بۇ 6قەۋەتتىكى维医医生 يوللىغان 2011-08-04 16:30 غا قارتىلغان :
ھەي ،بەلكىم بالام تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆپرەك ۋاقتىم بالام بىلەن بولغان بولسا كېرەك؟ لېكىن ئاياللار ياخشى كۆڭۈل بۆلمىسە ئەرلەر تالاغا قارىسا توغۇرمۇ ؟ ئەرلەرمۇ تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەسقۇ جاھاندا 
تېمىڭىزغا قارىسام باشقىلاردىن سەمىمىي مەسلىھەت كۈتۈۋاتقاندەك قىلىسىز .
ئەمما بۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىدىكى قۇرلارنى ئوقۇسام سىزدىمۇ مەسىلىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم .
بىلىپ قېلىڭ! ئەرلەرنى تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەسقۇ دىيىش ھۇش كاللىسى جايىدا بولغان ئايال زاتىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان سۆز ئەمەس . ناۋادا بۇ سۆزنى ئىرىڭىز ئاڭلىسا سىزنى ئىككىلەنمەي قويۇۋېتىپ ئۆزى خالىغان قىزنى ئىزدەپ كېتىشى مۇمكىن.
يەنە بىرسىگە ئۈستىدىكى تورداش ئېيتقاندەك بىر كومپىيوتىردا سۆزلەشكەن چ چ سۆزلىشىش خاتىرىسىنىڭ يەنە بىر كومپىيوتىردا چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ( بۇنى كومپىيوتىر ئىشلىتىشتىن ئازغىنا خەۋىرى بولغانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ) .بەلكىم ئىچىڭىز پۇشۇپ بۇ تېمىنى يازغانسىز.
خەيىر . شۇنداقتىمۇ ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقاي .
ئەڭ ئاۋال سەۋەپنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەپ كۈرۈڭ!
ئائىلە ئەر ۋە ئايالنىڭ چۈشىنىشى ۋە بىر بىرىنى قوللىشى ئاساسىغا قۇرۇلغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئائىلە بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . ئائىلىدە ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنىڭ بولۇشى نورمال ئىش . پەقەت شۇ ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ياكى ۋەيران قىلىشقا تاقىلىدۇ .
تېمىدىكى ئىشلارنى ھەقىقىي ئىش دەپ تۇرايلى ، سىزنىڭ ئاجرىشىش يولىنى تالللىغىنىڭىز سىزنىڭ يولدىشىڭىزنى شۇنداقلا ئۆزىڭىزنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . ھەمدە سىزنىڭ يېڭىلگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ . ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئېرىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ باشقا ھەر قانداق ئايالدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىڭىزنى، باشقا ھەر قانداق ئايالدىن مۇھىم ئۇرۇندا تورىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش . بۇنىڭ ئۇچۈن ئېرىڭىزنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، سىزدىن نىمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىشىڭىز كېرەك . ئېرىڭىز سىزنىڭ سەمىمىي كۈيۈنۈشلىرىڭىزدىن ، ئائىلىدە ئادا قىلىۋاتقان ئاياللىق بۇرچىڭىزدىن رازى بولغان چاغدىلا تالاغا قاراپ قېلىشتىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كېچىدۇ . سەبىي پەرزەنتىڭىزنىڭ كېلەچەكى ئۈچۈن بولسىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۈرۈڭ!