- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 65
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 579
- تىزىملاتقان
- 2011-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-23
- UID
- 11269
- يازما
- 65
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 579
- تىزىملاتقان
- 2011-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-23
- توردا
- 11 سائەت
|
بۇ 75قەۋەتتىكىtaxbalik يوللىغان 2011-06-13 02:07 غا قارتىلغان :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ناۋاي ئەپەندىمدىن سوراپ باقسام ئەمىسە يۈسۈف-زۈلەيھا ناملىق كىنونى كۆرۈش كىرەكمۇ يوق ؟ مۇشۇ توغورلۇق پىكىر يېزۋەتكەن بولسىڭىز ئاللا بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن !!!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،
بۇ سوئالنى ناۋايى ئەپەندىمدىن سوراپ ئۇنى تەڭلىكتە قويماي، ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلىڭ.
سەئۇدىينىڭ پەتىۋاسى مانا: بۇ 30قەۋەتتىكىuhibbu يوللىغان 2011-06-03 10:28 غا قارتىلغان :
63704-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم كۆپ كۆرىلىۋاتىدۇ، بۇ توغرىدىكى شەرئى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟
جاۋاب:بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
شىئەلەر (راپىزىلار) يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنى ھېكايە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلىكىدىن ياشلىق ۋە ياشانغان دەۋرىگىچە بولغان ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان فىلىم ئىشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىپ يالغاننى ئارىلاشتۇرغاندىن سىرت بۇنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ياشىغان زامانىنى مەۋھۇم تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئاشكارا قىلدى. ئۇلار يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى پىرئەۋنلار زامانىدا قىلدى. (ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس). پىرئەۋنلارنى مۇۋەھھىدلاردىن (يەنى ئاللاھنى بىر دەپ ئىتىقاد قىلغۇچى) قىلدى. (ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس). قۇرئاننىڭ ئوچۇق تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى ساتقان قىلدى. ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەس. فىلىم ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭ ۋە پەسكەشلىكنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار.
پەيغەمبەر ياكى ساھابىنىڭ شەخسىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىش دىندا (يەنى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە) چەكلەنگەن ئىش بولۇپ، بۇنىڭدا نۇرغۇن بۇزۇقچىلىق ۋە دىنغا زىت كىلىدىغان ئىشلار بولىدۇ. بىز رولغا چىققان ئارتىسنىڭ شەخسىيىتىگە ئالاقىدارلىق زور بۇزۇقچىلىقنى كۆرىمىز. پەيغەمبەرنىڭ رولىغا چىققان ئارتىسنىڭ بەزى سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت بولغان شەرئى مۇھەببەتنىڭ ئارىسى ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئاقىۋەتتە ئىنسان ئۆزىنى پىتنىگە تاشلايدىغان ئىشلارغا ئۆز پۇتى بىلەن بارىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: پەيغەمبەرلەر، ساھابىلار ۋە تابىئىنلارنىڭ شەكلىدە رولغا چىقىشنىڭ ۋە ئارتىسلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىپ رولغا چىقىپ يەنە بىر تەرەپتىن كافىرلارنىڭ رولىغا چىقىشىنىڭ ھۆكمى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەرگەن:
1-سەھنىدە كۆرسىتىلىدىغىنى ئارتىسنىڭ تەبىئىتىدىكى ياسالما ئىش-ئىز، ساختا، ياغلىمىلىق، ئۆزگەرتىش ياكى سۆزنى زىيادە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆرگۈچىلەرنى مايىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلىدۇ. بۇ ئارتىسلارنىڭ مەزكۇر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا لايىق ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئۇلار باشقىلارغا ياكى ھاياتىنى ئىسلامغا ياردەم بېرىش، جىھاد قىلىش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش، سۆزلىرى دەۋەت-تەبلىغدىن ئىبارەت بولغان پەيغەمبەرلەر، ساھابىلەرنىڭ رولىغا چىقىپ ئۇلار نامىدىن سۆز قىلىشقا ئەسلا لايىق ئەمەس.
2-ئارتىسلار ئاساسەن راست سۆزلىمەيدۇ، ئېسىل-ئىسلام ئەخلاقى بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ، ئۇلار توقۇلما سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، مال-دۇنيا توپلاش ۋە تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇلار ساھابىلار ۋە باشقا پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ رولىغا چىقىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش، زاڭلىق قىلىش، يۈز ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ۋە ئورنىنى تۆۋەنلىتىشكە ئوخشىغان كۆرۈنۈشلەر مۇسۇلمانلار قەلبىدە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامىنى يوقىتىشقا ئىلىپ بارىدۇ.
......................................................................................................
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى(3\\268-270).
مەنبە: http://www.islamhouse.com/p/334129
سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى بىردىنبىر كىنوخانا بولمىغان دۆلەت. بۇ دۆلەتتە كىنو فىلىم سىتودىيەلىرى يوق دەپ ئاڭلاۋاتىمىز. سىتودىيە بولمىغان ئىكەن ئەلۋەتتە بۇنداق فىلىملەرنىمۇ ئىشلىيەلمەيدۇ. چۈنكى يۇقارىقىدەك پەتىۋالار بىلەن فىلىم ئىشلىمەيدۇ.
يۇقارىقى پەتىۋادىكى گەپلەر ئىدىيىڭىزدىن ئۆتسە فىلىمنى كۆرمەڭ. ئىرانلىق مۇسۇلمانلارمۇ قولىدىن كېلىشىچە قۇرئان-كەرىمدىكى يۈسۈف سۈرىسىنى جانلىق شەكلىدە ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقىنى ھېچكىمدىن كۈتەلمەيمىز. چۈنكى، پەيغەمبەرلەر ياشىغان دەۋردە ھازىرقىدەك سىنئالغۇ كامېرالار بولغان بولسا، سۈرەتكە ئېلىپ قويغان بولسا، بۇنداق فىلىم ئىشلەشنىڭمۇ، يالغانچى ئەرتىسلەرنىڭ رولغا چىقىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن ۋەھيى ئالىدىغان ئىنسانلار. ئارتىسلار ۋەھيى ئالىدىغان پەيغەمبەرلەر ئەمەس، لېكىن قولىدىن كېلشىچە پەيغەمبەرنىڭ ئىنسانلىق تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىپتۇ. سىزنىڭچە، ئۇلار سەئۇدىينىڭ پەتىۋاسىدا دېيىلگىنىدەك " توقۇلما سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، مال-دۇنيا توپلاش ۋە تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇلار ساھابىلار ۋە باشقا پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ رولىغا چىقىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش، زاڭلىق قىلىش، يۈز ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ۋە ئورنىنى تۆۋەنلىتىشكە ئوخشىغان كۆرۈنۈشلەر مۇسۇلمانلار قەلبىدە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامىنى يوقىتىشقا ئىلىپ بارىدىغان" بولسا، بۇ فىلىمنى قەتئىي كۆرمەڭ. قۇرئان ئوقۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىڭ. ئىنسانلىق تەپەككۈرىڭىز بىلەن ھېچنىمىنى ئارتۇقچە خىيال، تەسەۋۋۇر قىلماڭ، چۈشەندۈرۈپ ئىزاھلىماڭ.
لېكىن، ئەتراپىڭىزدا كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان، ۋاقتى بولسىلا كىنۇخانىغا بېرىپ ياكى ئۆيدە تېلېۋىزورغا قاراپ چەتنىڭ فىلىملىرىنى كۆرىدىغان كىشىلەر، "غەرپكە ساياھەت"نى كۆرىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ فىلىمنى كۆرىمىز دېسە قەتئى توسماڭ. چۈنكى، ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالام فىلىمنى كۆرمىسە، ئېنىقكى، بۇنىڭ ئورنىغا "غەرپكە ساياھەت" ياكى باشقا كۆرىيە فىلىملىرىنى كۆرىدۇ. ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، غەرپنىڭ شەھۋانىي نەرسىلىرىنى كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇش ياكى سەئۇدىينىڭ پەتىۋالىرىغا قولاق سېلىش خوشياقمايدۇ. دۆلىتىمىزدە سەئۇدىيدىكىدەك كىنو فىلىم قىس ئەمەس.
"يۈسۈف ئەلەيھىسسالام" فىلمىنى ھۆكۈمەت چەكلەيدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئىسلامغا قايتقان نۇرغۇن كىشى بار. بۇ فىلىم دىنىي تەبلىغ، تەشۋىقتەك بىلىنگەچكە چەكلەيدۇ. سەئۇدىي ئۆزى فىلىم ئىشلەشكە قارشى دۆلەت. شۇڭا......
قالغىنىنى سىزدىمۇ مۇستەقىل كاللا، ئەقىل بولغاندىكىن ئۆزىڭىز ئويلاپ بىر ئىش قىلارسىز. مۇنبەردە ھەممە گەپنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ. |
|