خەيرى خوش
بۈگۈن ساڭا خوش دېدىم ئاخىر ، ئېلىپ دەرتنى يەلكەمگە ئېغىر ، باغلام ـ باغلام ئازاپلىرىمنى ، قەلبىم قۇچاق ئەتمەكتە ھازىر .
تەنھا ماڭدىم قاراپ كەينىمگە، يۈرەك تولدى دەردۇ ـ ئەلەمگە، ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ كەتتىم يىراقلاپ، قـەدەمـلىـرىم بـاقماس مەيلىمگە .
مـەنـدە قـالدى پىـغانلىق ھەسرەت، ئەمدى نەدە ماڭا ھەم نۈسرەت ، سـەن بىـلەنـلا كـۈلـگـەن ھـاياتىم ، قەلبىم چەكتى سۆيگۈدىن زەخمەت.
ئامالىم يوق خۇش دېمەسلىككە ، يېتەلمەيمەن سېنىڭ ۋەسلىڭـگە ، ئالـلاھ بـەرگـەن بـۇ تەنـھالىقـنى ، يار ئېـتەيـمەن قـالغان ئۆمـرۈمـگە .
گـەر مـەن سـاڭا قىـيالـمىـسـامـمۇ، ئـورنـۇمـدىن دەس تـۇرالـمىـساممۇ، تىـنىچـلىـقىڭ بـۇزۇلـمىــسۇن دەپ، خوش! دېـدىم مـەن چىـدالـمىساممۇ.
ئـولـتۇرىـمەن تـەنھا كـۈلـبەمـدە ، مىـڭ پـاتـمانـلاپ ئـازاب قـەلبىمدە ، مـەن ھايـاتمۇ؟ سېـزەلـمـەي قـالدىم، كېپ قـالـدىمـمۇ يـاكـى قـەبـرەمـگە.
تىـنىقـلىـرىم شۇنـچىـلىك قـىـرتـاق ، ھـۆكـۈم سـۈرەر تېـنىمـدە سـوغـۇق، ئـەجـەل يېـتىپ كـەتـسەم دۇنيادىن، كـۆزۈم سـەنـسىز قـالىـدۇ ئـوچـۇق.
خوش! خوش سۆيگۈم!خەيرى تەشنالىق! قـالـدۇرغـىـنىڭ مـاڭـا جــۇدالــىق ، بىـلىپ قـويـغـۇن سۆيـگۈمـىز ئـۈچـۈن، سـەن قـەرىـزدار ئىـكـكى دۇنـيـالـىق . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 09:59
|