كۆرۈش: 724|ئىنكاس: 9

دىتالسىز ئىكرانغا قۇلۇپ سېلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 18:25  

ياخشىمۇ سىلەر بايقاشتىكى چوڭ-كىچىك قېرىنداشلار. بىر ئايدىن ئاشتى بايقاشتىكىلەرگە سالام قىلالمىدىم. نىمە سەۋەپتىن بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم. كومپيۇتېرىم  بايقاشنىڭ باش بىتىگە كىرىدۇ، ئەمما تېما ئىچىگە كىرەلمىدى. سېستىمامنى يېڭىلىدىم، تور كۆرگۈنى ئالماشتۇدۇم. يەنىلا ئوخشاش. مانا بۈگۈن دىدار غەنىمەت.
دىتالسىز ئىكرانغا قۇلۇپ سېلىش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىڭلار؟
1.    Prt Sc sysRq كۇنۇپكىسى(F12 نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۇنۇپكا شۇ) ئارقىلىق ياكى ھەر قانداق رەسىمگە تۇتۇش دىتالى بىلەن ئىكراننى تولۇق رەسىمگە تۇتۇڭ ۋە ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئورۇندا ساقلىۋېلىڭ .  
2. ساقلىۋالغان رەسىمنى ئىكران تەگلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
3. باشلاش تىزىملىكىدىن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ خاراكتىر (属性) نى بېسىڭ ۋە ۋەزىپە(任务栏) خەتكۈچىدىن ۋەزىپە سېتونى ئاپتۇماتىك يۇشۇرۇنسۇن(自动隐藏任务栏) دىگەن تىزىملىكنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگۈسىنى قويۇڭ ھەم ئىكراندىكى ۋەزىپە سىتونىنىڭ ئورنى (屏幕上的任务栏位置) نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۇنۇپكىدىن ئوڭ(右侧)تەرەپنى تاللايمىز(ئىكراننى ئوڭ تەرىپىدە كۆپۈنچە بىر نەرسە تۇرمايدۇ، مائۇسنى جىق ئاپارمايمىز) ئارقىدىن مۇقۇمداش(确定) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
4. ئىكران يۈزىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چىققان تىزىملىكتىن تەكشۈرۈش(查看) خەتكۈچىدىن ئىكراندىكى تىزلەتمە قوزغىتىش سىنبەلگىسى(显示桌面图标) دىگەن كۇنۇپكىنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگۈسىنى ئېلىۋېتىمىز.
مانا ئىش پۈتتى، كومپيۇتېرنى قايتا قۇزغاتسىمۇ كومپيۇتېرغا پىششىق بولمىغان كىشىلەر دەمەللىققا ئىشلىتەلمەيدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-1-12 18:08:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىناپ باقاي.  رەھمەت.
ۋاقتى: 2013-1-12 18:14:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تايلاق ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟
ئۆزىڭىز دىگەندەك  بىز بىلەن دىدارلاشمىغىلى خېلى كۈنلەر بولدى .بۈگۈنكى بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇق . ھېلىمۇ  ياخشى سالامەتكەنسىز .
ئەمدى كەلمىگەن كۈنلىرىڭىزنى تولۇقلاپ مۇنبەرگە پات - پات كېلىپ تۇرۇڭ . سىزلەرنى ئىزدەپ ئېلانمۇ چىقاردۇق ئۇندىن باشقا مۇكاپاتلىق يوقلىمىنىمۇ يولغا قويۇپ باقتۇق ھېچ سادا يوق .
ئەمدى بولسىمۇ يوقلىمىغا كىرىڭ .

باھا سۆز

قۇشۇلىمەن  ۋاقتى: 2013-1-12 18:59
قوللايمەن!  ۋاقتى: 2013-1-12 18:24
ۋاقتى: 2013-1-12 18:26:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت!مۇنبىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ بۇرادەر! يىڭى-يىڭى تىمىلىرىڭىزغا تەشنا بىز!

باھا سۆز

يىگىت!يارايسىز!ئەمىسە يوقلاپ تۇرۇڭ! تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-1-12 19:02
تۇنجى مۇھەببەتنى كىم ئۇنتۇپ باققان؟؟!  ۋاقتى: 2013-1-12 19:00
ۋاقتى: 2013-1-12 19:02:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم يوللىغان ۋاقتى  2013-1-12 18:26
تىمىڭىزغا رەھمەت!مۇنبىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ بۇرادەر!  ...

يىگىت!يارايسىز!ئەمىسە يوقلاپ تۇرۇڭ!
ۋاقتى: 2013-1-12 21:09:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخش تېمىكەن ،داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشتۇرغايسىز .رەھمەت.
ۋاقتى: 2013-1-12 21:46:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز بۇرادەر ، ھەقىقەتەن ئەسقاتىدىغان ئۇسۇلكەن، كاللىڭىز ئالامەت ئىشلەپ قويىدىكەن جۇمۇ!!!!

باھا سۆز

شۇنداقمۇ، رەھمەت.  ۋاقتى: 2013-1-13 11:11
ۋاقتى: 2014-2-4 13:08:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   ئىشلىتىپ    كۈرەيچۇ   ،رەھمەت   سىزگە  .
ۋاقتى: 2015-11-4 13:05:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاداش مەن مۇختارجان ئىبراھىم بۇلىمەن
ۋاقتى: 2015-11-4 15:56:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ خاخا........
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش