باراۋەرلىك دوستلۇقنىڭ يىلتىزى
 ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزىنى دائىم باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغانلارنىڭ دوستلۇق مېھرى ۋە ئادەمگەرچىلىكى ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇتىدىغان، تۇرمۇشتا كەمتەر كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن. ھەر زامان كەمتەرىنە ياشايدىغان كىشىلەر دائىم باشقىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، باشقىلار بىلەن ئاسانلا دوست بولۇپ ئۆتەلەيدىكەن. تۇرمۇشتا كىشىلەر ئوخشىمىغان ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلساق، بۇنداق ئاۋارچىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتقانلىقىمىزدىن، باشقىلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقىمىزدىن بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى بىرسى باشقىلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشى، تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ، باشقىلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشى ۋە قىممەت قارىشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن، ھۆرمىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشى، ھاكاۋۇرلۇق قىلىشى ئىجتىمائىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم ئىللەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئىللەتنىڭ پەيدا بولۇشىدا پىسخولوگلارنىڭ يەكۈنى مۇنداق «ھەممە كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرۈش ھېسسىياتى بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەر بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىشتا باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن. كىشىلەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىمۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشتەك كەيپىياتى يەنىلا ئۇلاردا ساقلانغان بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزى بىلەن قۇرداشلارغا يەتمىگەندە، ئۇلاردا ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرۈش ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. بەزىلەر ئۆزىدىكى بۇنداق ئاجىزلىقنى سۆلەتۋازلىق قىلىش، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ئارقىلىق يوشۇرىدۇ. بۇنداقلار گەرچە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى، ئاجىزلىقىنى تونۇسىمۇ، ئەمما قەستەن ئاجايىپ لاپلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىمەكچى بولىدۇ. بۇ ھال ئاقىۋەتتە ئۇلارنى توپتىن ئايرىپ قويىدۇ». كىشىلىك تۇرمۇشتا باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش ئاسان. ئەمما، ئۇلار بىلەن ئىچكى كەچۈرمىشى، تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى جەھەتلەردىن ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ، تەڭ قاراشتا بولۇش ئاسان ئەمەس. شۇڭا، كىشىلەر بۇنداق مەسىلىلەردە ئۆزى بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، باشقىلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىگە ھۆرمەت قىلسا، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى، ئەجىر - تۆھپىسى، جەمئىيەتتىكى نوپۇزى قاتارلىقلارنى كۆز - كۆز قىلماي، ئۆزىنى باشقىلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويسا، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئوچۇق - يورۇق مۇئامىلىدە بولالايدۇ، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدۇ. ئەنگلىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى سۇبان بىر كۈنى باغچىدا ئايلىنىۋېتىپ ئوماق بىر قىزنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇ قىزنىڭ بېشىغا كېپىنەك شەكىلدە گۈل قىستۇرۇۋېلىپ يالغۇز ئويناۋاتقانلىقى يازغۇچىنى قىزىقتۇرۇپتۇ - دە، بالىلىقىنى ئەسلەپ، ئۇ قىز بىلەن ئويۇن ئويناپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئويناپ بولۇپ كېتىدىغان ۋاقىتتا يازغۇچى بۇ قىزچاققا «ئۆيىڭىزدىكىلەرگە بۈگۈن سىز بىلەن ئويۇن ئوينىغان كىشىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى سۇبان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويۇڭ»دەپتۇ. قىزچاقمۇ يازغۇچىغا سەمىمىيلىك بىلەن «سىزمۇ ئۆيىڭىزگە قايتقاندا بۈگۈن ناھايىتى ئاددىي بىر قىز بىلەن ئويۇن ئوينىغانلىقىڭىزنى ئاپىڭىزغا دەپ قويۇڭ» دەپتۇ. يازغۇچى قىزچاقنىڭ ئۆزىنى مەشھۇر يازغۇچى قاتارىدا كۆرمەي، بەلكى ئادەتتىكى بىر دوستى قاتارىدا مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن ھەيران بولۇپتۇ. ئەسلىدە يازغۇچى قىزچاقنىڭ ئۆزىنىڭ نامىنى ئاڭلاش ھامان مەشھۇر يازغۇچى بىلەن ئويۇن ئوينىغانلىقىدىن ئۆزىنى شەرەپ ھېس قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىكەن. يازغۇچى شۇ ئىشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا نەسىھەت قاتارىدا «ھەر قانداق بىر ئادەم باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، مەيلى ئۇ قانچىلىك زور نەتىجە قازانغان بولسۇن، ئۇلارغا ئۆزىنى ھەرگىز ئۈستۈن تۇتماسلىقى، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىقى، ئۇلار بىلەن باراۋەر مۇناسىۋەت قىلىشى، مەڭگۈ كەمتەر بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر ئىكەن» دەپتۇ. جەمئىيەتتە بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدىغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ كەمتەر بولىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. كەمتەرلىك ھەركىمدىن بەلگىلىك ئېھتىياتچانلىق، زېرەكلىك ۋە ئادەمگەرچىلىك تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك مەدەنىيەت ساپاسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كىشىلەر پەقەت باشقىلار بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۇلارغا ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىقنى، ئۇلار بىلەن باراۋەر مۇناسىۋەت قىلىشنى ئۇنتۇمىسا، ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ. ھىندىستان شائىرى تاگور «نام - ئابرۇيىڭ ئەمەلىيىتىڭدىن ئېشىپ كەتسە، بېشىڭنى ئېگىپ ماڭ» دېگەن. تاگورنىڭ بۇ مەشھۇر سۆزى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىمىزنى دەڭسەپ يۈرۈش، ئۆزىمىزگە توغرا مۇئامىلە قىلىش، ھەرقانداق ۋاقىتتا كەمتەر بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى »
|