قۇرغاقلىشىۋاتقان روھى دۇنيا-مىللى پاجىئە
(بايقاش مۇكاپاتلىق سەھىپىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر)
دۇنيا ئۇچۇر دەۋرنىڭ رىقابەتكە تولغان زىدىيەتلىك قوينىدا مۈدۈرۈپ يۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات تىزگىنىنى كىمگە تۇتقۇزۇشنى بىلەلمەي ھودۇقۇپ يۈرگەن مىنۇتلاردا كىشىلەرنىڭ ماددىي – مەئىشەتكە بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ،روھى دۇنياسى شورلىشىشقا باشلىدى.بۇ سۆزىمىزنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە شەھەرلەردە كۈنسىرى ئىگىزلەۋاتقان سەرەڭگە قېپىدەك ئۆيلەر،ئۇنىڭغا سولىنىپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ياتلىشىشى،ماددى مەئىشەت بىلەن مەنىۋى نامراتلىقنىڭ بىر-بىرىگە قىلىۋاتقان تىنىمسىز خىرىسلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك بىز مىللەتنىڭ ئەتىسىنى،كەلگۈسىنىڭ تىزگىنىنى خىرىس ئىچىدە چوڭ بولىۋاتقان ۋە چوڭ بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىچارە پەرزەنتلىرىمىزگە تاپشۇرىمىز.بۇنداق قىلماسلىققا ھەددىمىزمۇ يوق.شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيلىنىشىگە،كەلگۈسىدە يۈزىمىزنى يورۇق ،مىللى كىملىكىمىزنى تۇنۇغان ھالىدا كەلگۈسىگە ئىگە بولالىغۇدەك ئىقتىدار ھازىرلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەيمىز؟شەھەردە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلىرىمىز چايغا كەتكەن ئاتا-ئانىسىنى ساقلاپ تۈن تەڭگىچە ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ،تورخانىلاردا ئويۇن ئويناپ ،كوچا-كويلاردا قېقىلىپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ،يېزا-قىشلاقلاردىكى بالىلار كالا-قويلارغا ھەلەپ ئېتىپ،ئېتىز-ئىرىقلاردا قىيغىتىپ يۈرسە شانلىق تارىخىمىزنى،مىللى مەدەنىيتىمىزنى جۇلالاندۇرغۇدەك ئەقىل-پاراسەت،غەيرەت –شىجائەت ئۇلارنىڭ روھىغا ئۆزلىكىدىن ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتەرمۇ؟مۇمكىن ئەمەس،بىزنىڭ كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىمىزدىن چىقىرىلغان ئاددى يەكۈن.ئائىلە،جەمئىيەت،مەكتەپ ئورتاق تىرىشقاندىلا بالىلىرىمىز يۇقىرىقىدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ.ئەپسۇس،بالىلىرىمىز بۇ ئىقتىدارغا نائىل بولۇش ئۈچۈن جەمئىيەت نېمە قىلىپ بېرىۋاتىدۇ؟مەكتەپ،ئاتا-ئانىلارچۇ؟بۇ سۇئاللار ۋىجدانىمىزنى نۇمۇس ئوتىدا كۆيدۈرۈىدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى يېتىپ ئاشقۇچە بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆيۈنۈشكە پۇرسەت بەرمەيدۇ.ئائىلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت،باش-ئاخىرى يوق چاي ۋە مېھماندارچىلىق سەۋەبىدىن بالىلارغا كۆيۈنۈشكە ۋاقىت يوق.پەقەت يىرىم كېچىلەردە،گىرىم ئۈستىلى ئالدىدىكى ئالدىراشلىق ئىچىدە نېمىشقا ئىمتىھاندا يۈز نومۇر ئالالمىغانلىقى،تاپشۇرۇقنى قانداق ئىشلىگەنلىكىنى سوراقلاشقا ئاران ۋاقىت چىقىدۇ.ئەمما ئۇلار بىلەن سىردىشىشقا،ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە ۋاقىت يوق.جەمئىيەت بولسا ئۇلارنى تېخىمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن چەتكە قىقىپ،ئوتتەك قىزىقىشلىرىغا سوغۇق سۇ سېپىۋاتىدۇ.شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئوماق بالىلىرىمىز تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن مەھرۇم ئىس-تۈتەك،ۋاراڭ-چۇرۇڭ قاپلىغان شەھەر ئېكولوگىيسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانسا، يېزا- قىشلاقتىكىلەر ئىلىم-پەننىڭ يېڭىلىقلىرىدىن خالى ھالىدا بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە تەپەككۈرىنى،بالىلىق خىياللىرىنى گەجگىسىدىن بېسىپ تۇرغان بوخچىلار ۋە تۈگىمەس تاپشۇرۇق ئىسكەنجىسىدە نابۇت قىلىپ ياشىماقتا. كەمىنە تەشۋىشلىك خىيال ئىچىدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن رەھىمسىز رىئاللىقنىڭ ئەينەن كۆرنۈشلىرىنى كىتابخانلارنىڭ دىل ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.بىر كۈنى شىنخۇا كىتابخانىسىدا ئايلىنىپ يۈرەتتىم.توساتتىن كىتابخانا خادىملىرى ئۆرە-تۆپە بولۇپ كەتتى.نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي دەرھال پاتپاراقچىلىق قاپلىغان ئىشىك تەرەپكە ئۆزۈمنى ئاتتىم-دە،كۆز ئالدىمدىكى ئىچىنىشلىق رىئاللىق چاناقلىرىمغا ياش تولدۇرۇپ،نائىلاج كەينىمگە بۇرۇلۇشقا مەجبۇرى قىلدى.ئەتتىگەن سائەت 7:30 دىن چۈشتىن كېيىن4:30،بەشلەرگىچە مەكتەپنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەشنەم بىلەن يۇغۇرۇلغان كۆيۈنۈشلىرىدىن قۇتۇلۇپ،ئىلىپتەك قەددىنى ئىغىر بوخچىلار ئالىدغا ئېڭىشتۈرگەن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى كىتابخانىغا باستۇرۇپ كىرگەن ئېدى.ئۇلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قانچىلىك شىرېن خىيال قوينىدا ئەللەيلىنىپ چىققانلىقىنى ئاشۇ بىچارىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.قاراڭ يول-بويى مۇئەللەقتە ئەركىن پەرۋاز قىلغان خىيال قۇشلىرىنىڭ پەيلىرى ئىشىك تۈۋىدىلا يۇڭدىلىپ،شۈمشەيگەن پېتى نائىلاج كەينىگە بۇرۇلدى. بالىلارنىڭ قارىسى ئىشىك تۈۋىدىن يۈتەر-يۈتمەيلا كىتابخانىدىكى خادىملار غۇلغۇلىغا چۈشتى. –مەكتەپتىن قويۇپ بەرمىسىكەن دەيمەن بۇ شۇملارنى،كىتاب ئالغىلى بى موچىنى يوق بىكارلىق نەرسە تارقاتقاندەك ئۇدۇل مۇشۇ يەرگە كېلىۋالغان. -يا ئادمنى ئارامىدا قويمىغان قۇلاق -مېڭىسىنى يەپ،يا تىزىپ قويغان كىتابلارنى ئارامىدا قويمىغان . -شۇ ئەمەسمۇ؟... -ئاتا-ئانىسى مەكتەپتىن يېنىپ نەلەردە يۈردۈڭ دېمەمتىكى...-ئۇنداق دەيدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆيلىرىگە بېرىپ بولدى ئاداش.بۇلارنى ۋاقتىدا كەلمىدىڭ دەپ سوراقلايدىغان ئانىسى بىرەر ئايرىم خانىدا قاتار چاي ياكى باشقىچە سىرلىق ئولتۇرۇش قوينىدا ئاداش،دادىسى بولسا ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانىدا ياكى ماجاڭخانىدا قىمارغا چۈشۈپ بولدى.ياكى رومكا بىلەن ئېغىز –بۇرۇن يالىشىپ ،ھاراق بوتۇلكىسى بىلەن دوستلىشىۋاتىدۇ.شۇڭا بۇ بالىلار خالىغانچە كوچا چىڭداپ،ئاتا-ئانىسى كېلىشنى پەملەپ ئۆيىگە كىرىدۇ-دە،تاپشۇرۇق دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ،ئېڭىكىنى يۆلەپ تىرىشچانلارچە كۆرنۈش ياساپ ئولتۇرىدۇ.... بۇلار كىتابخانىنىڭ غوللۇق خادىملىرى،جەمئىيەتنىڭ مۇدا خېنىملىرىدەك قىلاتتى.ئارىدا يەنە نۇرغۇن غەيۋەت-شىكايەتلەرمۇ بولۇپ ئۆتتى.قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارمۇ ئايال،يەنە كېلىپ ئاللاقاچان ئانىلىق سەپىرىگە ئات سېلىپ بولغانلار ئىدى.بۇنى بالىلىرى،ئەرلىرى توغىرسىدىكى شىكايەتلىرىدىن بىلدىم.جەمئىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىمۇ خىلى چوڭقۇركەن شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا بالىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغاندۇ؟دېگەنلەرنى ئويلاپ ،بالىلار كىتابى تىزىلغان پۇكەينىڭ قېشىغا كەلدىم.بالىلار ئوقۇشلۇقى كۈزەتچى خېنىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قوغدىشى بىلەن ياخشى ساقلانغان بولۇپ،ئورۇنىدىن قوزغالمىغىنىغا بىرەر يىلچە بولغاندەك تۇراتتى.ھىلىقى خېنىملار بالىلارنى قوغلىۋېتىپ،ئۆزىنىڭ كېلەر قىتىملىق چېيىنى قايسى رېستۇراندا ئۆتكۈزسە ھەمداستىخانلىرىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتكىلى بولىدىغانلىقى،ئۆتكەن قىتىمدا نۆۋەت كەلگەن دوستىنىڭ پىخسىقلىق قىلىپ ئۆيىدە ئۆتكۈزگەنلىكى...توغىرسىدا ئەرزىمەس پاراڭ بىلەن كۆڭلىنى ياساۋاتاتتى.مەن بىچارە بالىلار ئەمدى قەيەرگە بارار دېگەننى ئويلاپ،دەرھال كىتابخانىدىن چىقىپ ئوڭ-سولغا جىددى نەزەر تاشلىدىم.بىر توپ بالىلار ئاللىقاچان ئاققۇ پىيىدەك توزۇپ كېتىشكەن ئىدى.مەن مەيۇس ھالىدا تورخانىغا كىرىپ،تور زىيارىتى قىلىشنى ئويلاپ كىتابخانىنىڭ كەينىدىكى تورخانا ئالدىغا كېلىۋىدىم،قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.چۈنكى،ئالدىمدىكى پەشتاقتا ئىككى ئۆسمۈر ئېڭىكىنى يۆلەپ زوڭ ئولتۇراتتى. ئىككىنچى كۆرنۈش:دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا شەھەر كوچىلىرىدىكى بىر-بىرىدىن ئالدىراش كىشىلەر،ماشىنىلار شەھەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنى تىزلەشتۈرىۋاتقاندەك،تونۇش-بىلىشلەرمۇ باش لىڭشىتىش ،سۇس كۈلۈمسىرەش بىلەنلا سالاملىشىش رەسمىيتىنى ئادا قىلىپ، جىددى ھالىدا كېتىشىۋاتاتتى.دېمەك ئەرلەر قول سىقىشىپ كۆرشۈشكە،ئاياللار مەڭزىنى يېقىپ ئەھۋال سورىشىشقا ھەپسىلى يوق ئىدى.شەھەر تۇرمۇشىدىكى ئالدىراشلىق،بىپەرۋالىق ئىچىدە قېقىلىپ-سوقۇلۇپ بىر خۇسۇسىي كىتابخانىغا كىرىپ ،يېڭىدىن كەلگەن كىتاب-ژۇرناللارنى كۆرىۋاتاتتىم،-نېمە كىتاب؟تىز تاللا ئالىدىغىنىڭنى ۋاقتىمنى ئېلىپ قاراپ تۇرماي...دېگەن مۇزدەك سوغۇق،جىددى بۇيرۇق دىققىتىمنى تارتتى.مەن نەزىرىمنى كىتاب قۇرلىرىدىن سۇغۇرۇپ ،ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم.ئىشىك تۈۋىدە 9-10ياشلار چامىسىدىكى ئۇچىسىغا مەكتەپ فورمىسى كېيگەن بىر ئوغۇل بالا،غەربنىڭ مودۇللىرىدەك ياسانغان 30-35ياشلار چامىسىدىكى ئىككى ئايال تۇراتتى.بالا ئادەملەر ئارىسىدا قىستىلىپ ئىچىگە كىرىشكە ئامالسىز قالغان بولۇپ،كىتابخانىغا بويۇنداۋاتاتتى.كىتابخانخا خوجايىنى كىشىلەر ئارىسىدا سىقىلىپ نېمە قىلارنى بىلەي تۇرغان بالىدىن‹‹نېمە كىتاب ئالاتتىڭىز››دوپ سورىدى.-تىل-ئەدەبىيات مەشىقلەر توپلىمى دېدى بالا ئارانلا ئاڭلانغۇدەك قىلىپ.-بىز ئۇنداق كىتابلارنى سالمىغان .شىنخۇا كىتابخانىسىدا بار....-ھۇ...ي غوجام!سېلى يول باشلىغۇچىمۇ ياكى كىتاب ساتقۇچىمۇ؟يوق،پوق دەپ بويۇن قىسىپ ئولتۇرغۇچە ئۆيلىرىدە ئىشەك باقسىلا بولمامدۇ؟چىقە بۇياققا دۆت،ئۆزۈڭدىن بەتەر كالۋانىڭ قېشىغا باشلاپ كەلگۈچە ئۇدۇللا باشلاپ بارساڭ بولمامدۇ ھىلىقى يەرگە؟ئادەمنى كەينىڭدىن قانجىق ئىتتەك سوكۇلدىتىۋەرمەي!...ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ جاۋىلداق بالىنىڭ ئانىسىدەك قىلاتتى.مەن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي،ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ خۇسۇسىي كىتابخانىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرى يوق ئىدى. -مەنمۇ بۇ كىتابخانىدا يوقلىقىنى نەدىن بىلەي،خانىم كىتابخانىدىن ئېلىڭلار دېگەنىتى شۇ... -خانىمىڭ قانداقراق نېمە ئۇ؟ئۆزى بىلگندىكىن ئېلىپ بەرسە بولمامدۇ؟قارىغاندا ئوقۇتقۇچىلىققا سالاھىتى توشمايدىغان بىكار نانچى ئوخشايدۇ ئۇ جىنتەك...-يى شىن شۇدېيەنگە بارايلى دېدى يېنىدىكى بىلىمدان جىددىلا . بىلمىگەن يەرنى ئىزدەپ يۈرسەك قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە،كەچتىكى ئولتۇرۇشتا دوست-دۈشمەنلىرىمىز ئالدىدا كونا كېيىملىرىمىز بىلەن بوينىمىزنى قىسىپ ئولتۇرىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن دېدى.ئەمەلىيەتتە ئۇ بىلىمدان خېنىم دېگەن بىر نىيەت كىتابخانىسىدىن شىنخۇا كىتابخانىسى يىقىن ھەم قولاي ئىدى.بىر نىيەت كىتابخانىسىمۇ خۇسۇسىي كىتابخانا بولۇپ،ئاساسلىقى خەنزۇچە ماتىرىيال،ئۇندىن باشقا قوش تىل كىتاب-ماتىرىياللىرى بار بولۇپ،تىل-ئەدەبىيات يانداشما مەشىقى ۋە دەرىسلىك كىتابلىرى تېپىلمايتتى.مانا بۇ شەھەر مۇھىتىدا ئۆزىنى بىر دەپ يۈرىيدىغان مۇدا خېنىملارنىڭ ھالى!ئۇلارنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان شىنخۇا كىتابخانىسىنى بىلمەسلىكى،بالىسىنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى نۇمۇس قىلماي ئوقۇتقۇچىغا يۈكلەپ،ئۇنى ھاقارەتلىشى ۋە كىتابخانا خوجايىنىنى ئورۇنسىز ھاقارەتلىشى ئوغامنى قايناتقان بولسىمۇ،دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ خىيالغا چۈمدۈم.شۇ تاپتا ئۇلاردىن ھازىر ئەڭ مودا بولىۋاتقان كېيىملەر قايسى دۇكاندا سېتىلىدۇ؟ دەپ سورالغان بولسا دۇكاننىڭ ئىنىق ئورنىنى ھېچ دۇدۇقلىماي كۆرسىتىپ بېرەلىشى ياكى يىتىلەپ ئاپىرىپ قويالىشىدا گەپ يوق ھەم ئۇ كېيىملەرنىڭ رەختى،پاسۇنى...قاتارلىقلارنى ئېغىزى-ئېغىزىغا تەگمەي چۈشەندۈرۈپ قويىشىدا شەك يوق.چەتئەلنىڭ پۇراقلىق گىرىم بويۇملىرىنىڭ نامى،ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇت ئادىرسىغىچە،رىستۇران،تىز تاماقخانىلارنىڭ قايسىسىنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى،تامىقى يېيىشلىك ،قايسى خىلدىكى ئىچىملىكنىڭ قايسى تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدىغانلىقى ...قاتارلىقلارنى يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە بىلىدىغانلىقى تۇرقىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.ئەمما،كىتابخانىنى بىلمەسلىكى ئىچىنىشلىق رىئاللىق ئىدى. ئاشۇ خېنىملاردىن سېلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار قايسى دەۋردە ياشىغان؟سېلەر قايسى دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر؟دەپ سورالسا ،ئاتا-ئانىسىنىڭ تەكرار ياماق چۈشكەن كېيىملەرنى كېيىپ،توپا-چاڭغا مىلىنىپ ياشىغانلىقىدىن قاقشاپ،ئۇلارنى ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى بىلمەيدىغان مەتۇلار قاتارىغا چىقىرىپ،ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك توققۇزى تەل،چىنىدەك پاكىز،گۈزەل شەھەردە خانىشلاردەك ھوزۇر-ھالاۋەت ئىچىدە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقانلىقىنى ئاق قۇچقاچتەك جاۋىلداپ سۆزلىشى ئىنىق.ئەمما،بالىڭىز قانداق دەۋردە ياشايدۇ؟دېيىلسە ئۇنىڭ قايسى دەۋردە،قانداق تۇرمۇش كەچۈرشى بىلەن سىزنىڭ نېمە كارىڭىز دېيشى ئىنىق. ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياشىغان ئىپتدائى دەۋردىن ھالقىپ،بۈگۈنكىدەك پۇرسەت ۋە خىرىس بىر-بىرىگە جەڭ ئىلان قىلىۋاتقان پەن-تېخنىكا،ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىقىنى،بالىلارنىڭ بۈگۈنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر دۇنيادا ياشايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلىشكە ھەپسىلى يوق. تەبئەت دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قالغان بۇ نارىسىدىلەر مەكتەپلەردە دەرىسلىك قىلنىۋاتقان كىتابلاردىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇشتىن،تەبئەتنى.دۇنيانى،ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىنى بىلىشتىن مەھرۇم قالسا،ئائىلە،جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىدىن،ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالسا ئۇلار كەلگۈسىدە قانداق سالاھىيەتتە ياشايدۇ؟ئۇلارنىڭ ئەتىسىگە كىم ئىگە بولىدۇ؟بىز بۇ دۇنيادا نېمە ئۈچۈن،كىم ئۈچۈن ياشايمىز؟مانا بۇلار بىزنىڭ ۋىجدانىمىزغا قويۇلغان ۋە قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئەجەللىك سۇئال.بىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن شورلىشىۋاتقان روھى دۇنيارىمىزنى مۇنبەتلەشتۈرەيلى.ئۆزىمىزنى تونۇپ،ئۆزلىكىمىزگە نەزەر سالايلى!بۇ جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى،كەلگۈسىنىڭ ئىلتىجاسى. مانا بۇ شەھەر مۇھىتىنىڭ يېڭىچە مەدەنىي ھاۋاسىدا ئەركىن نەپەس ئېلىپ ياشاۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە قۇرغاقلىشىۋاتقان روھى دۇنياسى،مانا بۇ مىللىتىمىز دۈچ كېلىۋاتقان ئىچىنىشلىق پاجىئە! ---0---
ئىمىنتوختى توختىباقى سەزگۈر(خوتەن شەھەر لاسكۇي ئوتتۇرا مەكتەپ) تېلېفۇن:15009032100 |