بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-8 13:18
پاھ، ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىزغۇ گۈلزار خانقىز. بۇ تېمىڭىز مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ ئۆز ئارا چۈشۈنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللى مائارىپىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئورتاق غايە، ئورتاق نىشانىمىز ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغۇسى! ۋاي، توۋا دەيمەن، بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر شۇنچە كۆپ، ئەمما ئىنكاس يازغانلار يوققۇ؟! مۇنبەرنىڭ مەشخۇلات مۇھىتى شۇنداق نورمال بولمىسا. مۇنبەرداشلىرىم: باشقىلارنىڭ بايقاش مۇنبىرىدىن ئالغان تەسىراتىنى ئاڭلىغۇڭلار بار، ئەمما ئۆزۇڭلارنىڭ تەسىراتىڭلارنى ئاڭلاتقۇڭلار يوقمۇ؟! گۈلزار خانقىزنىڭ مەخسىدىنى چۈشىنەلمىدىڭلارمۇ يا؟ مېنىڭچە بۇ تېما ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارغىلا قارىتىلغان بولماستىن مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلارغا قارىتىلغان، بۇ سىلەرنىڭ شەخسى سىرىڭلارنى كوچىلاش بولماستىن، بەلكى مۇنبەرداشلار ئارا قىزىقىش، تەسىرات، چۈشەنچە قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئارا ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئارا چۈشۈنۈش، ئۆز ئارا يار-يۈلۈكتە بۇلۇش ئارقىلىق، تورداشلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇش، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى خىزمەتلەردە بەلگىلىك ئۈنۈم يارىتىش! مەن بۇرۇن خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا تورغا كۆپ چىقمايتتىم، مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن تورغا چىققان ۋاقىتلىرىمدا كۆپ ھاللاردا مائارىپ تور بىكەتلىرىنى زىيارەت قىلىتتىم. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىنىم ۋە خىزمەتدىشىم ئادمىن ئەپەندى جاپالىق ئىزدىنىش، ئىختىزادى جەھەتتە ئايانماي مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، بىپايان، سىرلىق تور دۇنياسىدا ‹‹بايقاش مائارىپ تورى››نى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدى. ئادمىن ئەپەندى بىر تەرەپتىن مەكتەپ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇنبەرنىڭ ئىشلىرى بىلەن بۇلاتتى. بۇ چاغدا مەنمۇ ئۇنىڭغا يار-يۈلەكتە بۇلالمىدىم(چۈنكى مۇشۇ مەزگىلدە كىچىك ئوغلۇم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتاتتى). مەن 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ‹‹پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى›› دەرسىنىڭ ماۋسۇملۇق ئىمتاھان سۇئالى بىلەن بايقاش مۇنبىرىگە ئەزا بۇلۇپ كىردىم. مۇنبەرگە كىرگەندىن كېيىن ئادمىن، شام، خوشەن، مەرىپەت، دىلئۇز قاتارلىق دوستلارنىڭ تېمىلىرى بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى مېنى سۆيۈندۈردى، ئۇلارنىڭ تېمىلىرىمغا بەرگەن باھا ۋە ئىنكاسلىرىدىن ئىلھام ئالدىم. ئۆز ئارا سىردىشىش، چۈشۈنۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىمىزدا چوڭقۇر دوستلۇق مىھرى-مۇھەببىتى شەكىللەندى. بۇ يىل 7-ئايدا مۇنبەردە تونۇشقان قەدىناس دوستۇم شام ئەپەندىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشى ۋە ھەمراھلىقىدا ئاقسۇدا 7 كۈن ساياھەتتە بولدۇم. مېنىڭ بايقاش مۇنبىرىگە داۋاملىق كىرىپ تۇرۇشۇمغا تۇرتكە بۇلىدىغان سەۋەپ: بايقاش مۇنبىرى ئۈچۈن، مۇنبەردىكى تورداشلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىش، شۇنداقلا بايقاش مۇنبىرىنى تور دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇنبەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تېگىشلىك كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت. مەن مۇنبەرگە كىرگەن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بايقاش مۇنبىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كەسىپداش، سىرداش، مەسلەكداش دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلار بىلەن سىرداشتىم، چۈشۈنىشتىم، دوستلۇق ئورناتتىم، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا، ھۆرمىتىگە، ئىشەنچىسىگە، دوستلۇق مېھرى-مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم. مانا بۇلار بايقاش مۇنبىرى ماڭا ئاتا قىلغان ئەڭ ئىسىل سوۋغا بولدى! مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بايقاش مۇنبىرىگە بىر كۈن كىرمىسەم خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك، بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بۇلۇپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدىم. قىسقىسى بايقاش مۇنبىرى مەنىۋى تۇرمۇشۇمنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بۇلۇپ قالدى.
تورداش دوستۇم، ئۆز ئارا چۈشۈنۈش_ مۇشۇنداق سىردىشىشتىن كېلىدۇ. قېنى سىزمۇ سۆزلەپ بېقىڭ، ئۆز ئارا سىردىشايلى، چۈشۈنىشەيلى. بۇ ئارقىلىق دوستلۇق گۈللىرىنى پورەكلىتەيلى! (بۇ ھەقتىكى تەسىراتىڭىزنى گۈلزار خانقىزلا ئەمەس، بارلىق تورداش دوستلار كۆرىدۇ، ئاڭلايدۇ) |