- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 189
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4982
- تىزىملاتقان
- 2010-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- UID
- 2277
- يازما
- 189
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4982
- تىزىملاتقان
- 2010-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- توردا
- 95 سائەت
|
بۇ 39قەۋەتتىكى幸福 يوللىغان 2011-06-03 22:22 غا قارتىلغان :
بۇ( قۇرئان كەرىم )ئاللانىڭ بەندىلىرىگە چۈشۈرگەن ساماۋى كىتاۋىدۇر،ئۇنڭىدا ھىچقىانداق شەك يۇق،بۇكىتاپنى تەرجىمە قىلغاندا،ئەسلىى بۇيىچە تەرجىمە قىلىپتىكەن،سىزنىڭ <<يۈسۈپ-زۇلەيخا>>مۇھەببەت قسسسى راستمۇ؟دىيشڭىزدىكى سەۋەپ نىمە؟سىز قۇرئان كەرىمنى تەرجمە قلغان ئالىم مۇھەممەت سالھ ھەزرەتتىن ۋە ئۇنىڭ بىلمىدىن گۇمان قلىغۇدەك ،سز زادى قانچىلك ئۇقىدىڭىز؟ قانچىلك بىلىسز؟ ئالىم ۋە تىل تەتققاتچىسى مۇھەممەت سالھنى چۈشىنەمسز؟ئۇنىڭ يازغان ۋە تەرجمە قىلغان ئەسەرلىرنى ئۇقىمغانمۇ؟ھەر قانداق ئش قلسىڭىز ئاخىرنى ئۇيلىنىپ قىلڭ. 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قارىسام سەل قايناپ قاپسىز. بۇ ئەسەردەقۇرئان كەرىم ۋە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان بىرەر قۇرنى ئۇچراتمىدىم. سىز ئاپتوردىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراپسىز، مەن سىزدىن بىرنەچچە سۇئال سوراي، سىز بۇ ئەسەرنى كۆز يۈگۈرتۈپ ئەمەس تەپەككۇر قىلىپ تولۇق بىر قېتىم ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە يۈسۈفنى تولۇق بىر ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ ئەسەردە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىلىمىدىن گۇمان قىلىنغان قۇرلارنى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟ ئاپتورنىڭ ئىچكى بىلىمىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، ئەمما بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئەمگىكىدىن، ھېچ بولمىدى دېگەندە مۇشۇ ساھەدە پۈتكۈل زوق ئىشتىياق بىلەن ئىزدىنىۋاتقان، قەلبىگە ئاللاھ سۆيگۈسى تولغان بىر قېرىندىشىڭىزنى بايقىيالمىغانلىقىڭىزغا ھەيرانمەن. بۇ ئەسەردە قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىندى دېگەندىن كۆرە ئۇنىڭدىكى ھەقىقەت قوغدالدى دېسەك بەكرەك مۇۋاپىق. ھېلىغۇ بۇ ئەسەردە ئاقىۋىتى ئويلىشىلمايلا قىلىپ قويۇلغان ئىش ياكى مۇقەددەس كىتابىمىز ۋە بىرەر نوپۇزلۇق ئىلىمدارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغىنى يوق. ئەمما، شۇ نۇقتا ئايان بولسۇنكى ئىلىمدە نوپۇزغا چوقۇنۇش ئەڭ چوڭ نادانلىق. ھەقىقەت پادىچى سۆزلىسىمۇ ھەقىقەت ئۇنى ئاڭلىماق لازىم، باتىلنى ئالىم سۆزلەپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ...سىزنىڭچە مۇھەممەد سالىھ داموللامنى بۇ قېرىندىشىڭىز سىزچىلىك بىلمەمدىغاندۇ؟ پىكىر بەرگەندە ھېسىياتقا تايىنىپ سۆزلىمەستىن پاكىتلىق سۆزلەشنى ئۆگەنسەك؟! مانا بۇمۇ مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بىر بەلگىسى مەنچە. |
|