پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 1

قابىليەت ۋە تالانت-ئېرسىيەتتىنمۇ ياكى تەربىلىنىشتىنمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

6

دوست

724

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
180 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
161 سەر
شۆھرەت
122 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:50:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلاردىكى ياشاش ئىقتىدارى، ئەقلى قابىلىيىتى ،تالانتى- ئىرسىيەتتىنمۇ ياكى  تەربىيىلىنىشتىنمۇ؟! بىز دائىم تەكىتلەيدىغان بالىلارنىڭ قابىلىيەتلىك ۋە تالانتلىق بۇلۇشىنى، نۇقۇل ئىرسىيەت ئامىلى ياكى ماددى شارائىتىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى بەلگىلمەيدۇ. ناۋادا بىر بالىنىڭ ئەقىللىق ئىقتىدارلىق بولۇشى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەقلى بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى بىئولوگىيىلىك دۇنياغا ئايلىنىپ ،ئەقىللىق ئادەمنىڭ بالىسى ئەقىللىق ،يارامسىز ئادەمنىڭ بالىسى يارامسىز،ساۋاتسىز ئوقۇمىغان دېھقاننىڭ بالىسى ئىقتىدارسىز بولۇپ قالسا بولاتتى.ئەمەلىيەتتە مۇنداق مۇتلەقلىق مەۋجۇت ئەمەس. بالىلارنىڭ تالانتى بىلەن ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇش جەريانىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىش كۈچى، تەربىيىلىنىش شارائىتى، تەربىلىگۈچىنىڭ ساپاسى، ھەتتا شۇ بالا ياشىغان رايوننىڭ ئورۇپ ئادىتى قاتارلىق تەرەپلەرمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياخشى بولغان تەربىيىلىنىش شارائىتىدا ئەلۋەتتە بالىلارنى ياخشى، ئاق كۆڭۈل، چېچەن، زىرەك ياراملىق تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ، بىراق بۇ دېگەنلىك ھەشەمەتلىك تۇرمۇش، ياخشى تەربىيىلىنىش شارائىتى بولسىلا، بالىنى ياخشى تەربىيىلىگىلى بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. مىھرىبانلىققا ، شاد-خۇراملىققا ،ئادالەتكە تولغان ئائىلىلا، بالىدا قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشكە كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ ياخشى مۇھىتتۇر. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئاتا-ئانا بالىنى ئاق كۆڭۈل ،چېچەن ھەم قابىلىيەتلىك ئادەم قىلىپ چىقىمەن دەيدىكەن: ئائىلىدە ئەر -ئايال بىر -بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ،كۆيۈنىدىغان ،كەڭ قورساق ئەپۇچانلىققا تولغان كۆڭۈللۈك ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. قابىلىيەت يىتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى: 1 - تىل تەربىيىسنى كۈچەيتىش. بالىلار چوقۇم ئانا تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، مەقسەت مۇددىئاسىنى،ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك . 2-ئوقۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش،يەنى بالىلاردا كىتاب ئۇقۇش، قانداق كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇش، ئوقۇپ چۈشىنىش،بۇ خىل قابىلىيەت تەكرار كۆپ قېتىم ئوقۇش، ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئادەتتە ئۇقۇش ئۇسۇلى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولغاچقا ، ئوقۇشتىن ئالىدىغان لەززەتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 3-قابىليەتنىڭ يېتىلىشى- ئالغا بېسىش سۈرئىتىنىڭ تېز -ئاستىلىغا باغلىق بولمايدۇ. بالدۇر ئالغا باسقان يەنى ئىقتىدارى بالدۇر بايقالغانلارنى، كېيىنمۇ شۇنداق قابىلىيەتلىك بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئىزچىل، داۋاملىق تىرىشىش،ئىلگىرىلەش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئالايلۇق بېتخوۋېن مۇزاتلارمۇ تۇغما تالانلىقلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ داڭلىق مۇزىكانت بولالىشىدىكى سەۋەپ، ئەۋزەل مۇھىت ، قالتىس قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىش بىلەن بىللە، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن قابىليەتنى نامايان قىلالىغان. 4-بالىلارنىڭ مىجەز -خاراكتېرىنىڭ ئۆزى بىر قابىلىيەت. بىز دائىم بالىلارنىڭ مىجەز -خاراكتېرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ بالىنىڭ مىجەزى ياخشى، ئۇچۇق- يۇرۇق ئىكەن . ئاۋۇ بالىنىڭ مىجەزى غەلىتە ئىكەن، دېگەندەك باھا بىلەن بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىش مۇھىتى، شارائىتىنى، تەھلىل قىلىمىز. توغرا بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتېرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇش، مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدا تەدرىجى شەكىللىنىدۇ. گەرچە ئىرسىيەتنىڭ تەسىرى بولغان تەقدىردىمۇ ، مۇھىتنىڭ ۋە تەربىيلىگۈچىنىڭ تەسىرىدەك زور بولمايدۇ. شۇڭا ياخشى ئۇچۇق يۇرۇق مىجەز -خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈشتە، ئەۋزەل مۇھىت بىلەن تەربىيلىگۇچىنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى بەك مۇھىم. 5-بالىلارنى كۆڭۈل قويۇپ، ئاچچىقلانماي، سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيىلەش، قابىلىيەت تەربىيىسىنى ئىمكان بار بالدۇر باشلاش، يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەلىم -تەربىيەدىن بەھرىمەن قىلىش قابىليەت تەربىيىسىدىكى بەك مۇھىم ھالقا. 6 - بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۇشۇرۇن قابىلىيەت بىلەن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان ئىچكى تۇيغۇسىنى بايقاش ئارقىلىق ، جىسمىدا ۋە سەزگۈ ئەزالىرىدا كەمتۈكلۈك بار مېيىپ بالىلارنىمۇ  قابىلىيەتلىك ،ئىقتىدارلىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىققىلى بولىدۇ.



كېلىش مەنبەسى : توردىن توپلىغان



ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ، ئىناق ياشايلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

3

دوست

2637

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
662 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
473 سەر
شۆھرەت
450 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 22:17:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تەربىيلەشتە پايدىلىنىدىغان ياخشى تىما ئىكەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:14, Processed in 0.150230 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش