مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1853 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 14:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېچىلغان تاغ گۈلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن راھەتبەخىش شەھەردىن ۋاز كېچىشكە، تاغقا ياماشقۇچى ئەزمەت بولۇش ئۈچۇن، ئاپئ ...

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ماۋسۇممۇ باشلىناي دەپ قالدى . شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ ئۇلارغا مەدەت بى...

  • بەختىيار(بايقاش ئۈلۈشكۈن 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايەم بۈگۈن،قۇتلۇق روزا ھېيىت!ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن...

  • دىلرۇس 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشتىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك!

  • pari 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    توپقا قوشۇلالمايۋاتىمەنغۇ؟؟؟

  • abdihnijan 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ياخىشمۇ سسللەر؟ئايەملەرگە مۇبارەك بولسۇن.مەن يىللارغا خىتا....

  • دىلداش 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 6

ئانا تىل شىركىتىنى قوللايلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

297

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
59 سەر
تىللا
39 دانە
تۆھپە
45 سەر
شۆھرەت
58 سەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدايانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            
   قەھرىمان ئانا تىل شىركىتىمىزنى قوللايلى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا تىل ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانغان،  ئەقىدە ئىتىقادلىق قېرىنداشلىرىم!  ئانا تىلىمىز قوغداشقا مۇھتاج! شۇنداقلا ئاناتىل شىركىتىمىزمۇ قوللاشقا مۇھتاج! چۈنكى
بۇجەھەتتە قەھرىمان ئانا تىل شىركىتى سەپنىڭ ئالدىدا بىزگە يول باشلاپ ماڭماقتا!  تېخى يېقىندا ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللام ۋە شائىر كىيئوغلى ئادىل تۇنىياز بىلەن ئانا تىل شىركىتىگە كىلىپ شىركەتتىكىلەرگە ئىلھام بەرگەن! زىيارەت داۋامىدا ئادىل تۇنىيازنىڭ "ھازىرقىدەك شارائىتتا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان، ئانا تىلى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر قەھرىمان "دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلاندىم.شۇنداق!  ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان ھەربىر ئۇيغۇر،  ئاناتىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىرىسلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە!  ' يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراپ باقساق زاڭزۇلارغا قوش تىل يوق، يەنە قوش تىل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىش يوق، زاڭزۇلارغا پىلانلىق تۇغۇت يوق، زاڭزۇلارغا دىننى سۇسسلاشتۇرۇش، دىننى چەكلەش، ھەمدە ساقال بۇرۇت قويۇشنى چەكلەش، رومال ئاتىشنى چەكلەش، دىگەندەك ئىش يوق! پەقەت بۇنداق سىياسەتلەر بىزدەك ياۋاش مىللەتكىلا يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىرىمىزدىن ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت،  ئۆتكۈر ئەركىن..............قاتارلىق ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شەخىسلىرىمىزنىڭ ئەجرى مىھنىتى،   ئىرپان، بىلكان، قارلۇق، قۇتلان، مۇئەللىم ...........قاتارلىق شىركەتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر، تېلفون.......قاتارلىقلاردا تونۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇجەھەتتە يەنى كومپىيوتېر، تېلفون قاتارلىقلارغا تونۇتۇلۇشتا، بولۇپمۇ. wndwos 8 ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنىڭ ئېچىلىشى جەھەتلەردە "جۇڭگۇدا خەنزۇتىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، تۈرىك تىللىرى جەھەتتە تۈركىيە تىلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، ئەرەپ يېزىقىغا مەنسۇپ يېزىقلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىغا قارىغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىغان. مەسىلەن : يېقىنقى بىر ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  ئەھۋالى مۇنداق. :
(1) مۇڭغۇللارنىڭ 30٪مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40٪مۇڭغۇلچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70٪مۇڭغۇل مۇڭغۇليېزىقىنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(2) 95٪مانجۇ، مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، مانجۇچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(3)25٪تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 70٪تىبەتچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(4)65٪جۇاڭزۇ، جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 85٪جۇاڭزۇچە خەتنى ئوقىيالمايدىكەن.
(5)10٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 20٪ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 30٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇشتا ساۋاتسىز ئىكەن.
بىرمىللەتنى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان ئۈچ نەرسە بار.(1)تىل يېزىق.(2) دىنى ئىتىقاد.(3) مىللى ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت. شۇڭا بىزنىڭ دىنىمىز، تىل يېزىقلىرىمىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇلىشى مۈمكىن......قالغىننى بىلگۈچى بىر ئاللا...
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرغان، قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمز چېچۋودنىڭ 50 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان ( مۇ قۇرۇقلۇقى) ھەققىدىكى بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنى بىلگەن جاللات سىتالىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوقىتىۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى غەربى تۇركىستاندا خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەردەك ئاپتونومىيە بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ھەمدە غەربى تۇركىستاننى سوراشتا،"  قازاق، قىرغىز قاتارلىقلار ياشلىرىنى تەربىيلەپ شۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن ھاكىمىيىتىگە ئىشلەتمىگەن. ئامال بار زىيالىرىنى قىرىپ تۈگەتكەن! ئۇيغۇرلار بەختىنى باش كۆتۈرگەن ھامان تۇنجۇقتۇرۇپ ماڭغان.
دىمەك سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىدىن قورۇققان.  
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز مەكتەپلىرىمىزدە چەتكە قېقىلىپ، تەپمە تاياققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا قۇياشتەك نۇرچاچماقتا.. ... يېقىندا توردا ئىلان قىلىنغان : ئامرىكا قاتارلىق نۇغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى ئالى مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى...مەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشى بىلەن ئانا تىلىمىز يوقالمايدۇ!  دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ،  قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىلىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!
قانداق كۈچ چىقىرىمىز؟ مىنىڭچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان "ئانا تىل شىركىتى "دەك ئوت يۈرەكلەرنى قوللاشمۇ ئانا تىل مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىق بولىدۇ. ھېچ بولمىسا بىلكان، قۇتلان ..."ئاناتىل شىركىتى "...قاتارلىق ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان شىركەتلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەكمۇ ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولىمىز. مەن ھازىر بىلكان ئەقلىفونىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. يېڭىدىن بازاغا سېلىنغاندىلام سېتىۋالغان ئىدىم مەسىلە كۆرۈلمىدى. بۇيازمىنىمۇ مۇشۇ تېلفوندا يېزىۋاتىمەن،  تېلفوندا ئەسەر يوللاۋاتىمەن. قەيەردە ئىلھام كەلسە شۇيەردىلا تېلفون ئارقىلىق خەت يازىمەن. خالىغان يازمىلارنى ماقالىلارنى ئىلكىتاپلارنى ساقلىۋىلىپ ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن. شۇنداق قولاي. سەككىز يۆنىلىشلىك لۈغەت، بىر بىرىدىن ئىسىل ئانا تىلدىكى ئەپلىرىنىڭ ھەددى ھىساۋى يوق. ئىھتىياجغا قاراپ ئىشلەتسەك بولىدىكەن. شۇنداق راھەت!
قېرىنداشلىرىم!!  
قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلايلى! . ئىش قىلىپ قانچىلىك قىلالىساق، شۇنچىلىك كۈچ چىقىرايلى!  بۇئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بەختى، تەختى شۇنداقلا مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كاتتا ئىش!  ئانا تىلىمىز ھەربىرىمىزنىڭ ئۇنى ئەزىزلەپ قوللۇنىشىمىزغا، ۋە باشقىلارنىڭ خىرىسىدىن قوغدىشىمىزغا مۇھتاج!  ئانا تىلىمىزنى قوغدىماي، بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىۋالساق، باشقىلارغا ئاسىملاتسىيە بولۇشنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بولۇدۇ شۇ!!!!! ...


           ئاناتىل

تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئاناتىل.
تەسەۋۋۇرۇم سەندىن چاپارئانا تىل،
قانات قېقىپ تەسەۋۋۇرۇم سەن بىلەن،
ھەق نۇرىدا ھىكمەت تاپار ئانا تىل.
مىڭ يىل بۇرۇن شاھ ئەسەرلەريېزىلغاچ،
ئىتىقادىم ساڭا ئاشار ئانا تىل.
خاقانىيە تىلى دىيلىپ قۇياشتەك،
مىڭ يىل بۇرۇن بەرگەن باھار ئاناتىل.
بۇرۇن ئەرەپ تىل بىلەن تەڭ چاپقىنىڭ،
ۋۇجۇدۇمغا غۇرۇر قاتار ئانا تىل.
كىرگەچ ئەمدى كومپىيوتېر بېشىغا،
خىسلىتىڭ تېخىمۇ چاقنار ئاناتىل.
خۇشخەت بىلەن جۇلالىساڭ ئىلاندا،
گۈزەللىكىڭ قايناپ تاشار ئاناتىل.
سىنى كۆرسەم تىنىم يايراپ شادلىنىپ،
سەنسىز دائىم ئىشىم ئاقسار ئاناتىل.
       2013-8


مەنبە:  ئۆزۈم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

567

تېما

28

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7009 سەر
تىللا
2828 دانە
تۆھپە
7702 سەر
شۆھرەت
5633 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 01:44  

ئانا تىلنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ  ئورتاق مەسئۇلىيتى جىق گەپ قىلماي ناھايتى  چۈشۈنۈشلىك گەپلەركەن بۇ
دەرىس تەييارلىقى يولللىغاندا قوش تىل ۋە ئادەتتىكى يىللىق دەپ ئىنىق ئەسكەرتىش بىرەيلى  .

24

تېما

4

دوست

1673

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
508 سەر
تىللا
43 دانە
تۆھپە
270 سەر
شۆھرەت
244 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.....................................توغرا ئانا تىلنى قوغدايلى قەدىرلەيلى............!!!!!

624

تېما

132

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9074 سەر
تىللا
93739 دانە
تۆھپە
5697 سەر
شۆھرەت
6181 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى قوغدىغانلىق-ئۆز مىللىتىمىزنى قوغدىغانلىق، غورۇرىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئارىمىزدىن چىققان بۇ  باشلامچى شىركەتكە ھەمىمىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كىلىشىچە مەدەت بېرەيلى!
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

292

تېما

103

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6686 سەر
تىللا
1710 دانە
تۆھپە
10740 سەر
شۆھرەت
5709 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدايانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
,ئانا تىلىمىزنى ئېغىزىمىزدە ئەمەس ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن قوللايلى . ئوقۇتقۇچىلار مئاتا - ئانىلار  پەرزەنتلىرىمىزگ ئانا تىلىمىزنى تونۇتايلى ھەم مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى - پەزىلەتلىرى بىلەن ،ئۆرۈپ ، ئادىتىمىز بويىچە تەربىيلەيلى . رەھمەت سىزگە
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

99

تېما

42

دوست

5395

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1370 سەر
تىللا
361 دانە
تۆھپە
883 سەر
شۆھرەت
903 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۈرك ئەپەندىمنىڭ مۇلاھىزىسى تولىمۇ ياىشى بۇلۇپتۇ.شۇنداقلا ماقالە ئىنتايىن جانلىق،قاراتمىلىق يېزىلىپتۇ.ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ھەربىر پۇقرانىڭ ۋىجدانى بۇرچى.مەسلە بۇنى تۇنۇشتا. شۇڭا بىز مائارىپچىلار بۇ جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كىرەك.
ئادىل تۇنيازنىڭ دۇنياغا بەرگۇسىز ھېكمەتلىك سۆزىگە قاراڭ.دەل يۇرەككە تىگىدۇ :ھازىرقىدەك شارائىتتا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان، ئانا تىلى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر قەھرىمان .
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.

15

تېما

46

دوست

5631

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1079 سەر
تىللا
316 دانە
تۆھپە
1114 سەر
شۆھرەت
1337 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى سۆيۈش، قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەممىمىزنىڭ مەجبۇريىتى بار، ئىشىنى ئەمەليىتىمىزدە كۆرسىتەيلى!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-10 01:23, Processed in 0.666651 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش