تەپەككۇر يۇلتۇزلىرى
![152110l1zf2txxef435bel[1].gif 152110l1zf2txxef435bel[1].gif](data/attachment/forum/201210/07/0100565zo8sz49to5uoa84.gif) ★ئەرلەر ئاياللارغا قاراپ تاش ئاتتىمۇ، بولدى، بۇنىڭ ئۆزى بىر كومدىيە. ئاياللار ئەرلەرگە قاراپ قاش ئاتتىمۇ، مانا بۇنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ تراگىدىيە. ★ئاياللار قۇرۇتقا ئوخشايدۇ، ئەرلەر ياغاچقا ئوخشايدۇ. ★ئەرلەر ئادالەت ئۈچۈن مۇشت تۈككەندە، ئاياللار ساداقەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە دۇنيادا ناھەقچىلىق بولمايدۇ. ★ئاياللارنىڭ كۆزيېشىغا نۇرغۇنلىغان مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ★ئەرلەر مەيدىسىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرسە، بۇنىڭدىن بىر خىل قەيسەرلىك چىقىپ تۇراتتى، ئاياللار مەيدىسىنى ئوچوق قويۇپ يۈرسە، بۇنىڭدىن نىمە چىقىپ تۇرىدىغاندۇ ئەمدى؟! ★رىۋايەت قىلىنىشىچە، تەڭرى ئادەملەرگە تەخسىم قىلىنغان ھايانىڭ توققۇز ئۆلۈشىنى ئاياللارغا، بىر ئۆلىشىنى ئەرلەرگە بەرگەن ئىكەن. لىكىن ھازىر ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ توققۇز ئۆلىشى، ئەرلەرنىڭ بەدىنىنىڭ بىر ئۆلىشى ئېچىۋىتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ★ئەر-خوتۇنلارنىڭ ماجراسى تۈگمەيدىغان ئائىلە، ئېنىقكى بۇ ئالەمنىڭ دوزىخى. ★ئانىلار ئۆيدىكى خاماننىڭ مومىسى، موما مۇستەھكەم بولمىسا خامان يۇمشىمايدۇ. ★ئاتا بىلەن ئانا ئائىلىنى بىرلا ۋاقىتتا ھەم يورۇتىدىغەن ھەم ئىللىتىدىغان قوياشتۇر. ★ھەقىقەت يا رۇسلىنالماي، يا سۇنماي ئىگىلىۋەرگەچكە، رەزىللىكنىڭ بوي-بەستى ئۆسۈپ كىتىۋاتقانلىقى ئېنىق. ★مۇستەملىكىچىلەر ھەمىشە يات ئەلگە ئازادلىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ كىرىدۇ. ★دۈشمىنىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالمىغان كىشى ئاخىرى ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ★ياندىشىپ مېڭىۋاتقان دۈشمەندىن قورقماي، ئەگىشىپ كىلىۋاتقان دۈشمەندىن قورق. ★تامنى مۇستەھكەم بولسۇن دىسەڭ ئۇلىنى پۇختا قىل، ئەتىنى مەنىلىك ئۆتسۇن دىسەڭ بۈگۈندىن ئۈنۈملۈك پايدىلان. ★دۇنيادا گۇپپاڭچىلىق قىلىدىغانلار تولا، ئەقىل كۆرسىتىدىغانلارئاز.
مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 01:09
|