سىز بىلىشكە تېگىشلىك بىشارەتلەر
سىزنىڭ قايسى ئىشقا سەل قارىشىڭىز، كەيپىياتىڭىزغا قانداق ئۈزگىرىشلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىز؟ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سىلىڭ:
 1.بىمەنىلىك ھىس قىلغانلىقىڭىز چۈشىنىش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 2.ھالسىزلىنىش ھىس قىلغانلىقىڭىز چىنىقىش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 3.ھارغىنلىق ھىس قىلغانلىقىڭىز ئارام ئىلىش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 4.پۇل يىتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغانلىقىڭىز تىجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 5.خىزمەتتە چۈشكۈنلۈك ھىس قىلغانلىقىڭىز ئۆزىڭىزنى رىغبەتلەندۈرۈش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 6.ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا سەل قارىغانلىقىڭىز مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇق ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 7.ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانغىنىڭىز ئشەنچ تۇرغۇزۇش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 8.كۈن بويى بىكار يۈرگەنلىكىڭىز ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 9.ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىڭىز داۋاملىق ئۈگىنىش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 10.ئالاقزادە بولغانلىقىڭىز تولۇق تەييارلىنىش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 11.مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويغانلىقىڭىز مەسئۇلىيەتچانلىق ئادىتىنى ئۇنتغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 12.مەيۈسلۈك ھىس قىلغانلىقىڭىز ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 13.پىكىر ئالماشتۇرۇشتا توسالغۇ ھىس قىلغانلىقىڭىز سەمىمىيەت بىلەن ئاڭلاش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى. 14.نەتىجىڭىزنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھىس قىلغانلىقىڭىز پائال ھەركەتلىنىش ئادىتىنى ئۇنتىغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى.
مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى
|