كۆرۈش: 17258|ئىنكاس: 90

مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
83
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2623
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 14:06:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۈگۈن كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئشخانىغا كەلدىم -دە  ،ئشلارنى بىر قۇر تۈگەتكەندىن كېيىن كومپىيوتۇر ئالدىغا كېلىپ ،يولدىشىمنىڭ چ چ نۇمۇرىنى، تۈنۈگۈن  كۆرۈۋالغان مەخپى نۇمۇرى بويىچە  ئاچتىم. ئۇنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئېچىپ يېقىندىن بۇيانقى گۇمانىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپلا ئەمەس ،كاللام پىرقىرتىپ تاشلىۋەتكەندەكلا بولۇپ قالدى.چۈنكى ماڭا ئەڭ سادىق، كۆيۈمچان، مۇھەببىتى ئەڭ چوڭقۇر يولدىشىم: ئسمى نامەلۇم بىر قىزغا<ئسمىنى ئۆزى بىلىدىغاندۇ> مەن سىزنى شۇنچە تىرىشىپمۇ پەقەت ئۇنتالمىدىم ،تۇنجى مۇھەببىتىمنى كۆڭلۇمدىن پەقەت چىقىرالمىدىم،سىزگە بولغان 10يىل ئىلگىركى مۇھەببىتىم يەنىلا يۈرۈگىمنىڭ قېتىدا ساقلاقلىق . ئەگەر سىز ماقۇللا دىسىڭىز مەن ئايالىمدىن ئاجىرشىشقا تەييار . سىزنى ئلگركىدەكلا سۆيىمەن ، ھەر مىنۇت يادىمدىن چىقىرالمەيمەن ،ئايالىممۇ پەقەت سىزنىڭ ئورنىڭىزدىكى سىمايە خالاس .  ........ سىزنى يۈرىگىدىن سۆيۈپ................. .
دىگەندەك سۆزلەر يېزىلغان ئىدى .
   مەن بۇ ؟سۆزلىشىش خاتىرىسىنى كۆرۈپ يولدىشىمدىن ئنتايىن نەپرەتلەنگەن بولسام، بىر تەرەپتىن 2يىل كەينىمدىن يۈرۈپ ،دىمىگەن شېرىن سۆز ، بەرمىگەن ۋەدىلىرى قالمىغان  ئاتالمىش تۇنجى مۇھەببىتى ھېسابلىنىدىغان مېنىڭ ،ۋە تۈنجى مۇھەببىتىم ھېسابلىنىدىغان يولدىشىمنىڭ يېقىنقى 2ئايدىن بېرى ئۆيگە كەچ قايتىشى ، ئۆي ئشلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى ، شۇنداق كۆيىنىدىغان يولدىشىمنىڭ ،يېقىندا ئاغىرىپ قالساممۇ  ئدارىدا يېغىن بار -دەپ چىقىپ كېتىشلىرى ، ئەمدى 11ئايلىق بولغان .ئاتالمىش بەختى ھېسابلىنىدىغان قىزىمىزنىڭ ئوماق قېلىقلىرىغا قارىغۇسى كەلمەسلىكى ،يىغلاپ كەتسە بېشىم ئاغىرىپ كەتتى -دەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولدۇم.
دەپ بېقىڭلا دوسلۇرۇم :ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ ئاجىرشىپ كېتەيمۇ ؟ ياكى خورلىققا چىداپ ئولتۇرايمۇ؟
   مەنبە ؛ ئۆز كەچمىشلىرىم <ئەلكۈيى تورىغا تەۋە>

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 15:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىز ھەرگىز ئالدىراپ ئاجىرشىپ كىتمەن دىگەن گەپنى ئاغزىڭىزغا ئالماڭ ؟ بالىڭىزنى ئويلاڭ ؟ بىردەملىك ھاياجان بىلەن ئۇنداق ئالدىراپ نارىسىدە بالىڭىزنىڭ مۇنداقچە ئېيتقاندا يىتىم بولۇپ قىلشىنى ھەرگىز خالىمايسىز غۇ دەيمەن . تىخى يولدىشىڭىز ئاجىرشىپ كىتىلى دىگەن سۆزنى قىلماپتىغۇ ، شۇنىڭدىنلام سىزگە ھەم ئائىلسىگە مىھرى بار دىگەن گەپ . سىز ئەسلى سۆزلىشىش خاتىرسىنى كۆرمىسىڭىز بوپتۇكەن ، بۇنداق ئازاپلىنىپ يۈرمەيتتىڭىز ئەمەسمۇ ! شۇنداقتىمۇ يولدىشىڭىز بىلەن ئالدىرماي تەمكىن ھالدا يولدىشىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئىشىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەي پاراڭلىشىپ بىقىڭ مىنىڭچە ھەرگىزمۇ ئاجىرشىپ كىتىلى دىگەن سۆزنى قىلمايدۇ . سۆزلىشىش خاتىرسىدىكى ھىلقى سۆزلەر سىزنىڭ ئاجىرشىپ كىتىشڭىزنىڭ دەسمايىسى بولۇپ كىتىشنى مىنىڭچە تورداشلارمۇ توغرا كۆرمەيدۇ . سىز ياراتقان رەببىمىزدىن ئۆزىڭىزگە سەۋىر ، يولدىشىڭىزنىڭ ئىنسابىنى تىلەڭ ، چوقۇم ياخشىنلنىپ كىتىدۇ. ئەركىشى تۇنجى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ دىگەن ماتىريالىسلارنىڭ سۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ؟ ۋاقىت ھەممىسىگە ئادىل باھا بىرىدۇ . يولدىشىڭىنىڭ قارشى تەرەپكە كۆيدم -پىشتىم دىگىنى ھەمىسى ئەخلەت گەپلەركەن . مىنىڭچە سىزمۇ ئوبدان ئويلۇنۇپ بىقىڭ ، سىزدنمۇ ئۆتكەن سەۋەنلىك بارمۇ- يوق؟ نىمە ئۈچۈن يولدۇشۇم سىرىتقا كۆز تاشلاپ قالدى ياكى مەن يولدۇشۇمنى ئوبدان كۈتەلمىدىممۇ ؟ مەنمۇ ئۆزەمنى ئۆزگەرتىپ يولدۇشۇمگە بىقىشىم كىرەكمۇ يوق ؟ شۇڭا سىزگە سەمىمى تەكلىۋىم ھەرگىز ئاجىرىشىپ كىتىدىغان ئىشنى قىلماڭ ! تۇرمۇش دىگەنگە ئۇ كىيۇ كىيۇ دىكى بىر ئىككى بەت سۆزلىشىش خاتىرسى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش سىزدەك ھەم سىزلەر كەبى ئاچا-سىڭىللىرمىزگە ھەرگىز ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . تۇرمۇشقا ئەقلى كۆزىڭىز بىلەن بىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن ! ياراتقان ئىگەم ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ بەرگەي !!!

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
83
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2623
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 16:01:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مەنمۇ ھازىر بەك ....بەك .....ئويلىنىش باسقۇچىدا

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 16:03:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىز ھەرگىز ئالدىراپ ئاجىرشىپ كىتمەن دىگەن گەپنى ئاغزىڭىزغا ئالماڭ ؟ بالىڭىزنى ئويلاڭ ؟ بىردەملىك ھاياجان بىلەن ئۇنداق ئالدىراپ نارىسىدە بالىڭىزنىڭ مۇنداقچە ئېيتقاندا يىتىم بولۇپ قىلشىنى ھەرگىز خالىمايسىز غۇ دەيمەن . تىخى يولدىشىڭىز ئاجىرشىپ كىتىلى دىگەن سۆزنى قىلماپتىغۇ ، شۇنىڭدىنلام سىزگە ھەم ئائىلسىگە مىھرى بار دىگەن گەپ . سىز ئەسلى سۆزلىشىش خاتىرسىنى كۆرمىسىڭىز بوپتۇكەن ، بۇنداق ئازاپلىنىپ يۈرمەيتتىڭىز ئەمەسمۇ ! شۇنداقتىمۇ يولدىشىڭىز بىلەن ئالدىرماي تەمكىن ھالدا يولدىشىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئىشىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەي پاراڭلىشىپ بىقىڭ مىنىڭچە ھەرگىزمۇ ئاجىرشىپ كىتىلى دىگەن سۆزنى قىلمايدۇ . سۆزلىشىش خاتىرسىدىكى ھىلقى سۆزلەر سىزنىڭ ئاجىرشىپ كىتىشڭىزنىڭ دەسمايىسى بولۇپ كىتىشنى مىنىڭچە تورداشلارمۇ توغرا كۆرمەيدۇ . سىز ياراتقان رەببىمىزدىن ئۆزىڭىزگە سەۋىر ، يولدىشىڭىزنىڭ ئىنسابىنى تىلەڭ ، چوقۇم ياخشىنلنىپ كىتىدۇ. ئەركىشى تۇنجى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ دىگەن ماتىريالىسلارنىڭ سۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ؟ ۋاقىت ھەممىسىگە ئادىل باھا بىرىدۇ . يولدىشىڭىنىڭ قارشى تەرەپكە كۆيدم -پىشتىم دىگىنى ھەمىسى ئەخلەت گەپلەركەن . مىنىڭچە سىزمۇ ئوبدان ئويلۇنۇپ بىقىڭ ، سىزدنمۇ ئۆتكەن سەۋەنلىك بارمۇ- يوق؟ نىمە ئۈچۈن يولدۇشۇم سىرىتقا كۆز تاشلاپ قالدى ياكى مەن يولدۇشۇمنى ئوبدان كۈتەلمىدىممۇ ؟ مەنمۇ ئۆزەمنى ئۆزگەرتىپ يولدۇشۇمگە بىقىشىم كىرەكمۇ يوق ؟ شۇڭا سىزگە سەمىمى تەكلىۋىم ھەرگىز ئاجىرىشىپ كىتىدىغان ئىشنى قىلماڭ ! تۇرمۇش دىگەنگە ئۇ كىيۇ كىيۇ دىكى بىر ئىككى بەت سۆزلىشىش خاتىرسى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش سىزدەك ھەم سىزلەر كەبى ئاچا-سىڭىللىرمىزگە ھەرگىز ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . تۇرمۇشقا ئەقلى كۆزىڭىز بىلەن بىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن ! ياراتقان ئىگەم ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ بەرگەي !!!

UID
11056
يازما
67
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1827
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 16:08:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا زىددىيەتنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلماسلىقىنى بەلگىلەپ قويىشى مۇمكىن؛ناگان - ناگانلاردا مۇشۇنداق ئوقۇشماسلىقلارنىڭ،خاتالىقلارنىڭ بۇلىشىمۇ بىر ھېسابتا مۇھاببەتنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ،ئەسلىدە ئېرىڭىزنىڭ مەخپىيەتلىكىنى كۆرمەسلىكىڭىز كېرەك ئىدى،ئۇنىڭغا بولغان گۇمان تۇرمىشىڭىزنى بۇزسا بۇزىدۇكى ھەرگىزمۇ تۈزەلمەيدۇ،چ چ دىكى پاراڭلاردىن باشقا ئۇنىڭ مۇھاببىتىڭىزگە سادىقلىق قىلمىغان قانچىلىك يىرىنى بايقىدىڭىز؟ داۋاملىق تۈردە مۇشۇنداق مېڭىپ ئاخىرىدا ئاجرىشىپ كەتسىڭىز ھازىرقىدەك بەختلىك تۇرمۇشقا،قىزغىن سۆيۈشلەرگە داۋاملىق نائىل بۇلالامسىز،بۇنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشىڭىز كېرەك، بىر قېتىملىق نىكاھتىن ئاجرىشىش ئۆمۈرلۈك بەختسىزلىك باشلىنىشى بوپ قېلىشىمۇ مۇمكىن،مەنچە بولغاندا گۇناھنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەپ بېقىڭ،ئۇنىڭغا قانچىلىك كۆڭۈل بىرەلىدىم،سۆيەلىدىم دېگەنلەرنى ھەقىقىي ئەھۋالدا تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆمۈد سەن قەيەرد

UID
3434
يازما
107
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3468
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 16:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر ،بىر بالىغا ئاتا بولغان ئەر ئاخىردا ئۆزىگە نىمىنىڭ لازىم بولدىغانلىقىنى بىلىدۇ،.
سىز ئۆزىڭىز ئۈستۈدە ئويلاپ بىقىڭ ، يولدىشىڭىز سىزنىڭ قايسى قىلىقلىرىڭىزنى ياختۇرمايدۇ.
ئاللا سىزنى بەخىتلىك قىلسۇن!

مۇرادىللوف

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
83
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2623
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 16:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ،بەلكىم بالام تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆپرەك ۋاقتىم بالام بىلەن بولغان بولسا كېرەك؟  لېكىن ئاياللار ياخشى كۆڭۈل بۆلمىسە ئەرلەر تالاغا قارىسا توغۇرمۇ  ؟ ئەرلەرمۇ تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەسقۇ جاھاندا

UID
4302
يازما
283
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8579
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 16:51:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەق قىز ،چ چ دىكى ئۇ پاراڭلارنى ئەزەلدىن كۇرۇپ باقمىغاندەك تۇيغۇغا قايتىڭ .
ئاندىن قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىڭ ئالدىڭىزدا تام تۇرۋالغاندەك ئۇ خاتىرە سىزنى ھەر مىنۇت بىئارام قىلسا ئويلىنىشىڭىز ئازاپتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئۆتكەنكىدەك مۇئامىلە قىلىڭ ،كۇزىگە كىرۋىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ ئۇنىڭغا بولغان كۇڭۈل بۆلىشىڭىز يىتەرلىك بولسۇنكى چەكتىن ئاشمىسۇن .ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ بىراق چوقۇم يىراققا قاچماڭ .ئۇنىمۇ قاچۇرماڭ .تەشەببۇسكار بولۇڭ .ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بالىنى دەستەك قىلدىغان ئىشلار بىزنىڭمۇ بىشىمىزغا كەلگەن .شۇڭا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىڭ .قىنى سىز نوچىمۇ .چ چ مۇ ؟
ئۇ قانداقلا بولمىسۇن مەۋھۇم دۇنيا چوقۇم غالىپ كىلەلەيسىز .ئىشەنچىڭىز بولسۇنكى قارارىڭىز "ئاجىرشىش "بولمىسۇن.بۇ چىلىشماي تۇرۇپ يىڭىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى .

ئۆزىڭنى بىل ،ئۆزگىنى قوي

تىرىشچان ئەزا

قەدرىڭنى بىل! قە

UID
13718
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
649
تىزىملاتقان
2011-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 17:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ توي قىلمىدىم لىكىن  ئاياللارنى يىغلاتكانلارغا بەك نەپرەتلىنىمەن! ئاياللارمۇ بىز ئويلىغاننى  ئويلىيالىيالايدۇ. ھىس قىلغاننى ھىس قىلالايدۇ. ئۇلاردىمۇ بىزگە ئوخشاش كۆڭۈل با تۇرسا ئۇلارنى خورلاشقا ۋىجدانى قانداقمۇ يول قويىدىغاندۇ ؟؟؟؟!!!!!!!!!! سۆزلەپ كەلسەم گەپ ئۇزىراپ كىتىدۇ بۇ ئىشلارغا نىم دىگۈلۈك زادى؟؟؟!!

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەڭ!

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 17:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟

بۇ خىل قىسمەت ھازىر خېلى كۆپ ساندىكى ئائىلىدە بار ، غەيرەتلىك بولۇڭ،ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالغان ھالەتتە سەۋەبىنى ئويلۇنۇڭ. ئەسلى خاتىرنى كۆرمىگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى،بىلىپسىز،ئەمما ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەي تۇرۇپ ،ھۆكۈم چىقارماڭ،بەلكىم يولدىشىڭىز بىردەملىك ھەۋەسكە بىرىلگەن بولىشى مۇمكىن.ئۆزىڭىزنى تاشلىماڭ،يولدىشىڭىزغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ،بالىڭىزغا قاراپ كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇندۇرۇڭ،پەرۋاسىز ياشاپ بېقىڭ،ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ،بۇلۇتلۇق ھاۋارايىدىن كىيىن،قۇياش كۆتۈرلۈپ چىىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.تەگىمەڭ،يۈزىگە كۆپ سالماڭ،بولسا بىلىپ قالغىنىڭىزنى بىلمىسۇن،چۈنكى ئەرلەرنىڭ غورۇرى كۈچلۈك،نۇمۇس قىلىپ بولسىمۇ دىلىڭىزنى ئاغرىتىپ قويمىسۇن (مېنىڭمۇ بېشىمغا كەلگەن)ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كىتىدۇ،سىزگە قوپاللىق قىلمىغىنى ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ تېخى ئائىلىسىدە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ.غەيرەتلىك بولۇڭ!!!!!!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش