مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2077 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 6

ناۋاي يىگىت بىلەن مۇئەللىم قىزنىڭ مۇھەببىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

125

تېما

22

دوست

3511

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1101 سەر
تىللا
249 دانە
تۆھپە
454 سەر
شۆھرەت
456 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 00:07:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسېىمنى بىلسەم بۇ ناھىينىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان يېزدا بىر دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەپتىكەنمەن ،داداملار زامانىسىدا پىلانلىق تۇغۇت بولمىغاچقمكىن ياكى بولسىمۇ بۇ دېھقانلار ئۇنىڭغا رۇئايە قىلمىغاچقىمكىن ئاپام سەككىز بالا تۇغۇپتىكەنتۇق ،منىڭ ئۈچ ھەدەم ئىككى سىڭلىم ئىككى ئىنىم بار بولغاچ ئەسلىدىن نامرات بۇ دادام بىز سەككىز تازنى بېقىپ بۇلالماي تېىخمۇ كۆك نامرات بۇلۇپ قاپتىكەن .
دادام دادسىدىن مىراس  قالغان تۆت مو يەرنىڭ ئىككى موسىغا بۇغداي ،بىرموغا پاختا يەنە بىر موغا قوغۇن -تاۋۇز تېرىپ بىزنى باقاتىكەنتۇق ،ئۆيمىزنىڭ كەيندىمۇ كەڭ بىر باغ بۇلۇپ بۇ باغدا ھەرخل مىۋە -چېۋىلەر بولغاچقا ئاپام بىچارە شۇ باغدىكى مىۋېلەرنى قاق قىلىپ بارزارغا ئاپىرىپ تۇرمۇش خىراجىتمىزنىڭ بىر قىسمىدىن چىقاتتى ،ھويلىمىزنىڭ چوڭ سەيناسىغا ھەرخل ،كۆكتاتلارنى تېرىپ بۇ كۆكتاتلارنى سەيناغا كولانغان ئورەككە قاچىلاپ قىشتىن ئۆتەتتۇق ،بىزنىڭ يەنە بىر كالا ،تۆت قوي ،ئالتە توخىمىز بىزنىڭ بۇ ئەسكى غېرىبانە كەپىمىزنىڭ بىردىنبىر زىنەت بۇيمى ئىدى ،ئۈچ ھەدەم بۇرۇنلا توي قىلىپ چىقىپ كەتكەچكە دادام مەجبۇرىي مائارىپنىڭ تۇرتكىسىدە بىزنى مەكتەپتە ئوقۇتتى ،لىكىن ھەر ئورما ۋاختى ،كېۋەز پىشقان پەسىلەردە مەكتەپكە بىزنى ئەۋەتمەي بىچارە مۇئەللىملەرنى  ئۆيمىزگە كېلىشكە مەجبۇر قىلاتتى ،بىز ئۆيدە قالغان بەشىمىز بىر -بىرىمىزدىن ئۆتەر شوخ بولۇپ يازكۇنلىرى  مەھەللىمزدىكى كىچىك ئېرقچىغا سوغا چۈملۇپ ئۆيگە كېرمىسەك ،قىشتا چانا تېيلىپ ئاپامنى قاخشتاتتۇق ،ھۇشۇققىچە كېلدىغان توپىدا ئىشەكتەك ئىغناپ  ئاپام جاپادا  يۇغان كېيىملەرگە ئارام بەرمەيتۇق ،شاقتىن -شاققا مىۋە ئۈزمەن دەپ چىقۋېلىپ كېيىملەرنى يېرتىپ ئاپامنىڭ تېلدىن قورقۇپ كېچىچە ئۆيگە كېرىمەي ئۈزۇمزىگە  ئوخشاش بەڭۋاش باللار بىلەن بىرگە مەھەلىمىزنىڭ چېتىدىكى بولاق بېشىغا بېرىپ سېڭلىرىمىز ئەكلىپ بەرگەن قاتتىق  نانلارنى لاي سۇلارغا چىلاپ يۇمشۇتۇپ قورساقنى ئەستەلىگەندىن كېيىن شۇ يەردىلا ئوخلاپ قالاتتۇق ،ئەتسى دادىلىرىمىز قۇلاقلىرىمىزنى سوزغۇنىچە  ئۆيلىرىمىزگە ئېلىپ كېتەتتى ،ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئىشتاننى تىزىمىزغىچە چۇشۇرۇپ قۇيۇپ كاسمىزغا راس ئۇراتتى ،شۇندىلا كۈيۇمچان ئاپمىز دادامنى توسۇپ كېيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ يىڭنە تۇشكىدىن يىپلارنى تەستە ئۆتكۇزۇپ ياماپ بېرەتتى ،
كۇنلەر ئايلارنى قوغلۇشۇپ مىنىڭ بۇ بىغوبار چاغلىرىم ئاخىرلىشىپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ قالدىم ،مۇئەللىملىرىمنىڭ ياردىمدە بۇرۇنقى شوخلۇقىمنى تاشلاپ تېرشىپ ياخشى ئۆگەندىم ،اللاھ ئەجرىمگە چۇشلۇق مىېۋە بېرىپ ھەر يىلى مەكتەپ بۇيۇنچە ياكى يېزا بۇيۇنچە ئۈچتە ياخشى، بەشتە ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ مۇئەللىملىرىمنى شاتلاندۇرسام ،ئاتا -ئانامنى سۈيۇندۇردۇم ،ھەر بازا كۇنلىرى دادام مىنى  يېزا بازىرغا ئېلىپ بارسا ئۇچۇرغانلكى مۇئەللىمىم مىنى ماختاپ
چوڭ بولسا چۇقۇم ياراملىق ئادەم بۇلدۇ دەيتى
بۇنداق چاغلاردا دادام خۇشاللىقىدا يېندا پۇل بولمىسىمۇ ماڭا قەرىزگە تاڭگازا ،گازىر،پىرەنىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى ،مەنمۇ دادامنىڭ بۇ قىلغانلىقلىرىغا لايىق ئوقۇش ئۇچۇن ئۇنسىز تېرىشتتىم ،تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ تېخنكومغا ئىمتاھان بەردىم ،ئىمتاھان نەتىجەم ناھيە بۇيۇنچە بىرىنجى چىقىپ كەنت رەھبەرلىرىدىن تارتىپ مەھەللىمزدىكى كىچىك باللارغىچە شاتلىققا چۇمدۇردى،لىكىن نەتىجەم ياخشى چىقان بىلەن چاقىرقىنى ئالغاندا بىز بىر ئۆيلۈك كىشلەرنى ئېغىر غەم -قايغۇ باستتى .
ماڭا شەھەرلىك تىبى مەكتەپنىڭ دورىگەرلكىتىن چاقىرىق كەلگەن ئىدى ،بۇ كەسىپ جەميەتكە ئىھتىياجلىق كەسسىپ بولغان بىلەن بىزنىڭ ئۆيدىكلەر بۇ كەسىپنىڭ ئوقۇش پۇلغا چىقىش قىلالمايتتى
تۆت مىڭ بەشيۈز ئەللىك سوم شۇنداقمۇ ئوغلۇم دېدى دادام چاقىرىقنى ئالغان كۇنىنىڭ ئەتىسى
ھەئە دادا ،بولدى غەم قىلما مەن ئوقىماي سېنىڭ ئېتىز ئىشلىرىڭغا ياردەملىشەي
ساراڭ بولمىغانسەن ئوغلۇم سېنى چوقۇم ئوقتىمەن ،سەن ياخشى تەييارلىق قىل دەپلا دادام سېرىتقا قاراپ ماڭدى
دادامنىڭ كەينىدىن ئېغىر خۇرسۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئويغا پاتتىم
دادام ئاپام ئۈچۈن بۇ تۆت مىڭ بەشيۇز سوم دېگەن ناھايتتى چوڭ سان ئىدى ،بۇلار بىر ئۈمۇر ئىشلىسىمۇ قۇلى بۇنچىلىك پۇلنى كۆرمەيتتى ،ئۇلار تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئۇنچىلىك پۇلنى تۇتۇپ بېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن كۆرۇپمۇ باقمىغان  ،شۇڭا دادامنىڭ مەن ئامالىنى قىلمەن دېگىنى قۇرۇق گەپ ئىدى ، بۇ ئوقۇش مەندەك كۆك نامراتنىڭ بالسىغا نېسىپ بولشى مىنىڭ ئوخلاپ چۇشۇم ئىدى خالاس،
مەن بۇلارئىشلارنى  بىر قۇر كاللامدىن ئۆتكۇزگەندىن كېيىن قۇرۇق خىيال سۈرۇشتىن يالتىيىپ ئۆيمىزنىڭ كەيندىكى باغقا چىقىپ باغقا  سۇ ئاچتىم ،ھەم كېۋەزلىكىنىڭ، قوغۇن- تاۋۇزلارنىڭ ئوتىنى ئوتاش ئۇچۇن ئېتىزلىققا قاراپ ماڭدىم ،پىژغىرىم ئىسىقتا توختىماي ئېتىزلىقتا ئوت ئېلۋاتمەن ،لىكىن  كاللام يەنلا ئۆيدىكى ھېلقى چاقىرىقتا ،مىنىڭ كىچكىمدىن ئوقۇش ئىستىكىم كۆچلۇك بولغاچ  ،بۇ يېزدىن چېقىپ يېراق شەھەرلەرگە بېرىپ ئىلىم ئالغۇم ،مەدىنيەت بىلەن دېلىمنى يۇرۇتۇپ كېيىنكى پەرزەنتلىرىمنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرشتۇرگۈم بار ئىدى ،لىكىن .....................
شۇلارنى خېيال قىلىپ كېۋەزلىكىنى بىردەمدىلا ئوتاپ بوپتىمەن ،ئالغان ئوتلارنى خالتىغا قاچىلاپ ئۆيگە ئەكىلىپ قوي -كالىلارغا سېلىپ بېرىپ باغنىڭ سوغا قانغان -قانمىغىنى بېلىپ بېقىش ئۇچۇن باغقا چىقتتىم ،سۇ كېچىك ئېرىقچە ئارقىلىق باققا كېرۋاتاتتى ،سۇغا قاراپ يۈركۇمنى مۇشۇك تاتلىغاندەك بىئارام بۇلماقتا ئىدىم ،تۇيۇقسىز كېچىك سېڭلىم ئادىلە
ئاكا سۇغا قارا تېشىپ كەتتى
دېگەن ئاۋاز بىلەن ئېسىمگە كېلىپ دەرھاللا سوغا قىر سالدىم ،قارمالتاق ،ۋىجىك ئون ياشقا كېرگەن سېڭلىم قېشىمغا كېلىپ
ئاكا يەنە ئوقۇشقا بارالمايمەن دەپ غەم قىلۋاتامسەن،غەم قىلما مەن بار دېدى ئۇ
ھى،،،،ھى،،،ئۇنىڭ تاتلىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلكەم قىستاپ كەتتى
شۇنداقمۇ ؟ سەن  بۇ گەپلەرنى كىمدىن ئاڭلىدىڭ ؟ماڭا نېمە قېلىپ بېرسەن دېدىم ئۇنىڭغا
ۋاي جېنىم ئاكا ئاپامدىن ئاڭلىسام سەن شەھەردە ئوقۇيدىكەنسەن ،ئوقۇپ بۇلۇپ دوختۇر بۇلدىكەنسەن ،راسمۇ ئاكا
ھەئە راس
ئەمسە سەن شەھەرگە بېرىپ ئوقۇغىنە ئاكا ،ئوقۇش پولۇڭنى دادام تېپىپ بەرسۇن ،سېنىڭ تاماق پولۇڭنى مەن تېپىپ بېېرەي
سەن قانداق تاپسەن
قارا بۇ ئاكامنىڭ كالۋالىقىنى ،ئاكا سەن مىنىڭ پاختا تېرىشكە ئۇستۇلقۇمنى بىلسەنغۇ، ھە ،ئەمەت شۇجىنىڭ پاختىسىنى تېرىپ بىرمەن ،بىر كۇن تەرسەم 20 سوم بەرسە بەش كۇندە يۇز سوم ،شۇ پۇللارنىڭ ھەممىسنى ساڭا ئەۋەتتىپ بېرمەن ،مەن ئاپامغا قونچاق ،پىرەنىك ئېلىپ بەر دېمەيمەن ئاكا سەن چوقۇم ئوقۇ
سېڭلىمنىڭ بۇ سەبى سۆزلىرىگىگە قاراپ ئۇنىڭ ماقسىنى ئېقتىپ چوكا مۇز يەيمەن  دەپ غەلۋە قىلدىغان كىچىك قىز ئىكەنلكىگە ئىشەنمەي قېلۋاتاتتىم ،ئۇ گەرچە ماڭا شۇ ئىشلارنى قىلىپ بېرەلمىسىمۇ لىكىن بۇ چۇچمەل سۆزلىرىدىن شۇنداق سۈينمەكتە ئىدىم
دۇمبەمگە چىقە دەپلا ئۇنى ھاپاش قىلىپ سەيناغا چىقتىم ،ئاپام چوڭ سىڭلىم بىلەن ئوچاق بېشىدا بىزگە تاماق ئۇسۋاتاتتى ،مەن ھويلىغا قۇيۇلغان سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردۇم
ئاكا تامقىڭنى يە
چوڭ سىڭلىم شۇنداق دەپ بىر قاچا تۇخۇمدا قورۇلغان لەغمەن ئېلىپ ئالدىمغا قويدى ،قاچىدىكى تاماققا قاراپ ئىچىم ئېچشىپ كەتتى ،بىز بىر ئائىلە كېشىلىرى كۇندە توخۇمدا قورۇلغان لەغمەن ،قۇناقتا ئېتىلگەن سۇيقاش يەيتتۇق ،قاچمىز ھېيىت -بايرامدىن باشقا چاغلاردا گۈش كۆرمەيتتى ،بىز شۇندىمۇ بۇ خاتىرجەم تۇرمۇشتتىن رازى ئىدۇق ،
قاچىنى قولۇمغا ئېلىپ ئولتۇرسام دادام ئىككى ئادەمنى باشلاپ ئۆيگە كېرىپ كەلدى ،
ۋوي ئانسى بۇلارغا كۆرپە سېلىڭ دېگىنچە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ مېنىڭ بېشىمنى سېلدى
چوڭ سىڭلىم ئۆيدىن كۆرپە ئەپچىقىپ سوپىغا سالدى
ئاپام مىھمانلارنىڭ قۇلغا سۇ بېرىپ تاماق ئەكەلدى ،تاماقلار يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن دادام ئۇلار بىلەن يەنە چىقىپ كەتتى ،مەنمۇ ئۆيدە ئولترۋېىپ بەك بۇرۇختۇرما بۇلۇپ كەتكەچكە سەگىدەپ كېلىش ئۇچۇن بۇلاق بېشىغا باردىم .
ۋاھ ئەليۇل -ئەلا كېلىپ قاپتىغۇ
شۇنى دەيمەن بۇ يەرگە كۆپرەك كېلۋال شەھەرگە كېتىپ قالساڭ كېلەلمەي قالما يەنە
ئۈچ ساۋاقدېشىم بۇلاق بېشىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەنتۇق ،ئۇلار مىنى كۆرۇپلا ئاچچىق گەپلەرنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى ،ئەسلىدىنمۇ جىيلە بۇلۇپ تۇرغاچقىمكىن ،تېخمۇ چېچىلىپ كەتتىم
نېمانداق گەپ قىلشسەن ،
ئۇلار مىنىڭ پەيلىمنىڭ يامانلىقىنى كۆرۇپ ئارتۇق گەپ قىلماي مىنى قېشىدا ئولتۇرشقا تەكلىپ قىلدى ،ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرشنى خالىماي بولاقنىڭ ئايغى تەرەپگە بېرىپ يالغۇز كۇننىڭ پاتقىندىكى كەچكى شەپەق مەنزىرسىنى كۆرۇپ ئولتۇردۇم ،ئەتراپنى گۇگۇم پەردىسى قاپلاپ بىر نەرسىنى پەرىق قىلغىلى بولمىغىدەك ھالەتكە كەلگەندە ئاستا ئۆيگە قايتتىپ كەلدىم ئۆيدىكلەر  مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ،دادام مىنى كۆرۇپلا
پىشانەڭ ئوڭ جۇمۇ ئوغلۇم مانا پۇل ھەل بولدى دېدى
نېمە ؟دەمەل دادامنىڭ گېپنى ئاڭقىرالماي قالدىم
ئوغلۇم ئۆيدىكى ،قوي -كالىلارنى يەنە ھېلقى دادامدىن قالغان تۆت مو يەرلەرنى سېتۋەتتىم
دادا نىمىشقا ئۇنداق قىلدىڭ ،ئەمدى ئۆيدىكلەر قانداق كۇن كەچۇردۇ دېدىم جىدىي ئاھاڭدا
جان بولسا جاھان ئاش بولسا قازان دەپتىكەن ئوغلۇم ،بولدى سەن ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشما
لىكىن دادا
لىكىنى قوي ئوغۇلۇم قارا مانا بەش مىڭ ئالتە يۈز قىرىق سوم ،بۇنىڭ تۆت يېرىم مىڭنى مەكتىۋېڭگە تاپشۇرساق قالغىنىغا قىشلىق ئۇزۇق ئېلۋالساق ،ئاللاھ خالىسا بۇ قىشتىن تىنىچ ئامان ئۆتۋالساقلا كېلەر يېلى بىر گەپ بۇلۇپ قالار
قاراڭلار باللىرىم ئاكاڭلار شۇنداق ياخشى ئوقۇغاچقا ئۇنى يەرلەرنى سېتىپ ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولۋاتمەن ،ئەگەر سېلەرمۇ ئاكاڭلاردەك ياخشى ئوقۇساڭلار قېنىمنى سېتىپ بولسىمۇ سېلەرنى ئوقتۇپ كادىر قىلمەن دېدى دادام نۇرلۇق كۆزلىرىنى ئۇكۇلىرىمغا  تىكىپ
ئىختىيارسىز بۇرنۇم ئېچشىپ كۆزلىرىمدىن تەسىرلىنىش ياشلىرى تۆكىلىشكە باشلىدى
ئوغلۇم نىمىشقا يېغلايسەن ،كونلاردا "ئوغۇللارنىڭ قېنى چىقسا چىقسىنكى يېشى چىقمىسۇن "دەيدىغان ھېكىمەت بار بولدى ئەركەك بولغاندىن كېيىن يىغلىما دېدى دادام ،ئاپاممۇ قېشىمغا كېلىپ كۆز -ياشلىرىمنى سۆرتۇپ مىنى ئىللىق باغرىغا باستتى ،ئىنى -سېڭلىرىمۇ ئاپام ئىككىمىزگە جۇر بۇلۇپ شاتلىق يېشى قىلۋاتاتتى ،
ئېتىز -ئېرىق ،قوي -كاللىلار بولمىغاچقا  بىز بىر ئۆيلۇك بىكارچە بۇلۇپ قالغان ئىدۇق ،دادام ئەتگەندىلا باشقىلارنىڭ ئېغىلىنى قۇرۇقداپ بېرىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى ،ئاپام بىلەن ئىككى سىڭلىم سەينادىكى كوكتاتلقىنىڭ ياۋا ئوتلىرنى يۇلۋاتاتتى  ،مەن ئىككى ئىنىمنى ئەگەشتۇرۇپ ،باغدىكى مىېۋىلەرنى ئۈزۇپ ،ئۆگزىگە ئەپچىقىپ قاق سېلۋاتاتتىم ،
ئاكا چاتاق بولدى ،
كىچىك سىڭلىم شۇنداق دېگىنچە ھاسىراپ ھۆمدەپ يېتىپ كەلدى
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم
نىمىش بولدى ئالدىراماي دېمەمسەن دېدى چوڭ ئىنىم قادىر
ئاپام ،،،،ئاپام دەپلا پاڭىدە يېغلىۋەتتى ئۇ
يۇركۇم ئېغىپ پۇت -قۇلۇمدا ماغدۇر قالمدى دە يۈگۈرۇپ سەيناغا چىقتىم ،ئاپام تۇپىغا مىلەنگەن پېتى سەينادىكى قاقىر تۇپۇلۇقتا ياتاتتى
ئاپا ،،،،،ئاپا ،،،،بىز بەشىمىز ئاپامنىڭ ئەتراپىغا ئوۋلۇشۇپ يىغلاپ تۇرۇپ ئاپامنى چاقىردۇق ،لىكىن ئاپامدىن  ھىچ سادا كەلمدى ،مەن ئاپامنى كۆتۇرۇپلا سەينادىكى سۇپىغا ياتقۇزدۇم دە ،چوڭ ئىنىم قادىرغا
قادىر تېز چىقىپ خوشنىمىز ئادىلكامنىڭ ئىشەك ھارۋېسىنى ئەكىر دېدىم
قادىر يۈگۇرگەن پېتى چىقىپ كېتىپ ئىككى مىنۇتىلا ئۇدۇل خوشنىمىز ئادىلىنىڭ ئىشەك ھارۋىسىنى سەيناغا ئېلىپ كېردى ،ئۇڭغۇچە چوڭ سىڭلىم لالە ئىشەك ھارۋىسىغا كۆرپە سېلىپ ئۈلگۇردى ،مەن ئاپامنى كۆتۇرۇپ لالە  بىلەن ئاپامنى يېزا دوختۇرخانسىغا ئېلىپ ماڭغاچ قادىرغا
قادىر چاققان بېرىپ دادامغا خەۋەر قىل ھازىرلا يېزا دوختۇرخانسىغا بارسۇن دەپ جىكىلەپ قويۇپ يۇرۇپ كەتتىم
ئادەتتە شۇنداق يۈگۇرگەك ئىشەك ھالال بۇگۇنكىدەك ئالدىراش كۇندە مىسىلداپ مىنى جىدىلەشتۇرەتتى ،
قىت قوتو دەپلا قۇلۇمدىكى چىۋىق بىلەن ئۇنى راسا ئۇردۇم ،شۇندىمۇ بۇ ئىشەك مەن بىلەن قېرشقاندەك  قەدىمنى تېخىمۇ كىچىك ئالاتتى ،تىت -تىت ئىچىدە يېزا دوختۇرخانسىغا يېرىم  سائەتتە ئاران كەلدىم ،ئىشەكنى لالەگە  تۇتقۇزۇپ قۇيۇپلا ئاپامنى  كۆتۇرگۇنچە  يېزا كېسەلخانسىغا قاراپ يۈگۇردۇم
دوختۇر ،،،،،دوختۇر ،،،،،دەپ توختىماي دوختۇرنى چاقىراتتىم ،شۇندىلا كېسەل كۇرۇش ئۆيدىن يوغان قۇرساق بىرسى چىقىپ ماڭا ۋاقىراپ تۇرۇپ
ھوي ئۇكموي بۇ سېنىڭ ئېتىز بېشىڭ ئەمەس دوختۇرخانا ،پەسرەك سۆزلە دېدى  
لىكىن ئاپام،،،،،ئاپام
ئاپاڭغا نېمە بولدى
بىلمىدىم تۇيۇقسىز يېقىلىپ قاپتۇ
ھە مۇياقا ئەكىر دېدى ئۇ
مەن ئۇ دوختۇرنىڭ كەيندىن كېسەل كۆرۇش ئۆيگە كېرىپ بۇلۇڭغا قۇيۇلغان كارۋاتقا ئاپامنى ياتقۇزۇپ بۇ دوختۇرغا سىنچىلاپ قاراپ كەتتىم
ئۇنىڭ موزدوزنىڭ پەرتۇقىدەك قارداپ كەتكەن كونا خالتى بىلەن بىشنىڭ چوقسىغا قوندۇرۋالغان بۈكىدىن باشقا ھەممە يېرى ئادەتىكىچە ئىدى ،ئەگەر بۇ كېشىنى كېسەلخاندا كۆرمەي سېرىتتا كۆرگەن بولسىڭىز چۇقۇم ،بۇ كىشى موزدوزمۇ نېمە دەپ قالاتتىڭ
داداڭ قېنى
ئۇنىڭ شۇنداق سورشى بىلەن ئېسىمنى يىغدىم
كەينىمدىن كېلۋاتدۇ
ئاپاڭنىڭ كېسلىنى بىز تەكشۇرۇپ بىلەمىدۇق ،دوختۇرخانمىزنىڭ ئۇسكىنى قالاق ،شۇڭا ئاپاڭنى ناھيە دوختۇرخانسغا ئاپىرىڭلار دېدى بۇ دوختۇر ئۈز كەسپ تۇزۇلمىسىگە خىلاپ ھالدا بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرغاچ
ماڭا دەپ بېرىڭ دوختۇر ئاپامغا نىمە بوپتۇ دەپ سوردۇم  يىغلاپ ،يالۋۇرغاچ دوختۇردىن
دېدىمغۇ مەن بىلەمىدىم دەپ ناھيىگە يۈتكەڭلار
ئەمسە سىزدىن باشقا دوختۇرلار كۆرۇپ باقسۇن
قىزىقكەنسەن ئۇكام ،مەن بۇ دوختۇرخاننىڭ باشلىقى تۇرۇپ بىلەلمىسەم باشقىلار قانداق بىلدۇ ،ماڭا ئاپاڭنى چاققان چوڭ دوختۇرخانلارغا يۈتكە بولمىسا بى ئەجەل ئۆلۇپ قالمىسىۇن
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۆرلەپ
ئاغزىڭنى يۇم ئىت ئوغرى دەپلا تىلاپ تاشلىدىم
نىمە ؟قانداق تەربىيە كۆرمىگەن توڭ سويما  سەن ،چىقە ماڭ دوختۇرخانمدىن
قاراپ تۇر ئاپامغا بىرئىش بۇلۇپ قالسا تېرەڭنى تەتۇر سۇيمىسام
ۋاي يوقلە ماڭقا شۇم سەندەك كۆكەرمىلەرنى جىق كۆرگەن مەن ،بىز شۇنداق سوقشۇپ تۇرساق دادام پايپاسلاپ ئەسكى چورىقىنى سۆرىگىنچە قېشىمىزغا يېتىپ كەلدى
نېمىش بولدى ،ئاپاڭ قېنى دەپ سوردى دادام
دادا بۇ ئوغرى ئاپاڭنى داۋلمايمەن دەيدۇ
نىمىشقا ؟زادى نىمىشقا داۋلمايسەن دېدى دادام قۇشۇمىسىنى تۇرۇپ دوختۇر ئالدىغا يۈگۇرگەچ
دادامنىڭ بۇ ئەلپازىدىن دوختۇر قورقتىمۇ
ۋاي جېنىم ئاكا داۋالمايمەن دېمدىم ،داۋاليالمايمەن دەۋاتمەن ،چاققان ناھيىلىك دوختۇرخانغا ئاپارمىساڭلار ھاياتىغا خەۋېىپ يېتىدۇ دېدى ئۇ
بۇ دوختۇر تونىغا كېرۋالغان مۇزدۇز بىلەن ئەمدى سوقشۇش ھاجەتسىز ئىدى ،مەن ئاپامنى كۆتۇرگەنچە ھاۋىغا باستىم دادام ئۇكۇلۇرۇمنى ئېلىپ ئۆيگە پۇلغا كەتتى
مەن ئىشەك ھارۋىسى بىلەن لالەنى  ئېلىپ ماشىنا بېكتىگە قاراپ ماڭدىم ،بىكەتكە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي دادام يېتىپ كەلدى ،ناھيىگە باردىغان يولۇچىلار كۆپ بولغاچقا بېلەت سېتۋېلشمۇ تەسكە توختايتتى ،شۇندىمۇ دادام قىستلىپ يۈرۇپ بېلەتتىن ئۈچنى سېتۋېلىپ كەلدى ،مەن ئىشەك ھارۋىسى بىلەن لالەنى  ئۆيگە يولغا سېلىۋېتىپ دادام بىلەن ئاپامنى كۆتۇرگەنچە ماشىنغا چىقتىم ،ماشىندا ئادەم شۇنداق كۆپ بۇلۇپ بىزگە ئورۇن قالمىغان ئىدى ، دادام بىلەن  ئىككىمىز ئاپامنى كۆتۇرگەن پېتى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇردۇق،بۇ چاغدا دادامنىڭ ئازراق ئاچىقى كەلدى بولغاي شوپۇرغا قاراپ
ھوي ئوكام ،ئايالىم كېسەل شۇڭا خاپا بولماي بىر ئۇرۇن تېپىپ بەرگەن بولساڭ دېدى
ۋاي ئاكا نەدىن تاپمەن ئۇرۇننى،،،،،،،،،، ئۆزۇڭ تاپ
نېمە ؟بېلەتنى سېتىڭ دېسە ئورۇنغا قارماي ساتسەن ئەمدى ئۆزۇڭ تاپ دەيسىنا
بېلەتنى مەن ساتتىمۇ ئاۋۇ قاتناشتىكىلەرگە دېمەمسەن
نىمىشقا ئۇلارغا دەيتىم ساڭا دەيمەن
ماڭا دېسەڭ بېكار
شوپۇر شۇنداق ۋاقىراپ تۇرشىغا ئەڭ كەينىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ،چاچ - ساقالىرى ئاپپاق ئاقارغان بىر بوۋاي دادامنى چاقىرىپ
ماۋۇ ئورۇندا ئولتۇرغۇزۇڭلار دەپ بىزگە ئورۇن بۇشتۇپ بەردى ،مەن ئاپامنى كۆتۇرۇپ ھېلقى ئورۇنغا ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزدۇم ،ماشىنا قۇزغۇلۇپ توپلاڭ يېزا يولىرىدا توپلارنى ئورنىدىن قوزغاپ چاڭ چېقىرىپ ،سۈگەت -تېرەكلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ناھيە بازىرىغا قاراپ چاپماقتا ئىدى ،كەينىدىكى ئۇرۇن ئالدىغا قارغاندا بەكرەك سەكىرگەچكە ئاپام تۇلا سېرلىپ تۆۋەنگە چۇشۇپ قالاتتى ،مەن پات -پات ئاپامنى يۈلەپ يۇقۇرغا سۈرۇپ قۇياتتىم ،
ئاپامنىڭ ساماندەك سارغايغان چېرايىغا قاراپ ئىچىم سېرلەتتى ،دادام بىلەن ھېلقى پەرىشتە سۈپەت بۇۋاي  تاشلىق يولدا ماشىنا بىلەن تەڭ سىلكىنىپ ھەممە تەرەپكە پۇلاڭشاتتى ،ماشىندىكى يۇلىچىلارنىڭ تەڭدىن تۇلسى ياشلار بولسىمۇ بۇ قېرلارنىڭ  ئۇرۇنسىز قالغىنى كۆرمىدىم دېگەندەك كۆزلىرنى يۇمۋېلىپ يالغاندىن ئوخلىغان بۇلۇپ ئولتۇرۋېلشقا ئىدى ،بۇلارغا قاراپ ۋىجدانىم قاينماقتا ئىدى
ھەي قالاقلىق ،ھەي نامراتلىق ،ھەي نادانلىق
ماشىنا  كۆچلۇك سىگنال بېرىپ توپا يوللارنى تاشلاپ ئاسفالىت يولدا بەيگىگە چۇشكەن ئاتتەك شۇنچە تېز چېپىپ بىردەمدىلا ناھيە بازرىغا كېلىپ بىكەتتە توختىدى ،مەن دادام بىلەن ئاپامنى كۆتۇرۇپ تاكسىدىن بىرنى توسۇپ  ناھيىلىك دوختۇرخانغا ئېلىپ كەلدىم
نۇمۇر ئال بولمىسا دوختۇرلار سېنى داۋالمايدۇ دېدى بىر قوپال دوختۇر ،
دادام سوغوق زالغا قۇيۇلغان كېسەلىكلەر دەم ئېلىش ئورنىغا ئاپامنى ياتقۇزۇپ ئاپامغا قاراپ قالدى ،مەن قىستىلىپ يۇرۇپ نۇمۇر ئېلىپ بۇلۇپ ئاپامنى كېسەل كۆرۇش ئۆيگە ئېلىپ كېردىم ،
سۆرلۇك دوختۇر ئاپامنى تەكشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دادامغا كايىپ
ئايالىڭ مۇشۇنداق قاتتىق ئاغرىغىچە داۋالاتمەي نەرلەردە يۈردىڭ دېدى
نېمە ؟ئايالىمغا نېمە بوپتۇ ،نەچچە ۋاقىتىن بېرى ياخشى ئىدىغۇ ،ئەتگەن كىچىك قىزمنى كۆتۇرگەن بىلەن تەڭلا ھۇشىدىن كەتتى شۇ
نىمە دەيدىغانسەن ئىش ئۇنداق ئادىي ئەمەس ،ئايالىڭنى ئومۇميۈزلۇك تەكشۇرۇش قىلايلى ئاندىن كېسەلىگە دېياگۇنۇز قۇيالايمىز ،چاقان چىقىپ ياتاقتا يېتىش رەسمىيتتى بېجىرىڭلار دېدى دوختۇر ،
دادام بايا ئۆيدىن ئېلۋالغان يەر ساتقان پۇللارنى ماڭا تۇتقۇزۇپ مىنى پۇل تاپشۇر دېدى ،بايدىن بېرى كىرا پولسىنى تۆلەپ بەشمىڭ ئالتە يۇز سوم قالغان ئىدى ،مەن پۇل تاپشۇرۇش ئورنىغا بەشمىڭ سومنى ئۆتكۇزۇپ بۇلشۇمغا دوختۇر سېستىرالار ئاپامغا بىر ياتاق ئاجىرتىپ ئۇنىڭغا ئوكۇل سالدى ،شۇندىمۇ ئاپام كۆزنى ئاچماي ،ئاجىز ئىڭىراپ ياتاتتى
دادام ئىككىمىز بىر كېچىنى دوختۇرخاننىڭ سوغوق زالىدا ئۆتكۇزدۇق ،ئەتسى دوختۇرلار ئاپامنى cT ئاپراتىدا تەكشۇرىمىز دەپ ئېلىپ كەتتى ،مەن دادام بىلەن سۇخاندىكى مۇزلۇق سۇدا ناشتا قىلىپلا ئاپامنى ساقلاپ ئولتۇردۇق ،ئاپام ئالاھەزەل ئىككى سائەتتە ئاران قايتتىپ كەلدى  
دوختۇر سىزنى چاقىرۋاتىدۇ دېدى ،سېستىراقىز دادامغا
دادام ئىككىمىز بىرگە دوختۇر ئىشخانسىغا كېردۇق
نىمانداق ئادەمسىز ،خوتۇنغا ياخشى قاريالمايدىغان ئادەم خوتۇن ئالمەن دېگىچە ئۈژمىڭىزنى يېسىڭىز بولمامدۇ
دادام دوختۇرنىڭ گېپىنى ئانچە چۇشنەلمەي دوختۇنىڭ ئاغزىغا قاراپلا ئولتۇرۇپ قالدى ،
دوختۇر ئاپامغا نىمە بوپتۇ دەپ سوردۇم دوختۇردىن
راك ..................ئاشقازان راكى بوپتۇ ،بۇ كېسەل ئادەتتە كىچسى تۇتۇپ ئادەمگە ئارام بەرمەيدۇ ،بىچارە مەزلۇم بۇ نىجىس كېسەل زەردىسىدە نەچچە يېلنى قانداق ئۆتكۇزگەندۇ
نېمە ؟؟؟؟
دادام ئىككىمىز ھەيرانلىقتا قاتتىق توۋلۋەتتۇق
دوختۇر خاتا بۇلۇپ قالمىغاندۇ
شۇنداق دوختۇر دىياگۇنۇز باشقىلارنىڭكى بىلەن ئالمىشىپ قالمىغاندۇ
نېمە ؟سېلەر تېلۋوزورنى كۆپ كۆرۇپ كەتتىڭلارمۇ نېمە ؟ئىككى سائەتتىن بېرى بىز ئوينىمدۇق ،بۇ ئايالنى تەكشۇردۇق ،بۇ ئايال بۇ نەس كېسەل بىلەن ياشغىلى ئۈچ يېلدىن ئېشىپتۇ ،ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن ،كۆپ دېگەندىمۇ يەنە بىر ئايدىن ئارتۇق ئۈمۇر كۆردۇ ،داۋلاتساڭلارمۇ ساقايمايدۇ ،دوختۇرخاندا ياتقۇزساڭلار دورا -ئوكۇل بىلەن كېسەل ئازابىنى سەل يەڭگۈلتەلەيمىز خالاس ،لىكىن ،،،،،،
دوختۇر كېيىن نېمە دېدى بۇ مىنىڭ قۇلقۇمغا كېرمىدى ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلشۇپ بىر قانتى سۇنغان قۇشقىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىم ،بىر چاغدا دادامنىڭ يۈلەپ مېڭشى بىلەن ئېسىمنى بىلىپ ئاپام بار بالنىسخانغا يېنىپ كېردىم
ئاپام يەنلا ئىپادىسىز ،ئاجىز ئىڭراپ ياتاتتى
ئوغلۇم قانداق قىلىمىز دېدى دادام
دادا ،مەن ئوقۇمساممۇ مەيلى كوچىغا چىقىپ تېلەمچىلىك قىلساممۇ ئاپامنى بالنىستا ياتقۇزايلى
لىكىن دوختۇر ساقايمايدۇ دەۋاتسا
كېرەك يوق ،ئاپام ھېلمۇ ئاز جاپا تارتمىدى ،ئۈمرىنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ ئازابلانماي قا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئاخىرقى "قازا "سۆزنى ئاغزىمدىن چېقىرىشقا جۇئەت قىلالمدىم ،شۇ گەپنى ئاغزىمدىن چىقارسام ئاپام راسلا مىنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك ئازابلىنىپ ئاپامنىڭ كۆكسىگە بېشىمنى قۇيۇپ توختىماي يىغلايتتىم ،
دوختۇر -سېستىرالار كۇندە ئاپامنى بىرقۇر تەكشۇرۇپ ،دورا -ئوكۇل سېلپ چىقىپ كېتەتتى ،لىكىن ئاپام يەنلا ھۇشغا كەلمەي ياتاتتى ،
ئاپامنى بالنىسقا ئالغۇزۇپ بىر ھەپتىدىن ئاشقاندا بىر سېستىرا قىز كېرىپ
ئونىجى ياتاق 11 -كارۋاتنىڭ ئائىسدىكىلەر تاپشۇرغان پۇلۇڭلار يەتمىدى ماليە بۈلمىگە بېرىپ پۇل تاپشۇرۇڭلار دەپ ئوزۇن خەنزۇچە خەتلەر يېزىلغان تالۇننى قۇلمىزغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى
دادام ئىككىمىز ھەيران قالدۇق ،بەشمىڭ سوم ھەپتە يەتمىسە ،نىمىش بۇ
دادام ئۇنسىز ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز سېرىتقا قاراپ ماڭدى ،مەنمۇ دادامغا ئەگەشتتىم ،دادام ئاپامغا مەسھۇل دوختۇرنىڭ ئىشخانسىغا كېرىپ ئۇنىڭ بىلەن زوكۇرلشۋاتقان ئىدى
بۇ دوختۇرخانمۇ ياكى بۇلاڭچىلار ئۇۋسىمۇ ،تېخى بىر ھەپتە ئاۋالا بەش مىڭ سومنى ئۆتكۇزسەم يەنە پۇل تاپشۇر دەيسىنا ،مەندە پۇل يوق ئىسىق جان بار ،قانداق قىلىپ بولسىمۇ ئايالىمنى داۋالاش
توۋا ساراڭ بۇلۇپ قالمغانسىز تاغا ،بۇ دوختۇرخانغا بىز سىزنى زورلاپ ئەكىرمىدۇق ،سىز ئىختىيار قىلىپ كېردىڭىز ،ئايالىڭىز راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولغاچقا چەتئەللەردىن ئىمپورىت قىلغان قىمەت دورلارنى ئىشلتۋاتمىز ،شۇڭا ئاشۇنداق پۇل توشىمايدۇ
نىمە ئۇ ئىمپورىت -پىمپورىت دېگەن
تاغا تەرسالىق قىلماي پۇل تاپشۇرۇڭ بولمىسا بالنىست كارۋېتىنى بىكار قىلىڭ ،ھازىر كېسەل كۆپ كارۋات يېتىشمايۋاتدۇ ،
نېمە ھۇ ئاناڭنى
نىمە دەيسەن سەت پوخۋاش قېرى
دادام بىلەن مەسھۇل دوختۇر مۇشۇنداق سوقۇشقلى تۇردى ،مەن دادامنى سۆرەپ دېگىدەك سېرىتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتىم
دادام يىلغىغان ئىدى ،مەن دادامنىڭ ئەزەلدىن يېغلىغنى كۆرۇپ باقمىغان ئىدىم ،مەن ئالتە ياش ۋاقىتا دادامنىڭ دادسى تۆگەپ كەتكەندە ،ئۇ قايغۇرغان بولسىمۇ لىكىن يىغلاپ -قاخشىسام دادامغا ئازا بۇلدۇ دەپ قايغۇنى كۆچكە ئايلاندۇرۇپ دادسىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ يۇرتكىلەرنى قايىل قىلغان ئىدى ،لىكىن ھالال بۈگۇنكى كۇنگە كەلگەندە بولسا ،دادامنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭ ئاپتاپتا كۈيۇپ قاپقارا بۇلۇپ كەتكەن مەڭزىنى سۈيۇپ يەرلەرگە تامچىلاپ چۇشمەكتە ئىدى
دادامنىڭ ئۆزنىڭ نامراتلىقىغا ئېچىنىپ يېغلىغنى ياكى ئاپامنىڭ بۇ نىجىس كېسەلگە گېرىپتار بولۇپ قالغىنغا قايغۇرۇپ  يېغلىغىنى ۋە ياكى ماۋۇ ھاكاۋۇر دوختۇرلارنىڭ ئادىميلىكتىن چىقىپ "پۇل "دەپلا ئولتۇرغىنغا ئىچى سېرىلىپ يىغلىغنى بىر ئاللاھ بىلەن بىر ئۈزلا بىلەتتى
ئوغلۇم دېدى دادام بىر ھازا يىغلاپ ھارغاندىن كېيىن
مەن يۇرتقا بېرىپ پۇل غەملەپ كېلەي مەن كەلگىچە سەن ماۋۇ ئەللىك سومغا تاماق ئېلىپ يەپ تۇر مەن ناھيىتتى تېزلا قايتتىپ كېلمەن دېدى ئۇ
دادام يۇرتقا بارغان بىلەنمۇ پۇل غەملىيەلىشى ناتايىن ئىدى ،پۇلغا يارغىدەك بىر تۇرالغۇ ئۆيمىزلا قالغان بولغاچ مەن دادامغا
دادا يۇرتقا بارغىنىڭ بىلەنمۇ نىمە پايدىسى دېدىم
قېنى بېرىپ يۇرۇتداشلاردىن پۇل سوراپ باقاي بەك بولمىسا ئۆينى سېتۋېتەمىز ،لىكىن دادا
بولدى ئوغلۇم سەن ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشماي ئاپاڭغا ياخشى قارا
دادام شۇنداق دەپ كېتىپ قالدى ،مەن كۇندە ئۇچ ۋاخ نان يەپ دادامنى ساقلىدىم ،دادام ئىككى كۇندە ئاران كەلدى ،ئۇ بەشيۇز سوم پۇل ،يۇرتىنىڭ قېتىقى ھەم قوناق نانلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى ،مەن ئاۋال بەش يۇز سومنى دوختۇرخانغا ئۆتكۇزدۇم ،ئۇلار شۇندىلا ئاپامغا ئۇكۇل سالدى ،ئۇندىن كېيىن قېتىققا قۇناق ناننى چېلاپ مەزە بىلەن يېدىم ،ئاچنىڭ قەدىرنى توق بىلمەس دەپ ئەزەلدىن بەتتات تېتىيدىغان قۇناق نان بىلەن قېتتىق بۇگۈن مەن ئۇچۇن ھەسەل تېتۋاتاتتى ،
قۇرساقنى بىر قۇر ئەستەلۋالغاندىن كېيىن
دادا پۇلىنى نەدىن تاپتىڭ دەپ دادامدىن سوردۇم
ھەدىلىرڭنىڭ يولدىشى بەردى دېدى دادام ئادىغىنە
ھەي
ئۇچ ھەدەمنىڭ تۇرمۇشمۇ ئۆزلىرىگە ئاران ئىككەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى ،ئۈچىلى يېزنەم دېھقان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كېچىك ھەدەمنىڭ يولدشىنىڭ سەك دېدتى بار ئىدى ، لكىنزە قوناق ،بوغداي ،پاخىتلارنى تېرىپ مول ھۇسۇل ئالغاندا ،سېرتلارغا قاراپ پۇلى تۈگمىگىچە ئۆيگە كېرمەيتتى ،ئۆتكەن يېلمۇ پاخىتا باھاسى ئۈسۇپ پاختىدىن ئون نەچچە مىڭ سوم پايدا ئالغاندا ،بۇ ناھيىگە كېلۋېلىپ گۈزەل سەتەڭلار بىلەن كۆڭلىنى خوش ئېتىپ يۇرگەن بۇ نائەھلى قىزلار يېزغا ھەدەمنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنى ئۆيدىن چىق دەپ خۇددى ھەدەمگە ئۆي تۇتشۇپ بەرگەندەك ئۇنىڭغا پۇپۇزا قىلغان ،يېزنەم قاراپ تۇرۇپ ئۇلارغا يانتاياق بۇلۇپ ھەدەمنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان ،ھەدەم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئېغىر ھەسرەتتە نادامەت چەككەن ،يېزنەمنىڭ پۇلى تۇككەندە بولسا ھېلقى سەتەڭلەر قانداق تېز كەلگەن بولسا شۇنداق تېز يېزنەمنى تاشلاپ كەتكەن ،يېزنەم شۇندىلا ئىككى بالسىنى باھانە قىلىپ ھەدەمنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى ،
دادا ئۇلارنىڭ پۇلنى ئالمىساق بوپتىكەن ،كېيىنچە جىدەل -ماجىرا بۇلۇپ قالسا ھەدىلىرىمنىڭ پىشەنىسىگە قۇيۇپ ئۇلارنى پاراكەندە قىلارمۇ دېدىم خېيالغا پېتىپ ئولتۇرغان دادامنىڭ خىيالىنى بۇزۇپ
مەندەك ئويلاپسەن ئوغلۇم ،ئەر كىشى دېگەن يۇزدە تۇكى بار نەرسە مىنۇت ئىچىدلا يۇزنى ئېلىپ ساغرىسىغا چاپلايدۇ ،ئاپاڭ سەل ياخشى بولغاندا قانداق ئامال قىلسام قىلىپ بۇ پۇللارنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرمەن ،بولمىسا ياخشى كۇننىڭ يامنى كەلسە
ئاپاڭ ئاغرىپ قالغاندا مەن ئۇنىڭغا پۇل بەرگەنغۇ دەپ ھەدەڭلارگە كۇن بەرمەيدۇ ،مەندىن نەسھەت ئوغلۇم كەلگۈسىدە ئايالىڭغا ياخشى قارا ،مەن ئەينى چاغلاردا بىچارە ئاپاڭغا كۇيۇپ ئۇنى تەستە قولغا كەلتۇرگەن ،ئۇ يۇرتىمىزنىڭ بۇلبۇلى ئىدى ،مېڭىشلىردىن تارتىپ ،گەپ قىلشلىرغىچە ئادەمنى ئۈزگە رام قىلاتتى ،بۇلاقتەك كۆزلىرى قارغان ئادەمنى مەس قىلاتتى ،لىكىن ئۇنى نىكاھلاپ ئېلۋېلىپلا جاپادا قويۇپ بۇگۇنكىدەك ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قۇيدۇم ،دادامنىڭ كۆزلىردىن يەنە ئىسىق قان -ياشلىرى ئېقىشقا باشلىدى
ئاللاھ ئۈز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ،ئاپامنىڭ كېسلىگە شىپالىق بەرگەنسەن ،ئىچىمدە بىر ياراتقۇچىغىلا نالە قىلاتتىم
پۇلىنى ئۆتكۇزۇپ يەنە ئىككى كۇن بولغاندا بۇ بۇلاڭچى دوختۇرخانا بىزنى يەنە پۇل ئۆتكۇزۇڭلار دەپ قىستىغىلى تۇردى ،داداممۇ ئامالسىز گۈشۇيۇپ قاراپ تۇردى ،دادامغا سېرىتقا چىقىپ كېرەي دەپلا  بۇ ناھيىنىڭ بازىرغا چىقتتىم  دە ئاپام ئۇچۇن پۇلدار بىرسىنىڭ يانجۇقىغا قول ئوزارتماقچى بۇلۇپ ئوۋ نىشانى ئىزدەپ بىرەر سائەتتىن ئۇشۇق تۇردۇم ،تۇيۇقسىز ئۇن خالتىسدا چۈملۇپ چىقاندەك ،ئاپپاق ئۇپا -ئەڭلىك سۇرگەن  ،خام يەۋەتكىدەك پوزۇر ياسانغان ،بىر بوغماق چوكان ،ئىگىز پاشنلىك ئاياغلىردىن "تاك -تاك "ئاۋاز چىقرىپ ئاۋات رەستە كوچىسدا پەيدا بولدى ،ئۇنىڭ كېيۋالغان كېيىملىردىن ،ئىت باغلايدىغان زەنجىر چوڭلىقدىكى ئالتۇن مىداليوندىن ئۇنىڭ پۇلدار ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلاتتى
مەن ئاستا ئۇ ئايالىنىڭ ئىزنى تاپ بېسىپ ماڭدىم ،ئۇ ئايال بىپەرۋا ھالدا رەستىلەردىكى ماگزىنلارنى ئالا قويماي ئارلاپ يۇرمەكتە ئىدى ، ئۇنىڭ  دېھقەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلنىپ ئاستا ئۇنىڭ سومكۇسىغا قۇلۇمنى سېلىپ ئۇنىڭ ھەميانىنى ئىزدەۋاتاتتىم
تۇيۇقسىز ئۇ "كاپىدە "قىلىپ قۇلۇمنى تۇتۋالدى
ياشاڭ ئوغىرى نۇمۇس قىلماي خانئاچڭىزنىڭ سومكىسغا قول سالغىدەك بولدىڭىزمۇ ؟مەن كىم بىلپ ئىش قىلارسىز جۇمۇ ؟دېدى ئۇ سېغىز چايناۋاتقان ئېغىزلىرىنى پۇرۇشتۇرپ
ھەدە خاپا بولماڭ مەن بىلمەپ.......................
مەن شۇنداق دېيشىمگە ئۇ "چاڭ "قىلىپ تەستىكىمگە بىرنى سېلىپ
بىلمەپتىمەن ؟خىڭ مەن ئايشەم گوڭجۇنى  بۇ يۇرتىتا بىلمەيدىغنى يوق تۇرسا ،سەن تەپ تارتماستىن بىلمەپتىمەن دەيسىنا ،سەن نەدىن كەلگەن سەھرالىق شوركا ،جايلاپ بازار ئوينيالمىغان ھالىڭغا خانئاچاڭنىڭ يانچۇقىنى كولىغىدەك بولدىڭمۇ ؟بىر كەسىپتە ئىكەنمىز بولمىغان بولسا تاناۋىڭنى قېرىق گەز تارتىپ قۇياتتىم ،بازارغا چىققاندا ئىھتىيات بىلەن ئىش قىل سويما ،مەندەكلەرنىڭ يۇزنى تۆكمەي ،ماڭا بېرىپ ماڭقاڭنى سۇرتۇپ كەل
ئۇ شۇنداق دېگىنچە مىنى بىر ئېتىرۋېدى مەن يۇملاپ بېرىپ چوڭ كوچىدىكى بىر يۇندا ئېغىزغا كېلىپ يېقلدىم ،كۆز ياشلىرىم نۇمۇس ،ئەلەم ئىچىدە تۈكۇلمەكتە ئىدى ،بايدىن بېرى بىزنىڭ ئوينىمىزنى كۆرۇپ تۇرغان دوكانچىلار
توۋا كۆپكۇندۇزدە ،ماۋۇ ئايشەم گوڭجۇنۇڭ يانچۇقىنى كولغىدەك بوپتۇ بۇ شۇم ،بۇ چوڭ بولسا ياخشى نېمە بولمايدۇ دەپ ماڭا لەنەت ياغدۇرسا ،ئاۋۇ ئايشەم بوغماقىنىڭ كەينىدىن قاراپ
يامان چوكان جۇمۇ ،
شۇنى دەيمەن يامان بولمىسا بۇ يۇرتىقا خۇجا بۇلۇپ يۇرەمتى دەپ ئۇنىڭغا زوق بىلەنمۇ ياكى ھەيرانلىق بىلەنمۇ ئىشقىلىپ چۇشنۇپ بولغۇسىز بىر چېراي ئىپادىسى بىلەن ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ماگزىنلىرىغا كېرىپ كېتىشتى ،
ئۆزۇمنىڭ يارماسلىقىغا ئېچىنغان ھالدا يۇندە ئېغزىدىن تەستە تۇرۇپ ئۈمىدسىز ھالدا دوختۇرخانغا باردىم ،دادام دوختۇرخاننىڭ چوڭ ئىشىك ئالدىدا ئاپامنى قۇچاقلىغىنچە يېغلاپ ئولتۇراتتى
ئۇ ئىككىسنىڭ بىچارە ھالتىگە قاراپ ئىچىم ئېچىشقان ھالدا دادام قېشىغا كەلدىم
دادا،،،،،،دا،،،،،دادا ئاپامغا نېمە بولدى ؟سېلەر نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرسىلەر؟سېلەرنى ئۇلار قوغلاپ چىقاردىما ؟
ھۆ.....ھۆ،،،،دادا ئېسەدەپ يېغدىن ئۆزنى زورىغا بېسىپ
بالام نەگە باردىڭ ،ئۇلار پۇلۇڭ تۈگدى دەپلا ئاپاڭ ئىككىمزنى قوغلاپ چىقاردى ،ئاپاڭ سېرىتقا چىقىپ بەش منۇت ئۆتمەي قازا قىلدى ،بىچارە قارا نەپسەتىن توختاپ تېنمۇ سويۇپ بولدى
دادامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ بارچىگە نەپرەتلەندىم
ھۇ ئاناڭنى لەنتىلەر ،ئىشىك ئالدىڭغا خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلمىز دەپ يېزىپ قۇيشۇپسەن ،ئەجبا بىز خەلىق ئەمەسمۇ ،سەن ئىپلاسلار پەقەت ،،،،پەقەت پۇل ئۇچۇنلا ،شۇ قەغەز ئۇچۇنلار خىزمەت قىلشسەن ھۇ توڭگۇز لەنتىلەر
ئاپا ،،،،ئاپا ،،،،ئەمدى بىز سەككىز تاز قانداق قىلمىز ،دادام قانداق قىلدۇ ،سەن نىمىشقا مۇشۇنداقلا بىزنى تاشلاپ كېتسەن ئوزاقىچە ئاپامنى تۇرتۇپ يېغلايتتىم لىكىن ئاپامدىن يەنلا سادا كەلمەيتتى ،دوختۇرخانا ئالدىدىكى ئۆتكەن -كۆچكەنلەرنىڭ ھەمىسى بىز ئۇچمىزگە ئىچ ئاغرىتىش نەزرى بىلەن قاراۋاتاتتى ،نائىلاج يېغنى توختۇپ ئاپامنى بىر تاكسىغا سېلىپ بېكەتكە ئېلىپ كەلدۇق ،مەن روھى چىقىپ كەتكەن كىشدەك ئاپامنى قۇچاقلاپلا ئولتۇراتتىم دادام يېندىكى پارچە -پۇرات پۇللارنى يېغىپ بېلەت ئېلىپ كەلگىلى كېرىپ كېتىپ ناھايتتى تېزلا قايتىپ چېقىپ بالام يەنە بىر سوم كاملاپ قالدى لىكىن بېلەتچى ئايال پۇلنى تۇلۇق تاپشۇرمىساڭ بېلەت بەرمەيمەن دەيدۇ دېدى مەيۈس ھالدا
ئاھ خۇدا ماۋۇ نەسلىكىنى كۆرمەمدىغان ،يوقسىزغا بۇ ئالەمدە كۇن يوق ئوخشايدۇ ،بىر سوم ،،،،،بىر سوم ،،،پەقەتلا بىر سوم ،بۇ بىر سوم بايۋەتچىلەر ئۇچۇن بىر قېتىملىق ھاجەتخانا پۇلى لىكىن بىزدەك يوقسۇزلار ئۇچۇن جاننى قۇتۇلدۇرغۇچى ئىلاھ
ئامال يوق يېگىتلىك غورۇرنى قايرىپ قۇيۇپ ئوغۇرلۇق قىلغاندەك تېلەمچىلىك قىلماچىقى بولدۇم ،پۇل ،،،،،،،،،،پۇل.،،،،،،،،،،،،ئۇچۇن
ئاھ خالايىق ،،،،،،قەدىردان يۇرۇتداشلار
مەن مايلىشىپ ،كېرلىشىپ كەتكەن ،شەپكەنى ئېلىپ ئالدىمغا قۇيۇپلا يۈكۇنۇپ ئولتۇرۇپ
ماڭا ،مۇنۇ ئۆلىكى كوچىدا قالغان ئاپامغا ئىچڭلار ئاغرىسۇن ،بىز ***يېزسىدىن ئېدۇق ،دادام ،ئاپام دېھقان ،ئاپام ئاشقازان راكى بۇلۇپ قالغاچقا بۇ يەرگە داۋاتقلى ئەكەلگەن ،لىكىن يەر ساتقان ،كىشلەردىن قەرىز ئالغان پۇللار ئاپامنىڭ داۋالىنىش راسخوتىغا يەتمىگەچكە دوختۇرلار بىزنى كوچىغا چېقىرۋەتتى ،ئاپامنى قاراپ تۇرۇپ قۇتقۇزمىغاچقا ئاپام ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتتى ،مانا ھازىر ئاپامنى دەپنە قىلىش ئۇچۇن يۇرتقا ئېلىپ ماڭغان بىر سوم كەملەپ قالغاچقا ماشىنغا چىقالمايۋاتمىز ،ئېزىز قېرىنداشلىرىمىز ،بىزگە شاپائەت قىلىپ بىزگە بىر سوم ياردەم قىلڭلار ،بۇ ياخشىلقىڭلار دادام ئىككىمىزدىن يانمىسا اللاھ ،،،،ئۇلۇغ اللاھتىن يانا بىزگە ئىچڭلار ئاغرىسۇن ،اللاھ سېزلەرگە رەھمەت قىلسۇن
مەن يېغلاپ يولۇچىلار بېكتىدىكلەرگە نالە قىلدىم ،كەچ قويغان خۇدايىم ئاچ قويماپتۇ دېگەندەك ئاھۇ -زارىمزدىن يولۇچى قېرىنداشلىرمىز تەسىرلەندى بولغاي ،بىزگە ئون -يېگىرمە سومدىن سەدىقە بەرگىلى تۇردى ،شۇندىلا ھېلقى دادام بىلەن زوكۇرلاشقان شوپۇر قېشىمزدا پەيدا بۇلۇپ مىنى يۈلەپ تۇرغۇزۇپ
ئاپاڭنى ماشىنغا سال مەن ھەقسىز ئاپىرىپ قۇياي دېدى ،نۇرغۇن ساخەۋەتلىك كىشلىرىمىزنىڭ پۇلىنى ھەم مۇنۇ ئاقكۆڭۇل شوپۇرنىڭ ئىنسابى ئېلىپ  ماشىنغا چىقىپ ئاپامنى ئەڭ كەيندىكى ئورۇنغا ياتقۇزۇپ پىشىن بىلەن يۇرتقا ئەكەلدۇق ،جىدى تۇردە ئەل -جامائەتكە خەۋەر قىلىپ ئاپامنى يۇمايلا سۇ شاپشىپ ئەسىر نامازغا ئۈلگەرتىپ يەرلىكىدە قويدۇق

"ناۋاي يېگىت بىلەن مۇئەللىم قىزنىڭ مۇھاببەت كەچمىشى "


يېغا -زارە بىزنىڭ قورونى بىر ئالغان ئىدى ،ئەمدىلا ئون ياشقا كېرگەن مەسۇم سىڭلىم ئاپامدىن ئايرىلغانلىقغا ئىشەنمگەندەك ،پات -پات قېشىمغا كېلىپ
ئاكا ئاپام قېنى ؟،نىمىشقا بىرگە ئېلپ كەلمىدىڭ ؟ئاپامنىڭ مىنى كۆرگىسى كەلمەپتىمۇ دەپ سورايتتى ،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىمنى مۈشۈك تاتلىغاندەك بىئارام بۇلۇپ تېىخمۇ ئازابلناتىم ،ھەممىنىڭ چېرىدە قايغۇ -ئەلەم
شۇنداق قىلىپ ئاپامنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۆزتۇپ بۇلۇپ ھەپتە ئۆتكەندە ھەدىلىرىم بىلەن ئۇرۇق -تۇقانلارمۇ ئۆيلىرىگە قايتتىپ كەتتى ،ئەزەلدىن شوخ ،شادىمان ئۇكۇلۇرۇم شۇكلەپ ،ئەسلىدىنمۇ غېربانە بۇ كەپە تېخمۇ جېمىپ كەتتى ،دادام  كۇندۇزلىرى باغقا كەچلىرى ئۆيگە بىكنۋېىلىپ سېرىتقا چىقمايتتى ،
ئىنى -سېڭلىرىمنىڭ تەتل مەزگلى تۇشۇپ مەكتەپكە قايتىش ۋاقتى بولدى ،مەن ئۇلارنىڭ ئوقۇمايمىز دېگىنگە ئۇنماي ئۇلارنى مەجبۇرى مەكتەپكە يولغا سالدىم ،ئۈزۇم باغنىڭ تۇرلىك  ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندا بولسا ،يېزا باشلىقىنىڭ پاختىسنى تېرىپ بېرش ئۇچۇن باردىم ،ئۇ كىشمۇ ئادەمگە مۇھتاج بولغاچقا ،ئككىلنمەيلا ماقۇل بولدى ،ھەم كۇندىكى ھىسابنى كۇندە ئۈزدىغان بۇلدى ،
ئۇھ دەيتىم ئىچىمدە شۇنداق بولسىلا كۇنلۇك تاماقىنىڭ پۇلىنى تېپىپ ئۆيدىكى ئالتە جاننى بېقشىمدا گەپ يوق ئىدى ،
داداممۇ روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ھەپتە يۇرۇپ ماڭا ھەم ئۇكۇلۇرۇمغا ئىچى ئاغرىدى بولغاي ،ئۇدۇل خۇشنىمىزنىڭ بازارغا ئەكىردىغان قاپاق تېرەكلىرىنى كېسشىپ بېردىغان ،ئۇ خۇشنىمز دادامغا كۇنگە 30 سوم بېردىغان بۇلۇپ كېلشىتى ،تۇرمۇشىمىز ئەمدى ئىزغا چۇششىكە باشلىغان ئىدى ،ھەدىلىرىم كۇندە نۈۋەت بىلەن كېلىپ بىزگە تاماق قىلىپ ،كىر -قاتلارنى يۇيۇپ ئاپامنىڭ پاكىزلىقىنى داۋام قىلماقتا ئىدى ، ئوغۇل ئۇكۇلىرىممۇ خېلى ئىش ئۇقۇپ قالغاچقا بۇرۇنقى شوخلىقىنى تاشلاپ مەكتەپتىن كېلىپلا دادامنىڭ ياغاچ كېسىش ئورنىغا  بېرىپ دادامغا ياردەم قىلاتتى ،ئىككى ئوماق سىڭلىلىرىم بولسا ئۆيگە قايتتىپ ھەدىلىرمىگە قارشاتتى ،
نەس كۇنلەر يەنە يېتىپ كەلدى ،مىنىڭ پىشانەمنىڭ تەرتۇرلىكى يەنە باشلاندى ،ئوقۇشقا بارالمىغانلىقىمنى  ئاز دەپ  ئاپامدىن ئايرىلغان ئىدىم ،مۇنۇ كەچمىشىمنى يېزۋاتقان تاش يۈرەك قىزنىڭ يۈركىنى ئاللاھ تاشتىن پۇتىمىكىن ئاپامنى مەندىن ئايرىغاننى ئاز  كەلگەندەك  ئەمدى دادامنىمۇ بىزدىن تارتۋېلىپ بىز سەككىز بالنى تۈگمەس ئازابقا مۇپتىلا قىلۋاتقان ئىدى،ئۆز كەچمىشىمنى ئۆزۇم يازغان بولسام ئىدىم ئىشلار باشقىچە بۇلاتتى ،
"2"

مەن ئوقۇشقا بارسام ،ئوقۇشنى پۇتتۇرۇپ كاتتا دوختۇر بۇلۇپ دادام -ئاپامنى شەھەرگە قايتۇرۇپ كېلىپ ،مەندىن كېچىكلەرنى ياخشى ئوقتۇپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرۇپ ،ئاددى ئەمما مەنلىك تۇرمۇش قىلىپ تەسۋېرلەيتتىم ،لىكىن بۇنداق قىلسام بۇ پەقەت مىنىڭ قۇرۇق خىيالىم بۇلۇپ قالاتتىدە ،
ھەي قىز يازا بولدى ،مىنىڭ قاباھەتلىك ئۆتمۇشۇمنى قالدۇرماي يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ ئۇلارغا تۇرمۇشنىڭ يالغۇز شاتلىق بىلەنلا ئەمەس مۇنداق ئەلەملەر بىلەنمۇ بۇلدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قۇي !
ئاپام تۆگەپ كېتىپ قېرقىغا ئاز قالغاندا مەن يەنە ئادىتىم بۇيۇنچە كۆزنىڭ شېۋىرغان سوغۇقىغا قارماي يېزا باشلىقىنىڭ پاختىسىنى تەرگىلى كەلدىم ،جاندىن ئۆتىدىغان سوغوق بىلەن تەبئىتى سوغوق پاختا مىنى زۇكام قىلىپ مىشلدتىۋەتكەن ئىدى ،شۇندىمۇ يەنە چىشىمنى چىشلەپ پاختا تەرمەكتە ئىدىم
دادام ئىككىمىز قۇساقنىڭ غېمىدىن سېرىت تۆت يۇز سوم يېغىپ بولغان ئىدۇق ،يەنە تۆت كۇن ئىشلىسەكلا ھەدەملەردىن قەرىز ئالغان پۇللارنى قايتۇرۇپ ھەدەملەرنىڭ يۇزنى يۇرۇق قىلاتتۇق
،داداممۇ شۇنىڭ ئۇچۇنمىكىن ،قاپرىپ قاناپ كەتكەن قولىرىغا پەرۋا قىلماي ،ئاچچىق سوغاقتا ،كوم -كوم قىلىپ ئازاب -ئەلەملىرىنى پالتا بىلەن دەرەختىن چىقرۋاتاتتى ،
ئاكا ،،،،،،ئاكا ،،،،،،چاقان بول ،،،،،تېز ،،،،،،
كىچىك ئىنىم باقى  شۇنداق دېگىنچە يېغلاپ قېشىمدا پەيدا بولدى
نېمە بولدى باقى  ،نىمگە يېغلايسەن دېدىم ھودۇقۇپ
دادام ،،،،دام......دادام دەرەخ ئاستىدا قالدى
نېمە ؟ئۆز قۇلقۇمغا ئىشەنمەيلا قېلۋاتاتتىم
تېلىڭنى چاينىماي دېگىنە نىمىش بولدى
ئاۋۇ ،،،،،ھېلقى ،،،،مانداق دادامنى دەرەخ بېسۋېلىپ ،،،،،،،شۇ ئاغزى -بۇرۇنلىردىن قان چىقىپ ،،،،ئاكا ئەمدى قانداق قىلمىز ،باقى  پاڭىدە يېغلىۋەتتى
ئاھ خۇدايە پەرۋاردىگارە ،مىنىڭ بېشىمغا كەلمىگەن مۇشۇ ئىش قالغان ئەمدى ،جايىمدا قاقان -قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم ،
ھاشىم نىمە ھاڭۋېىقىپ تۇرسەن تېز بارمامسەن
مەن بىلەن بىرگە پاختا تەرگىلى كەلگەن ئالىمنىڭ  شۇنداق دېگىنى بىلەن ئېسىمنى يېغىپ ،باقىنى  ئېلىپ بىرگە ياغاچ كېسىش مەيدانغا كەلدىم  ،دادام قانغا ملىنىپ ياتاتتى ،
دادامنىڭ بېشىدا ئۈچ ھەدەم ھەم يېزنلىرىرىم  ،ئۇكۇلىرىم يېغلاپ ئولتۇراتتى ،
دادا ،،،،،دادا،،،،،،،،،،،سەنمۇ بىزنى تاشلاپ كەتىڭمۇ ئەمدى ،ئاھ تەڭرىم سەن نىمىشقا بۇنچە رەھىمسىز ،سەككىز مىسكىنى غېرىپلىقتا تاشلاپ كەتىڭمۇ ،ئەمدى بىز كىمنى دادا ،كىمنى ئاپا دەپ چاقىرىمىز ،كىمگە ئەركىلەپ قۇچقىغا ئۆزىمىزنى ئاتمىز ،كىملەر بىزنىڭ بېشمىزنى سېلايدۇ ،ئەمدى كىملەرنىڭ ئالدىدا خار بۇلۇپ يۇرىمىز ،ئەمدى،،،،،،،،ھېقىقداپ ئاۋازىم چىقماي قالدى ،ھەدىلىرممۇ ئېزىلىپ ،،،،،،ئېزىلىپ يىغلايتتى ،كىچىك سىڭلىم ھە دەپ دادامنىڭ قۇلاقلىرى ھەم ئېغىزلىردىن چىقان قانلارنى يېڭى بىلەن سۈرتۇپ
دادا ،ئاپام مىنى تاشلاپ ئوخلاپ قالدى ،ئەمدى سەنمۇ ئوخلاپ قالساڭ مەن قانداق قىلمەن ،ئاكىلىرىم ،ھەدىلىرىم قانداق قىلدۇ دادا،ئاۋۇ ھەدىلىرىمنىڭ يولدۇشى پۇلنى قايتۇر دېمگەندىن كېيىن سەن بۇ يەردە ئىشلىمەي ئۆيگە كېتە دادا ،سەن ئۆيدە تاماكا چېكىپ ئولتۇرساڭ ،مەن ئاكام بىلەن پاخىتا تېرىپ ئۇ پۇلىنى مەن قايتۇراي ،كۆزۇڭنى ئاچە ،بېشىمنى سېلاپ قۇيە ،مىنى سۈيۇپ قۇيە ئەمدى ھەرگىز ساقلىڭ سانجىلىپ كەتتى ،سۈيمە دەپ قاچمايمەن دادا ،قۇپە دادا يەر سوغوق ئۆيگە كېتەيلى ،ئۆيگە بېرىپ ئوخلا
سېڭلىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆپكەم ئۆرۇلۇپ كەتتى ئۇچ ھەدەم ئوكۇللۇرۇمنى باغرىغا بېسىپ يېغلاۋاتاتتى ،دادامنى كىچىك بالنى كۆتۇرگەندەك كۆتۇردۇم ،ئەتراپتىكى قاراپ تۇرغانلار ماڭا ياردەملەشتتى ،دادامنى ئۆيگە ئاپىرىپ ھېلقى يەزنەمگە بېرىمىز دەپ يىقان پۇللارغا كىپنەلىك سېتۋېلىپ ئۇنى يۇيۇپ يەرلىكىدە قويدۇق ،ئۆي ئىچدىن بۇران ئۇچۇپ تۇراتتى ،تەبئەت بىز بەش يېتىمگە ئىچ ئاغرىتىپ يىغلاۋاتقاندەك سېخلىق بىلەن ئۈشۇك يامغۇرنى زېمىنغا تۆكمەكتە ئىدى ،يۇپۇرماقلار ئاپامنىڭ زەپە رەڭ چېرايىدەك سارغىيىپ يەرلەرگە تۆكۇلمەكتە ،يۇلتۇز ،ئايلارمۇ يامغۇرلۇق قارا بۇلۇت تۇپەيلى تۇسلۇپ بىزنىڭ بەخىتسىزلىكمىزنى كۆرمەي دېگەندەك غايىپ بولماقتا ئىدى
دادامنىڭ ئاخىرەتلىكىنى  ئۇزتۇپ تۇرشىمىزغا ئۇدۇل خوشنىمىز بىزگە بەش مىڭ سوم بەردى ،ساقچىلار ئەھۋالنى ئىگەللەپ بۇ خوشنىمزنىڭ مەسھۇليتتى يوق دېگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلار بىزندەك كۆك نامراتلارغا ئىچ ئاغرىتىپ شۇنداق قىلغان ئىدى ،
كۆڭلۇم سەل جايىغا چۇشكەندە ئالبۇرۇن قىش كېرىپ ئەتراپ ئاپپاق قاردىن تون كېيىپ ،جاندىن ئۆتىدىغان سوغوق ھەممە يەرنى قاپلىغان ئىدى ،دادام ھايات چېغىدا دۈلىۋالغان كېۋەزنىڭ شادىلىرىنى قالاپ بۇ قىشنى ئۆتكۇزمەكچى بولدۇق ،لكىن بۇ كاساپەت گۈر قىلىپ بىردەمدىلا كۈيۇپ تۇگەيتتى ،ئامال قانچە كۆمۇرگە پۇل يوق
بىر كۇنى بازارغا بېرىپ تۇرمۇش لازلىملقىنى سېتۋېلىپ چوڭ سىڭلىمغا پولو ئېتىشنى بۇيرۇدۇم ،ھەم ھەممە ھەدەمنىڭ يولدىشنى چاقىرىپ ھېلقى خوشنىمىز ئەكىرىپ بەرگەن پۇلدىن بەش يۇز سومنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدۇم
ئۇكام ئۇنداق قىلماڭ دەيتتى ھەممە يەزنەم دېيشۋالغاندەكلا
سېلەرگە رەھمەت ،قېيىنچىلىق مەزگىلدە ياردەم قىلدىڭلار ،لازىم بولغاندا يەنە سېلەردىن سورايمەن دەپ ئۇلارغا تۇتۇم ،ئۇلارمۇ نامراتچىلىقتا ئاران ئۆتۋالغاچقا ئىككلەنمەي ئالدى
ئۇلارغا تاماقلارنى بېرىپ چېرايىلق يولغا سالغاندىن كېيىن ، ئۇكلۇرۇمنى يېنىمغا يېغىپ
ئەتە ھەممىڭلارنى بازراغا ئاپىرىپ سېلەرگە لازىملىق ئېلىپ بېرەي ،ئۇچ مىڭ سومغا بىزنىڭ قورۇنىڭ نېرسىدىكى ئەخمەتكامنىڭ ئىككى مو يېرنى سېتۋېلىپ سېلەرگە قالدۇراي ،قادىر سەن ئەتيازدا تېرىقچىلىق قىلىپ ئۆينىڭ ئاشلىقىنىڭ دەردىنى تارت ،قالغان پۇلغا ئاشىلىق  ،كۆمۇر ،مايلارنى سېتۋلايلى ،لالە سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ ،قادىر بىلەن ئىككىڭلار بۇندىن كېيىن ئۆينى ئۆزۇڭلار قامداڭلار دېدىم مەن ياشلىق كۆزلۇرۇمنى ئۇلاردىن يۇشۇرۇپ
ئاكا نەگە بارسەن دەپ سوردى كىچك سىڭلىم ئادىلە
شەھەرگە
نېمە ؟شەھەرگە
ھەممە ئۇكام ھەيران قالدى
ھە شەھەرگە ،ھازىر قىش بولغاچ يۇرىتتا قىلدىغان ئىش يوق ،ھەممىز ئۆيدە ئولتۇرۋەرسەك قۇلمىزدىكى پۇلمۇ ئۇزاققا بارماي تۈگەيدۇ ،شۇڭا مەن شەھەرگە بېرىپ پۇل تېپىپ سېلەرگە ھەر ئايدا ئەۋەتىپ بېرەي ،سېلەر ئۆيدە خاتىرجەم ئوقۇڭلار ،قانداق قىيىنچىلىق بولسا ماڭا دەڭلار ھەدەملەرنى ئاۋارە قىلماڭلار ئۇلارنىڭمۇ بالىرى بار تۇرمۇشى تەستە ئۆتۋاتدۇ ،ھەر قانچە قىيىنچىلقىتا قالساڭلارمۇ ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەڭلار ،دادام -ئاپامنى ھەم مىنى ئويلاڭلار ،مەن ھاشىملا بۇلدىكەنمەن سېلەرنى ھەرگىز ئاچ -يالڭاچ قويمايمەن
ھەمىسى سۈكۇت بىلەن ماڭا قارايتتى ،
ئاكا مەنمۇ سەن بىلەن بىرگە باراي دېدى قادىر
ياق قادىر لالە  بىلەن ئادىلە ھەم باقىنىڭ  ھالدىن ياخشى خەۋەر ئالساڭلا بولدۇ ،تېرشىپ ئوقۇ دېدىم ئۇنىڭغا
ئەتسى بۇ تۆت ئۇكامنى بازارغا ئاپىرىپ كېيىم -كېچەك  ئېلىپ بەردىم ،ئۆيگە ،ئۇن -گۈرۇچ ،مايلارنى ،كۆمۇر ،كۆكتاتلارنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىپ كەلدۇق ،كېچىچە تۆت ئۇكامغا نۇرغۇن نەسھەتلەرنى قىلىپ ئۇلارغا بەش يۇز سوم قالدۇرۇپ ئىككى يۇز سوم ،دادامنىڭ كونا ھەربىيچە جۇۋسىى بىلەن تاڭ سۈزۇلمەستە ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ شەھەرگە قاراپ ماڭدىم
ئاتا -ئانامدىن ئايرىلغاننى ئاز دەپ ئەمدى بۇ يەتتە قېرىندىشىم ھەم چوڭ بولغان ئىللىق يۇرتۇمنى تاشلاپ شاۋقۇن -سۈرەن بىلەن تولغان شەھەرگە قاراپ كېتۋاتىمەن  ،يولدا ئىچىم سېقلىپ سېرىتكى كەڭ كەتكەن قارلىق دالغا قاراپ ئايغى چىقماس خىيالدا ئوخلاپ قاپتىمەن
شەھەرگە كەلدۇق ماشىندىن چۇشۇڭلار ،شۇ ئاۋاز بىلەن ئويغۇنۇپ دادامدىن قالغان سائەتكە  قاردىم ،سائەت ئىككىنى كۆرسۈتۇپ تۇراتتى
ئەزەلدىن شەھەرگە كېلىپ باقمىغاچقىمكىن ،نەگە بېرىپ نەدە تۇرشنى بىلمەيتتىم ،كىشلەردىن سۇراپ يۇرۇپ ئاخىرى مەدىكارلار بازرىنى ئىزدەپ تاپتىم ،
ماۋۇ كارامەتنى كۆرۇڭ ،جاھاندىكى ھەممە ئادەم مەدىكار بۇلۇپ كەتكەندەك بۇ يەر ھەرخل -ھەرياڭزا كىشلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى ،
جاندىن ئۆتىدىغان سوغوقتا دادامنىڭ جۇۋسىغا يۆگىنىپ تامنىڭ بىر بۇلڭىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئەتگەن ئۆيدىن ئېلۋالغان بىر گېردىنى قۇرۇقلا ئىشتاھا بىلەن يەپ ئولتۇرسام ،مەندىن ئانچە -پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان بوغداي ئۆڭ قوي كۆز بىر بالا قېشىمغا كېلىپ
بۇ يەرگە يېڭى كەلگەن ئوخشىماسەن دەپ مەندىن سوردى
مەن ھە دېگەن مەندە بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم
يۇرتۇڭ قەيەر دەپ سوردى ئۇ ،*** ناھىينىڭ ** يېزسىدىن
راسما
ھە
نىمانداق ياخشى ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق ئىكەنمىز مەنمۇ شۇ ناھىيدىن لىكىن @@@ يېزسىدىن
راسما بەك ياخشى بولدى ،
مەن بۇ ناتۇنۇش يۇرتتا بىر يۇرتلۇققىننى ئۇچۇرتۇپ خۇددى خېزىرگە يۇلۇققاندەك خۇشال بۇلۇپ كەتتىم ،ئۇمۇ قارماققا ماڭا ئوخشاش جاپانى يەتكۇچە تارتقان بالدەك قىلىپ تۇراتتى
ئىككى تونا كۆمۇر بار كىم يۆتكەپ ئۆيۇمگە ئاپىرىپ بېردۇ
يوغان قورساق ،بايۋەتچە سۈپەت بىر كىشى شۇنداق دەپ ۋاقىراپ بولغۇچە مۇنۇ مىنىڭ يۇرتدېشىم ئۇ كېشىنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ بېرىپ
جېنىم ئاكا مەن ،،،،،مەن يۈتكەپ بېرەي تاماق يېمگىلى ئىككى كۇن بولدى دەپ ئۇ كىشگە يالۋۇردى
ماقۇل لىكىن سەن يالغۇز يۈتكەپ بولالمايسەن يەنە بىرسىنى تاپاي
مىنىڭ ئاۋۇ ئاغىنەم بىلەن يۈتكەپ بۇلالايمەن ،بىز بەك ئىشچان ،
ھە يۇرۇڭلار
ھەي ......ھەي ماڭە مەن بىلەن ،ئۇ مىنى شۇنداق دەپ شەرەت قىلدى ،مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم ،
ئىككىمىز بۇ كىشگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ قوروسىغا كەلدۇق ،ئىشىك ئالدىدا ئىككى تونا كۆمۇر تۇراتتى ،ئۇ كىشى بىزگە بىر تىشاڭ بىلەن بىر زەمبىل ئەپچىقىپ بەردى ،بۇ يۇرتدېشىم ئىككىمىز جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئۇنسىز كۆمۇرلەرنى تۇشۇپ ئۇ كىشنىڭ ئىشىك تۆۋىدىكى بىر كۇمۇرخانغا ئەكىردۇق
قارا ئەپتىڭگە ،ئاقنانچى ،مۇشۇ مەدىكارلار قىلغان ئىشنى سەن قىلساڭ ئۇلارغا بېردىغان قېرىق سومنى ساڭا بەرسەم بولمامدۇ
ۋايجان دادا ،كۆمۇرگە مىلنىپ يۇرەمتىم ،چاقان ئەللىك سوم چقىرە بۈگۇن دوسلۇرۇم بىلەن ئولتۇرۇش قىلماقچى ئىدىم
ئىسىت سەن مىنىڭ ئەسلىمنى يەپ بۇلدىغان بولدۇڭ
پۇلنى بىزنى دەپ تاپمىساڭ كىمنى دەپ تاپاتتىڭ يە گۈرگە تەڭ ئەپكەتكلى بولمىسا
سەن ھۇ ئىتنىڭ كۇچكى
ۋايجان دادسى بالنى تۇلا قىينىماي بېرەڭە
توۋا قارا ئاداش بۇ بايۋەتچىلەرگە دېدى ھېلقى يۇرتدېشىم
شۇنى دەيمەن بىزنىڭ يۇرتتا تۇتاي ،ملىنىپ قارا بۇلاي دېسمۇ كۆمۇر يوق ،يېلدا ئاران قۇلمىز ئەللىك سوم كۆردۇ بۇ باي باللىرى ھەي
شۇنى دېگىنە ،راس ئاداش ئىسمىڭ نېمە
ھاشىم ،سېنىڭچۇ
مىنىڭ مەخمۇت
ھى،،،،،ھى،،،،،،،،داداڭ ئاپاڭ نىمىش قىلدۇ دەپ سوردى مەخمۇت
مەن سەل شۇكلەپ تۇرغاندىن كېيىن ،تۆۋەن ئاۋازدا
تۈگەپ كەتكەن دېدىم
ھە ئوخشاشكەنمىز
نېمە سەنمۇ قارا يېتىممۇ ؟
ياق ،ئاپام تۆگەپ كەتكەن ،دادام قايتا ئۆلەنگەچكە ئۆگەي ئاپام ماڭا پەقەت كۇن بەرمىدى شۇڭا ئامالسىز ئۆيدىن يېنىپ چىقىپ ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن ئۆز كۇنمۇمنى ئۆزۇم ئېتۋاتمەن ،داداممۇ ئايدا بىر مىنى يوقلاپ كېلىپ تۇردۇ ،شەھەردىن بىر ئېغىز ئۆينى ئىجرە ئېلىپ بەرگەن شۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرمەن ،تاپقان پۇلۇمنى ئۆزۇمگە خىراجەت قىلمەن ،ئەركىن -ئازادە دېگىنە
ھە
ئىككىمىز كۆمۇرلەرنى تۇشۇپ بولغۇچە كۇنمۇ بىر يەرگە بارغان ئىدى ،خۇجايىن ئىككىمىزگە قېرىق سوم بېرىپ يولغا سالدى ،ئۇ مىنى بۇ شەھەردىكى قايناق بىر كەچىلىك بازاغا ئېلىپ كەلدى
توۋا سودا -سېتىق دېگەن شەھەردە قىزمدۇ نېمە ؟ساتدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قالسام ماۋۇ ئالدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى
مانا خېرىدار كېلڭە بۇگۈنكى ئۆپكە -ھېسىپ بەك ئوخشاپ كەتىغۇ ،
قاراپ ماڭە ماۋۇ ئۇچەي كاۋاپقا ،
ماۋۇ ئەركەك قوينىڭ شورپىسى  
مانا كېلە مۇنۇ سېرىق ئاش شۇنداق ئاچچىق -چۇچۇك
بەس -بەستە خېرىدار چاقىرۋاتقان سېتىقچىلار ئۆز يېمەكلىرىنى داڭلاپ كىلمەرنىدۇر ئۆزگە جەلۇپ قىلاتتى
مەن مەخمۇت بىلەن بۇلۇڭغا تەنزە يايغان بىر سېرىق ئاشچىنىڭ قېشىغا كەلدىم ،مەخمۇت سېرىق ئاشنى بۇيرۇپ بۇلۇپ ئۆپكە- ھېسىپ ،كاللا - پاقالچاق ،ئۆچەي كاۋابلارنى ئېلىپ قېشىمغا كەلدى ، تاماقلارنى مەزە بىلەن يەپ بولغاندا پۇلىنى تەڭ تۆلەي دېگىنمگە ئۇنماي بۈگۇن سېنى مىھمان قلۋالاي دەپ ھەممە چىقمنى ئۆزى تۆلگەن ئىدى ،تاماقنى يەپ قۇرساقنى توقلاپ بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ شەھەرنىڭ كىچىك خالتا كۇچسىغا جايلاشقان بىر ئېغىزلىق ياتقىغا كەلدۇق ،ئۆي گەرچە كېچىك بولسىمۇ شۇنداق ئىللىق ئىدى ،ھەممە شارائىتى تۇلۇق بولغاچ  بىز كېرىپلا ئۆينىڭ ئولتۇرسىغا قۇيۇلغان  كىچىك مەشكە ئۆت قالاپ مەشنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۇشتۇق ،
ئۇ مىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمنى سوردى ،مەن كۆزگە ياش ئالغان ھالدا  ئۆزۇمنىڭ قارا يېتىم ئىكەنلكىمنى ،ئۆيدە ماڭا قاراشلىق تۆت ئۇكامنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەردىم ،ئۇ منىڭ كەچمىشىمنى ئاڭلاپ ئىختيارسىز كۆزگە ياش ئالدى
ھەي بولدى ئاغىنە قايغۇرما ،مانا مېنىڭ دادام ھايات تۇرۇپمۇ مەن يىتىملىك ،سەرگەردارلىق تۇرمۇش كەچۇرۋاتمەن ،ئاللاھ ئەڭ يېقىن بەندىسىنى جاپاللار بىلەن سىنايدىكەن ،شۇ سىناقتىن ئۆتسە ئۇ بەندىسىگە كۆتۇرۇپ بۇلالمغۇدەك بايلىق بېردىكەن ،بىز ئاللاھنىڭ سىنقىغا بەرداشلىق بېرەيلى ئاللاھ بىزنى مىليونۇر قىلۋەتسە ئەجەپ ئەمەس دەيتتى ئۇ كۇلۇلۇپ تۇرۇپ ئىسىق مەشنىڭ ھارارىتىدە ھەر ئىككىمىزنى مۈگە بېسىشقا باشلىدى ،مەخمۇت ئىىككىمىزگە ئورۇن راسلىدى بۇ ئۆيدە بىر يوتقان ئىككى كۆرپە بولغاچقا مەن دادامنىڭ جۇۋسىنى يېپنىپلا ياتتىم ،
ئەتسىدىن باشلاپ بۇ ئاغزى تاتلىق دوستۇمنىڭ ياردىمدە ھەر ھالدا كۇنلىكىگە ئوتتۇر -قېرىق سوم تاپتتىم ،كۇنلكى ئون سوم خىراجەت قىلسام قالغان پۇللار يېنىمدا قالاتتى ،ھەر ئايدا ئۇكلۇرۇمغا ئۇچيۇز بەزى تۆت يۇز سوم ئەۋەتىپ قېپقالغان ئازراق قىسمىنى مەخمۇتنىڭ ئۇنمىغىنغا قارماي  ئۇنىڭ بىللەن بىرگە ئۆي ئىجەرىسىگە تۈلەپ ،بىرەر يۇز سوم قۇلۇمغا ئاشاتتى ،
ئايلار -ئايلارنى ،،،،يەنە ئايلار -ئايلارنى قوغلۇشۇپ بۇ شەھەرگە كەلگىنمگىمۇ  ئىككى يېلغا يېقىن بۇلۇپ قالدى ،بۇ ئىككى يىل مەن ئۇچۇن ئالدىراش ئىككى كۇندەك تۇرمۇشۇمدا ھەرخل كىشلەرنىڭ ئۆيدە مەدىكار بۇلۇشتىن باشقا يېڭلىق يوق ئۆتتى ،ئاللاھ ماڭا مەخمۇتنى يەتكۇزۇپتىكەن ،بولمىسا قانداقمۇ قىلاتتىم ،ئۇ ماڭا يېقىن سېرداش دوس بۇلۇپلا قلماي يەنە مىنىڭ پاناھكارىم ئىدى ،
بىر كۇنى بىز ئىشلەپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەك مەخمۇتنىڭ دادسى ئۆيدە ئولتۇرپتۇ ،بىز ئۇ كىشى بىلەن چېرايلىق كۆرشۇپ ئۇ ئەكەلگەن نازۇ -نىمەتلەرنى يەپ ئولتۇرساق ئۇ كىشى بىزگە
باللىرىم ،ئەمدى بۇنداق مەدىكار بولۇپ ئۆتىۋەرسەڭلار بولمايدۇ سېلەرمۇ 18 گە كېرەي دەپ قالدىڭلار شۇڭا بىرەر ھۆنەر ئىگەللەڭلار ،دېدى
بۇ گەپ مەخمۇت بىلەن ئىككىمىزگە موك خوش ياقتى
لىكىن دادا نېمىش قىلساق بۇلار دەپ سوردى مەخمۇت دادسىدىن
ھازىر جەميەتنى  كۆزتۇپ باقسام ناۋايلىق شۇنداق ئېقۋاتقان كەسىپ ئىكەن ،ئۇيغۇر بار يەردە ناۋايلىق يەردە قالمايدۇ ،شۇڭا سېلەرنى بىزنىڭ ناھيىگە قايتۇرۇپ كېتىپ ھېلقى نەۋرە تاغامنىڭ ئوغلىغا شاگىرتىلققا بېرەيمىكىن دەيمەن دېدى ئۇ ئاكاش
مەن ھەم مەخمۇت ھىچ ئىكلەنمەيلا بۇ كىشنىڭ تەكلىۋېىگە قۇشۇلدۇق ،بىز نەرسە كېرەكلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ ئۆزمىنىڭ يېزسى قاراشلىق ناھيىگە يېتىپ كەلدۇق ،
ناھينىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۆت يولنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان  بۇ ناۋايخانا قارماققا ناھايتتى تىنىچتەك تۇرغىنى بىلەن لىكىن سودىسى ياخشى ئىدى ،مەخمۇتنىڭ دادسى بىزنى بۇ ناۋايخاننىڭ خۇجايىنغا تۇنۇشتۇردى ،بۇ كىشى شۇنچىلىك پۇزۇر ياسانغان ئىدىكى ،تۇنجى بۇ كىشنى كۆرگەن ئادەم ھەرگىز ناۋايخانا ئاچىدىغان ئادەم دەپ قارمايتتى ،ئۇنىڭ قۇلغا سېلۋالغان يوغان ئالتۇن ئۈزكى ،قاپقارا يۈزلىرى ئۇنى قارا جەميەتنىڭ كاتۋېشىدەك كۆرستەتتى ،
مەخمۇتنىڭ دادسى خېلى كۆپ سوغا -سالاملار بىلەن بىزنى بۇ ناۋايخانغا شاگىرتلىققا بېرىپ  مەخمۇتنى ئۆيگە ئاپىرىپ كېلەي دېدى ،مەنمۇ ئىككى يېلدىن بېرى يۇرتقا بېرىپ باقمىغاچقا ئۇچ كۇنلۇك روخسەت ئېلىپ يۇرتقا قاراپ ماڭدىم
بۇرۇنقى توپا ئۇچۇپ تۇردىغان ناھيە پاساژزلار بىكتى قارمايلاشتۇرۇلغان ،ئادەملەر بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ئىدى ،يېزغا بارغىچە ھەممە نەرسىگە ھەۋەس بىلەن قارايتتىم ،ئەتىياز تېرىقچىلىق مەزگلى بولغاچقا يول بۇيدىكى دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىقتا ياڭراق ناخشىلارنى ياڭرىتىپ ھارماي ئىشلەشلىرى ،ئۆستەڭلاردىكى كۆپكۆك سۇلارنىڭ شېۋىرلاپ ئېقىشلىرى ،بىخ سۈرۇشكە باشلىغان شاپتۇل ،توغاچىلارنىڭ قىزغۇچ بىخلىرىنى ،بۇ يېزامنى  تېىخمۇ گۈزەل كۆرسۇتۇپ تۇراتتى ،بۇرۇن يېزاغا كېلىش ئۇچۇن تۆت -بەش سائەت يول يۈرۇشكە توغرا كېلەتتى ،لىكىن ھازىر يوللار ئاسفالىت بۇلۇپ ئىككى سائەتتىلا يېتىپ كەلگەن ئىدىم ،ئىككى يېلدىن بېرى يىقان ئازغىنە پۇلۇمغا يېزا بازرىدىن  ئۇكلۇرۇمغا كىيم -كېچەك ،گۈش ،يېڭى كۆكتاتلارنى سېتۋېلىپ ئۆيگە كەلدىم

ئىشىك ئالدىدا ئېرىق بۇيدا كىچىك سىڭلىم ئادىلە چېلەككە سۇ ئېلۋاتقان ئىكەن
ئادىلە دەپ چاقىرشىم بىلەن ئۇ ئۆز قۇلقۇغا ئىشەنمىگەندەك بۇرلۇپ ماڭا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن  يۈگرۇپ كېلىپ بوينۇمغا گېرە سېلىپ يېغلاپ كەتتى
ئاكا ،،،،ئاكا بۇ سەنمۇ ،،،بۇ راستىنلا سەنمۇ
مەنمۇ ئۇنىڭ  بۇ ھالىتىگە قاراپ ئىېچىم سېرىلىپ ئۆزۇمنى باسالمىغان ھالدا كۆز يېشى قىلدىم ،بىز بىر ھازا قۇچاقلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن ،ئۇ منڭ قۇلۇمدىن تارتقىنچە ئۆيگە ئەكىردى ،ئۆيگە كېرىپ ھەيران قالدىم ،ئاپام -دادام ھايات ۋاقتىدىكىدەكلا ،ھەي بىچارە قېرىنداشلىرىم ،ھەر قانچە جاپا چەكسىمۇ يەنە غەيرەتتە ياشاپتىدۇ دەپ ئويغا پاتتىم
ئادىلە پايپىدەك بۇلۇپ ماڭا داستخان سېلىپ چاي دەملىدى ،ئۇ گەرچە ئەمدى ئون ئىككى ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لىكىن ياشقا چوڭ قىزلاردىن چەبدەس ئىدى ،
ئاكا سەن كەتكەندىن كېيىن ئىككى ئاكام ھېلقى يەرلەرنى تېردى ،تۆت يەزنەم ئاكالىرىمگە ئوغۇق ،سۇلياۋ -يوپۇق ھەم ئۇرۇقلارنى ئېلىپ بەردى
تۆت يەزنەم ؟ئەمدى قېزىق چاينى ئىچشىكە تەمشىلىپ ئاغزىم قېشىغا ئەكىلشىمگە سىڭمىنىڭ تۆت يەزنەم دېگىنگە ھەيران قېلىپ چاينى پۈركۈپ  چىقىرۋەتتىم
ئادىلە ئۇچ يەزنەم دە دېدىم ئۇنىڭغا ئەسكەرتىپ
ياق ئاكا تۆت يەزنەم ئۆتكەن يىلى چوڭ ھەدەم بىر كىشنىڭ بالسىنى تېپىپ لالە ھەدەمنى ياتلىق قىلدى
نېمە ؟نىمىشقا بۇ ئىشنى ماڭا مەسلھەت سالمىدىڭلار ؟دەپ سوردۇم ئاچىقتا يېرىلغدەك بۇلۇپ
ئەسلى مەسلھەت سالايلى دېگەن لىكىن سېنىڭ ئالدىراشلىقىڭنى بىلىپ
قارا ئاكا بىز يەنە ئىككى قوي، تۆت توخو سېتۋالدۇق ،كۇندە تېخى تۇخۇمدا تاماق قىلىپ يىيەلەيمىز  
ئادىلە مىنىڭ رەنجىگىنمنى بىلىپ قالدى بولغاي پاراڭ تېمىسىنى باشقا ياقا بۇردى ،
ئېغىر گەۋدەمنى كۆتۇرۇپ بۇلالماي تۇرۇسقا قاراپلا ياتتىم
ئاھ ئۇلۇغ ،قۇدىرتى كەڭ ئاللاھ ،بىز نامراتلارنىڭ كۇنى مۇشۇنداق تەسمىدۇ.شەھەرلەردە مىنىڭ ھەدەمدەك ئاياللارمۇ تېخى بىز قىز دەپ كىچىك قىزلاردىن كېيىم تالشىپ يۇرۇپ تۇرمۇش ئىشىنى ئويلاشماي ،شادىمان ياشايدىكەن ،لىكىن ماۋۇ يېزدىچۇ ؟ئەمدى 15 كە كىرگەن ئۆزنىڭ ھايات مۇساپىسنىڭ يېرمىنى باسماي تۇرۇپ نىكاھ تۇرمىسىگە كېرىپ ،بارچە جاپاللارغا مۇپتىلا بۇلدىكەن ،
كۆزۇمدىن ياشلار سېرغىپ چۇشمەكتە ئىدى ،نامراتلق مىنىڭ قەلمىنى ،جىسمىنى باسماقتا ئىدى ،ھەي نامراتلىق ھەي يوقسۇزلۇق
ئاكا ،سەن پولۇغا ئامراق شۇڭا پولو قىلىپ بېرەيمۇ دېدى ئادىلە
ئاستا كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۇپ ئۇنىڭغا قاراپ
ھەدەڭ كەتكەندىن كېيىن تاماقلارنى سەن ئېتۋاتامسەن دەپ سوردۇم
ھەئە ،
ھازىر ئاكىلرىڭ نەدە ؟
ئېتىزلىقتا تېرىقچىلىق قىلۋاتدۇ
ئۇلار مەكتەپكە بارمىدىمۇ
ياق ،بىچارە مۇئەللىملرى كۇندە ئۇلارنى ئىزدەپ كېلدۇ ،لىكىن ئۇلار ئىتلارنى قۇيۇۋېتىپ مۇئەللىملىرىنى قورقتىدۇ ،بىچارە مۇئەللىملەر ئاخىرى زېرىكىپ كەلمەس بولدى
ئەمسە سەنچۇ ؟
ۋايجان ئاكا مەن دېگەن ئەلاچى ئوقۇغۇچى تۇرسام ،ياخشى ئوقۇمسام بولمايدۇ ،سەن مىنى ئوقتىسەن ھە ئاكا ،كچىك ھەدەممۇ جاپادا قالدى ،بىچارە ،يۈرەكلىك بۇ ئۆيگىمۇ كېلەلمەيدۇ ،كۇندە ئەتگەن ئورنىدىن تۇرۇپ قېيىن ئاپسى ھەم دادسىنىڭ ئورۇنلىرىنى يغىپ ،تەرتىگە سۇ بېرىپ يەنە ئەتگەنلىك تاماق قىلىپ ئۇنىڭدىن بىكار بۇلۇپ يولدىشى بىلەن ئېتىزغا چىقىپ يەرگە ئىشلەپ كەچتە يەنە تاماق قىلىپ ،ئۆي تازلاپ ،كىر -قات يۇيۇپ  جاپا تارتىۋاتىدۇ  ،ئاكا ،مەن قىز بالا بولمىسام بوپتىكەن ،قىزلار نىمانداق جاپاكەش ،مىنى جىق ئوقۇت ئاكا ،مەنمۇ كادىر قىزلاردەك ئېتىز ئىشلىردىن قۇتۇلۇپ ياخشى تۇرمۇش كەچۇرۇپ باقاي دېدى ئۇ  يېغلاپ تۇرۇپ
خاتىرجەم بول مەنلا ھايات بۇلدىكەنمەن سەن چۇقۇم ئوقۇيسەن ،سېنى چۇقۇم شەھەرگە ئاپىرىپ ئوقتىمەن دېدىم ئاكلارچە مىھىر بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى سېلاپ تۇرۇپ
يۇرە ئاكلىرىڭ قېشىغا بارايلى
بولدى ئاكا ،مەن تاماق قىلاي سەن بار دېدى ئۇ
ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئېتىزغا قاراپ ماڭدىم ،ئون ئىككىگە كىرگەن ،بىغۇبار بۇ سىڭلىمنىڭ كىچىك تۇرۇپ قونچاق ئورنىغا چۇمۇچ ئويناپ يۇرگەن  ھالىتگە ،چوڭ سىڭلىمنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگنىش بېسىمغا ئەمەس ئەرنىڭ مەكتۋېدىكى ئىش بېسىمغا ئۇچىرغانلىقنى ئاڭلاپ يۇركۇم ئاغماقتا ئىدى
ھاشىم ،،،،،ھاشىم ئاكا
ئېتىز بۇيدىكى كىچىك ئېرىقتا سۇ ئىچىپ ئولتۇرغان قادىرنىڭ مىنى چاقىرشى بىلەن ئېسىمنى يېغىپ ئۇلار قېشىغا يۈگرۇپ كەلدىم
ئاكا سېنى بەك سېغىدۇق جۇمۇ ،ئىككى ئىنىم بىغۇبارلەرچە مىنى قۇچاقلاپ ئىسىق ياشلىرىنى يۇشۇرۇپ چېرايىغا زورلاپ كۈلكە ئەكلىشكە باشلدى ،
ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بۇ ئىككىسىنىمۇ خېلى ھاسراتقان ،چېرايدىن توپا ئۆرلەپ كالپۇكلىرى گەز باغلاپ كەتكەن ئىدى ،
مەن ئىشتاننى تېزىمغىچە تۈرۇپ ئۇلار بىلەن بىرگە يەرلەرگە ئۇرۇق چاچتىم ،ئۇلار يېزدىكى يېڭلىقلارنى مانا توختىماي بايان قىلۋاتاتتى
قارا ئاكا بىزنىڭ مەكتەپكە يېڭى ئوقتۇش بىناسى سېلىندى ،
شۇ يەنە ھېلقى سوكال دوختۇرخاننى قايتىدىن ياساپ ئامبۇلاتۇريە قىلدى ،
يەنە ئىككى ھەدەمنىڭ  يولدىشى بىزگە كۆپ ياردەملەرنى قىلدى
سەنچۇ ئاكا شەھەردە ياخشى تۇرۋاتامسەن
مەنمۇ ئۇلارغا شەھەردىكى يېڭلىقلارنى قالدۇرماي بايان قىلىپ بەردىم ،ئۇلار ئاغزىلىرنى ئېچىشقىنچە ھەيران قېلۋاتاتتى
ئاكا ،،،،،ھەي ئاكلار تاماق  پىشتى ،ھەممە ھەدەم كېلىپ بولدى سېلەرنى ساقلاۋاتىدۇ
ئادىلەنىڭ چاقىرشى بىلەن بىز ھەممىز ئادىلەنىڭ ئالدىغا باردۇق
ئادىلە دۇمبەمگە چىقە دېدىم مەن ئادىلەنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ
ۋايجان ئاكا مەن يە كىچىك قىز بولمىسام دېدى ئۇ تارتىنغان ھالدا
ماۋۇ قىزنى سەن بەك چوڭ بۇلۇپ كەتكەن ئوخشىماسەن چىق دېگەندىن كېيىن چىقمامسەن
ھى،،،،راسلا ئاكا
ھە راس ماقۇل
ئادىلە شۇنداق دېگەچ دۇمبەمگە چىقتتى ،مەن ئۇنى ھاپاشلاپ ئىككى ئىنمىنى ئەگەشتۇرۇپ ئۆيگە كەلدىم
ھەممە ھەدەم ھەم ئۇلارنىڭ  يولداشلىرى باللىرى ،يەنە مۇنۇ ئوماق سىڭلىم لالەنىڭ  يولدشى ،لالە  بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن
ئۇلار مىنىڭ ئۆيگە كېرگىنمنى كۆرۇپلا ئالدىمغا يۈگۈرۇپ كېلىپ دېگىدەك مەن بىلەن كۆرۇشتتى
لالەنىڭ  يولدىشىغا قاراپ ھەيرانلا قالدىم ،ئۇ مىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتكى ئەڭ ناچار ،ئەڭ دۆت ساۋاقدېشىم  ئىدى ،شۇنداقلىقىغا باقماي شۇنداق ھاكاۋۇر ،مەنمەنچى ،داخۇڭگە ئوسال نەرسە ئىدى ،ئۇنى كۆرۇپلا لالەنىڭ تۇگمەس ئازاپقا مۇپتىلا بولغۇننى پەمىلدىم ،شۇندىمۇ چاندۇرماي ئۇنىڭ بىلەن چېرايلىق سالاملىشىپ قۇيۇپلا لالەنى قۇچاقلاپ پىشانىسىگە بىرنى سۈيۇپ قويدۇم ،بايا يۇرتىنىڭ بازىردىن سېتۋالغان سوغا -سالاملارنى ئىگسىنىڭ قوللىرىغا تەكۇزۇپ ئادىلە ئەتكەن پولونى ييېشىكە تۇتۇندۇم ،تاماق شۇنچە ئوخشىغان بولسىمۇ لىكىن لالەنىڭ مىسكىن  ،زەپىرەڭ چېرايىغا قاراپ زەھەر يۇتكەندەك ئىچىم ئېچشىپ تاماقنى يېيەلمەي قېلۋاتاتتىم
ئاكا تامقىم ئوخشىماپتىمۇ دېدى ئادىلە
ياق ئوخشاپتۇ ،سەپەردە چارچاپ قالغان ئوخشايمەن دېدىم ئاغزىمدىكى گۈرۇچنى تەستە يۈتۇپ
ھەدىللىرىم مىنىڭ ئەھۋالىمنى بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىمنى بىر قۇر ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مەمنۇن بولغاندەك ماڭا ئۈمىدتلىك قاراپ باللىرنى ئەگەشتۇرۇپ يولدىشى بىلەن كېتىپ قېلىشتى ،لالەمۇ قايتارشىدا مىنى ئوزاق قۇچاقلاپ يۈركىدىكى ئېغىر دەرتلىرنى ئاغزىدىن چىقىرشقا جۇرئەت قلالمغاندەك ماڭا تەلمۇرۇپ قاراپ يولدىشنىڭ تۇرتۇشى بىلەن قىيمىغان ھالدا ئۆيدىن ئايرىلدى ،مەن ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ قارسى يۇقۇغىچە قاراپ تۇردۇم ،
ئۆيگە قايتىپ كېرىپ ئادىلەنىڭ ماڭا شەھەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەر دېگىنگە قارماي چارچاپ قاپتىمەن دەپلا بۇرنقى ياتاق ئۆيۇمگە كېرىپ تورۇسقا قاراپ ئۈزاقىچە خىيال بىلەن ياتتىم .
ئەتسى مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بولغۇچە ئادىلە ھالۋا قىلىپ نەخلەپ تۇرۇپتۇ ،ئۇنى يەپلا ئىنلىرىم بىلەن بىرگە يەنە ئېتىزغا چىقىپ چۇشكىچە ئىشلارنى تۆگتۇپ بۇلۇپ ،ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق ،ئادىلەمۇ مەكتەپتىن قايتىپ لەغمەنگە تۇتۇش قىلۋاتقان ئىكەن ،
بۇ جىننىڭ چاقانلىقىغا قارا شۇنداق تېزلا تاماقنى ئېتىپ ئالدىمىزغا قۇيۇپ بولدى ،بىز ئۇچمىز تاماقنى يەپ بۇلۇپ ،باققا چىقىپ باغدىكى مىۋېلىك كۆچەتلەردىكى ،قىشتىكى سوغوقتىن پاناھلىنىش ئۇچۇن ئوراپ قويغان ئەسكى چاپانلارنى يېشىپ ،باققا سۇ باشلىدۇق ،
ھەممىز ئۈنسىز باغقا كېرۋاتقان سۇغا قاراپ سۈكۇتكە چۈككەن ئىدۇق ،ھەممىزنىڭ ئويلىرى ھەرخل بولسىمۇ لىكىن ئەس -خيالىمىز پەقەت بىرلا ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ ئاتا -ئانمىزدىن قالغان ماكانمىزنى روناق تاپقۇزۇپ ،ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى  ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرۇشتىلا ئىدى
باغ سۇغا قانغاندا بىز تاقاق ياساپ سۇنى توسۇپ ئۆيگە كېرىپ ئادىلە كەلگىچە تاماق قىلماقچى بولدۇق
ھەي قادىر نىمە تاماق قىلمىز
ھاشىم ئاكا سەن دېگنە نىمە تاماق يېگىڭ بار
مەن بىلمەيمەن ،باقى سەنچۇ نىمە تاماق يەيسەن
ۋايجان ئاكا مەن ئوقمايمەن
ئۇچمىز مەسلھەتلىشىپ شەھەرلىكلەرنىڭ سومىنى ئەتمەكچى بولدۇق ،مەن خېمىر يۇغۇردۇم ،باقى كۆكتات ئاقلدى ،قادىر قورىما قوردى ،ئۇچمىز بىرلىكتە خېمىرنى ئۇششاق قىلىپ قازانغا سالدۇق
ھەي ئۇچ ئەر نىمىش قىلۋاتسىلەر
ئادىلەنىڭ شۇنداق دېيشى بىلەن ئۇچمىز تەڭلا ئادىلەگە قاراپ
ئادىلە قىز جاپا تارتتى شۇڭا ئاكلىرى ئۇنىڭغا تاماق قىلماقچى دېدۇق
ئەركىشمۇ تاماق قىلامدۇ ،ئاشخاندىن چىقىڭلار يەنلا  مەن قىلاي دېدى ئۇ يەڭلىرنى تۇرۇپ
ياق ئادىلە بۈگۇن بىز ئەرلەرنىڭمۇ تاماق قىلايدىغنى ساڭا كۆرستۇپ قۇيايلى سەن چىقىپ كەت دېدى باقى
ئادىلە ئۇچ ئاكسىغا قاراپ مىيقىدا كۈلۇپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى
بىز تاماقلارنى پۇشۇرۇپ ئادىلەنىڭ ئالدىغا قويدۇق
ئۇ ئاغزىغا سېلىپلا
ئى.،،،،،،،،ئوخشاپتۇ دېدى چېرايلىرىنى پۇرۇشتۇرۇپ
ئەلۋەتتە ئوخشايدۇدە دېدى باقى يوغان بىرقۇشۇق تاماقنى ئاغزىغا سېلىپ
ھۆھ،،،،،،،،نىمانداق تۇزلۇق ئۇ شۇنداق دەپلا ئاغزىدىكى ئاشنى يەرگە تۇكۇردى ،ئادىلە قاقاقلاپ كۈلۇپ تۇرۇپ
ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلدۇدە بۇنى مىنىڭ ئۇچ ئاكام ئەتكەن تۇرسا دېدى
بىز بۇ تۇزلۇق ھەم كۈيۇپ كەتكەن تاماقلارنى قويغا تۈكۇپ  بېرىپ ئادىلە قورىغان قۇرمىغا ناننى چېلاپلا يېدۇق ،تامقىز گەرچە ئاددى بولسىمۇ لىكىن شۇنچىلىك كۆڭۇل خۇشى بىلەن يېيىلگەچكىمكىن تۇلمۇ لەزەتلىك بىلنىپ كەتتى ،كەچتىسى تۆتمىز بىرگە شەرتى قەرىت ئوينىدۇق ،مۇنۇ ھاماقەت ئادىلە ھەدېسە ئۇتتۇرۇپ بىز قويغان
ئىككى چىنە سۇ ئىچسەن ،ماڭا چىقىپ قوينى سۈيۇپ كېر دېگەندەك تەلەپلەرنى ئۇرۇنداۋاتاتتى
بىز ئۇنىڭ چېراينى پۇرۇشتۇرۇپ قىلغان قىلىقلىرىغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلەتتۇق
خۇشال كۇنلەر شۇنچە تېز ئۆتۇپ كېتىدىكەن دېسە ئەمدى مىنىڭمۇ قايتىدىغان ۋاختىم بۇلۇپ قالغان ئىدى ،خۇشال كۇلكىلەر ئىچىدە مەن ئەتسى ھەدىلىرىم ھەم ئۇكلۇرۇم بىلەن خوشلۇشۇپ شەھەرگە قاراپ ئاتلاندىم ،مىنى ئۇزاتقىلى لالە كەلمىگەچكە كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم ئىدى ،
ناۋايخانغا كەلسەم مەخمۇتمۇ كېلىپ بولغان ئىكەن ،بۇ ناۋاي ئۇستام مەخمۇت ئىككىمزنى ئۆزنىڭ ئۆينىڭ يېندىكى ناۋايخانغا شاگىرتىلىقا ئەكەلدى ،
ھەي بۇ تۇقۇنۇڭنىڭ قانچە ناۋايخانسى بار دەپ سوردۇم مەخمۇتتىن
بەش ،،،بەشقۇ دەيمەن ،زەنجىرسىمان بەش ناۋايخانسى بار ئىكەن ،
ئىككىمىز ئۇنىڭ مەھەلىسدىكى تۆت كوچىغا جايلاشقان ناۋايخانغا كەلدۇق ،بۇ مەھەللە شۇنداق ئاۋات ئىدىكى،ساتىراشتىن تارتىپ ،موزدۇز ،لەڭپۇڭچى ،كاۋاپچى ،قاساپ ،كۆمۇرچىى  ،،ئۇن ،ماي ،كۆكتاتچى ،ئىشقلىپ لازىم بولغانلىكى نەرسىگە ئاسانلا ئېرىشكلى بۇلاتتى ،دەسلەپ كېلىپلا بۇ مەھەللنىڭ كىچىك جەميەتنىڭ بىر كارتىنىسىدەك ھىس قىلغان ئىدىم ،مەن بۇ ناۋايخانغا شاگىرىت بۇلۇپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ مەھەلدىكىلەرنى بەش قولدەك بىلىپ كەتتىم  ،ماۋۇ بىزنىڭ خۇجايىنىڭ ئايالىمۇ بوش چوكان ئەمەس ئىدى ،كۇندە مەھەلدىكى بىكارچى خوتۇنلارنى ئەتراپىغا يېغىپ غەيۋەت قىلاتتى ،غەيۋەت ئىگسى  كېلىپ قېلىپ تۇلا بۇ خوتۇنلار چاچلىشىپ كېتەتتى ،ئەتسى يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك سالاملىشىپ يەنە ئادەتتىكى غەيۋەت سورۇننى باشلايتتى ،
بىزنىڭ ناۋايخاننىڭ ئودۇلدا بىر موماينىڭ قەنىت ،تاماكۇ ،تۇرلۇك ماللار ماگزىنى بار ئىدى ،بۇ موماي ھاجىم بولغاچقا ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشمايتتى ،لىكىن بۇ موماينىڭ ئەردىن ئاجىراشقان قىز كۆپرەك غەيۋەتچىلەر قۇشۇننىڭ سەركىسى بولاتتى ،ئۇ موماينىڭ ئۆينىڭ يېندا بىر ھەشەمەتلىك قورو بار بۇلۇپ بۇ قورۇغا دائىم ماشنلىق ئىسىل زادىلەر كىرىپ -چىقىپ ئايغى ئۆزۇلمەيتتى ،قارماققا بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممسى خىزمەتچىدەك قىلاتتى ،شۇڭا بۇ ئۆيدىكى ئايال خۇجاي كۆپۇنچە غەيۋەت تىمىسى بۇلاتتى ،لىكىن ئۇ ئايال بۇ سورۇنغا قەدەم باسقىدەك بولسا ھەممە ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ ،ئۇنىڭ لاپچايغان سېمىز بەدىندىكى يارشىمسىز كېيىملىرنى ئاغزى -ئاغزىغا كەلمەي ماختايتتى ،بۇ ئايالمۇ مۇشۇ ماختىنىشنى ئاڭلاش ئۇچۇنلا بۇ سورۇنغا كەلگەندەك ،
پىستانى كۇنى تۇركىيەدىن مانداق كۆينەك ئەكەلدۇردۇم دېسە ،پۇكۇنى كۇنى ئۈرۇمچىدىكى چېيىمغا بارغاندا مۇنداق ئالتۇن -جابدۇق ئەكەلدىم دەپ ماختىناتتى ،
ئۇ باي خۇتۇننىڭ ئۆينىڭ ئۇدۇلدا يەنە بىر باشىلىقنىڭ ئۆيى بار ئىدى ،لىكىن بۇ باشلقنىڭ باشلىقلىق ئىسكەتتى يوق ،كىلەگە ئوخشاش خوتۇن -خەقنىڭ غەيۋېىتى سورىندىن كەتمىگەچكە ھەممە بۇ كىشنى كېلە جىڭلى دەپ ئاتايتتى ،ئۇنىڭ ئايالى شۇنچىلىك ۋىجىل مۇئەللىمە ئىدى ،لىكىن بۇ ئوغرى بىكار تۇرماي بۇ مەزلۇمەنى ئۇرۇپ ئارام بەرمەيتتى ،بۇ كېلە جىڭلىنىڭ ئۆينىڭ يېندە يەنە بىر قورو بار ئىدى ،بۇ مۇشۇ مەھەلدە قاساپلىق ھەم كاۋاپچىلىق قىلدىغان ئادەمنىڭ ئۆيى ئىدى  ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئۇچ قىز بار بۇلۇپ  ،ئۇچ قىز سەل تاپتىن چىقان بولغاچ ئوغلى كۇندە كەچ مەس كېلىپ ئاپسى بىلەن قۇشۇپ بۇ تۆت مىكايننى مەھەلنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قوغلاپ ئۇلارغا ئارام بەرمەيتتى ،ئۇنىڭ مەستلىكى يېشىلگەندە تۇنۇر بېشىغا چىقىپ ئىسىق نان يەپ ئولتۇرغاچ
ھەي ئاللاھ نىمىشقا مۇشۇ خوتۇن -خەقنى ياراتقان بولغۇيتتى ،ھامان بىركۇنى ماۋۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى ئۇچ مىكياننىڭ دۇرۇس يولدا ماڭمىغنىڭغا تويغۇزۇپ بوغۇزلۋېتىمەن دەيتتى ،
ھەي  تۇرمۇش كارتىنسى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ مەھەللە ھەم شاتلىق ھەم قايغۇ بىلەن بىر بىر تۇقان ئىدى ،ھاۋا ياخشى كۇنلرى بۇ مەھەلدىكى ئەرلەر ھېلقى ماگزىنچى ھاجىم موماينىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قەرىت ئوينايتتى ،ئاياللار بولسا توپچەك بۇلۇپ ئولتۇرۇپ جاھاندىكى ئىشلاردىن باشلاپ ھەممە يەر پاراڭلىرنى سېتشىپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى جىدەل بىلەن ئۆيلىرىگە تارقايتتى ،
مانا ھەشپەش دېگىچە ياز كېرىپ پىژغىرىم ئىسىق كۇنلەر باشلاندى،ئاخشاملىرى ناماز شامدىن كېىيىن ھاۋا سەل سەگىپ مەيىن شامال ئادەمنىڭ يۈزگە يارنىڭ سۈيۇشلىرنى ئېلىپ كەلگەندەك ھۇزۇر بېغىشلايتتى ،
مانا بۈگنمۇ مەھەلدىكى ئەرلەر قارىت ئويناشقا چۇشتتى ،ئاياللار بولسا بىزنىڭ تۇنۇرنىڭ ئالدىدىغا قۇيۇلغا كىچىك كارۋاتقا كېلىپ غەيۋەت تېمىسنى باشلىدى ،ھېلقى باي خوتۇنڭ بۈگۇن كەيپىياتتى ياخشىمۇ قانداق باشلىق سۈپەت يوغان قورساق يولدىشنى قولتۇقلاپ ناۋايخانا ئالدىدا پەيدا بولدى
يولدىشى قارماققا شۇنداق ياۋاش كۆرنەتتى ،ئۇ بىز بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەرلەر توپىغا قاراپ ماڭدى ،مۇنۇ ئايال بولسا كارۋاتتكى ئاياللارنى قوزغاپ سورۇننىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىپ ئولتۇردى
ھە دىلنۇر ھەدە قىزىڭىز مۇھاببەتتىن خەۋەر بارمۇ دەپ سوردى بىزنىڭ خۇجايىن ئايال
ھە كۇندە تېلغۇندا بىر كۆرشىمىز ،ئۆگنىشمۇ شۇنداق ياخشىكەن ،تەتلدە ئۆيگە قايتىمەن دەيدۇ ،ئىككى -ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن كېلىپ قالارمىكىن دېدى ئۇ
ھەراس دىلنۇر ھەدە ئاڭلىسام ئوغلىڭىز قايسى بىر ئىدارىگە باشلىق بوپتۇ دەيدىغۇ دېدى ھېلقى موماينىڭ تۇل قىز پاتىمە
ھەئە ،سۇ ئىدارسنىڭ باشلىقى بولدى ،
ئوغلىڭىزنىڭ راس ئىككى ئايالى بارمۇ دەپ سوردى تۇيۇقسىز بىزنىڭ خۇجاينىڭ ئايال
بۇنى بىلمەيمەن ،بولسا نېمە بوپتۇ ،ئوغلۇمنىڭ باقۇچىلكى بولغاندىن كېيىن قانچىنى ئالسە مەيلغۇ
ئەمسە كۇيئوغلىڭىزمۇ نەچچە خوتۇن ئالسا مەيلمۇ
نېمە ؟خىڭ ئۇنىڭ ھەدىمۇ ،ماۋۇ بىزنىڭ جەمەت ئاياللار ئەرگە تەگمەيمىز ،ئەر ئالمىز ،ماۋۇ بىزنىڭ ئادەمنىمۇ سىڭلىم  ئايشەم بۇگۇنكى ئۇرۇنغا ئۇرۇنلاشتۇرغان بولمىسا نەلەردە پىت بىېقىپ يۇرەتىكىن تاڭ ،ئايشەمزە دېدى ئۇ تامقلىرىنى چاكشىتىپ تۇرۇپ ئوغۇل بالدەك ئايال جۇمۇ ،دەپ ئايشەمنى ماختاشقا چۇشۈپ كەتتى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ئاكا ئايشەم دېگەن كىم دەپ سوردۇم بۇ يەرگە بىزدىن بۇرۇن كېلىپ ھازىر بىزگە ئۇستاز بۇلۇپ نان يېقىش ،خېمىر يوغرۇشنى ئۆگتىۋاتقان قاسىمكامغا
كىم بۇلاتتى ،مۇشۇ  دىلنۇرخاننىڭ ئىچكىرچى سىڭلىسى ،ئايشەم گۇڭجۇ دەپ مۇشۇ يۇرتىكى ئوغرى يانجۇقچىنىڭ باشلقى ،بەك يۇزسىز ،قارام ،ئەسكى خوتۇن ،كىم ئۇنىڭ بىلەن ئۆچلىشىپ قالسا باللىرىنى  ئىچكىرگە ئاپىرىپ  سېتۋېتىدۇ ،
ئاڭلاشلارغا قارغاندا ماۋۇ كونا شەھەرگە مەسھۇل ساقچىخاننىڭ باشلىقىمۇ ،ئۇ ئايشەم گۇڭجۇنىڭ نەچچە شوركىسنى ئوغىرلۇق قىلۋاتقاندا تۇتۋېلىپ ،ئايشەم ئارغا چۇشۇپ سوغا -سالاملار بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزۋېلىش ئۇچۇن ئۇ كىشنىڭ ئۆيگە بېرپتىمىش ،ئۇ كىش بەك دىيانەتلىك بولغاچقا بۇ ئايشەمگە پەرۋا قىلماي ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن  بۇ ئىش ئايشەمگە ئېغىر كېلىپ ئۇ ساقچى باشلىقىنىڭ ئوغلىنى ئىچكىرگە ئالداپ ئەپچىقىپ ،تەربىيلەپ ئوغۇرلىققا ساپتۇدەك ،ئىشقىلىپ بۇ ئايالىنىڭ قەبلىكىدە گەپ يوق ،"ئەسكىدىن جىنمۇ قورقۇدۇ"دەپ بۇ يۇرتىكى ھەممە ئۇنىڭدىن قورقۇدۇ ،ھەي بۇنداق كىشلەرگە ئاللاھ تەڭ كەلمىسە دېدى قاسىمكام پەس ئاۋازدا
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھېلقى ئاپام ئاغرىپ قالغاندا مىنى ئۇرغان  ئاقپىشماق ياسانچۇق چوكاننى ئىسىمگە ئېلىپ شۇركۇنۇپ كەتتىم
مىنىڭ قىزىم مۇھاببەت دېگەن شۇنداق ياخشى قىز بولدى ،قەلبىدە بەك كۆپ ئارزۇلار بار ئىكەن ،ئاللاھ خالىسا ئۇنى چەتئەلدە ئوقتۇپ ئالىم قىلمەن ،دىلنازخان غەمسىز قىزى مۇھاببەتنى ماختاۋاتاتتى
خىڭ دېدى مېنىڭ ھېلقى بۇرادىرىم مەخمۇت "ئالا ئېنەكنىڭ بالسى چالا قۇيرۇق "دەپ بۇ خۇتۇننىڭ، ھېلقى ۋەھشى ئالۋاستىنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئۇ قىزمۇ تايىنلىق دېدى
ھەي توۋا دەپ بۇ كىشلەرگە ھەيران قالدىم ،
ئوزاق ئۆتمەي مۇھاببەت راستىلا تەتىل قىلىپ يۇرتىغا كەلدى ،ئۇ قايتىپ كەلگەن كۇنى ئاپسى تىتىت بۇلۇپ يەنە بىزنىڭ ناۋايخاننىڭ يېندىكى كارۋاتقا چىقىپ ئۇنى ساقلاپ تۇرۋاتاتتى ،ھېلقى سايىم باشلىق ئېسىل ماشىنسى بىلەن مۇھاببەتنى ئېلىپ كەلدى ،مۇھاببەت ماشىندىن چۇشۇپلا ئاپسى قېشىغا يۇرگرەپ كېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا گېرە سېلىپ ئۇنىڭغا يەتتە ياشلىق سەبئىي قىزلاردەك ئەركىلەپ سۈيەتتى ،ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ تۇيۇقسىز ئىككى ئوماق سىڭلىم خىيالىمغا كەلدى ،ئۇلار كىچىك تۇرۇپلا ئاتا -ئانا مىھرىدىن مەھرۇم قالغاننى ئاز دەپ چوڭ بىر ئۆينى زىمىسىگە ئېلىپ شۇ ئۆينىڭ تۇگمەس ئىشلىرىگە بەنىت بۇلۇپ يۇرمەكتە ئىدى
ئۇھ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،دەپ ئېغىر خۇرسۇنۇپ مۇھاببەتكە دېققەت قىلىدىم
ھازىرقى بوۋايلار ئاق چاچلىرنى يۇشۇرۇش ئۇچۇن قاردا بۇياپ يۇرگەن بولسا بۇ قىز قېرماي تۇرۇپ ئاق ئارلاش رەڭدە چاچلىرنىڭ ئۆيەر -بۇيەرلىرنى بۇياپ ،مۇرىسىگە  كېلدىغان بۇدىرە چاچلىرنى قۇيۋەتكەن ،ئۇستى تەرپىگە يېڭى يوق قىزىل رەڭ مايكا ،ئاستا تەرپىگە بولسا تىزغا كېلدىغان ئىشتان بىلەن ئۇزۇن قونجۇلۇق ئۆتۇك كەيگەن ئۇنىڭ بۇ ياسنىشىغا قاراپ ئۇنىڭ قايسى مىللەتنىڭ قىزلىقىنى پەرىق قىلالمايتتىم
"قىشتا قالپاق ،يازدا ئولپاق"دېگەن شۇدە دېدى مەخمۇت قېشىمغا كېلىپ ،
ھى،،،،،ھى،،،،ئىككىمىز تەڭلا كۇلشۇپ كەتتۇق ،ئۇ قىز ئاپسى بىلەن كۆرشۇپ بۇلۇپ ،بىزنىڭ خۇجايىنىڭ ئايالى ،ھېلقى ھاجىم مۇمايلارنىڭ قىز بىلەن سالاملىشىپ بۇلۇپ بىز تەرەپكە قاراپ بىزگىمۇ بېشنى ئىگىپ سالام قىلدى
مەخمۇت ئىككىمىز تۇرۇپ قالدۇق ، مەدىنىي ياسانغان بۇ قىزنىڭ بىزگە سالام قىلشىنى بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق ،ئۇنى دەسلەپ كۆرگەندىكى باھايىم 0 نۇمۇر بولغان بولسىمۇ  ئۇنىڭ بىزگە سالام قىلشىدىن ئۇنى خېلى تەربىيە كۆرگەندەك ھىس قىلىپ باھايمىنى  50 نۇمۇرغا ئۆستۇرگەن  ئىدىم ،
مۇھاببەت ئۆيگە قايتتىپ كەلگەندىن بېرى زادىلا سېرىتلارغا چىقمايتتى ،ماۋۇ كىلە جىڭلىنىڭ بىر ئوغۇل بىر قىزى بۇلۇپ قىز تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ،ماۋۇ ئوغلى فەرۇق بولسا مۇھاببەت بىلەن بىرگە مەركىز شەھەردە ئوقۇيتتى ،بۇ فەرۇق تەتل قىلغان كۇننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ كۇندە بىزنىڭ تۇنۇر بېشىغا چىقۋېلىپ بىزنىڭ بىكار ۋاقتىمىزدا توختىماي بىزگە مۇھاببەتنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرەتتى
چېرايىلىق كاساپەت جۇمۇ بۇ تۆت يىل بولدى مەن پىيگە چۇشكىلى  ،قاراپمۇ قويمايدۇ دەيتتى ئۇ ئۇھسىنىپ
ھەي بۇرادەر ،بۇ قىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى شۇنداق يامان ئىكەن بۇ قىزدىن قورقماي قوغلاشتىڭما دېدى مەخمۇت
ھەي چۇشەنمەيسەندە ئۇنى ،ئۇ ئۆيدىكى بىر توپ ھاكاۋۇر مىكيانلارغا پەقەت ئوخشىمايدۇ ،ئۆزى شۇنداق ئاقكۆڭۇل ،ناھەقچىلىككە قەتئىي چىداپ تۇرالمايدۇ ،ئاپسى ھەدىىسى ھەم ھېلقى ئىچكىرچى ھامىسىغا شۇنداق ئۆچ بۇ ،پەقەتلا  سېرىتلارغا بىرگە چىقمايدۇ ،بەزى تېخى ئاپسىغا ئىسىت سېنىڭ قىزىڭ بۇلۇپ قالغۇچە ئاۋۇ قەلەندەرنىڭ قىزى بولسامچۇ دەپ كايىدۇ
نىمىشقا دەپ سوردۇم بۇ ئەتىۋارلىق قىزغا ھەيران قىلىپ
ۋاي ئاداش نىمىشقا بۇلاتتى ،بۇ قىز ھامىسنىڭ بارلىق ئەسكىلكلىرنى ئوبدان بىلدۇ ،ئاپسى ھامىسغا يان تاياق بۇلۇپ تۇردۇ ،ئاۋۇ ھەدىسى مۇخەممەس  ئاپسنىڭ دىبىنگە ئوخشاش ،ئاپسىنىڭ ھەممە يېرنى ئۆز ئەينى دورىغان ،ئاكسى  مۇناجاتقۇ  بولدى ،ھامىسىنىڭ چاپىندا تەرلەپ ،قىمارخانلاردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتسە چىدىماسلىق قىلىپ ئۇرشۇپ ،تاياق يېسە ھامىسنىڭ شوركىلىرنى ئولتۇرغا چۇشۇرۇپ قۇيۇپ ،قايسى قىز چېرايىلق كۆرۇنسە شۇنىڭغا ئەدەبسىزلىك قىلغاننى ئاز دەپ نىېشە ،ئاقلارنى چىكىپ ،نەچچە يەردە نەچچە خۇتۇننى بېقىپ يۇرۋاتدۇ ،ماۋۇ دادسى بىر سايماخۇن ،دىلنازخاندىن قورقۇپ ھىچ ئىش قىلالمايدۇ ،شۇڭا مۇھاببەت ئائىلسىدىكلەردىن نۇمۇس قىلدۇ ،تولۇق ئوتتۇرنى پۇتتۇرگەندە ئاپسى ئۇنى ئۆزنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ دوختۇر قىلمەن دېگەن ،لكىن مۇھاببەت زادىلا ئۇنمىاي پىداگوگىكا مەكتىۋىگە كىردى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا تارتىشىپ شۇ مەكتەپكە باردىم ،ئۇنىڭدىن
نۇرغۇن قىزلارنىڭ تىبى ئونۋېرسىتدا ئوقۇش ئارزۇسى بار تۇرۇپمۇ ،ئىختىسات ھەم باشقا تەرەپلەردىن قىيلىنىپ ئوقيالمايدۇ ،سەندە بىلىممۇ پۇلمۇ تۇرۇپ نىمىشقا ئوقۇغۇىلى  ئۇنمايسەن دېسەم ئۇ غەمكىن كۆزلىرنى ماڭا تېكىپ
دوختۇر بولسام پەقەت كىشلەرنىڭ تاشقى زەخمىسنى داۋالاپ ساقايتىدىكەنمەن ،لىكىن مۇئەللىم بولسام نۇرغۇن سەبى قەلىبلەرنى ئەتراپىلىق تەربىيلەپ ،ئۇلارنىڭ گۇدەك قەلبىگە مەرىپەت ئۇرۇقلىرنى چېچىپ ،ئۇلارنى ياراملىق ئەۋلات قىلىپ تەربىيلىسەك جەميەتتىكى ھامامدەكلەرنى سۇپۇرۇپ تاشلىسا ئەجەپ ئەمەس دېدى
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخمۇ تېشىپ ئۇنى بار كۇچۇم بىلەن قوغلاشتىم ،ئەپسۇس  ئۇ يەنلا ماڭا قاراپ قويمىدى ،مۇنداق قارسام ئۇ بايلارغا ئۆچتەك قىلدۇ دېدى فەرۇق نۇرسىز كۆزلىرىنى بىزگە تېكىنچە ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى ،
بۇرۇن بۇ قىزنىڭ ئىسمى ،چېرايى ،كىيۋالغان كېيىملىرى ماڭا شۇنداق چاكنا ،تۇتۇرقسىز تۇيغۇ بەرگەن بولسا ،كۇندە فەرۇقنىڭ ئۇ تۇغۇرلۇق قىلغان سۆزلىرنى ئاڭلاپ ئۇ قىزغا ئۆزۇممۇ بىلمىگەن ئاساستا تەلپۇنۇپ قالاتتىم ،ئۇ قىز ئىككى -ئۇچ كۇندە بىر مەھەلىگە چىقىپ ھېلقى غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ قاپ ئولتۇرسىغا كېلىپ يان كومپويوتىرى ئېچىپ ئولتۇرۇپ دۇنيادىكى ھەممە يېڭلىقلارنى ئۇلارغا يەتكۆزەتتى ،ھېلقى كۇندە غەيۋەت قىلىپ تۇتلۇپ جىدەل -ماجىرا قىلشىدىغان خوتۇنلار مۇھاببەتنىڭ بۇ يېڭلىقلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلاپ بىردەم بولسىمۇ غەيۋەتتىن يېراق بۇلاتتى ،مەن بۇنداق چاغلاردا ئىختىيارسىز مۇھاببەتكە قاراپ ئۇزاقىچە قاراپ قالاتتىم ،
مانا خۇشال كۇنلەر خۇددى بىر كۇندەك ناھايتتى تىزلا ئاخىرلاشتتى ،مۇھاببەتنىڭ تەتلىمۇ تۇشۇپ فەرۇق بىلەن مەكتىۋېىگە قايتتى ،ئۇ ئىككىسى كەتكەندىن كېيىن ئەزەلدىن غەمكىن يۇردىغان مەن ،تېخمۇ چۇشكۇن بۇلۇپ كەتتىم ،مەخمۇت بۇنىڭ سەۋەبىنى سېزىپ قالغاندەك پات -پات مۇھاببەت ،،،،،،مۇھاببەت دەپ ناخشا ئېيتىپ قۇياتتى ،
بۇ ناۋايخانغا كەلگىلى بىر يېلدىن ئېشىپ ،مەنمۇ مەخمۇتمۇ خېلى ئىشلارغا يارايدىغان ،مۇستەقىل مەشخۇلات قىلالايدىغان ھالەتكە يېتىپ قالدۇق ،ھېلقى بىزنىڭ ئۇستازىم قاسىممۇ ئۆزى ئايرىم ناۋايخانا ئايرىپ چىقىپ كەتتى ،مەن بىلەن مەخمۇت مۇنۇ مەھەلىدىكى كىشلەرنىڭ نېنى بىر قولۇق ياقتۇق ،خۇجايىنمۇ بىزنىڭ بۇ ئىشمىزدىن مەمنۇن بولغاندەك بىزگە ھەر ئايدا بەش يۇز سوم مۇئاش توختۇپ بەردى ،ھەدە -سېڭلىرممۇ پات -پات مىنىڭ بۇ ئىش ئورنۇمغا كېلىپ كېتىپ تۇردىغان ،مەنمۇ ئىككى -ئۇچ ئايدا بىرەر قېتىم يۇرتقا بېرىپ ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ كېلدىغان بولدۇم ،ھەر قېتىم بارغاندا ھەدىلىرمدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئېرى بالىرىغا نۇرغۇن سوغا -سالاملارنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرنى ئېلىپ باراتتىم ،ئىككى ئىنىم بىلەن سىڭىلم ئادىلەمۇ خېلى چوڭ بۇلۇپ كارغا كېلدىغان ،ئىش ئوقۇپ ئاتا -ئانامنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرمايدىغان بولغان ئىدى ،ھەممدىن سەل خاتىرجەم بولغان بولساممۇ لىكىن چوڭ سىڭلىم لالەدىن پەقەت خاتىرجەم بۇلالمايۋاتاتتىم ،ھەر قېتىم بارغاندا ئۇنىڭ سۇلغۇن ،مەيۇس چېرايدىن باشقىنى كۆرمەيتتىم ،بەزى تېخى يۈز -كۆزلىرى كۆك ھالەتتە ئۆيگە كېلەتتى ،ئۇنىڭدىن نېمە بولدۇڭ دېسەم ئۇ
شۇ كېچىدە قۇپۇپ ،قاراڭغۇدا كۆرمەي ئىشككە ئۇسۋلدىم دەپلا جاۋاب بېرەتتى ،
ھەي دەيتتىم دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ
كۇنلرىم بىر لالەدىن ئەنسىرەش بىلەن ئۆتۇپ كېتۋاتاتتى ،مۇھاببەتمۇ ھېلقى يازدا يۇرتقا بىر كېلىپ كەتكەنچە يۇرتقا ئىككىنجى دەسىمدى ،مەخمۇتمۇ يۇرتىغا قايتتىپ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ناۋايخانا ئاچقان ئىدى ،مەن بۇ ناۋايخانغا كەلگىلى تۆت يىلچە بولغاچقا خۇجايىن مائاشىمنى 1200 سومغا ئۆستۇرۇپ ،يەنە ئىككى شاگىرت تۇتۇپ بەردى ،بۇ سېرىلىق مەھەلدىكىلەر بىلەنمۇ قېرىنداشلار بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم ،ھېلقى كۇندە مىكيان قوغلاپ جىدەل چىقىردىغان كاۋاپچىنىڭ ئوغلۇمۇ بۇ يۇرتىنى تاشلاپ سەرگەردار بۇلۇپ كېتكەننى ئاز دەپ ،مۇنۇ غەيۋەتچى خوتۇنلار ياشقا چوڭيۇپ نەۋرە بېقىپ مەھەلىگىمۇ كۆپ چىقماس بولدى ،شۇنىڭ بىلەن جىدەل قۇرمايدىغان بۇ مەھەللە ئادەم زېرىكىدەك جىمىپ كۇندە بىرخل رېتىمدا ئۆتمەكتە ئىدى ،مانا مەنمۇ مانا 22 ياشلىق قىران يېگىت بۇلۇپ قالغان ئىدىم ،دائىم ساقلىمنى ئالغاچ ئەينەكتىكى ،بۇدىرە چاچ ،قاپقارا قوي كۆز ،قامەتلىك گەۋدە سىماسىنى كۆرۇپ ئۆزۇمگە  ھەۋەس بىلەن قاراپ كېتەتتىم ،لىكىن مۇھاببەتنى ئويلاپ لەسىدە بۇلۇپ كۆڭلۇم يېرىم بۇلاتتى ،
بەزى كۇنلىرى ئۆز -ئۆزۇمگە توۋا دەپمۇ قالاتتىم ،نىمگە دېمەمسىز
شۇ ئاشىقسىز -مەشۇق بۇلۇپ قۇرۇق ئۆستەڭگە مۇراپ بۇلۇپ يۇرگىنگە ھەيران ئىدىم ،ھەر قېتىم يۇرتقا بارغىنمدا ھەدىلىرىم ،خوتۇن ئالمامسەن دەپ ماڭا ئۇنىڭ بۇنىڭ قىزلىرنى سايە قىلشاتتى ،لىكىن مىنىڭ بۇ يۇركۇم شۇ بىر مۇھاببەتكىلا تەلپۇندىغاندەك بىلنەتتى ،
مۇھاببەتمۇ ئوقۇش پۇتتۇرۇپ يۇرتقا قايتتىپ كېلىپلا ناھيمىزنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۇشتتى ،ئۇنىڭ بۇ قېتىم كېيىپ كەلگەن كىيملىردىن تارتىپ چاچ -پاسۇنى ،گەپ -سۆزلىرى ئاسمان زېمىن ئۆزگەرگەن ،شۇنداق لاتاپەتلىك قىز بولغان ئىدى   
بىركۇنى ئەتگەندە ئۇ نان ئالغىلى بىزنىڭ ناۋايخانغا كەلدى
خۇجايىم ئايال ھەم مەن بىلەن چېرايلى سالاملىشىپ تۇرشىغا خۇجايىن ئايال
مۇھاببەت ئاڭلىسام سىزنى شەھەردىكى مەكتۋېڭىزدە ئېلىپ قالاي دېسە ئۇنماي قايتىپ كەپسىز ھە دەپ سوردى
شۇنداقمۇ دېگەن ھەدە ،لىكىن ئۇ شەھەردە پەقەت تۇرۇغۇم كەلمدى
نىمشقا؟ سىز 14 يېشىڭىزدىن باشلاپ شۇ شەھەردە  ئوقۇدىڭىزغۇ ،كۆنەلمىدىڭزما
ياق ،كېيىنلىكىنى ئويلاپ قايتتىپ كەلدىم ،دادام ئاپامغۇ قېرلىق يېتىپتۇ ،ھېلمۇ ئۇ شەھەردە سەككىز يىل ياشاپتىمەن ،ئاتا -ئانامدىنمۇ كىچىك تۇرۇپ ئايرىلىپ ئۇلارنىڭ مىھرىگە تۇزۇك قانماپتىمەن ،شۇڭا ئۇلارغا ئۈمرىنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ باللىق ۋاپادارلىقمنى يەتكۆزەي دېدىم ،كىشنىڭ يۇرتىدا خەقنىڭ باللىرنى تەربىيلىگەندىن كۆرە ئۆز يۇرتۇمدا بىر دەرياننىڭ سۈينى ئىچىپ چوڭ بولغان قېرىنداشلىرىمنىڭ باللىرنى تەربىيلەشنى لايىق تاپتتىم
مۇھاببەتكە تېخمۇ قايىل بولدۇم ،ھەي بۇنداق قىزلار ھەققەتەن ئاز ئۇچرايتتى ،ئۇنىڭ بۇ ئىنسابىنى كۆرۇپ خۇددى ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتكەندەك خۇشال بۇلۇپ كەتتىم ،
مۇھاببەتنىڭ خىزمەتكە بېرىپ -كېلىش جەرياندا ئۇنىڭغا تەپسىلى سەپ سالاتتىم ،ئۇنى تېخمۇ بەك ياخشى كۆرۇپ قېلۋاتاتتىم
بۇگۇن ھاۋا شۇنداق ياخشى بولغاچ سەھەردىلا نانلارنى يېقىپ بۇلۇپ يۇركۇم ئاغقاندەك بۇلۇپ ھېلقى ھاجىم مۇماينىڭ ماگزىنغا كېرىپ ئاممىۋى تېلغۇندىن يۇرتىكى خۇشنىمىزغا تېلغۇن قىلىپ باقىنى چاقىرىپ قۇيۇشنى ئۆتۇندۇم
ھە سىز كىم  دەپ سوردى تېلغۇننى قۇبۇل قىلغان قارشى تەرەپ
مەن ھاشىم ؟
ھە ھاشىمۇسەن بالام ئۆيىڭدە چوڭ ئىش چىقتى چاقان قايتىپ كەل دېدى بوغۇق ئاۋاز بىرسرى ،ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ خوشنىمىز ئەستۇلا ئاكام ئىكەنلكى ئىنىق ئىدى ،
ئەستۇلا ئاكامۇسىز ؟دەڭە ئاكا ئۆيدە نىمىش چىقتتى ؟دەپ سوردۇم جىددىي تەلەپپۇزدا

بالام ماۋۇ سىڭلىڭ لالەگە قازا كەپتۇ تىز ئۆيگە قايتىپ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۋال
ئەستۇلا ئاكىنىڭ شۇ سۆزنى ئاڭلاپلا مېڭەم پىرىدە قېيىپ يەردىلا ئولتۇرۇپ قالدىم
قۇلۇمدىن چۇشكەن تېلغۇن تۇرۇپكىسى بۇ موماينى قورقۇتۋەتكەن بولسا كېرەك ،ماگزىنغا تېزۋاتقان نەرسىلەرنى تاشلاپ مەن تەرەپكە بۇرلۇپ مىنىڭ يەردە ئولتۇرۇپ قالغنىمنى كۆرۇپ
نىمىش بوپتۇ بالام تېز ئورنىڭىزدىن تورۇڭ ،تېز تورۇڭ
ماگزىنچى موماينىڭ يۈلەپ تۇرغۇزشى بىلەن سەل ئېسىمنى يېغىپ يۈگۇرگەن پېتى تېخى تۇنگۇن ئالغان مائاشىمنى ئېلىپلا بىكەتكە قاراپ چاپتتىم ،يولدا ماڭغاچ سىڭلىم لالەنىڭ مىھرىلىك چېھرى كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ مىنى زادىلا ئارامىمدا قويمايتتى ،سېنى چۇقۇم ئۆلتۇرۋېتىمەن ،
تۇيۇقسىز كاللامغا شۇ خىيال كېلۋالدى ،چۇقۇم شۇ ئىپلاس ،چۇقۇم شۇ لالەنىڭ ئۆلمى بىلەن
مۇناسىۋەتلىك ،
بىكەتكە كېلىپ بېلەت سېتۋېلىپلا ماشىنا قوزغالغىچە بىكەت مەيدانىدا تېگى يوق خېياللار بىلەن بەنىت بولدۇم
ھۇ يۇز قېلىن ئوغىرى ،نۇمۇس قىلماي كۇپكۇندۇزدە بىراۋنىڭ يانچۇقىنى ئاقتۇرۋاتسىنا
سىنىڭ نىمە كارىڭ ؟
نېمە كارىڭ بۇ دېگەن مىنىڭ دوستۇم تۇرسا
ھۇ  پاسكىنا ئىشىڭنى قىل
خىيالدىن ئۈزۇمنى تارتىپ مىنىڭ يېنىمدىلا بۇلۋاتقان بۇ دەر-تالاشقا قۇلاق سالدىم ،
توۋا مۇھاببەت  لۈكچەك چېراي ،چىڭلوڭ تو چاچ قويغان بىرسى بىلەن زۇكىرلىشۋاتاتتى ،
مۇھاببەت نىمىش بولدى دەپ سوردۇم مۇھاببەت ئالدىغا بېرىپ ،مۇھاببەتنىڭ ماڭا تېكىلىپ قارشى بىلەن يۇركۇمگە ئوقيا تەككەندەك جىغىدە قىلىپ كەتتى
قاراڭ خوشنام
ئۇ تۇمشۇقىنى ئۇشلاپ شۇنداق دېگەندە ئەزەلدىن سالام قىلىپ گەپلىشىپ باقىمغان خىيالىمدىكى بۇ ئاشىقىم ماڭا شۇنچىىك يېقىمىلىق ھەم سۈيۇملۈك تۇيلۇپ كەتتى ،
بۇ يانجۇقچى تەپ -تارتماي سىزنىڭ يانجۇقىڭىزدىكى پۇلڭىزغا قارا ساناۋاتدۇ ،
نېمە ؟مەن دەرھاللا يانچۇقمنى ئاختۇردۇم ،بايا مەن ناۋايخاندىن ئېلۋالغان مۇئاشىم ھىچ يەردە كۆرۇنمەيۋاتاتتى
راس مۇشۇ ئالدىمۇ دەپ سوردۇم
ھەئە
ماڭە نەدە مەن ئالدىم .
سىڭلىمنىڭ ئۈلمى يۇركۇمنى لەختە قىلغان بولسا ئەمدى بۇ لۇكچەكنىڭ مەن سۈيگەن قىزغا تىل سالغىنى يۇركۇمنى پىچاق بىلەن تېلغاندەك ئاغرىتۋاتاتتى
ھۇ ئاناڭنى ،مەن شۇنداق دەپلا ھېلقى يانجۇقچىنىڭ ياقسىنى تۇتۇپ ئۇنى نەچچە مۇش سالدىم
ئۇڭغىچە مۇنۇ يانجۇقچى بىلەن بىرگە بازار ئوينايدىغان ،شوركىلار بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا يۇپۇرلۇپ كېلىپ .مەن ھەم مۇھاببەتنى قورشۋالدى ،ھەي مانا مۇھاببەت ئىككىمىزنى ئۇرۇپ چەيلۋېتىدىغان بولدىدە ،
خوپ بولدى ھاشىم ئاستا قىسىپ سىڭلىڭنىڭ ئۈلمىگە ماڭماي مۇنۇ چۇپرەندە ئوغۇرلار بىلەن تەڭ بولغاندىن كېيىن نىمە كۇن كۆرسەڭ كۆرەسەن دەيتىم ئىچىمدە
سەنلا نىمە قىلماقچى دېدى مۇھاببەت دادىلىق بىلەن مىنىڭ ئالدىمغا ئۆتۇپ
بولدى مۇھاببەت بۇلار بىلەن تەڭ بولمايلى ،يۈرۇڭ كېتەيلى دېدىم مەن مۇھاببەتنىڭ قۇلدىن تارتىپ
كېتەيلى
30 تىن ھالقىغان ،تارتۇق يۇزلۇك بىرى ئالدىمغا كېلىپ ماڭا گۇليۇپ تۇرۇپ ۋاقىردى ،قارغاندا ئۇ بۇ شوركىنىڭ كاتتابېشى بولسا كېرەك
ئۇنداق ئاسان ئىش يوق كەتسەڭمۇ ئاۋۇ كەينىڭدىكى تۇمۇچقنى قۇيۇپ كەت
ئۇ شۇنداق دەپ بولغۇچە مۇھاببەت
تۈفىي دەپلا ئۇنىڭ يۈزگە تۇكۇرۇپ تۇرۇپ
ساراڭ شوۋچى ،نىمە گەپ قىلمىسام ئادەم بۇزەك قىلمەن دەمسەن ،ھامنى بىر ئۈلۇمغۇ شۇ ،ھازىر جاھان زۇمگەرنىڭ بۇلۇپ كېتىپتىما ،ئىگسى بار جاھان ماۋۇ ،مەن سېنىڭ پۇلۇڭنى بۇلۇمدۇم  ئەكسىچە سەن مىنىڭكىنى ئوغۇرلىدىڭ ،كىمنى قۇياپ كېتىدۇ ،سەن كىمتىڭ ،قانۇن بىلەمسەن دەپلا ئالدىغا سەكرەپ چۇشتتى
مەن ئەزەلدىن بۇ مۇھاببەتنى شۇنداق ئېغىر بىسىق ،دەپ ئويلايتىم ،كىم بىلسۇن بۇ قىزنىڭ تەرسا مىجەزلىك ئىكەنلكىنى
نىمە ؟باللار نېمە دەيدۇ ماۋۇ قانجۇق
پايلاپ گەپ قىل جومباق
مۇھاببەت ھېلقى لۇكچەكنى تېلاپ تۇرۇپ يان تېلغۇننى ئېلىپلا بىر كىمگە تېلغۇن قىلدى
ھەدە بىكەتتى بىر نەچچە لۈكچەك مىنى بۇزەك قىلۋاتدۇ
مۇھاببەت شۇنداق دەپ بولغۇچە ھېلقى لۈكچەك ئۇنىڭ قۇلدىن تېلغۇنى تارتىپلا يەرگە ئېتىپ ئۇنىڭ ئىڭكىدىن كۆتۇرۇپ تۇرۇپ  
ئۈزۇڭغۇ خېلى يامان ئەمەس نىمكەنسەن ،كىچكلىكىڭگە باقماي ،نىمە ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلمەيسەن ،ئاپاڭ سېنى قانداق تەربىيلدى
مىنىما ،نېمە كارىڭ ؟سىنى قانداق تەربىيلگەن ئانا ئۇ دېدى مۇھاببەت
چاڭ ھۇ پاسكىنا ،ئۇ لۇكچەك مۇھاببەتنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالدى
ئۇ ئىت مەن شۇنداق دەپلا مۇھاببەتنى ئۇرغان ئەبلەخكە قاراپ ئېتلىدىم ،ئۇڭغىچە ھېلقى لۈكچەكنىڭ بۇرادەرلىرى مىنى بېسۋېلىپ راسا ئۇرۋاتاتتى ،مۇھاببەت نەدىن تېپىپ كەلدى بىر يۇغان تاياق بىلەن مىنى بېسۋېلىپ ئۇرۋاتقان لۈكچەكلەرنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرگە ئۇرغىلى تۇردى ،بىكەتىكى  يۇلۇچىلار ئەتراپقا توپلاندى ،بۇلار خۇددى سھېرىك ئۈمەككە تاماشا كۆرگىلى كەلگەن كىشلەردەك بىزنى قورشاپ تاماشا كۆرەتتى ،بىرەر مۇسۇلمان كېلىپ بۇ لۈكچەكلەرنى ئەدەبلەپ ،بىچارە مۇھاببەت بىلەن تاياق زەربىسىدە تۈگلۇپ ياتقان مىنى قۇتۇلدۇرمايتتى،ئۈزۇمنىڭ بۇ ئاجىز ھالىتىمگە قاراپ ،ئېچىندىم ،خۇددى پۇل يوق دادام -ئاپامنىڭ،سېڭلىمنىڭ  ئۆلۇپ كېتشىگە ،قاراپ تۇرغاندەك مانا بۇگۇنمۇ ئاجىزلىقىم ،ياۋاشلىقىم ،رايىشلىقىم تۇپەيلى ئۈزۇم سۈيگەن قىزنىڭ ئالدىدا تاياق يەپ يېلاندەك تولغۇنۇپ ياتقىنمغا ئېچنۋاتقان ئىدىم
بۇ قىيا -چېياللار ھىچ بېسقاي دېمەيتتى ،ئەزەلدىن بىر كىملەر ئۇرشۇپ قالسا پايپاسلاپ يېتىپ كېلدىغان ئامانلىق ساقچىلارمۇ قاياقىلاردۇ غايىپ بولغان ئىدى
ھەممىڭ قۇلۇڭنى تارتىش ،
كۆچلۇك ئېيتىلغان بۇيرۇق ئارلاش بۇ سۆزدىن ھەممىز جېمىدۇق ،تاياق زەربىسىدە قانغان كۆزلىرمنى تەستە ئېچىپ جاراڭلىق ئېيتىغان ئاۋاز تەرەپكە قاردىم
كۆز ئالدىمدا ھېلقى ئاقپىشماق سېمىز گەۋدىلىك ئايشەم گۇڭجۇ پەيدا بولدى ،مۇھاببەت بۇ كىچىك ئاپسىنى كۆرۇپلا يەردە بەش ياشلىق كىچىك قىزلاردەك چازانى قۇرۇپ دارتمىلاپ يىغلاشقا باشلىدى
ھۆ،،،،،ھۆ،،،،،، ئۈرۇمچى دېگەن چوڭ شەھەردە يەتتە سەككىز يىل يالغۇز يۇرۇسەممۇ ماڭا بىرسى ئاليىپ قارىمىغان ئىدى ،مانا ئەمدىلىكتە ئاتا -ئانام بار تۇرۇپ ئۈز يۇرتلۇقلىرمنىڭ تايقىنى يەپ ئۆلدىغان ئوخشايمەن ،ھۆ،،،،،ھۆ،،،،ساڭمۇ ئۆچ بولدۇم
ئايشەم ھەدە ،ئاباي تېلغۇن قىلسام نىمە ئەمدى كېلسەن ھۆ،،،،،ھۆ،،،،،
بولدى تاتلىقىم يىغلىما ،تۇرە مۇئەللىم تۇرۇپ بۇنداق يەردە ئىغناپ يىغلىساڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭ كۆرسە سەت تۇرمامدۇ ،مىنى كەچۇر ،بۇلارنى سەن قانداق ئەدەبلەيمەن دېسەڭ مەيلى يېغلىماھە
بايدىن بېرى بىزگە ھۆرپىيىپ ھازىرلا بىزنى يەۋېتىدغاندەك قىلىپ كەتكەنلەر ئەمدىلكتە ئايشەم گۇڭجۇنى كۆرۇپ غىدىڭ -پىدىڭ قىلالماي ئۇنىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇراتتى
قايسىڭ تېز ئېيىت قايسىڭ مىنىڭ ئارزۇلۇق جىيەن قىزىمغا قول سالدىڭ دەپ ۋاقىردى ئايشەم ياۋۇز قان تولغان كۆزلىرنى ھېلقى لۈكچەكلەرگە تىكىپ
ھە يېمەي يىگۈزۇپ كەيمەي كەيدۇرۇپ ئۈز بالامنى باقاندەك پەپىلەپ بېقىپ چوڭ قىلپ قويسام شۇنچە چوڭ يۇرىتتا ئادەم تېپىلمىغاندەك مىنىڭ سىڭلىمنى بۇزەك قىلشقىدەك بولۇشتىڭما ئۇ شۇنداق دېگەچ ھېلقى كاتباشنى بىر تەستەك سېلىپ تۇرۇپ ئېيتە نىمىش بولدى دەپ سۇرشىغا
ھەممە شوركا دېيشۋالغاندەكلا ئايشەمنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ گۇناھ بىزدىن ئۆتتى بىز يولسۇزلۇق قىلدۇق دەپ نالە قىلشقلى باشلىدى
نىمە قىلغىنىڭ بىلەن كارىم يوق ،مۇشۇ سىڭلىم سېلەرنى قانداق جازالىسا مىنىڭ كارىم يوق دېگىنە مۇھاببەت ئۇلارنى قانداق جازالايسەن
ۋاي بولدىلا ساپاسىزلار بىلەن سوقۇشقانلىقنىڭ ئۈزمۇ بىر ساپاسىز ،شۇڭا مۇنۇ خۇشنىمىزنىڭ ئوغۇرلانغان پۇلنى قايتۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورسۇن يەنە ،ئۇنىڭغا قارا ئۇنى بەك ئۇرۋەتتى ،شۇڭا دورا پۇلنى بەرسۇن ،نۈۋەتچى ئابدۇبۇستىن قويغاندىن كېيىن كېرا پۇلنى تۇلسۇن ،يەنە مىنىڭ يانفۇنۇنمى چېقۋەتتى ئاۋۇ تۈلەپ بەرسۇن ،بۇندىن كېيىن ئوغۇرلۇق قىلمىسۇن كۆرۇپ قالسام ساڭا ئەمەس  ساقچىغا تۇتۇپ بېرمەن
مۇھاببەت مەغرۇر ھالدا ھېلقى شوركىلارغا قۇلنى شلىتىپ تۇرۇپ تەكلىپلارنى دېدى ،ئۇ شوركلارمۇ ئاسانلا قۇتۇلغىنغا خوش بۇلۇپ منىڭ ئىككى مىڭ سوم پۇلۇمغا قۇشۇپ يەنە ئۈچ مىڭ سوم بەردى
بولدى ئۈزۇمنىڭلا پۇلنى ئالاي دېدىمەن ،كىشلەردىن بۇلاپ كەلگەن ھارامغا ئۇچراپ قالماي دەپ
ۋاي ئېلڭە دېدى مۇھاببەت قاپاقلىرنى سۈزۇپ تۇرۇپ
ھازىر مەن ** يېزغا تويغا بارماقچى ئىدىم ،شۇڭا ھەدە سەن ماشىناڭنى بېرىپ تۇر ،يانفۇنۇمنى ساڭا تۈلەپ بەرسۇن دېدى مۇھاببەت ياشلىق كۆزلىرنى سۆرتۇپ تۇرۇپ
ماقۇل سەن ئىشلتىشكە قۇشۇلساڭلا
راس سىز نەگە بارسىز دەپ سوردى مۇھاببەت
***يېزسىغا
ۋوي يۇلمىز بىركەنغۇ مىڭە تېز ماڭايلى ئۇ مىنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپلا مىنى ھامىسىنىڭ ماشىنسى تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى
ماۋۇ كالۋا ساقچىلارغا قارا دېدى مۇھاببەت بايدىن بېرى كەلمەي ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا كەلگەن ساقچىلارغا قاراپ
شۇنى دەڭە دەپ مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزنى تەستىقلاپ قويدۇم
ئەمدى كېلشىپ نىمىش قىلسەن ماڭا ئۈزىمىز ھەل قىلىپ بولدۇق دەپ ۋاقىردى ئايشەم
بىز ماشىنا بىكەتتىن چىقىپ يېزا يولغا قاراپ ماڭدۇق،بەشىنجى ئاي ھەممە يەر باھارنى ئۈزتۇپ يازنى شادىمان كۆتۋېلىش پەيتتى بولغاچقا ھاۋا شۇنداق ياخشى ،ئىزغىر سەلكىن شامال ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلاپ يېڭى ئۈمىد يېڭى ئارمان باشلايتتى ،لىكىن منىڭ ئەس -خىيالىم لالەدە بولغاچقا بۇ گۈزەل مەنزىلەر ماڭا قابەھەتتەك تۇيلاتتى
ھەي بالاڭزا ،قاچانلا قارسا مۇشۇنداق غەمكىنكەنسىز ،نىمىشقا دەپ سوردى مۇھاببەت مىنىڭ يول بۇيى سېرىتقا قاراپ خېيالغا پېتىپ ئولتۇرغۇنۇمغا قاراپ
ھىچ ،،،،ھىچ
نىمىشكە تېلڭىزنى چاينايسىز ،ئاڭلىسام ئاتا -ئانىڭىز تۈگەپ كېتىپتىكەن ھە ،بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار دەيسىز بەك مەيۈسلنىپ كەتمەي ئۈمىتكە ،ئارزۇغا تۇلۇپ ياشاڭ ،مەندەك بارنىڭ دەردىنى تارتقاندىن يوقنىڭ دەردىنى تارتقان ياخشى
نېمە ؟ئۇنىڭ بۇ گېپى سەل ئورغامنى قايناتتى
ھەي ئاتا -ئانىڭىز ھەر قانچە ئەسكى  بولسىمۇ ئۇنداق دېسڭىز بولمايدۇ
نىمىشقا ؟
سەۋەبىنى بىلمەيمەن ،ئىشقىلىپ ئۇ سىزنىڭ ئاتا -ئانىڭىز

خىڭ سىز بىلمىگەندىن كېيىن شۇنداق دەيسىز ،ئاپىڭىز بىلەن ئاكىڭىز ،يەنە كىچىك ئاپىڭىز زەھەر چەكسە قانداق قىلاتتىڭىز ؟ئاپىڭىز ،ئاكىڭىز ،كىچىك ئاپىڭىز ئەيدىس بولسا قانداق قىلاتتىڭىز ؟،ئاپىڭىز دائىم پۇلنى كۆز -كۆز قىلىپ داداىڭىزنى كۆزگە ئىيلمىسا قانداق قىلاتتىڭىز ،؟ئاكىڭىزنىڭ ئايالى ھەم باللارنى تۇرۇپ سېرىتقا قاراپ خۇتۇن -باللىرىغا زۇلۇم قىلسا قانداق قىلاتتىڭىز ؟
بىشىغا كەلمىگەن ئادەم ئوقمايدۇ ،مەن ئاپامنىڭ بالسى بۇلۇپ قالغانغا پۇشايمەن قىلمەن ،كىچكلىكتە چېرايلىق كەيدۇرۇپ ،ياخشى يىگۈزۇپ قويسا ئوبدان ئاپام دەپتىكەنمەن ،ئەقىلگە كەلگەندە ھاممامنىڭ بىر ئادەم بىدىكى ،ئاق ساتقۇچى ئىكەنلكىنى بىلگەندە ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىپ ئۇنىڭغا ئۆچلۇك قىلغان ،ھامان بىر كۇنى ئۇنى ئۆز قۇلۇم بىلەن ساقچى ئورگانلىرىغا تۇتۇپ بېرىمەن دەپ ئۆزۇمگە قەسەم قىلغان ،لىكىن مەن ئۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغۇچە ئۇنىڭ ئىپلاسلىقلىغا ئاپام ،ئاكام قۇشلۇپ بوپتۇ ،ئۇلارنىمۇ قۇشۇپلا نابۇت قىلىشقا بالا بولغان ۋىجدانىم ئۇنمىدى ،كېيىنچە ئۆيمىزدىكى ھەم ھاممامنىڭ ئۆيدىكى ئاق تاماكىغا مۇشۇ ئىپلاسلار تۇپەيلى خۇمار بۇلۇپ قالغانلارنىڭ شۇ بىر چىكىم تاماكىنى چېكىش ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئايغى ئالدىدا ئۈمىلەپ ،زار -زار قاخشاپ ،ئۇلارغا قىلغان نالىلىرنى كۆرگەندە قەتئىي نىيەتكە كەلگەن ئىدىم ،ئەمدىبىر پىلانىمنى ئىشقا ئاشۇراي دەپ تۇرسام ،مۇنۇ ئىپلاسلار شۇ نىجىسقا ئۆزلىرى ئىختىيار قىلىپ يېقىنلىشىپ بولغانغىنى ئاز دەپ ئاۋۇ نا شېىكەر ھاممامنىڭ ئىشلەتكەن ئوكۇل يىڭنىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ،ئىچكىرى ئۈلكىدىن ئەيدىس ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامامدىن ئۇ ئىككىسىمۇ يۇقۇملىنۇپ ئۇنىڭدىن دادام
ھەي ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭ قاپقارا چېرايلىق كۆزلىردىن ئېقىپ يەرگە توكشىپ تۆكۇلمەكتە ئىدى ،
بولدى سەۋىر قىلىڭ ھەممە ئادەمنىڭ بېىشدا بىر ئوت كۆيدىكەن ،بولدى يىغلىماڭ ،تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرۋېتىپ مىنىڭ ياشلىرىممۇ ئۆز ئىرادەمگە مۇخالىپ ھالدا يۇزلۇرۇمگە تەپچىپ چۇشۇشكە باشلىدى
بولدى سۆزلىمەڭ دەپلا شوپۇرنى ئىشارەت قىلىپ قويدۇم
خاتىرجەم بۇلۇڭ بۇ خەنزۇ ئۇيغۇرچە ئوقمايدۇ ،دېدى مۇھاببەت
ھەي مەن مۇھاببەتنى بەك بىغۇبار ،ھەسرەت -نادەمەتتىن يېراق دەپ ئويلايتتىم ،مانا مەن نامراتلىق تۇپەيلى يېغلىسام مۇھاببەت باي تۇرۇپ ئاچكۆزلۇك قىلىپ پاتقاققا پاتقانلار ئۇچۇن يېغلاۋاتاتتى ،
سىز يۇرتقا نىمگە بارسىز
سىڭلىم ،،،،،سىڭلىم تۈگەپ
ھە كەچۇرۇڭ
مەن يەنە خىيالغا پاتتىم ،مۇھاببەتمۇ مىنىڭ كەيپىياتىمنى ئويلۇشۇپ ئارتۇق گەپ قلىمىدى ،بىز پەرشان كەيپىياتتا يېزغا يېتىپ كەلدۇق
بولدى مۇشۇ يەردە چۇشۇپ قالاي

"ناۋاي يېگىت بىلەن مۇئەللىم قىزنىڭ سۈيگۈ ۋىسالى "

مەن يېزا بازىردىلا چۇشۇپ قالدىم ،مۇھاببەت يېزا بازىردىكى بىر تار كۇچىدىن ئەگىپ كېتىپ قالدى
تۇرقۇمغا قاردىم ،بايقى جەڭدە كېيملىرىم يېرتىلىپ كەتكەن ،يۈز-كۆز ئېغىز -بۇرنلۇرۇممۇ بىئارامچىلقىتا ئېچشىپ ئاغرىۋاتاتتى ،
مەن خادىكىدىن بىرنى تۇسۇپلا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ،خادىكا بەش مىنۇت ئىچىدلا مىنى قورۇ ئالىداىغا يەتكۆزۇپ قويدى ،ئۆيگە كېرىپ ھەيران قالدىم ھەممنىڭ ئۇچىسدا قارلىق كېيىم ،ھەممە ھەسرەت -نادامەتتە لالە ئۇچۇن قايغۇرۋاتاتتى ،بىر قۇرساق قېرىندىشىلىرىم  مىنىڭ كەلگىنمىنى كۆرۇپ ئالدىمغا يۈگۈرگىنچچە مىنى قۇچاقلاپ يېغلىشۋاتاتتى ،ئۇلارغا قۇشلۇق ئازراق  ئۈن سېلىپ يېغلىغاندىن كېيىن ئەتراپقا قاراپ ھېلقى نىجىس سىڭلىمنىڭ ئېرىنى ئىزدىدىم ،ئۇ ھىچ يەردە كۆرۇنمەيتتى
قاھار قېنى دەپ سوردۇم ،قادىردىن
ئاكا ئۇ نائەھلىنى سورما ،لالەنى ،،،،،،،لالەنى ئۇ گەپنىڭ ئاخىرنى دېيەلمەيلا يىغلاپ كەتتى ،
ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كېردىمدە قۇلۇمغا قىڭراقنى ئېلىپ سەيناغا چىقتىم ،ھازا ئېچۋاتقانلار ماڭا چەكچىىپ قاراۋاتاتتى ،ھەدە سىڭلىرىم ،ئىنلىرىم مىنىڭ قۇلۇمدىكى قىڭراققا ئېسلىۋېلىپ مىنى ماڭغىلى قويمايۋاتاتتى ،
مىنى قۇيۇپ بېرىڭلار مەن لالەنىڭ قىساسىنى ئالاي ،لالە ،نانقېپى ئاكاڭ كەلدى ،سېنىڭ قىساسىڭنى ئالغىلى ،سىنىڭ روھىڭنى ئەمىن تاپقۇزغىلى كەلدى ،مىنى قۇيۋېتىش ،مەن  شۇنداق دەپ ۋاقىراپ تۇرسام ،قاھار ئاپسى بىلەن يالغان يىغلاپ بىزنىڭ سەيناغا كېرىپ كەلدى ،
مەن ھەدىلىرمنىڭ قۇلدىن يۇلقۇپ چىقىپ قاھارغا قاراپ ئېتىلدىم ،ئوغرنىڭ يۈركى پوك پوك دەپ قاھار منى كۆرۇپلا ئارقىسغا بۇرلۇپ قاچتتى
توختا قاھار ،قېچىپ كېتمەن دەپ خام -خىيال قىلما ،سىنىڭ تېرەڭنى تەتۇر سويۇپ لالەنىڭ قىساسىنى ئالمەن توختا ،،،،،،قاھار بەك تېز يۈگرەيتتى ،مەنمۇ ھەسراپ ھۈمدەپ ئۇنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭماقتا ئىدىم ،
قاھار يۈگرەپ كېتۋېتىپ تار كوچىدىن چىقۋاتقان بىر قارلىق كىيم كەيگەن قىزنى سوقۇپ يىقتىۋەتتى ،
ساراڭ قاراپ ماڭمەمسەن
دەپ ۋاقىرغان تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ بۇ قارلىق كەيگەن قىزنى تەستە تۇندۇم
مۇھاببەت سىز
ھە مەن ،نىمە قارلىق كېيىم ئالماشتۇرماي قىڭراق كۆتۇرۇپ خەقنى قوغلاپ يۇرسىز ،بۇ قىلمىشىڭىز قانۇنغا خىلاپ جۇمۇ ،نىمە قىلدى ئۇ بالا سىزگە دېدى ئۇ
ئۇ ،،،،ئۇ سىڭلىمنى ئۆلتۇردى دېدىم دۇدۇقلاپ
ئەمسە ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىز بولمامدۇ ،قانغا -قان ،جانغا -جان ئالدىغان زامان ئەمەس ،قانۇن ئارقلىق كىشلىك مەنپەت قوغدايمىز ئەكىلڭە قىڭراقنى ئۇ شۇنداق دەپ قڭراقنى قۇلۇمدىن تارتىۋالدى ،ئۇڭغۇچە كەينىمدىن مەندىن ئەنسىرگەن قېرىنداشلىرىم يېتىپ كېلىپ بولدى ،
مىڭلار  ھەممىز قايتىپ كېتەيلى دېدى مۇھاببەت خۇددى بۇ ئائىلنىڭ بىر ئەزاسىدەك بىزگە بۇيرۇق قىلىپ
ئۆيگە بېرىپ خوشنا -خۇلۇملاردىن ،ئەھۋال ئىگەلەپ سىڭلىڭىزنىڭ جەسىتنى قانۇن دوختۇرلۇرغا تەكشۇرتۇپ ،ئاندىن يەرلىكدە قۇيايلى ،مۇنداقلا قويسىڭىز رەھمەتلىكنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتمىسۇن ،سىزمۇ قارامىلىق قىلماڭ ،قاراڭ تۇقانلىرىڭىزغا ،سىزگە بىر ئىش بولسا بۇلار قانداق قىلدۇ
شۇنى دەيمەن ھاشىم بىزنى ئويلا ،ئاتا -ئانمىزدىن يېتىم قالغاننى ئاز دەپ لالەدىن ئايرىلدۇق ،ئەمدى ساڭا كېلىشمەسلىك بولسا بىزمۇ ياشمايمىز ،ھەدىلرىممۇ مۇھاببەتنىڭ گېپنى قولاۋاتاتتى
ھەممىز ئۆيگە قايتتىپ كېلىپ ھازنى داۋام قىلدۇق ،مۇھاببەتمۇ بىزگە بىر ئاز يېغلىشىپ بەرگەندىن كېيىن ھەممە ھەدەم ،سىڭىلم ،ئىنىم ،خۇشنىلار ھەم ھازىغا كەلگەنلەردىن رازۋىچىككا ئوخشاش ئەھۋال ئىگەلەۋاتاتتى ،ئۇ ھەممە ئادەمندىن بىر قۇر ئەھۋال ئىگەلەپ بۇلۇپ كىچىك يېزنەمنىڭ يانفۇننى سوراپ ئەپچىقىپ كېتىپ يەنە قايتىپ كېلىپ يېرىم سائەتكە قالماي يېزا ساقچىغانسىدىن ئادەم چىقىپ لالەنى دەپنە قىلماي تۇرڭلار دېدى
بۇ دېگەن بەشىنجى ئاي تۇرسا ،دەپنە قىلمىساق جەسەت سېسىپ كەتمەمدۇ دەپ ھەدەملەر ئۇنمايتتى ،دەر -تالاشلار ئىچىدە تۇرساق يەنە ئاق خالات بىلەن قاسقان شەپكلىك تۆت كىشى كېلىپ لالەنى بىر قۇر تەكشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مۇھاببەت ھەم سىڭلىم ئادىلەنىڭ يول باشلىشى بىلەن يەنە چىقىپ كەتتى
ئۇلار كېتىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن مۇھاببەت بىلەن ئادىلە قايتىپ كەلدى ،شۇنىڭ بىلەن لالەنىڭ جەسىدىنى ئەتسى بامدات نامازغا ئۆلگەرتىپ يەرلىككە قويدۇق ،مۇھاببەت،ئەتسى ئىككىلەر بىلەن بىز بىلەن خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدى ،
  ئاتا -ئانامدىن قالغان بۇ غېرىپ كەپە يەنە بىر قېرندىشمىزدىن ئايرىلىپ تېخمۇ مۇڭسىراپ قالغان ئىدى ،مەن كۇندە ئەتگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات نامزىنى ئوقۇپ بۇلۇپ ئىككى ئېنىمنى ئەگەشتۇرۇپ ،دادام ،ئاپام ھەم لالەنىڭ قەبرىسنى يوقلاپ تۇردۇم ،لالەنىڭ نەزىرسىنى بېرىپ بۇلۇپ ئۆيدىكلەر بىلەن خوشلۇشۇپ يەنە ناۋايخانغا قايتىپ كەلدىم ،مەن كەلگىچە مۇھاببەت مۇناسۋەتلىك ئۇرۇنلار بىلەن كۆرشۇپ ھەقىيقى ئەھۋالنى ئىنقلاپ بوپتۇ
مەن كەلگەن كۇنى ئۇ مەكتۋېدىن يېنىپلا ئۇدۇل مىنىڭ قېشىمغا كېرىپ ئىشكىنى ئىچىدىن تاقاپ
ھاشىم سىڭلىڭىزنى راستىنلا ئېرى ئۆلتۇرپتۇ دېدى
نېمە ؟ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالدىم ،نىمىشقا ؟قانداق ئۆلتۇرپتۇ
دېسەم ھەققەتەن ئادەمنىڭ ئورغۇسى قاينايدۇ شۇندىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ
سىڭلىڭىزنىڭ يولدىشى قاھار بەك ھاراقكەش ،قىمارۋاز ئىكەن ،ئۇ دائىم ھاراق ئىچىپ كېرىپلا سىڭلىڭىزنى توغمىدىڭ دەپ ئۇردىكەن ،ھېلقى سىڭلىڭىز ئۆلگەن كۇنى قاھار ئۈلپەتلىرى بىلەن قىمار ئويناپ ئۆي خېتىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىلەرنى ئوتتۇرۋېتىپ تېكىدىغان نەرسە تاپالماي لالەنى تىكىپ لالەنمىۇ ئۇتتۇرۋېتىپتۇ ،ھېلقى  لالەنى ئۇتۋالغۇچى نائەھلى قاھارغا تېزدىن لالەنى ئەكلىپ بەرمىسەڭ سېنى ئۆلتۇرۋېتىمەن دەپ تەھتىت ساپتۇ ،قاھار ئىلاجىسىز ئۆيگە بېرىپ لالەگە ئۈزنىڭ قىماردا ئەخمەت دېگەن ئاغىنىسىگە  لالەنى ئۇتتۇرپ قويغنى بىر نەچچە كۇن شۇ ئەخمەتنىڭ ئۆيدەتۇرۇپ تۇرشىنى پۇل تېپپلا لالەنى ئۇتۇپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلدىغننى ئېيتىپتۇ ،لىكىن لالە بۇ نائىنساب ۋىجدانسىز يولدىشىنىڭ دېگىنگە قۇشلماپتۇ ،ئۇ ئىپلاس لالەنى قاتتىق ئۇرۇپ گېلىنى بۇغۇپ ئۆلتۇرۇپ قۇيۇپتۇ ،شۇندمۇ جىنايتىتنى بوينىغا ئالماي ئاپسى بىلەن بىرلىشىپ يالغان نەخ مەيدان ياساپ لالەنى ئېسلىپ ئۈلۋالغان دەپ جار ساپتۇ ،قانۇن دوختۇرلىرى  لالەنىڭ سېرتماقتا ئەمەس ئادەم قۇلدا بۇغۇپ ئۆلتۇرلگنى جەزىملەشتۇردى ،يەنە بىر گەپ لالەنىڭ بۇيدا بار ئىكەن ،ئۇ ئەبلەخ ئۆز بالسىنىمۇ
مۇھاببەت شۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ئۆزنى بېسۋالالماي يىغلاپ  كەتتى ،
ھۇ ھاراملىق مەن شۇنداق دەپلا پىياز توغراش ئۇچۇن دۇشە ئۇستىدە تۇرغان پىچاقنى ئېلىپلا سېرىتقا مېڭىشقا تەمشەلدىم
نەگە ؟قاھارنى ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ قانۇن ئورۇنلىرى ئالبۇرۇن ئۇنى تۇتۇپ بولدى ئاپسىغمۇ جىنايەتچىگە يان تاياق بولغان دەپ ھۆكۇم چىقىرشى مۇمكىن ،بولدى ئەمدى ئازابلانماڭ ،لالەمۇ خاتىرجەم ياتسۇن ،ئۇنىغا ئالاھنىڭ جەننەت ئاتا قىلشنى  تېلەيلى  ،ئۇ سۆزلىگەنسېرى ئاۋازلىرى تېتىرەپ كۆز ياشلىرى يىپى ئۆزلۇگەن مارجاندەك چۇشۇشكە باشلىدى ،
مۇھاببەت مىنى يالغۇز قۇيۇڭ دېدىم مەن ئۇمۇ كەيپىياتمنى چۇشەنگەچكىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى ،
ھەي دۇنيا ،،،،،،،ھەي ھايات ،،،،،،ھەي تۇرمۇش ،جاھان نىمانچە مۇرەككەپ ،ئادەملەر نىمانچە رەزىل ،دەت -ئەلەم يۇركۇمنى پۇچلماقتا ئىدى ،ھەممە ماڭا رەزىل كۆرنۇپ مىنى ئاراممدا قۇيمايۋاتاتتى ،
ئۇ ئىش بۇلۇپ بىر ئايدىن كېيىن ھېلقى مەلئۇنغا سوت ئېچىلدى ،ئۇ ھەم ئاپسى ھەممە جىنايىتگە ئىخرار بولدى ،سوتتتىن ئۇ مەلئۇنغا مۇدەتسىز قاماق جازاسى ئاپسىغا بەش يىللىق قاماق بىرشى بىلەن بىرگە بىزنىڭ روھىي زىيان دەمدۇ ئىشقىلىپ لالەنىڭ ئۆلمى ئۇچۇن قىرىق مىڭ سوم تۆلەم بەردى ،ھەي لالەنىڭ جېنىنى قېرىق مىڭ سومغا سېتىپ ئۇ ئالەمگە يولغا سالغان بولساقمۇ لىكىن مۇھاببەتنىڭ ياردىمدە ئۇ ئەبلەخ قانۇن سوتىغا تاپشۇرلدى ،بەلكىم مۇھاببەت بولمىغان بولسا مەن قاراملىق قىلىپ بۇ ئىپلاسلارنى ئۆلتۇرۇپ ئۇلار ئورنىغا زىندانغا كېرگەن بۇلاتىم ،لىكىن مۇھاببەت بىز قاراقۇرساقلارغا قانۇنىڭ كۇچنى ھەققىي تۇنتۇپ بىزنىڭ كۆزمىنى ئېچىپ قويغان ئىدى .
ھېلقى مەلئۇننىڭ دادسى سوت ئېچىلىپ ھەپتە بولمايلا بىر يەرلەردىن ئۆتنە يېرىم قىلىپ پۇلنى بىزگە يەتكۇزدى ،مەن پۇلنى قۇلۇمغا ئېلىپ قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇھاببەتكە مەسلھەت سالدىم
كالۋا بالا قانداق قىلاتىڭىز ،ناھيە بازرىنىڭ ئاۋات كۇچىسىدىن ئۆي ئېلىپ ئۆز ئالدىڭىزغا ناۋايخانا ئاچسىز ،ئۇكىلىرڭىزنى بىرگە ئەپكىتىپ ئىككى ئوغۇل سىزنى ماۋۇ ئادىلە قىز مىنى ئۇستاز تۇتدۇ ،مۇنۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۆيگە ھەدىڭىزدىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرسىز ،
ئۇنىڭ دېگىنمۇ ئۇرۇنلۇق ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن مۇھاببەتنىڭ دېگىنى بۇيۇنچە ئىش كۆردۇم
كىچىك ھەدەم يولدىشى بىلەن يەرلەرگە ھەم ئۆيلەرگە قارايدىغان بولدى ،ئادىلەنى مۇھاببەت ئۆزى مۇئەللىملىك قىلدىغان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇردى ،مۇھاببەتنىڭ ياردىمدە ئۇنڭ ھامىسىغا قاراشلىق بازار ئىچىدىكى بەش ئېغىز ئۆي بىلەن بىر دوكاننى بىر تۇمەن نىسى بەش تۇمەنگە سېتۋالدىم ،ئىككى ئۇكام ماڭا شاگىرىت بۇلۇپ ئىشلىرىمىغا قاراشتتى ،كۆڭۈلمىز  غەش بولسىمۇ كىيمىمىز پۇتۇن ،قۇرسىقىز توق يۇردۇق ،مۇھاببەت دائىم كېلىپ بىزنى يوقلاپ تۇراتتى ،لالەنىڭ ئىشدا مۇھاببەتنىڭ تۈھپىسى زور بولغاچقا ئۆيمدىكىلەر ماڭا قارغاندا مۇھاببەتكە تېخمۇ يېقىن بۇلۇپ كەتتى ،ھېلقى مەخمۇتمۇ دائىم ناۋايخانامغا كېلىپ مىنى يوقلاپ تۇراتتى ،ئۇ مۇھاببەتنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمنى مىنىڭ مۇھاببەتكە بولغان كۆڭلۇمنى  ئاڭلاپ
ئاداش مولام قېشىغا بېرىپ ئوقتىۋالامسەنيە دەپ قاملاشمغان مەسلھەت بەردى
توۋا بىر دېگىنە ئۆزى ھەققىي سۈيگەن قىزنى قانداقمۇ ئۇنداق ھىلە ئارقلىق قولغا كەلتۇرگىلى بۇلدۇ ،ئاللاھ خالىسا ئۇنى پاك -سۈيگۈ ساداقەت بىلەن قولغا كەلتۇرمەن دېدىم ئۇنىڭغا
شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ مۇھاببەت ئۆيگە كېرىپ كېلىپ
مەسلەن ئالايلۇق ،قانداق مۇھاببەت بىلەن دەپلا كۈلۇپ كەتتى ئۇ  ،
مەنمۇ شەلپەردەك قىزرىپ ئۇنىڭ يۈزگە قاريالماي قالغان ئىدىم
ۋاي ھاشىم تۇلا نازلانماي كۆڭلىڭنى ئىزھار قىلمەمسەن دەپ ۋااقىردى مەخمۇت
شۇندىلا مەن ئاپامدىن قالغان ئۇزاق ۋاقىت يېنىمدا ئېلىپ يۇرگەن ئاپامنىڭ تويدا چوڭ ئاپام ئۇنىڭغا بەرگەن تېلا ئۈزۇكىنى مۇھاببەتكە تەڭلاپ تۇرۇپ
مۇھاببەت بۇ قىمەت باھالىق ئۆزۇك ئەمەس لىكىن ئۇ چوڭ ئاپام ،ئاپام ،تاقغان بىباھا ئەمدى سىز تاقاپ ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا قالدۇرۇڭ دەپلا مۇھاببەتنىڭ قۇلغا سېلىپ قويدۇم
مۇھاببەت خۇشال بولغۇندىن ئىككى ئۇكام ھەم مەخمۇت ئالدىدلا مەڭزىمگە بىرنى سۈيۇپ ئاللاھ خالىسا دەپلا يۇزنى قۇلى بىلەن ئېتۋالدى ،
شۇنىڭدىن باشلاپ مۇھاببەت ئىككىمىزنىڭ پاك ھەم غۇبارسىز سۈيگۇمىز باشلىنىپ ،ئالبۇرۇن مۇزلاپ ئۆلگەن يۈرەككە ئازراق ئىللىق ھارارەت تاراشقا باشلىدى
مۇھاببەتنىڭ ئۇرۇق -تۇقانلىرىمۇ  مىنى مۇھاببەتنىڭ بايلقىنى كۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئىككىمزنىڭ ئارلاشقىنغا  ھەممە قارشى تۇرغان بولسىمۇ لىكىن مۇھاببەتنىڭ جاھىل مىجەزى  بىلەن مىنىڭ ئاق كۆڭۇل ،مىھرىبانلىقىم ھەممنى بويسۇندۇرغان ئىدى ...................................................................
مۇھاببەت بىلەن ئىككىمىز ئارىلىشىپ بىر يېلدىن كېيىن توي قىلدۇق ،كۇنلىرىمىز شۇنچىلىك مەنلىك ھەم خۇشال ئۆتمەكتە ئىدى ،ئەقلىق خوتۇن ئەرنىڭ زىنتى دەپ مەن مۇھاببەتكە ئۇچۇرغاندىن تارتىپ كۇنلىرمدە بۇرلۇش بۇلۇپ نامراتلىق پاتققىدىن قۇتلۇپ ،ھالال مىھنىتىم بىلەن نەچچە يەردە تارماق ناۋايخانا ئاچتىم ،ماۋۇ مۇھاببەتخانمۇ قۇرساق كۆتۇردى ،ھەممە ئىشى جايدا ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىدە قىلدۇ بىر تاماق ئېتەلمەيدۇ ،
بىر كۇنى ئۆيگە كېرسەم ،ئادىلە مۇھاببەتكە
ۋايجان مۇھاببەت ھەدە سىز ھەممە ئىشقا شۇنداق ئەقلىق مۇشۇ تاماق ئىشغا كەلگەندىزە ،ھەي ،قارڭە ماۋۇ يۇغرغان خېمىرڭىزگە ،ئوماچمۇ نېمە بۇ ،،،،،
ۋايجان ھەدە قورغان قورمىڭىز نىمانچە تۇزلۇق دەپ كايغىلى تۇرۇپتۇ
مۇھاببەت كىچىك قىزلاردەك تۇمشۇقنى ئۇشلاپ
شۇ ،،،،شۇ كىچكىمدە ئاپام خىزمەتكار يالاپ بېرىپ مۇشۇنداق تەييارتاپ بۇلۇپ قالدىم ،چۇقۇم ئۆگنىمەن ،،،،چوقۇم تېرشىمەن دەپ ئادىلەگە كاپالەت بېرۋاتىدۇ
ئادىلە مۇھاببەتكە قېينانا بۇلۋاتامسەن ،ئۇنداق قىلشىغا روخسەت يوق جۇمۇ دېدىم چاقچاق قىلىپ
ھە ئاكا خوتۇن ئېلىپلا مەندىن يۈز ئۆرىدىڭما دەپلا ئادىلە بويمىنغا ئېسلىپ مىنىڭ پىشانمەگە نۇقۋاتاتتى ،ئادىلەنىڭ شوخلىقىغا قاراپ مۇھاببەت قاقاقلاپ كۈلۋاتاتتى
ھا،،،،،،ھا،،،،،،،

خاتىمە
مۇھاببەت ئوغۇل تۇقان كۇنى ئۇنىڭ ئاكسى ساختا ئاق چېكىپ قېلىپ قېتىپ ئۈلۇپ قالغان ئىدى ،بۇ ئىش بۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ،ماۋۇ ئايشەم گۇڭجۇنىڭ بارلىق قىلمىشنى يۇقۇردىن تەكشۇرۇپ ئۇنى قولغا ئالدى ،ئايالىم بۇ ئىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقاچقا ساقچىلار جىنايى پاكىتقا ئاسانلا ئېرىشكەن ئىدى ،دېلو ئىنقلىنىپ ئۇنىڭغا مۇھاببەتنىڭ ئاپسىمۇ چېتلىپ ئۇمۇ تۇتۇلدى ،مۇھاببەتنىڭ دادسى ئەيدىسنىڭ يۇشرۇن دەۋرىدىن ئۆتۇپ شۇ كېسەل بىلەن قازا قىلىپ بىر يېلدىن كېيىن ئايشەم بىلەن مۇھاببەتنىڭ ئاپسى تۇرمىدە ئەيدىس بىلەن ئۆلدى ،مۇھاببەتنىڭ مۇخەممەس دېگەن ھەدىسى يولدىشدىن ئاجىرشىپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى ،مۇھاببەتنىڭ ئۆي بىساتتى پىچەتلىنىپ ،مال -دۇنياسى توڭلۇتىلدى ،
گەرچە مۇھاببەت ئىككىمىز ئوماق پەرزانتىمىزنى ياخشى تەربىيلەش ئۇچۇن تېرشۋاتقان بولساقمۇ لىكىن مۇھاببەت دائىم ئەسلىمە ،ئازاپ ئىچىدە ياشايتتى ،مەنمۇ ئۇنىڭ بارلىق ئازابلىرنى تۇگتۇش ئۇچۇن ،ئۇنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقلىشىپ ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى  ئېلىشقا تېرشاتتىم ،ئادىلە بىيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا ئۆتۇپ ئۆيدىكلەرنىڭ يۈزنى يۇرۇق قىلدى ،ئىككى ئىنممۇ ھۆنەردە پىشىپ ئۆي -ئوچاقلىق بۇلۇپ دۇكان ئايرىپ چىقىپ كەتتى ،،،
مەن ھاشىم ناۋاينىمڭمۇ باھار پەسلى يېېتىپ كېلىپ ئەجىر -مىھنىتىم ئاتا -ئانام ھەم قېرىنداشلىرىمنىڭ دۇئاسى بىلەن چېچەكلەپ مىېۋە بېرىپ ،ئازانلىق ،ئېغىر كۇنلەر ئاخىرلىشىپ ،گۈزەل شادىمان ھاياتىم باشلانغان ئىدى

مەنبە:مىسرانىم تورى
مەن ئۇقۇپ نۇرغۇن تەربىيگە ئىگە بولدۇم،شۇڭا كۆپچىلىككە سۇندۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   雪豹(图尔荪江 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 00:08  

باھا سۆز

تايلاق ئاپتۇرىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلاي دىسىڭىز ئاپتۇر ئىسمىنى يېزىڭ.   يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 15:33
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
تايلاق + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 09:14:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە.ياخشى ئەسەرلەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.

815

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
8561 سەر
تىللا
7306 دانە
تۆھپە
5648 سەر
شۆھرەت
6178 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 10:56:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى يازغان ئادەمگە كۆپ رەھمەت !ياخشى يېزىپتۇ !

101

تېما

22

دوست

5266

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

ئەتە ئۈلۈپ كىتىدىغاندەك ياشا.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1234 سەر
تىللا
755 دانە
تۆھپە
834 سەر
شۆھرەت
753 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 15:27:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياىشى يېزىلغان ھېكايىكەن. مىنىڭ مۇ ئۈچەي كاۋىپى يىگىم كەلدى دىسە.
ھەي! مۇھەببەت......
پۇلىسى بار خوتۇننى ئالغاندىن، بىلىمىسى بار خوتۇننى ئالغان ئاقىلدۇر.(ھىكايىنى ئوقۇپ توقۇغان ماقال -تەمسىل)

3

تېما

0

دوست

297

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
79 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
67 سەر
شۆھرەت
60 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 04:34:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي پۇل ..پۇلى بارنىڭ بىلىم يوق .بىلىمى بارنىڭ پۇلى يوق .نىدىگەن تەشەلمىگەن جاھان بۇ ....كىشى بىشىغا ھەرخىل قىسمەتلەر كىلدىكەن ،

3

تېما

0

دوست

297

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
79 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
67 سەر
شۆھرەت
60 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 04:35:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق ،ئوتى بار يەرنىڭ سۇيى دىىگەندە ،

25

تېما

7

دوست

2274

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
592 سەر
تىللا
68 دانە
تۆھپە
428 سەر
شۆھرەت
353 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:11:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ئۇقۇپ تۈگەتتىم ،بەك تەسىرلىك ئىكەن ،ئۆزەمنى تۇتىۋالاي دىسەممۇ 、ئىختىيارسىز ياشلىرىم تۈكۈلۈپ كەتتى !تېمائىگىسىگە ھەم يوللىغۇچىغا كۆپ رەخمەت!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 13:29, Processed in 0.493394 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش