| tursunjan يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 20:38  ھەي باشقۇرغۇچىلار بىكاقالغان ئوخشىمامسىلە ............. ... كۆپلەپ رەسىم كۆرگىڭىز بارمىدى. ئۇنى بىلگەن بولسام جىقراق يوللارئىكەنمەن. رەسىم مەرمۇنىنى تەھلىل قىلسىڭىز خوشەن ئەپەندىم دىگەندەك ھىسياتقا كەلگەن بولاتتىڭىز. ئوقۇتقۇچى -تەربىيىچى ، تەربىيىچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەربيىلىشى كېرەك. ياراملىق ئوقۇتقۇچى -نىمىنى ئوقۇتسا شۇنىڭغا ،كىمنى ئوقۇتسا شۇنىڭغا مېھىرىنى بېرىدۇ . مۇۋاپىيەتلىك تەربىينىڭ سىرى -ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا بولغان مېھرى -مۇھەببىتىدە . ئوقۇتقۇچى - ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرسىدىكى جانلىق ھالقا . ئوقۇتقۇچى - بور ، قەلەم ۋە كىتابنى گۆھەردن ئەلا بىلگۈچىدۇر . ئوقۇتقۇچى - ئىنسانىيەت مەدەنيتى ۋە پەننى بىلىملەرنى تارقاتقۇچى بۈيۈك كىشىدۇر . ئوقۇتقۇچى - مول غايىگە ، يۈكسەك ئەخلاققا ،دەۋىر مەدەنيىتيىگە ۋە كۈچلۈك ئىنتىزامغا ئېگە كىشىدۇر . ئوقۇتقۇچى -ئاددى ئادەم . لېكىن خىزمىتى ئۇلۇغ ، ئەنە شۇ ئۇلۇغ خىزمەت ئوقۇتقۇچىنى بۈيۈك قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى -سەمىمىيەت ،كەمتەرلىك ،ھۆرمەت ۋە تىرىشچانلقنى دوست توتقۇچىدۇر . ئوقۇتقۇچى - قەلبلەرگە نۇر چېچىپ ،نادانلىقنى يوقاتقۇچىدۇر . ئوقۇتقۇچى -<< ئوقۇتۇش ماھىرى >> لا ئەمەس ، بەلكى مۇتەپپەككۈر ھەم ئىسلاھاتچىدۇر . ئوقۇتقۇچى - بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ نامايەندىسى ۋە تەقلىد قىىلشقا بولىدىغان ئۈلگە . ئوقۇتقۇچى -ھاياتىڭىزدىكى بىباھا گۆھەر . ئوقۇتقۇچى - تۈندىكى نورلۇق چىراق . ئوقۇتقۇچى - تىمتاس يولدىكى كومپاس . ئوقۇتقۇچى -قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىكى يورۇقلۇق بېغىشلىغۇچى مەشئەل . ئوقۇتقۇچى -سىزگە ئېللىقلىق ئاتا قىلغۇچى باھار . ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى مىجەز -خۇلقى بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ . ئەگەر بۇ ئۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلىب ئېتىزىغا تېرىلسا ،ئۇنىڭدا خۇشپۇراق گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ پۈتۈن پەخرى ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئۆزى چاچقان ئورۇقنىڭ بىخلىنىپ چىقىشىدۇر . ئوقۇتقۇچى -ئىنسانىيەت مەدەنيتىنىڭ ئانىسى . << ئوقۇتقۇچى - ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى >>، بۇ ئۇلۇغلارنىڭ تەبىرى . << ئوقۇتقۇچى -تىرىشچان باغۋەن >> ، بۇ خەلىقنىڭ مەدھىيسى ؛<< ئوقۇتقۇچى -ئىنسانيەت مەدەنيىتىنىڭ ئانىسى >>،بۇ تارىخنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ئېنىقلىمىىسى .
|
|