- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 28
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 300
- تىزىملاتقان
- 2011-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-6-12
- UID
- 11772
- يازما
- 28
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 300
- تىزىملاتقان
- 2011-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-6-12
- توردا
- 0 سائەت
|
«يۈسۈف-زۇلەيخا داستانى» دۇنياۋى تېما، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قېسسىسىنىڭ زامانىمىزدىكى دۇنياۋى ئۈچ چوڭ دىن مۇقەددەس كىتابلىرىدا مۇھىم ھىكايە سۈپىتىدە سۆزلىنىشى، ئەڭ قەدىمىيلىكى،تەقۋادارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان گۈزەل ۋە تەسىرلىك ۋەقەلىكلىرى بىلەن باشقا بارلىق مۇھەببەت قىسسىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ، يەھۇدى، ئەرەب، تۈركىي، پارىس، ھىندى ۋە ياۋروپا خەلق ئەدەبىياتىدا ھەرخىل ژانىر ۋە ئۇسلۇپتا كۆپلەپ يىزىلغان،سۆزلەنگەن ۋە تەتقىق قىلىنغان.تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن كۆرە تۈركىيە ئالىمى كور ئوغلىنىڭ «يۈسۈف-زۇلەيخا داستانىنىڭ تۈركىي تىللار ئەدەبىياتىدىكى سىيۇژىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسىدا، يالغۇز تۈركىي تىللىق شائىرلاردىنلا 45 كىشى بار ئىكەن‹1›.ئەرەب،پارس،يەھۇدى، ھىندى تىللىرىدىكى ئەسەرلەرنى قوشقاندا يۈزدىن ئىشىپ كىتىشى مۇقەررەر. ھەر قايسى دەۋرلەردىكى قەلەم ساھىبلىرى ئۈلگىلىك ئەسەرلەر، گۈزەل ئىستىلىستىكىق ۋاستىلەر، ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك دۇنيا قارىشى ۋە غايىۋانە رومانتىك تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ ئۆز زامانىسىنىڭ جەمىيەت رىئاللىقىنى يورۇتۇپ بىرىش ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەسۋىرلەشتە بىتەققاس ئىجادىيەت سەمەرىلىرىنى ياراتقان.
يۈسۈف-زۇلەيخا داستانىنىڭ بۇنچە كەڭ دائىرىدە ئورتاق تېمىغا ئايلىنىشى گەرچە بىزنى ئۇزۇن تارىخى ماتېرىيال، كەڭ مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى، دىن ۋەئەخلاقشۇناسلىق،چۈش ئىلمى قاتارلىق مول بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتسىمۇ،سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلى تۆۋەندە مەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان بىر قانچە مۇھىم ساماۋىي كىتابلار ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ۋەقەلىك ئۆزگىرىشى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئايال باش پىرسۇناژ زۇلەيخا ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
يۈسۈف –زۇلەيخا قېسسسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يۈسۈفنىڭ كېملىكىنى بىلىشكە، دەسلەپكى مەنبەسى بولغان بۇندىن 3400 يىل مۇقەددەم مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «تەۋرات»قا مۇراجەت قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
ساماۋىي كىتابلاردىن «تەۋرات» ۋە «تەۋرات»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىنجىل» ۋە بۇلارنى تەستىق قىلغۇچى«قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىتتىپاقى بىلەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ياقۇپ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇل، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بولسا پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىدۇر. دىنىي ۋە تارىخى مەنبەلەردە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن 361 يىل كىيىن تۇغۇلۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشتىن 64 يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ۋە 110يىشىدا ۋاپات بولغان دىيىلىدۇ.‹2› تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يۈسۈف ئەلەيھىسالام قېسسەسى ئالەمنىڭ يارىتىلىشى بابى 37-سۈرىسىدىن تاكى 49-سۈرىگىچە سۆزلىنىدۇ ۋە زۇلەيخا ھەققىدە مەخسۇس ھىكايە بار. «يۈسۈف بىلەن پۇتىفارنىڭ ئايالى» دىگەن 39-سۈرىسى دەل بۇ ھەقتە بولۇپ،مەزمۇنى: 1)ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر يۈسۈفنى مىسىرغا ئەكىلىپ،مىسىر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى - باش ياساۋۇل پۇتىفارغا ساتقانىدى.2)پەرۋەردىگار يۈسۈفكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرنى ئوڭ قىلدى. ئۇ مىسىرلىق خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇردى.3)پۇتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈفكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى. 4)پۇتىفار يۈسۈفتىن رازى بولۇپ، ئۇنى شەخسىي ياردەمچى قىلىپ، ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. 5) شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پەرۋەردىگار پۇتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، مال-چارۋىلىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەرىكەت ئاتا-قىلدى .6) پۇتىفار ھەممىنى يۈسۈفنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ يىمەك -ئىچمىكىدىن باشقا، ھىچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى. يۈسۈف كىلىشكەن ،چىرايلىق يىگىت ئىدى.7) ئۇزۇن ئۆتمەي ،يۈسۈفكە خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ؛- كەل ، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات!ــ دىدى.8) يۈسۈف رەت قىلىپ:ــ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم بارلىق تەئەللۇقاتىنى مىنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى.مەن بولغاچقا ئۇ ئائىلە ئىشلىرىغا باش قاتۇرمايدۇ.9) بۇ ئائىلىدە مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ھوقۇقلۇق. سىزدىن باشقا ھەممىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز ، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئىپلاس ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟-دىدى. 10) پۇتىفارنىڭ ئايالى ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر بىلەن يۈسۈفنى ئۆزىگە جەلپ قىلسىمۇ،يۈسۈف بىلەن بىر ئورۇندا ياتماق تۈگۈل، بىر ئورۇندا ئولتۇرۇشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى. 11) بىر كۈنى يۈسۈف ئۆز ئىشى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇ چاغدا ئۆيدە باشقا خىزمەتچىلەر يوق ئىدى. 12) پۇتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈفنىڭ تونىغا ئىسلىپ؛ــ كەلگىن، بىر ئورۇندا ياتايلى!ــ دېدى. بىراق يۈسۈف قىچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى،تونى بولسا ئايالنىڭ قولىدا قالدى،13) ئۇ يۈسۈفنىڭ تونىنى تاشلاپ قىچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، 14) چۇقان سىلىپ، ئۆي خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا :ــ قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىزگە ھاقارەت كەلتۈردى. ئۇ ھۇجرامغا كىرىپ، نۇمۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋاقىرىدىم. ئۇ مىنىڭ ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى ئىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، قىچىپ چىقىپ كەتتى،-دېدى.16) ئۇ يۈسۈفنىڭ تونىنى بەرمەي،ئېرىنىڭ كىلىشىنى كۈتتى.17) ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:ــ سىز ئەكەلگەن ھىلىقى ئىبرانىي قۇل ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت كەلتۈردى. 18) مەن ۋاقىرىدىم، ئۇ تونىنىمۇ ئىلىشغا ئۈلگۈرمەي، قىچىپ چىقىپ كەتتى. 19) يۈسۈفنىڭ خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ « سىنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا» دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. 20) يۈسۈفنى تۇتۇپ،ئوردا زىندانىغا قاماپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن يۈسۈف ئۇ يەردە قاماقتا قالدى.21) لىكىن، پەرۋەردىگار يۈسۈفكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر –شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا، زىندان بىگى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ،22) زىنداندىكى باشقا گۇناھكارلارنى باشقۇرۇش ۋە زىندان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلىدى.23) يۈسۈف مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان بىگى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار يۈسۈفكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغانىدى.
ئەنە شۇنىڭ بىلەن پۇتىفارنىڭ ئايالى ۋە يۈسۈف ئارىسىدىكى ھىكايە ئاياغلىشىدۇ. پۇتىفارنىڭ ئايالى پەقەتلا يۈسۈفنىڭ زىندانغا كىرىپ قىلىشىدىكى بىر سەۋەب، خالاس. ئۇنىڭسىزمۇ، ئالەمنىڭ يارىلىشى 41-سۈرە 40-46 ئايەتلەردە يۈسۈف پىرئەۋىن تەرىپىدىن تولىمۇ ئەتىۋارلىنىپ، 30ياشقا كىرمەستە پىرئەۋىندىن قالسىلا ئەڭ يۇقىرى بولغان مەنسەپ – مەرتىۋىگە ئولتۇرغۇزۇپ، زافناز پانەھ دەپ نام بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى باش پوپنىڭ قىزى پوتىفىراھغا ئۆيلەپ قويغانلىقى، يۈسۈفنىڭ ماناسسەھ ۋە ئىفرايىن ئاتلىق ئىككى ئوغۇل پەرزەنتى بولغانلىقى، مىسىرنىڭ يۈسۈف ھۆكۈمرانلىقىدا گۈللەپ ياشنىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. دىمەك، يۈسۈف-زۇلەيخا ھىكايىسىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولمىش «تەۋرات»تا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت دىگەن ئۇقۇمغا ئورۇن بىرىلمىگەن، پەقەت پۇتىفارنىڭ ئايالى يەنى كىيىنلەرچە زۇلەيخا دەپ ئىسىم بىرىلگەن ئايالنىڭ يۈسۈفكە بولغان زىنا ئىلتىماسى قىسقىغىنە سۆزلەنگەن، تامام. مەيلى يەھۇدى ئەدەبىياتچىلىرى بولسۇن،مەيلى ئىنجىل تەتقىقاتچىلىرى بولسۇن، پۇتىفارنىڭ ئايالى بىلەن يۈسۈف ئارىسىدا مۇھەببەت بار دەپ ئىيتقىنى يوق.
بىز ئۇ ھەققىدە «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل» ۋارىسلىرىدىن ئەنە شۇنچىلىك ئىخچاملاپ ئالالايمىز.ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى بولسا تىخىمۇ تەپسىلىي بايانلار بىلەن تەمىن ئەتكەن « قۇرئان كەرىم» ۋە مۇسۇلمان شەرقىدە يۈسۈف-زۇلەيخاغا ئائىت ئىجادىيەت نەمۇنىلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق بولىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» يۈسۈف قىسسىسىنى «ئەڭ گۈزەل قىسسە» دەپ تەرىپلىگەنىكەن، نۇرغۇن تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت سەمەرىلىرىگە ئىلھام بولۇشى مۇقەررەر. « قۇرئان كەرىم»نى مەنبە قىلغان ئەسەرلەرگە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن « قۇرئان كەرىم» گە مۇراجەت قىلىشىمىز كىرەك، ئەلۋەتتە! « قۇرئان كەرىم» دە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام 34 قىتىم تىلغا ئىلىنىدۇ، 32 قىتىم سۈرە يۈسۈفتە، بىر قىتىم سۈرە ئەنئام 84-ئايەتتە، يەنە بىر قىتىم سۈرە غافىر 34-ئايەتتە تىلغا ئىلىنىدۇ. ئىنجىل ھىكايىسىدىكى پۇتىفارنىڭ ئايالى گەرچە ئايەتلەردە پۇتىفار ۋە زۇلەيخانىڭ ئىسمى ئېنىق ئىيىتىلمىسىمۇ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تىرناق ئىچىلدە بىرىلگەن تەپسىرىدە زۇلەيخا دەپ قەيت قىلىنىدۇ. بىزنىڭ ئوبىكتىمىز 12-سۈرە يۈسۈفتە بولغىنى ئۈچۈن، تېما تەلىپىگە ئاساسەن« قۇرئان كەرىم» دىكى يۈسۈف ئەلەيھىسسام ۋە زۇلەيخا ھەققىدىكى ئايەتلەردىن نەقىل ئالماقچىمەن.
يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ:«بېرى كەل!»دېدى.يۈسۈف:«خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ (يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ»دېدى.
ئۇ (يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفكە (يىقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى. پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بۇلاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق. شۈبھسىزكى يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
ئۇلارنىڭ ھەرئىككىسى (يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن زۇلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يېرتىۋەتتى ،ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۇلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۇلەيخا):«سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك»دېدى.
يۈسۈف:«ئۇ (يەنى زۇلەيخا) مەندىن مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى»دېدى.ئۇ (يەنى زۇلەيخانىڭ) ئائىلىسدىكلەر دىن بىرسى گۇۋاھلىق بېرىپ:«يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا ئۇنىڭ (يەنى زۇلەيخانىڭ) سۆزى راسىت يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان.
يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا ئۇنىڭ (يەنى زۇلەيخانىڭ) سۆزى يالغان يۈسۈفنىڭ راست»دېدى.
ئۇ (يەنى زۇلەيخانىڭ ئېرى) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ:«ئەي ئاياللار جامائەسى! بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر! سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر»دېدى.
(يەنە ئېيتتى) «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. (ئايالىم) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ».
شەھەردىكى بەزى ئاياللار:ئەزىز (يەنى مىسىرنىڭ پادىشاھى) نىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى.
ئۇ (يەنى زۇلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىندىغان) تەكىيە- ياستۇقلارنى تەييارلىدى ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۇلەيخا يۈسۈفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن»دېدى ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ- تاڭ بولۇپ قىلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋىلىشتى. ئۇلار:«(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) ااﷲ پاكتۇر بۇ ئادەمزات ئەمەس پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر»دېيىشتى.
ئۇ (يەنى زۇلەيخا):«مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىندۇ چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ»دېدى.
يۈسۈف:«ئى پەرۋەردىگارىم!ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن»دېدى.
پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى.اﷲ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاندىن ئۇلار ( يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى بىر مەزگىل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى.
(ساقى پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن) پادىشاھ:«ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كىلىڭلار»دېدى.(پادىشاھنىڭ) ئەلچىسى يۈسۈفنىڭ يېنىغا بارغاندا يۈسۈف ئەلچىگە : «خۇجاينىڭغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسۋالغان خۇتۇنلارنىڭ ئىشنى(بىلەمدۇ) سوراپ باققىن»دېدى.
پادىشاھ (ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ):«سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا ھەقىقىي ئەھۋال قانداق بولغان»دېدى. ئۇلار:«اﷲ پاكتۇر! يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز»دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى:«ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم يۈسۈف ھەقىقەتەن راسىتچىللاردىن ئىدى»دېدى.
(يۈسۈف ئېيتتى)«بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسنى قايتۇرۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسنى اﷲنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر».
«مەن ئۆزەمنى ئاقىلىمايمەن:نەفسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغفىرەت قىغۇچىدۇر، ناھايتى مېھرىباندۇر».‹4›
دىققەت قىلساق، سۈرە يۈسۈف 111 ئايەت بولۇپ، جەمئىي 16 ئايەتتە يۈسۈف ۋە زۇلەيخا ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا زۇلەيخانىڭ ئىسمى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەسلى تەرجىمىسىدە ئەمەس، بەلكى يالاڭ تىرناق ئىچىدىكى قىسقىچە تەپسىرىدە 11قېتىم ئېنىقلاپ ئىيتىلغان. «تەۋرات»تىكى ۋەقەلىك بىلەن «قۇرئان»دىكى ئايەتلەر ۋەقەلىكىدىن نەزەر سالساق، يۈسۈف ئەزىز مىسرىغا سىتىلغان ۋاقتىدا بىر بالا ئىدى، ئەزىز مىسرى ھەتتا ئۇنى بالا قىلىۋىلىش خىيالىنى ئايالىغا ئىيىتقان. كىيىن ئۇ قۇرامىغا يەتكەندە ئەزىز مىسرىنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك يۈسۈفنى ناپاك تەلىپىگە مەجبۇرلىغان (سۈرە يۈسۈف 21-24 ئايەتلەر). زۇلەيخانىڭ ناپاك تەلىپى رەت قىلىنىپ،يۈسۈف قىچىپ چىققاندا زۇلەيخا دىدەكلىرىنى چاقىرمىغان، بەلكى ئىشىك ئالدىدا زۇلەيخانىڭ ئىرىگە دوقۇرۇشۇپ قالغان. زۇلەيخا يۈسۈفنىڭ تونىنى تۇتۇپ،ئىرىنى كۈتۈپ تۇرغان بولماستىن، بەلكى شۇئان يۈسۈفكە تۆھمەت قىلغان. ئەمما يۈسۈفنىڭ تونى سالدۇرىۋىلىنغان ئەمەس، بەلكى كۆڭلىكى يىرتىلغان ۋە شۇنداقلا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەزىز مىسرى ئائىلىسىدىكى بىرى تەرىپىدىن ئاقلانغانلىقى سۆزلىنىدۇ. كىيىنكى ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم» «تەۋرات» تا بايان قىلىنمىغان تەپسىلاتلارنىمۇ بايان قىلىدۇ. زۇلەيخا ئاياللارنىڭ پىتنىسدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى مىھماندارچىلىققا چاقىرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈسۈفنى باشلاپ كىرىدۇ. ئاياللار يۈسۈفنىڭ گۈزەللىكىدىن تاڭ قىلىپ،بارماقلىرىنى كىسىۋىلىشقانلىقىنى سەزمەي قالىدۇ،ئاندىن يۈسۈفنى سۇخەن گەپلەر بىلەن ئۆزىگە تارتىپ ، تەھدىد سۆزلەر ناپاك تەلىپىگە مايىل بولۇشنى ھەيۋە قىلىشىدۇ. تائاخىرىغىچە يۈسۈف ئۇلارنى كەسكىن رەت قىلىپ،ئاياللار پىتنىسىدىن زىنداننى ئەۋزەل كۆرىدۇ، زۇلەيخا يۈسۈفنى زىندانغا تاشلاتقۇزىدۇ. پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بىرىشتىن بۇرۇن يۈسۈف زۇلەيخا ۋە باشقا ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاياللار « يۈسۈفتە گۇناھ يوق، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دەپ گۇۋاھلىق بىرىشىدۇ. ئەنە شۇنىڭ بىلەن زۇلەيخا قايتا تىلغا ئىلىنمايدۇ.
ئىسلام يىتىشتۈرۈپ چىققان ئەڭ بۈيۈك ئىسلام تارىخچىسى ۋە مۇپەسسىر ئەتتەبارىي(839-932) كىتابىدا « زۇلەيخا كەلىمىسى پارسچە بىر ئىسىمدۇر، ئەرەبچە شەكلى بولسا زەلىخا، ئىككىلا خىل ئوقۇسا دۇرۇس... بەزى مەنبەلەردىن كۆرە، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى Râîl' رايىل» دەپ يازغان.( ئەتتەبارى ،بەيرۇت، 1:337 –بەت) ئەمما زۇلەيخانىڭ شەخسىيىتىگە دائىر سۈپەت رولىدىكى سۆز-ئىبارىلەرنى قوللانمىغان.‹5›
ئۇندىن باشقا، يۇقارقى ئايەت ۋە مەزمۇنلارغا ئاساسەن، «قۇرئاندىكى قىسسىلەر» ۋە تۈركىيەلىك شەيىخ ئەھمەد بەھجەدنىڭ «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى» ناملىق ئەسىرىدە يىتەرلىك ئەدەبىي تەپسىرلەر بىرىلگەن. زۇلەيخانىڭ ئىرى پۇتىفار تەۋراتتا باش ياساۋۇل، « قۇرئان كەرىم»21-ئايەتتە مىسىرلىق ئادەم، 30-ئايەتتە ئەزىز، 51-ئايەتتە پادىشاھ دەپ ئاتىلىشى، كۈچلۈك قاراشتا ئۇ ھۆكۈمدار تەبىقىسدىكى ئەلەمدار ۋەزىرلەدىن، ئەزىز ئۇنىڭ پەخرى ئاتىقى، ئەسلى باش ياساۋۇل بولغان، كيىنچە پادىشاھ بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يۈسۈفنى قۇل قىلىپ سىتىۋىلىپ، بالا قىلىۋىلىش خىيالىدا بولىشىدىن يىشىدىن ھالقىغان، شۇڭىمۇ ئاياللىرىغا تاماسى يوق ۋە پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولىشى تەخمىن قىلىنىدۇ. يۈسۈفنىڭ بالا ۋاقتىدا، زۇلەيخانىڭ پۇتىفار ئەمرىدە ئىكەنلىكىدىن، ۋە ئۇنىڭ كىيىنكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن ،يۈسۈفكە ناپاك تەلەپ قويغان ۋاقتى زۇلەيخانىڭ 30 ياشلار چامىسىدىكى ۋاقتىغا تەھقىق قىلىنىدۇ. زۇلەيخاغا ئەخلاقسىز دەپ باھا بىرىشتىن بۇرۇن، ئەينى زامان ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ كۆرسەك، يۈسۈف ياشىغان دەۋر نېمە گۇناھ ئىش بولسۇن، كىشىلەر كۆرمىسە، ئاڭلىمىسىلا قىلىشقا بولىۋىرىدىغان، ھەتتا ئۆزلىرى ئىلاھ دەپ تىۋىنىدىغان بۇتلىرىنىڭمۇ كۆزىنى تىڭىپ قويسىلا، زىناغىمۇ يول ئوچۇق دەپ تونۇلغان، ئەرلىرى ئاياللىرىنى يات ئەرلەردىن قورۇمايدىغان پاسىق بىر جەمىيەت ئىدى. ئەنە شۇنداق جەمىيەتتە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاللاھ بىلدۈرگەن ھىكمەت (سۈرە يۈسۈف 22-ئايەت) ۋە زامانىسىدىكى ئەڭ كىلىشكەن قەددى-قامەت، قەلبى پاك تەقۋادار يىگىت بولۇش سۈپىتى بىلەن يىگانە ئىدى.‹6› «قۇرئاندىكى قىسسىلەر» 109-110 بەتلەردە زۇلەيخانىڭ زىددىيەتلىك سۆيگۈسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ.
«زۇلەيخا ئۇنىڭغا قارىغانسىرى بۇ يىگىتنىڭ شۇنچە چىرايلىق ۋە زىھنىي كۈچىنىڭ شۇنچە تولۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن زۇلەيخادا ئىشقى-مۇھەببەت پەيدا بولۇپ،ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆرتەشكە باشلىدى... ئۇ ئىچىدە «مەن ئەڭ ياخشىسى بۇ شەھۋانىي نەپسىمدىن كىچىپ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالاي» دەپ ئويلايتى. بىراق، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ھامان يەنە ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي مەھلىيا بولۇپ كىتەتتى.ئىشقى-مۇھەببەت زۇلەيخانىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى».
بۇندىن بۆلەك، «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى» 158-بەتتە يۈسۈفنىڭ ھۆسنى گۈزەللا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭ كىشى قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلغۇچى ھىكمەتلىك سۆھبەتلىرى، ئىشەنچىلىك، مەرد، راستچىل ۋە مۇلايىملىقىمۇ سۈپەتلىنىپ، زۇلەيخانىڭ ئىشىق سەۋداسىغا چۈشۈش سەۋەبلىرى ئىخچام ھەمدە كۆپ تەرەپتىن كۆرسىتىلىدۇ. دىمەك، يۇقارقى تارىخى ۋە ئەدەبىي تەپسىرلەردە سۈرە يۈسۈفتىكى ۋەقەلىكلەرنى تەپسىرلەشتە زۇلەيخا ھەققىدە ئايەتلەردىن سىرت ئارتۇق سۆز بولمىغان. ھەتتا ئەدەبىي تەپسىرلەردە، زۇلەيخامۇ ئەسلىدىن بۇ ئىشقى-مۇھەببىتىنى توغرا تاپمايدۇ ۋە سەۋر قىلماقچى بولىدۇ. بىراق يۈسۈفنىڭ جامالىنى كۆرگەن ئاياللارنىڭ ئۆز بارماقلىرىنى كىسىۋالغانلىقىنى سەزمەي قالغۇدەك دەرىجىدە گۈزەللىكى ئالدىدا ئۆزىنى ئۇنتىغان، ئۆز نەپسىگە مەغلۇپ بولغان ئاجىزە زۇلەيخا ئوبرازىنى بايان قىلىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»نى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلغان يۈسۈف ئەلى«بارلىق مۇسۇلمان خەلىقلەرنىڭ تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىدە يۈسۈف-زۇلەيخا رومانتىكىسى ئەڭ جەلىپ قىلارلىق» دەپ يازغان ‹7›. ھەقىقەتەن مۇسۇلمان شەرقىدە، بولۇپمۇ سوپىستىك ئەدەبىياتتا يۈسۈف-زۇلەيخا ئەنئەنىۋى تىما بولۇپ، زۇلەيخا پاك ۋە ئوتلۇق مۇھەببەتكە ئىگە بىر گۈزەل ئايال دەپ تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن: يۈسۈف-زۇلەيخا ھىكايىسى ئاساس قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىدا ۋە شۇنداقلا تۈركى تىللاردا قايتا-قايتا يىزىلغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى ئابدۇراخمان جامى (1414-1492) « يەتتە تەخت » ناملىق شاھانە ئەسىرىگە كىرگۈزگەن يۈسۈف- زۇلەيخا داستانى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن پارس شائىرى ئەبۇلقاسىم فىردەۋىسىمۇ (932-1021) يازغان بولسىمۇ، ئانچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغانلىرىدىن رابغۇزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» ناملىق ئەسىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھەزەل يۈز بەتلىك قىسسە، دۇربېك (تەخمىنەن 1450- 1530يىللىرى ياشىغان) 1409–يىزىپ چىققان «يۈسۈف-زۇلەيخا» داستانى بىلەن 1807-يىلى يىزىلغان موللا رەھىم قەلىمىدىكى زور ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»دىكى 56 باب ھەجىمدە يىزىلغان مۇشۇ ئۈچ داستان بىر قەدەر گەۋدىلىك ئەسەرلەر ھىسابلىنىدۇ. ئوردۇ تىلىدا يىزىلغانلاردىن كەشمىرلىك شائىر مۇھەممەد گامى (1765-1855) مەسنەۋىي ۋە غەزەل شەكلىدە 700 بىيىتلىق «يۈسۈف –زۇلايخا» ناملىق داستان بار بولۇپ، ئۇ كەشمىر ئەدەبىياتىدا تۇنجى ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان مەسنەۋى، شۇنداقلا كەشمىر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق ئەسەرلەردىن ھىسابلىنىدۇ.‹8›
«قىسسەسۇل ئەنبىيا»دا زۇلەيخا ئوبرازىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 202-بەتتە «زۇلەيخامۇ ئاياللار ئارىسىدا تىپىلمىغۇدەك دەرىجىدە ساھىبجامال ئايال ئىدى»، «يۈزى قۇياش ئېردى ۋەلې بىزەۋال، بارچە فۇنۇن بابىدا ساھىب كامال» دىيىش ئارقىلىق، زۇلەيخانى پەنلەر بابىدا كامالەتكە يەتكەن ساھىبجامال دەپ سۈپەتلەيدۇ. 1914-يىلى لوندوندا سوفى ئۇستاز ھەزرىتى ئىنايەتخان «مەنىۋىي ئەركىنلىك» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ، لىكسىيەسىنىڭ 3-بۆلۈمىدە يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلەيخانى رەت قىلىشى ئۇنى ياقتۇرمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى زۇلەيخانىڭ ئېرى بارلىقى، يۈسۈفنىڭ ھەم زۇلەيخاغا كۆڭلى بارلىقى،ئەمما ئاللاھنىڭ بىكىتكەن پەرمانلىرىغا بويسۇنىشى كىرەكلىكى، ئۇلار ئارىسىدا پەقەتلا پاك ۋە ئوتلۇق مۇھەببەت بار، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم ئەمەس ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.‹10›
يىغىپ ئىيىتقاندا، زۇلەيخا ئوبرازى ئەدەبىي ئىجادىيەت سەمەرىلىرىدە ئەسىرلەر بويى رەزىللىكتىن گۈزەللىككە قاراپ مۇكەممەللىشىپ، تولۇقلىنىپ بارغان. ھەر قايسى دەۋر ۋە رايون يازغۇچى-شائىرلىرى ئۆز ئىقتىدارى ۋە دۇنيا قارىشىغا بىقىپ زۇلەيخا ئوبرازىنى بىزىگەن، ئاقلىغان، ھەتتا يۈكسەك مۇھەببەتنىڭ نامايەندىسى قىلغان. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋرۇرىدىكى توقۇلما بايانلار خالاس. چۈنكى مەيلى دىننى، مەيلى تارىخى مەنبەلەردە بولسۇن، ھەتتا ئەدەبىي كىتاب مەنبەلىرىدە بولسۇن يۈسۈف- زۇلەيخا مۇھەببەت سەزگۈزەشتىلىرى ھەققىدە ئاساس بولغۇدەك كۈچلۈك ھۆججەت يوق. ئەكسىنچە يۈسۈف-زۇلەيخا داستانىنى ئىنكار قىلىدىغان كۈچلۈك ئاساسلار تۆۋەندىكىچە :
1. «تەۋرات» بەرگەن ئۇچۇرلارغا باققاندا، يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك يۈسۈف پىرئەۋىننىڭ غەمغورلىقىدا، باش پوپنىڭ قىزى بىلەن ئۆي تۇتىدۇ ۋە بالىلىق بولىدۇ.
2. قىسسەسۇل ئەنبىيادا، ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتلەر « ھىكايە قىلىپتۇلەركى»، «ھىكايەتتە شۇنداق كەلتۈرۈلەركى»، «شۇنداق رىۋايەت قىلىپتۇرلەركى»، « شۇنداق رىۋايەت قىلۇلاركى»، «رىۋايەت قىلۇلاركى» دەپ باشلىنىشىدىن ئاپتورنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن، خەلق ئارىسىدىكى ئاغزاكى نۇسخىلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئەنە شۇنداق مول ھەجىملىك، تولىمۇ رومانتىك ئاممىباب ئەسەر قىلىپ چىققانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.‹12›
3. سوفىزىم بىلەن يۇغۇرۇلغان زۇلەيخانىڭ ئىشقى-ھەۋەس ئۈچۈن يۈسۈفنى ئۆزىگە چاقىرىشى ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەم يەتتە قىتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كىيىن ئەقلىنى تىپىىشى سوفىزىم قارىشىدىكى مۇھەببەتنىڭ بىر قىسمى ئەمەس‹13›! زۇلەيخانىڭ بۇ قىلمىشى «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئىلىنغانلىقى بەرھەق بولسىمۇ، يۈسۈف ئەلەيھسىسسالامغا زىناغا تەمشىلىش كەبى چوڭ گۇناھنى نىسبەت بىرىشكە بولماس‹14›! جامى بولسا ئاغزاكى كۆچۈپ يۈرگەن رىۋايەتلەرنى كۆپلەپ پىششىقلاپ ئىشلەتكەن. زۇلەيخانىڭ چەككەن ئازابلىرى جامىنىڭ تىلى بويىچە ئىيىتقاندا«لەززەتلىك ئازاب... مۇشەققەت بولمىسا ھاياتنىڭ لەززىتى بولمايدۇ» دىيىش ئارقىلىق ھەققە يىتىش ئۈچۈن ئىشىق يولىدا رىيازەت چەكمەك لازىم دىگەن ئىددىيىنى ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولغان.‹15›
4. ئەڭ مۇھىمى، «قۇرئان» دىكى ئايەتلەردىن كۆرە، زۇلەيخا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى يولدىن چىقىرىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن. يۈسۈفنى ئەخلاقتىن، توغرىلىقتىن، ھەقتىن ئازدۇرماق ئۈچۈن زۇلۇم قىلغان ئايالنىڭ ئاخىرىدا يەنە يۈسۈفكە ياتلىق بولىشى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىززەت-شەنىگە زىتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايەت دەلىل ئەتسەك:
يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر. ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر ،ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر.( سۈرە نۇر 26-ئايەت )
بۇ سەۋەبتىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلەيخا بىلەن ئۆيلىنىشى بولماس.‹16› («پاكىستانلىق كاتتا ئالىم ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى، تەفھىمۇل قۇرئان 2:448-بەت» - تۇرگاي نۇرىددىن: زۇلەيخا )
پايدىلانغان كىتابلار :
[ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
رابغوزى: «قىسسەسۇل ئەنبىيا » ئۇيغۇچە، ئابدۇراخمان جامى: « يۈسۈف-زۇلەيخا» ئىنگىلىزچە
‹1›،‹12›ئەنۋەر مەتسەيدى:« يۈسۈف زۇلەيخانىڭ ئارخىپى»،«بۇلاق» ژورنىلى 2008-يىل 5-سان
‹2› «قۇرئان كەرىم»، ئۇيغۇرچە ئىزاھات قىسمى 632-633-بەتلەر
‹3›، ‹8› ۋىكىپىدىيا ئىنىسكىلوپىدىيە تورى
‹4› «قۇرئان كەرىم› 21~53 ئايەتلەر
‹5› تۇرگاي نۇرىددىن: « زۇلەيخا» تۈركىيە
‹6› «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى» 157-بەت
‹7› «قۇرئان كەرىم» ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى 594-بەت
‹9› ،‹13› ،‹15› David Beutelداۋىد بىيۇتىل 1997-يىل 14-مارت: «جامىنىڭ يۈسۈف-زۇلەيخاسى» ‹داستان 6-،113-بەتلەر›
‹10› 1914 -يىلى لوندوندا سوفى ئۇستاز ھەزرىتى ئىنايەتخان «مەنىۋىي ئەركىنلىك» تېمىسىدا سۆزلىگەن لىكسىيەسىنىڭ 3-بۆلۈمى: «يۈسۈف»
‹14› ئابدۇللاھ ئايدەمىر: «ئىسلامىي مەنبەلەردە پەيغەمبەرلەر: ھەزرىتى يۈسۈف» 20-بەت
‹16› تۇرگاي نۇرىددىن:« زۇلەيخا» پاكىستانلىق كاتتا ئالىم ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى: «تەفھىمۇل قۇرئان» 2:448-بەت
مەنبە: ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالەم.
|
|