مىجىلغان يۈرەك
( رىسالەت تۇرسۇن)
تۇرىمەن بۇلۇڭدا مىجىلغان يۈرەك، ئاجايىپ بىر خورلۇق ئەزدىغۇ تېنىم. نە قىلاي دەردىمنى بىلمەيدۇ ھېچكىم ، ئاھانەت ئالدىد ا تۇتۇلغان تىلىم .
مەن گويا گۇناھكار ئالدىدا ئۇنىڭ ، ئۆي ئىشى ۋەزىپەم پەقەتلا مېنىڭ . بارنىڭمۇ - يوقنىڭمۇ غېمىنى يېيىش ، ئاھ ! خۇدا ئۈستۈمگە ئارتىلغان مېنىڭ .
ئاھانەت يامغۇرى ياغدى باشىمگە ، ئاڭلاشقا قۇلىقىم ئازلىق قىلماقتا . ئەي خۇدا ئاڭلىغىن مېنىڭ نالەمنى ! ياشاشمۇ مەن ئۈچۈن ئازاب بولماقتا .،
شۇڭا ئەي سېنىڭدىن ئاغرىندىم خۇدا ، نە ئۈچۈن ئايال قىپ ياراتتىڭ مېنى ؟! ۋۇجۇدۇم تۈگۈلگەن ، تىترىگەن تېنىم ، مەندىكى ئاياللىق مەزلۇملۇق قېنى؟
ۋادەرىخ ھاياتىم ئۆتمەكتە شۇنداق ، كۈلكىدىن ئەسەر يوق، ئۈنسىز كۈنلىرىم، ھېچكىمگە ئېيتالماي ھەسرەتلىرىمنى ، ئەلەمدىن تۆكىدۇ - ياشلار كۆزلىرىم .
ئىجادىيېتىم |