بۇ 15قەۋەتتىكىnaway يوللىغان 2011-08-04 22:56 غا قارتىلغان :
ئەگەر تۇل ئاياللىق ھاياتنى بىشڭىزدىن كەچۇرۇپ باقماقچى بولغان بولسىڭىز دەرھال ئاجىرىشىڭ!
بىر قىتىم ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ قانچىلىك خۇرلىققا مۇپتىلا بولدىغانلىغى ئاجرىشىپ كەتكەنلەردىن سوراپ باقسىڭىز نۆۋەتتىكى خۇرلىقىڭىزدىن نەچچە مىليۇن ھەسسە كۆپ بولدىغانلىغىنى دەپ بىرىدۇ.
ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارنى جەميەتتىكى (ئوۋچى) ئەرلەر تازلىق قەغىزىگە ئوخشىتىدۇ! 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھۆرمەتلىك تورداش سىزنى ئەقلى تەپەككۇرى خىلى يىتىلگەنمىكىن دىسەم .... ئەينى ۋاقىتتا ئەيدىز قىزنىڭ ئۆچ ئىلشى دەپ بىر تىراگىدىيەنى خلى ياخشى ئويناپ چىققان ئىدىڭىز ، شۇ ۋاقىتتا سىزنى مەسئۇليەتچاندەك كۆرگەن ئىدىم ...ئەپسۇس قارغاندا ھەممەيلەن ھىكايىدە بىرخىل ئەمەليەتتە باشقىچە ئوخشايمىز ! قاراڭ بۇ تورداش ئۆز بىشىغا كەلگەن قسمىتىنى بىزگە يوللاش ئارقىلىق بىزدىن سەمىمى مەسلەھەت سورغان ئىكەن بىزمۇ كۆڭۈل بولگەن ئاساستا مەسلەھەت بەرسەك بولاتتغۇ ؟ بىزدە شۇنداق بىر ماقال تەمسىل بارغۇ بۇغداي نىنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈك يوقمۇدەپ . چىرايلىق گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمىسىڭىز بۇنداق ئاتالمىش جەمئىيەت داشقاللىرى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەخلەت گەپلەرنى مۇنداق ئىلمى سورۇنغا سۆرەپ كىرمىسىڭىز بولاتتى . مۇنازىرە ئەخلاقىغا دىققەت قىلىنى ، سىزنىڭچە ئاشۇ قىز ئاجىرشىپ كىتىپ بىر ئائىلنى ۋەيران قىلسا ئاقىۋىتى قانداق بولا ... بىزنىڭ ئۆيدىكى ئاچا-سىڭىللىرمىز بولمىغاندىكىن دەپ تاشپاقىدەك بىشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ يۈرسەك بولامتى ، ماھىيەتتە ئاشۇلارمۇ بىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرمىز ئەمەسمۇ . شۇلارنىڭ قەدىرنى بىز قىلمىساق دىڭىز ساھىلىدىن كەلگەنلەر قىلامدا ؟ بىلىپ قويۇڭ ۋاختى كەلگەندە جىنىدىن كىچىپ بىزگە ياردەم بىردىغانلار يەنىلام مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرمىز ئەمەسمۇ؟ بەزەنلەر ئەرلەر تىپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەسقۇ دىگەن گەپكە ئىسىلۋىلىپ بىۋاستە ئاقارەتلىگىلى تۇرۇپتۇ . بۇنداق گەپلەرنىڭ تۇرمۇشتا بولۇپ تۇرشىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدىغۇ، قىنى قايسىمىز ئاياللار(قىزلار) تىپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەسقۇ دەپ ھاياتىمىزدا دەپ باقمىغان جەزىم قىلشىمچە ئاقارەتلەپ ئىنكاس يازغانلار بۇنداق گەپلەرنى نەچچە قىتىم دەپ بولغان بولشى مۇمكىن . ماقۇل ئۇيغۇر دوختۇر نامىدىكى تورداش شۇنداقمۇ دەپ سالدى دەيلى لىكىن بىزلەرمۇ چىرايلىق ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن بىر ئايالنى قايىل قىلماقتا يوق تىللاش كىرەكما ؟ تىلىغانلىقنىڭ ئۆزى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ، ئەركىشى دىگەن ئىككى ئىغىز چىرايلىق گەپ بىلەن ئايال كىشنى قايىل قىلالمىسا ... ئۇنداق ئەرلەرگە نىمە دىگۈلۈك ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى تەربىيە كۆرمىگەن ساپاسىزلار بىلەن نىمە پەرقى؟ شۇڭا مەن دەيمەن مۇنازىرنى ئىلمى داۋاملاشتۇرساق ، مەيدانىمىزھەم ئىنىق بولسا ، تەنقىدنى ئىلمى قىلساق . مۇنداقچە ئېىيتقاندا باشقىلارغا ئازار بەرمىسەك بولۇپمۇ مۇشۇنداق مەزلۇمەلەرگە . ھازىرقى تۇرمۇشنىڭ بىسىمىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ . بۇنى تۇرمۇش قۇرغانلار چۈشۈنىدۇ دەپ قارايمەن . ئۇلۇق رامىزان كۈننىڭ ھۆرمىتىنى قىلايلى . خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !