پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 346|ئىنكاس: 7

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 23:32:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال


دوستۇم، بۇ يەردە سىز ئويلىغاندەك قانداقتۇر بىر گۈزەل ئايالنىڭ رەسىمى يوق، پەقەت سىزنى گۈزەل، ئىزگۈ ھىسلارغا چۆمدۈرىدىغان جۈملىلەر بار(ھىس قىلالىسىڭىزلا).   سىز ئانىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال دەپ بىلسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ:  ئانىڭىز بىرئۆمۈر سىزگە نېمىلەرنى قىلىپ بەردى؟ بىلەمسىز؟


بىر ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزگە سۈت بېرىپ پەپىلەپ باقتى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر ئاخشىمى يىغلاپ بەردىڭىز.  

  

ئۈچ ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە كۆيۈنۈپ بىر قاچا تاماق ئېتىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئېتىپ بەرگەن تاماقنى يەرگە تۆكۈۋەتتىڭىز.


تۆت ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە رەڭلىك قەلەم ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆينىڭ تاملىرىغا ھەرخىل رەسىملەرنى سىزىپ قويدىڭىز.  


بەش ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە چىرايلىق كېيىم-كىچەكلەرنى ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە كۈندە پاتقاق يەرلەردە ئوينىدىڭىز.  


يەتتە ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە توپ ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە توپ بىلەن قوشنىڭىزنىڭ دەرىزىسىنى چېقىۋەتتىڭىز.  
  

توققۇز ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سىزگە رويال ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە بىر ئىككى قېتىم چېلىپ قويۇپ مەشىقنى داۋاملاشتۇرمىدىڭىز.


11 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە سىزنى كىنو كۆرۈشكە ئاپاردى، ئەمماسىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئاپىڭىزنى باشقا رەتتىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدىڭىز.


13ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە چېچىڭىزنى قىسقارتىشىڭىزنى جىكىلىدى، ئەمما سىز ئانىڭىزنى ‹‹ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان چاچ پاسونلىرى بىلمەيسەن››  دەپ ئەيىپلىدىڭىز.


14ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ بىر ئايلىق يازلىق لاگىر پۇلىڭىزنى تۆلىۋەتتى، ئەمما سىز بۇ بىر ئاي ئېچىدە بىرقېتىممۇ ئانىڭىزغا تېلىفون قىلىپ قويمىدىڭىز.  
  

15ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ سىزنى بىرقوچاقلاپ قوياي دىۋىدى، ئەمما سىز ئارقىڭىزغا بۇرۇلۇپلا ھوجرىڭىزغا كېرىپ كەتتىڭىز.  


17ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز بىر مۇھىم تېلفوننى ساقلاۋاتقان ئىدى، ئەمما سىز تېلفوننى قۇچاقلىغان ھالەتتە دوستىڭىز بىلەن بىر كېچە پاراڭلىشىپ چىقتىڭىز.
   

18 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ كۆز يېشى قىلدى، ئەمما سىزسىرتتا دوستلىرىڭىز بىلەن بىركېچە ئولتۇرۇش قىلىپ، ئويناپ كەلدىڭىز.  


19 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ ئالي مەكتەپكە ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەش بىلەن بىرگە سىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى، ئەمما سىز ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خېجىل بولۇشتىن قورقۇپ ئانىڭىزنى يىراقتىنلا يولغا سېلىپ قويدىڭىز.
  
  

20 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزسىزدىن:" كۈندە نەگە بېرىۋاتىسەن؟" دەپ سورىسا، " سەندەك بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.  

  

23 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ يېڭى ئۆيىڭىزگە بىر يۈرۈش ئائىلە جاھازلىرى ئېلىپ بەردى، ئەمما سىزنىڭ دوستلىرىڭىزغا بۇ نەرسىلەرنى ياراتمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.


30 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە بالىنى قانداق بېقىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بەردى، ئەمما سىز "ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.


40 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز توغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە سىزنى تەكلىپ قىلدى، ئەمما سىز ئالدىراش ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.


50 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز تولا ئاغرىقچان بولۇپ قالدى، ئەمما سىز بالىلىرىڭىزنىڭ غېمىدە ئالدىراش يۈردىڭىز.

  

ئانىڭىز تۇيۇقسىز بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، سىز توساتتىن ئانىڭىز ئۈچۈن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلاپ، قاتتىق ئازاپ چەكتىڭىز.  
  

ئەگەر سىزنىڭ ئانىڭىز ھايات بولسا بۇندىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ بەك كۆيۈنۇڭ،قەدىرلەڭ.  مۇبادا ئانىڭىز سىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئانا مېھىرى دۇنيادا ھەممدىن ئۇلۇغ. ئانىڭىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال!

  

مەنبە : تور دۇنياسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5446 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 20:44:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسساكلام ئامان ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز؟
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز بۇنى ئوقۇپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى . دىمىسىمۇ بىز ئاتا -ئانىلارغا نىمە قىلى[ بەردۇق؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
رەھمەت !!!!!!
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 11:24:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ دۇنيا ئانىلار بىلەن گۈزەلدۇر.رەھمەت سىزگە ئامان ئەپەندىم.
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

52

تېما

21

دوست

2919

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

شاھ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
664 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
592 سەر
شۆھرەت
568 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 11:12:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، ناھايىتىمۇ ياخشى تېما يوللاپسىز، ئاتا- ئانا ئالدىدا بالىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرايلى.
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.
ئالىمى كۆپ ئەل گۈل بولىدۇ، ھېكىمى كۆپ ئەل كۈل بولىدۇ.

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 01:54:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ياخشى تىما يوللاپسىز ئامان مۇئەللىم
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

41

تېما

4

دوست

1293

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
311 سەر
تىللا
85 دانە
تۆھپە
267 سەر
شۆھرەت
264 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 15:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بىز ئانىمىزنىڭ بىزنى شۇنچە جاپالاردا بېقىپ چوڭ قىلغان ھەققىگە نىمە ئىشلارنى قىلىپ بەردۇق، ئاتا- ئانا ئالدىدا بالىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرايلى.!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 14:47:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ياخشى تىما يوللاپسىز.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

29

تېما

3

دوست

2637

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
662 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
473 سەر
شۆھرەت
450 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:08:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيادا ئانىدەك ئۇلۇغ، ئانىدەك گۈزەل، ئانىدەك چىداملىق، ئانىدەك مېھرىۋان يەنە بىر ئىنساننى تاپقىلى بولمىسا كىرەك. ئانىنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى بالا ئۈچۈن.....
ھەممەيلەن «ئانا!» دەپ شۇئار توۋلاش بىلەن، يەنە ئەمىلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئانىمىزنى قەدىرلەيلى.
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:27, Processed in 0.407305 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش