنغۇ توي قىلمىغان شۇنداق بولسىمۇ ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ باقتىم،  [s:2]
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ،ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەسۇن .،،،،،،،،،،

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
257
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7708
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 16:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىڭلار بىر  ئىشخانىدا ئىشلەمسىلەر ؟  ياكى  سىز يولدىشىڭىزنى  ئۇنىڭ بۇرۇنقى سۆيگىنى سىياقىدا باشقا چ چ دا گەپكە سالدىڭىزمۇ ؟     مۇشۇ ئەھۋاللار راس بولسا ئىنكاس يازاي  بولمىسا  تىمىدا دىيىلگەن گەپ سۆزلەرنىڭ  ئاپتورى سىز ئەمەس ياكى  سىز  مۇشۇنداق  ئەھۋالدا قانداق قىلامەن دىگەن  گۇمان بىلەن بۇ تىمىنى يوللاپسىز  .  

ئەڭ ياخشىسى ئۇلۇغ رۇزا رامىزاندا يولدىشىڭىزدىن گۇمان قىلماي  ئۆيىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش