مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1852 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ماۋسۇممۇ باشلىناي دەپ قالدى . شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ ئۇلارغا مەدەت بى...

  • بەختىيار(بايقاش تۈنۈگۈن 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايەم بۈگۈن،قۇتلۇق روزا ھېيىت!ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن...

  • دىلرۇس ئۈلۈشكۈن 01:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشتىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك!

  • pari 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    توپقا قوشۇلالمايۋاتىمەنغۇ؟؟؟

  • abdihnijan 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ياخىشمۇ سسللەر؟ئايەملەرگە مۇبارەك بولسۇن.مەن يىللارغا خىتا....

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

كۆرۈش: 36|ئىنكاس: 4

ئەزالار تارتىش ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

297

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
59 سەر
تىللا
39 دانە
تۆھپە
45 سەر
شۆھرەت
58 سەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدايانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!  ماڭا يېقىندا ئەزالار تارتىش ھەققىدە بىر قەدىمقى ئەسەر ئۇچراپ قالدى. كۆرۈپ بېقىڭلار!


         ئەزالار تارتىش بىشارىتى

ئەزالارتارتىش ئادەم بەدىنىدىكى مۆجىزىلەرنىڭ بىرى،شۇنداقلا ئەزالار تارتىش بىشارىتى قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆز بېشىدىن كۆچۈرگەن بۇجەھەتتىكى تەجرىبىللىرىنىڭ تەتقىقات يەكۈنى بولۇپ، بۇتەجرىبىلەر  پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتىرياللاردۇر.
بىز داۋاملىق بەزىلەرنىڭ« قاپىغىم تارتىۋاتىدۇ،ئوڭ قاپىغىم تارتسا يارىشىدۇ، ياكى سول قاپىغىم تارتسا ياراشمايدۇ....» دىگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.مىنڭمۇ شۇنداق بولغان. ئاخىرى بۇھەقتە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ھەم بۇماتىريال قولۇمغا چۈشۈپ خېلى كۆپ بۇھەقتىكى بىشارەتلەر ئۆز بېشىم ئارقىلىق تەجرىبىدىن ئۆتتى. ماتىريالدا شۇنداق دىيلىدۇ؛
راۋايەت قىلىنىشىچە دانىيال ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپتۇ؛ ئەگەر كىشىنىڭ   كۆزى يەكشەنبە كۈنى تارىتسا، خوشاللىق بولۇر. ئەگەر دۈشەنبە كۈنى تارىتسا ئىشلىرى راۋان بولۇر. ئەگەر سەيشەنبە كۈنى تارىتسا ھەرئىشتىن ھەزەر قىلماق كىرەك.ھەرخىل خاپىلىقلار كىلىشى مۈمكىن(بۇتەجرىبىدىن ئۆتتى). ئەگەر چاشەنبە كۈنى تارىتسا سەپەر قىلۇر. ئەگەر پەيشەنبە كۈنى تارىتسا خوشاللىق بولۇر. ئەگەر جۈمە كۈنى تارىتسا مۇرادى ھاسىل بولۇر. ئەگەر شەنبە كۈنى تارتسا مىھمان كىلۇر، ياكى مىھمانغابارۇر. ئوڭ قۇلاق قىزىسا(غوڭۇلدىسا) ئەركىشى گىپىنى قىلغان، سول قۇلاق قىزىسا ئايال كىشى گىپىنى قىلغانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.
بەدەننىڭ ئوڭ تەرەپ ئەزالىرىنىڭ تارىتماقنىڭ بايانى؛
1-ئەگەر كىشىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆپىسى تارىتسا دۆلەت تاپار.
2-باشنىڭ تۆپە چۆرىسى تارىتسا رىزقى زىيادە بولۇر.
3- بېشىنىڭ ئالدى تەرىپى تارىتسا ئەيشى ئىشرەت قىلۇر.
4-ئەگەر قېشى تارىتسا دوسىتلىرى ۋە پەرزەنتىدىن شادلىق كۆرەر.
5-ئەگەر قوشۇمىسى تارىتسا دوستىنىڭ يۇزىنى كۆرەر.
6-قېشىنىڭ قۇيرۇقى تارىتسا كىشى بىلەن خۇسۇمەتتە بولغاي.
7-ئۈستۈنكى قاپىغى تارىتسا دوستىنى كۆرەر ياكى يامان سۆز ئىشتۇر.
8-كۆزنىڭ ئىچى تارىتسا مەنپەئەت كۆرەر.
9-كۆزنىڭ قۇيرىقى تارىتسا رىزقى كەڭرى بولۇر.
10-ئۈستۈنكى كىرپىك تارتسا دۈشمىنى غەيۋەت قىلۇر.
11-كۆزنىڭ چۆرىسى تارىتسا دۆلەت تاپار.
12-ئاستىنقى قاپىغى تارىتسا شاد بولۇر،ئاغرىق بولسا شىپا تاپار، ھەم دوستلىرىدىن شادلىق كۆرەر.
13-چىكىسى تارىتسا دۆلەت تاپار.
14-قاڭشىرى تارىتسا غەملىك بولۇر.
15 -بۇرنىنىڭ ئوڭ تەرىپى تارىتسا غېنى بولۇر.
16-بۇرنىنىڭ ئىچى تارىتسا خوتۇنى ئاغرىپ قالۇر.
17 - ياڭىقى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
18- ئۈستۈنكى لىۋى تارىتسا مىھماندارلىققا بارۇر.
19 -جاۋغىيى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
20ئىڭەكنىڭ ئۈستى تەرىپى تارىتسا،يېقىن ئادىمى كىلۇر،ياكى ئەيشى-ئىشرەت قىلۇر.
21  -ئاغزى تارىتسا غايىپلار(يوق) ھازىر بولۇر.
22-تىلى تارىتسا نىئمەت زىيادە بولۇر.
23  -زىناق تارىتسا دوسىتلىرىدىن شادلىق كۆرەر.
24 -ھەلقۇمى تارىتسا نىئمەتلىرى زىيادە بولۇر.
25-قۇلىق تارىتسا شادبولۇر.
26  -قۇلاقنىڭ ئىچى تارىتسا مۇرادى ھاسىل بولۇر.
27-كۆزى تارىتسا دۆلەت تاپار.
28 -قۇلاق ئالدى يۇمشىقى تارىتسا ئازراق غەم يىتەر.
29-گەدىنى تارىتسا خوشال بولۇر.
30  -بىلىكى تارتسا نىئمەتلىرى كۆپ بولۇر.
31  -بېغىشلىرى تارىتسا قولىغا مال كىرەر.
32   -ئالقىنى تارىتسىمۇ ھەم قولىغا مال كىرەر.
33 -قولىنىڭ ئارقا دۇمبىسى تارىتسا يامان ئىشتىن ئەندىشە قىلۇر.
34   -باشبارمىقى تارىتسا خۇدائىتائالا يار بولۇر.
35-بىگىز بارماق تارىتسا خۇسۇمەت قىلۇر.
36-ئوتىرائىگىز بارماق تارىتسا ئوبدان سۆز ئىشتۇر.
37-ئوتىرا بارماق تارىتسا خوش-خەۋەر ئىشتۇر.
38-چىمچىلاق تارىتسا ھەم خوش-خەۋەر ئىشتۇر.
39-ئەگەر كۆكرىگى تارىتسا خۇسۇمەت قىلۇر.
40-ئەمچىكى تارىتسا شاد بولۇر. يۈرەكنىڭ ئۈستى تەرىپى تارىتسا دۈشمەندىن خالاس بولۇر.
41-قورسىقى تارىتسا ئىززەت تاپار.  
42-كىندىكى تارىتسا يىراقتىن غايىبى كىلۇر.
43-  بېقىنى تارىتسا كىسەل بولۇر.
44-بىلى تارىتسا ئىززەت ھۆرمەت تاپار.
45- ساغرىسى تارىتسا دۈشمىنىنىڭ مەغلۇبىيتىنى ئاڭلار.
46- ئەرەنلىكنىڭ ئارقىسى تارىتسا غەمكىن بولۇر.
47-پەرجىنىڭ ئىچى تارىتسا مال تاپار.
48-ئالقان تارىتسا بىغەم بولۇر.
49-دوۋسىنى تارىتسا مال تاپار.
50-ئالىتى(جىنسى ئەزاسى) تارىتسا سەپەر قىلۇر.
51 -يوتىسى تارىتسا سەپەردە خوشال بولۇر.
2 5-يوتىنىڭ ئىچى تارىتسا ئەيشى-ئىشرەت قىلۇر.
53 -تىزى تارىتسا ئۆيدىن-ئۆيگە كۆچەر.
54-پاچىغى تارىتسا خوشخەۋەر ئىشتۇر.
55-پاچاقنىڭ ئىچى تارىتسا يىراقتىكى تۇققانلىرى كىلۇر.
56-پۇتنىڭ ئالدى تەرىپى تارىتسا دۆلەت تاپار.
57 - ھوشىقى تارىتسا سەپەر قىلۇر.
58-ئىچكى ھوشۇقى تارىتسا نىمەتلىرى زىيادە بولۇر.
59 -پۇتنىڭ ئۈزەڭگۈلىكى تارىتسا سەپەردىن مال تاپار.
60 -پۇتنىڭ باشبارمىقى تارىتسا مەرتىبىسى ئۈستۈن بولۇر.
61 -باشبارماق يېنىدىكىسى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
62-ئوتىراپۇت بارمىقى تارىتسا مېلى زىيادە بولۇر.
63-پۇت چىمچىلاق يېنىدىكىسى تارىتسا نىئمەتىلىرى زىيادە بولۇر.
64- چىمچىلاق پۇتى تارتسا خۇشخەۋەر ئىشتۇر.
65 -تاپىنى تارتسا غايىپتىن مال تاپار.
66-پۇتىنىڭ دۈمبىسى تارتسا راھەت تاپار.


بەدەننىڭ سول تەرەپ ئەزالىرىنىڭ تارىتماقنىڭ بايانى؛
1-بېشىنىڭ تۆپىسى تارىتسا ئىززەت تاپار.
2-بېشىنىڭ چۆرىسى تارىتسا ئاداۋەت قىلۇر.
3-ئېڭىكى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
4-پىشانىسى تارىتسا كۆپ پىكىر(تەپەككۇر)قىلۇر.
5-يان بويۇن تارىتسا دۈشمەنلىرى غەمكىن بولۇر، ئەيشى-ئىشرەت كۆرەر.
6 -قېشى تارىتسا مېلى زىيادە بولۇر.
7-قېشىنىڭ قۇيرىقى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
8-قاپىقى تارىتسا دوستلىرىدىن شادلىق كۆرەر ۋە خوشخەۋەر ئىشتۇر.
9- كۆزىنىڭ ئىچى تارىتسا خوشخەۋەر ئىشتۇر.
10-ئاستىن قاپىقى تارىتسا ئاداۋەت كىلۇر ھەم غايىپلىرى كىلۇر.
11 - يۇزى تارتسا دوست تاپار.
12-بۇرنى تارتسا غەمكىن بولۇر.
13 - ئۈستۇنكى لېۋى تارىتسا رىزقى زىيادە بولۇر .
14-ئاستىنقى لېۋى تارىتسا ئەيشى-ئىشرەت كۆرەر.
15 - ياڭىقى تارىتسا خوشخەۋەر ئىشتۇر.
16 -قۇلىقى تارتسا ياخشى سۆز ئىشتۇر.
17-ئىڭىكى تارىتسا كۆڭۈلسىزلىك بولۇر.
18-ھەلقۇمى تارىتسا كىسەل بولۇر.
19  - دولىسى تارىتسا مەقسەتكە يىتەر.
20-بازىسى(تاغىقى)تارىتسا خوشخەۋەر ئىشتۇر.
21 -قولىنىڭ ئارقىسى تارىتسا پازىللاردىن بولۇر.
22-قولنىڭ ئالقىنى تارتسا مال تاپار .
23- باشبارماق تارىتسا ئۇلۇغ بولۇر.
24-بىگىز بارماق تارىتسا نىئمىتى زىيادە بولۇر.
25-ئوتىرا بارماقلىرى تارىتسا نىئمىتى زىيادە بولۇپ ئەھۋالى خۇشھال ئۆتكەي.
26- چىمچىلاق تارىتسا ئىززەت تاپار .
27 -گەدىنى تارىتسا غايىبى كىلۇر.
28-ئەمچىكى تارىتسا دۆلەتمەن بولۇر.
29 -سىنىسى(جىنسى ئەزاسى) تارىتسا مالدار بولۇر.
30-قوسىقى تارىتسا مەقسىدى ھاسىل بولۇر.
31-بېلى تارىتسا باي بولۇر.
32-بىقىنىىڭ تۆپىسى تارىتسا ئاداۋەت كىلۇر.
33-بىقىننىڭ ئالدى تەرىپى تارىتسا ئۇلۇغلۇققا ئىرىشۇر.
  34-تىزى تارىتسا غايىبى(يوقلىرى) كىلۇر.
35-لىپەك تارىتسا كىسەل بولۇر.
36-ھوشۇقى تارىتسا ئاداۋەتكار بولۇر.
37- تاپىنى تارىتسا مال تاپار.
38-پۇتىنىڭ ئارقىسى تارىتسا پازىل بولۇر.
39-باشبارماق پۇتى تارتسا ئىززەت تاپار.
40-باشبارماق يېنىدىكىسى تارىتسا سەپەر قىلۇر.
41-ئوتىرا بارمىقى تارىتسا مۇشكىلى ئاسان بولۇر.
42-چىمچىلاق يېندىكى بارمىقى تارىتسا دۆلەت تاپار.
43 -چىمچىلاق پۇتى تارىتسا ئەيشى-ئىشرەت قىلۇر.           


   2013-3.
ھىجرىيە1331-يىلى تاشكەندە بېسىلغان نۇسخسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
                              
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

99

تېما

42

دوست

5395

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1370 سەر
تىللا
361 دانە
تۆھپە
883 سەر
شۆھرەت
903 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالچىلىق ئاساسىدىكى قىياس ئوخشايدۇ، تىمىڭىزغا رەھمەت. يەنىلا ياراتقۇچى بىلەن ئۆزىمزىگە ئىشەنگۇنىمىز تۇزۇك.
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.

567

تېما

28

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7004 سەر
تىللا
2828 دانە
تۆھپە
7697 سەر
شۆھرەت
5628 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چۇقۇم پالچىلىقنىڭ بىشارىتىدىن دىرەك بىرىدۇ .  ياخشى تىمىكەن . بىراق بىز يارتقان ئاللاغىلا ئىشىنىشىمىز كىرەك
دەرىس تەييارلىقى يولللىغاندا قوش تىل ۋە ئادەتتىكى يىللىق دەپ ئىنىق ئەسكەرتىش بىرەيلى  .

191

تېما

91

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6749 سەر
تىللا
1363 دانە
تۆھپە
7267 سەر
شۆھرەت
5237 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈپ قويۇشقا تىگىشلىك ياخشى تېمىكەن رەھمەت سىزگە.
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

15

تېما

46

دوست

5631

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1079 سەر
تىللا
316 دانە
تۆھپە
1114 سەر
شۆھرەت
1337 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جەھەتتە بىلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-9 12:42, Processed in 0.504179 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش