روبائىيات
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن
1 جاھان سەييارىدۇر گويا، ھەمە زېھنىڭ ساپاسىدا، بىراۋدىن ئىزلىمە سۆيگۈ، ئۇ قەلبىڭنىڭ ناۋاسىدا. كىشى ئالەم ئۈچۈن ئەينەك، ئۇنىڭدا بارچە سىر ئايان، جۇلادۇر ئىزگۈ بىر ئىستەك روبائىي مۇددىئاسىدا.
2 قاچانكىم بولدى تەن ئىچرە ئىلىم ئىشقىدا جان پەيدا، بۇ جانىم خۇددى بۇلبۇلدەك ناۋا ئەيلەپ ئاڭا شەيدا. قاچانكىم بۇ نادان قەلبىم ئىلىم نامىنى تۇغ قىلدى، بۇ جانىمغا كىتابەت زەۋقىدىن كۈن-تۈن ئارام قايدا.
3 باھارنىڭ زىننىتى بولستان، لاچىننىڭ پەخرى پەرۋازدا، پىغاندا كۆز يېشى تۆككەن كۆزۈڭ شادلىقتا خۇش نازدا. ئەمەس بىرخىل پەسىل-دەۋران،زىمىستان ھەم باھار باشقا، نە شۆھرەت سايرىسا بۇلبۇل قىشى-ياز بىرلا ئاۋازدا.
4 جاھان سەيلانىدا يۈرسەم جاھان بىر ھېس-دېڭىز گويا، ئۇنىڭ قايغۇ، خاۋاتىر، شاد ۋە ناز-خۇلقىدا مىڭ مەنا. پەلەكتىن تارقىغان نۇردىن شىپا تاپقايكى يەر رەنجى، بىراق شادلىقتا نە قىممەت ئاڭا دەرد بولمىسا ھەمراھ.
5 ئۆزۈڭسەن دىل سۆيۈنگەن پىشىۋارىم بەرق مەلەك گويا، دىلىڭ مىسالى ئىلىم جەۋھەرلىرىدىن تەۋرىنەر دەريا. سېنىڭ يۈكسەكلىكىڭ ئالدىدا ماتتۇر پىتنە ئىغۋاسى، پەزىلەت ئۆلگىسى قەلبىڭ- زىمىستان گۆرسىمۇ رەنا.
6 كىشىگە ئىلتىجا قىلما، كىشى ئىقبالى ئىفاندا، سائادەت كەلمىگەي ھېچ ئىلتىپاتتىن قولغا ئاساندا. ھاياتنىڭ لەززىتى سۆيگۈ، ئۇنىڭسىز ئىختىيار بولماس، مەگەر زوق داۋزىسىنىڭ ئاچقۇچن سورساڭ-ئۇ ۋىجداندا.
7 قارا كۆز كۈلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدە بىر مەنا، ئەتىرگۈل ھۆسنىدە زاھىر تەمەننا قىلغۇدەك زىبا. يۈرەك بۇلبۇل كەبى كۆكرەك قەپەزدە تەمتىرەر ھەريان، ئۇچارغا يوق قاناتى، شۇ سەۋەپ سىنەمدە بىر غەۋغا.
8 نىتەي، ئاپەت مۇھەببەتتىن يۈرەكتە بولدى ئوت پەيدا، تۈتەكسىز ئۇشبۇ ئاتەشنى كۆرۈش تەس بولسا دىل ئەما. چىراغ پەرۋانىسن كۆرگەن چېغىمدا ئويلىمايمەن ھېچ، مېنى قىلدى نەسىۋەم ئاقىۋەت پەرۋانىغا سىما.
9 ھەسەتخور بولسا باغۋەن-نە ئېچىلغاي باغدا گۈل رەنا، ئۆزىنى پىتنىچى -بۇلبۇل دېسە خەندىدە نە مەنا. بىراۋلار زەمزىمىن ماختاپ، تۈكۈرسە ئۆز بۇلاقىغا، بولۇر چۆللۈك مۇكاپاتى قىلىپ نەم قەترىگە تەشنا.
10 گۈزەلگە خوپ ياراشقاي بار گۈزەللىك ئۆلگىسى گويا، گۈزەلدە ھەددىدىن ئاشقاي ھەر گۈزەللىك نۇسخىسى گويا. نە بار ئەركتىن گۈزەل بىر قەلب، گۈزەل قىز ھۆسنىدىن كۆرك زات؟ گۈزەل رۇخسار، گۈزەل قامەتتە ئالەم كۈلگۈسى گويا. |