باشقۇرغۇچىلار يىغىنى‹1›
ياخشى تېمىلارنى تىللالىق قىلىشقا قانداق قارايسىز؟ يېقىندىن بۇيان باشقۇرغۇچى ۋە تۆھپىكار ئەزالارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىشى ئارقىلىق مۇنبىرىمىزگە كۆپلىگەن نادىر ماتىرىياللار(دەرس تەييارلىق، دەرسلىك دېتال، تۈرلۈك پىلان ۋە باشقا ماتىرىياللار) يوللىنىپ رايۇنىمىزدىكى مائارىپچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئۇلارنىڭ بىكىتىمىزگە ئەزا بولۇش نىسبىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ماتېرىيال چۈشۈرىدىغانلارمۇ كۆپەيدى. بىز نادىر ماتىرىيالنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ۋە سىڭدۈرگەن قان-تەرىگە قاراپ تىللا ئارقىلىق چۈرۈشنى يولغا قويغان ئىدۇق.
تىللالىق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت: مۇنبەر تىللاسى- ھەرگىزمۇ بىز ئىشلىتىۋاتقان پۇل دىگەنلىك ئەمەس. پەتلا مۇنبەردىكى مەۋھۇم سودا ۋاستىسى خالاس. تېما ئىگىسىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان تېمىلارنى باشقا تېمىلاردىن پەرىقلەندۈرۈش، باشقىلارنى مۇشۇ تىللا ۋاستىسى ئارقىلىق ماتېرىيال يوللاشىغا رىغبەتلەندۈرۈش، «ماتېرىيال يوللىسا تىللاغا ئېرىشكىلى بۇلىدىكەن، تىللا بولسا ياخشى ماتىرىياللارنى چۈشۈرگىلى بۇلىدىكەن» دېگەن ئىدىيىنى تورداشلارغا ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق مۇنبەردىكى ماتېرىيال ئامبىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
لېكىن بايقاش چ چ توپى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا يېڭىدىن ئەزا بولغانلار، يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر تىللالىق ماتىرىياللارنى چۈشۈرەلمەيۋېتىپتۇ. قانداق تەدبىر ئىشلەتسەك ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ؟ مۇنبىرىمىزنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بۇلىشى ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ھەممەيلەن بېلەت تاشلاش ۋە ئۆز پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلساق.
بايقاش مائارىپ تورى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى |