بايقاش «قوراللىرى» نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ
تورداشلارنىڭ بايقاشتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قۇلاي پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بايقاش ئاساسى تىزىملىكىدىكى «قۇراللار» دىگەن تۈرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم قۇراللار قۇشۇلدى. تورداشلارنىڭ كۈرۈپ بېقىپ قۇشۇشقا تىگىشلىك باشقا قۇراللار بولسا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرسا، شۇ قۇرالنى قۇشۇشقا تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئورۇنغا يەنە «تېما بېزەكلىرى» دىگەن تۈرمۇ قۇشۇلدى. بۇ تۈرنى قۇشۇشتىكى مەخسەت: بىرخىل رەسىمنىڭ ھەرقايسى تېمىلاردا تەكرار يوللىنىش سەۋەبىدىن تور بىكىتىمىزنىڭ بوشلىقىنى رەسىم ئىگەللەپ كىتىش، تور تىزلىكى ئاستىلاپ كىتىشتەك مەسىلىلەر كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تورداشلارنىڭ تېما ئىنكاس يوللىغاندا تېما بىزەكلىرى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇرۇندىن ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمىز. «تېما بېزەكلىرى» نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1.ئالدى بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ ئاساسى تىزىملىكىدىكى «قۇرال سىتون»نىغا كىرىپ «بىزەك رەسىملىرى» دىگەن تۈرنى چىكىڭ.

2. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىڭىز خالىغان رەسىمنىڭ ئاستىدىكى ئادرىسنى «复制» قىلىڭ.
 3. ئاخىرىدا تېما تەھرىرلەش رايۇنىغا كىرىپ، مائوسنى رەسىم قىستۇرماقچى بولغان ئورۇنغا چىكىپ، قۇرال سىتونىدىكى «رەسىم» دىگەن تۈرنى چىكىپ «توردىكى رەسىم» دىگەننى تاللاپ رەسىم ئادىرسىنى چاپلاپ (粘贴) قىلىپ يوللاشنى باسسىڭىزلا بۇلىدۇ.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى دەپ قويغۇم كەلدى. كۆپ ساندىكى رەسىم ياكى ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان رەسىملەرنى يوللىغاندا چۇقۇم ئاستىدىكى «رەسىم يوللاش» دىگەن يەردىن يوللىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. چۈنكى رەسىم تور سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. ئاستىدىكى ئورۇندىن يوللىسىڭىز بۇ باشقا تور بوشلىقىغا يوللىنىدۇ. بىكىتىمىزنىڭ تىزلىكىگە تەسىر يەتمەيدۇ دىگەن گەپ. شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتكە ئىتىبار بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. رەسىم يوللاش ئۇسۇلى: 1.تېما تەھرىرلەش رايۇنىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى قۇشۇمچە ھۆججەت چىقىرىش ئورنىدىن «رەسىم يوللاش» دىگەن تۈرنى تاللاپ، «رەسىم تاللاش» دىگەن كونوپكىنى بېسىڭ.

2. «رەسىم تاللاش» دىگەن كونوپكىنى باسسىڭىز بىر دىئالۇگ رامكىسى چىقىدۇ. بۇ يەردىن سىز چىقارماقچى بولغان رەسىمنى تاللاپ «打开» قىلىسىز.

3. بۇ رەسىملەر بوشلۇققا يوللىنىپ بولغاندىن كىيىن «ھۆججەت تىزىملىكى»دىگەن تۈردە شۇ رەسىملەرنىڭ تىزىملىكى كۆرىنىدۇ. سىز مائوسنى مۇۋاپىق ئورۇنغا چىكىپ قۇيۇپ ماس بولغان رەسىم تىزىملىكىنى چەكسىڭىز رەسىم شۇ ئورۇن قىستۇرۇلىدۇ.
 |