| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابلىمىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 22:38
توققۇزتارا ناھىيە دوڭمەھەللە يېزا مويۇنگۈزەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سابىرەم ئابلىكىم (6-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى) بالىلىق گۈزەل كەچمىشلەرگە تولغان ئۇنتۇلغۇسىز مەزگىلدۇر. بىزنىڭ خوشاللىقىمىز،ساددا خىياللىرىمىز،ئىنتىلىشلىرىمىز،تىلەكلىرىمىز بالىلىقتىكى ئارزۇ-ئۈمىدلىرىمىزدىن پۈككەن قىزىقارلىق ھىكايىلەرنىڭ،كۆڭۈللۈك ئويۇنلارنىڭ تەبىئەت بەخش ئەتكەن ئاجايىپباتلارنىڭ ئۇلار ھەققىدىقى تالاش-تارتىشلارنىڭ قات-قىتىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ . تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق ۋەقەلەرمۇ بالىلىق تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ. بالىلىقنىڭ غەنىمەت دەۋىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.مەسلەن:بىر يىلى يازلىق تەتىلدە،بىز كىچىك داداملار بىلەن تاققا چىقتۇق.ھەدەم ئىككىمىز ئېگىز بىر چوققىغا چىقماقچى بولدۇق،بۇ چوققا ئىنتايىن ئېگىز ئىكەن.ھەدەم ماڭا قارىماي بالدۇر چىقىۋالدى،مەن ھەدەمنى قوغلىماقچى بولۇپ،چوققىغا يېقىنلاشقاندا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيلىپ كەتتىم، ھەدەم مىنى كۆرۈپ ،قورقتىمۇ قانداق ؟ھەدەممۇ دۇمۇلاپ كەتنى،بىر چاغدا ئېسىمنى يىغسام ھەدەم مېنى يۆلەپ باشلىرىمنى سىلاپ ، يارىلانغان – يارىلامىغانلىقىمنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن . ھەدەمنىڭ مېنىڭدىن قاتتىق ئەنسىرىگەنلىكى ئۇنىڭ ئۆڭ- سۆلى ئۆچكەن چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى،ئۇ مېنىڭ ھىچنېمە بولمىغانلىقىمغا تولۇق كۆز يەتكۈزگەندىن كېيىن ، بىردىنلا پىخىلداپ كۈلۇپ كەتتى . قارا ئۇكام ئەپتىڭگە شۇ تاپتا قورققىنىڭدىن ‹‹ ئاق موماي ››غىلا ئوخشاپ قاپسەن ، دەيتتى ئۇ مېنى يۆلەپ تۇرغۇچغاچ . مەن ‹‹ ئاق موماي ›› نىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسەممۇ ، ئاپامنىڭ كىچىكىمىزدە شوخلۇق قىلىپ ، پەقەت بىسىقمىساڭ ‹‹ ئاق موماي ›› كەلدى دەپ قورقىتىدىغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ مەنمۇ كۈلۇپ كەتتىم . يەنە بىر يىلى مەلۇم بىر دەم ئېلىش كۈنى، دوستۇم بىلەن يېزىدىكى تاغاملارنىڭ ئويىگە باردۇق.تاغاملار قوغۇن-تاۋۇز تېرىپتۇ. تاغام ناھايىتى ئوچۇق – يۇرۇق ئادەم بولۇپ بىزنى بەكمۇ قىزغىن كۈتۈۋالدى . ھەم قوغۇنلۇققا كىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ خالىغانچە مېھمان بولىشىمىزنى تەكلىپ قىلدى . بىز ئوخشىغان قوغۇن – تاۋۇزلارغا قاراپ ، تاغامنىڭ ئەجرىدىن سۆيۈندۇق . بىز كۆزىمىزگە چىرايلىق كۆرۈنگەن ساغىرىپ پىشقان چىلگىلەرنى يەپ ، قورسىقىمىز تويغاندىن كېتىن ،‹‹بوز ئۆستەڭ›› گىرۋىكىگە ياتقۇزۇلغان سېمۇنت تاختىدا سىرغىناپ ئوينىدۇق.ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ كەچنىڭ بولۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتۇق.يولدا كەلگىچە دوستۇم ماڭا قاراپ كۈلىۋەردى،مەن ئۇنىڭ بۇ ئورۇنسىز كۈلكىسىدىن بىزار بولۇپ ، نېمىشقا كۈلگەنلىكىنى سورىسام، ئۇ كۈلكىدىن ئاغرىپ كەتكەن قورسىقىنى تۇتقىنىچە ، قارا ئىشتىننىڭنىڭ كەينىگە دېدى . ئەسلىدە سېمۇنتتا سىرغىناپ ئويناۋىرىپ،يېڭى ئالغان ئىشتىنىمنىڭ كەينى بىراقلا يىرتىلىپ كېتىپ ، كاسام ئېچىلىپ قالغان ئىكەن. دوستۇممۇ يىراقتىن سىگنال ئورۇپ كېلىۋاتقان ماشىنىغا قارايمەن دەپ ماڭا ئارقىسىنى قىلىۋىدى ، ئۇنىڭمۇ يىرتىلغان ئشتىنىدىن كۆرۈنۈپ قالغان كاسىسىنىمۇ ماڭا قاراپ كۈلىۋاتقان كۆرۈنۈپ كەتتى ...... ئاپتۇرى:سابىرەم ئابلىكىم |
|