ھايات
قىسمەتلىرىڭ ئاجايىپ ھايات ، بىرلىرىگە كۈلۈپ باقىسەن . بىرلىرىگە قۇچاق ئاچىسەن ، بىرلىرنى چەتكە قاقىسەن .
بىرلىرىنىڭ باشلىرىدا غەم ، بىرلىرىنىڭ كۆزى ياشتا نەم . بىرلىرىگە سەن بىر قىرتاق تەم ، بىرلىرىنى قىلىۋەتتىڭ يەم .
بىرلىرىگە بەردىڭ مۇھەببەت ، بىرلىرىگە قىلدىڭ شاپائەت . بىرلىرىگە سۇندۇڭ مۇشەققەت ، يۈرەكلەردە قالدى ئاسارەت .
بىرلىرىنىڭ قورساقلىرى توق ، بىرلىرىنىڭ ئەسلا غېمى يوق . بىرلىرى بار قىلار پوخۇرلۇق ، بىرلىرىگە يەتكۈزۈپ خورلۇق .
بىرلىرىگە بەردىڭ يوقسۇللۇق، بىرلىرىگە ياكى«تۆت تام»يوق. بىرلىرىگە ھېچ بەرمىدىڭ زوق ، بىرلىرىدىن ئىشتىۋالغاچ دوق .
بىرلىرىگە كەلتۈرۈپ ئامەت ، بىرلىرىگە قىلدىڭ ئاھانەت . بىرلىرىگە قەدەمدە شەربەت ، بىرلىرىنى باستى مىڭلاپ دەرت.
بىرلىرىنى ياراتتىڭ ئالقاپ ، بىرلىرىنى كەتتىغۇ ئالداپ ؟! بىرلىرىگە چالدۇردۇڭ ھەم داپ ، بىرلىرىنى ئۇسۇلغا زورلاپ .
بىرلىرىدە تۈگىمەس سەۋدا ، بىرلىرىنىڭ قەلبىدە غەۋغا . بىرلىرىدىن كەلمىگەچ ۋاپا ، تاپالمىدى دەردىگە داۋا .
بىرلىرى بار كولايدۇ ئورا ، بىرلىرىگە ھەسەت مۇپتىلا . بىرلىرىنىڭ ئاغزى «خوپ»تىلا ، نەيرەڭۋازلىق ئۇلاردا تولا .
بىرلىرىگە ئەيلىدىڭ خۇشلۇق ، بىرلىرىنىڭ يوللىرى ئوڭلۇق . بىرلىرى ھەم شۇنداق غورۇرلۇق ، ھايات ، سېنى سۆيگەچ ئورۇنلۇق.
مەنبە: ئىجادىيىتم ..... 2011 - يىلى 2 - دېكابىر كەچ
|