- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 110
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1010
- تىزىملاتقان
- 2011-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-23
- UID
- 12034
- يازما
- 110
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1010
- تىزىملاتقان
- 2011-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-23
- توردا
- 21 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
باش تىما يازغۇچى خېلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. مۇنازىرىدە قۇپال بولۇشۇپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىشىپ ھېچ كىمگە ھېچ نەپ بەرگىلى ھەم نەپ ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆزەڭلەرنى تەمكىن تۇتۇڭلار، قارشى تەرەپ قايناپ قالغان بولسا، ئەگىشىپ قايناشتىن ساقلىنىڭلار. بۇ مېنىڭ تەكلىپىم.
ئەمدى باش تىمىغا كەلسەك، قۇرئان كەرىمدە يۇسۈپ ئەلەيھىسسالام بىلەن زۇلەيخانىڭ مۇھەببەتى تۇغرىلىق ئايەت يوق، زۇلەيخا( بۇ ئايالىنىڭ ئىسىمى نىمە بولىشى مۇھىم ئەمەس)نىڭ پادىشاقا راست گەپ قىلغانلىقى بىلەنلا ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇغرىلۇق تەپىسلاتى بايان قىلىنمىغان. چۈنكى ئۇ قسسسە زۇلەيخا تۇغرىلۇق قسسە ئەمەس، بەلكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام تۇغرىلۇق قىسسە. ئۇ قىسسە بىر چۈش بىلەن باشلىنىپ شۇ چۈشنىڭ تەبىرى ئايدىڭلاشقانلىق بىلەن ئاياقلىشىدۇ.
بۇ يەردە بىر مەسىلە بار، ئويلاشماي بولمايدۇ. زۇلەيخا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق قىلغان ۋاقلىرىدا ئىمان ئېيتمىغان ئايال ئىدى. ھەم خالىغان ئەر بىلەن زىنا قىلىدىغان زىناخور ئايال دەپ يەكۈنلىگىلىمۇ بولمايدۇ. پەقەت يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ھىلە ئىشلەتتى. ئېرىغا خييانەت قىلغانلىق جىنايەتمۇ ئۇنىڭ خىيالىغا بىلىنمىدى، ئۇنىڭ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ئاجىز كەلگەن بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ گۇنالارنى قىلدى.
باش تىما يازغۇچى : "يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن، (نازۇ نېمەتلىك جەننەتلەردىكى) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ( سۈرە نۇر، 26 - ئايەت )" دىگەن ئايەتنى زۇلەيخانىڭ ئىمانسىز ھالىتىدە قىلغان گۇنالىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يامان ئايال دەپ يەكۈن چىقىرىپ، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولىشى مۇمكىن ئەمەس دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىپتۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، مۇنۇ ئايەتكىمۇ قاراڭ:
"«مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن: نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر»(سۈرە يۈسۈف53-ئايەت)"
بۇ ئايەتكە ياىشىراق قارىسىڭىز زۇلەيخانىڭ ئىمان ئېيتقانلىقى بىلىنىدۇ. ئۇ ئىمان ئېيتقان بولسا ، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدۇ. تەۋبە قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىمانسىز چېغىدىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈلگەن بولىدۇ. شۇڭا، يۇقۇرقى ئايەتنى دەلىل قىلىپ ئۇنى يەنىلا "يامان ئايال" دەپ ھۆكۈم قىلىپ، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ خۇلاسە قىلىشقا بولمايدۇ. باش تىمىدا كەلتۈرگەن دەلىللەر يەنى "يۈسۈپ-زۇلەيخا قىسسىسى"نىڭ راست بولغانلىقىغا "ئوچۇق دەلىلل يوق" دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا يېتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ شۇنداق بولىشى مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ خۇلاسە چىقىىرشقا سەل كەملىك قىلىدۇ.
بۇ مېنىڭ چۈشىنشىم.
مەن قىسسەسۇل ئەنبيادىكى يازغۇچىنىڭ تەسەۋۇرى ئارىلاشقان تەپسىلاتىغا چىن پۈتۈپ كەتمەيمەن. قۇرئان كەرىمدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغانكەن، بۇرۇنقى رىۋايەتلەرنى تەپسىلىلەشتۈرۈپ بايان قىلىنىشىدا خاتالىقلار قۇشۇلۇپ قېلىشتىن خالىي بولالمايدۇ. باشقا كىتاپلارنى دىسەك، ئۇ كىتاپلارنىڭ ئەسلسىنى ئاللاھ نازىل قىلغانلىقىغا ئىمان كەلۈتۈسەكمۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى كېيىنكىلەر ئۆزگەرتىۋەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، بەلكى قۇرئان كەرىم ئايتىگە زىت كېلىپ قالدىغان تەرەپلىرىگە قاراپ ، ھازىر ساقلىنىپ كېلىۋاتاقن ئۇ كىتاپلارنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرتىلگەن دىيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ كىتاپلاردىن مۇتلەقلەشتۈرۈپ دەلىل ئېلىشقا بولمايدۇ. دەپ قارايمەن. |
|