ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ
 ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. ئائىلە ــــ بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ يارىتىلىشىدىكى تۇنجى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەكتەپ. دەل ئاشۇ ئائىلىدە ھەر بىر ئادەم ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ يامان ئەخلاقىي چېنىقىشقا ئۇچرايدۇ. ئائىلىدە ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېچىلىشقا، ئادەتلىرى پەيدا بولۇشقا، ئەقلى ئويغىنىشقا، ئېسىل ياكى قەبىھ ئەخلاق-پەزىلىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. مىللەتنىڭ گۈللىنىشى يەسلىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى تەربىيلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھۆكۈمەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. شەخىسنىڭ ھاياتىدا ئائىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە تەقدىم قىلىش روھى بولمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەخلاقى پەقەت ساختا نىقابقا ئورالغان ئەخلاق-پەزىلەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. ئۆز پەرزەنتىگە مېھرى بولمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ. چۈنكى مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيىسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئاتاقلىق ئەدىپ مىلتوب : « سەھەر شۇ كۈندىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندەك، بالىلىق دەۋر بىر ئۆمۈردىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ » دېگەنىدى. قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار: « ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا تەربىيلەتكۈزسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز». گېئورگې خېربېرت: «بىر ياخشى ئانا يۈز نەپەر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ » دېگەنىدى. ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. تۇرسى: « مەيلى سىز قانچە ئۇزق ياشاڭ، تۇنجى يىگىرمە يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمى بولىدۇ » دېگەنىدى. فرانسىيەنىڭ : « ئاياللار بولمىسا، ئەرلەر مەڭگۈ ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ» دېگەن ماقالى بار. بىر ئائىلىدە ئەگەر ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى دۇرۇس بولمىسا، ئاتىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ھەر قانچە مەدەنىي بولسىمۇ، بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن. ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتىنى يارىتىدۇ. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رەسىملەرنى سىزىشى، ئۆلمەس مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر ۋە درامىلارنى يېزىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن بولىدۇ. ئايال كىشى ئاقىلانە تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، ئارتۇقچە گۆدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بولىدۇ. ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىمايلا قالماي، ھەرخىل تەسىرلەرنى توسىيالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت ئەھۋالى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئالغان تەربىيىسىگە باغلىق بولسا، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىش مەسىلىسىى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك. ئەرلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلىيىتى ۋە مەنىۋى كۈچى پەقەت ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پاكلىقى ۋە زېھنىي تەربىيلىنىشى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
مەنبە : «ئەخلاق پەزىلەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى» ناملىق كىتاپچە
|