baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 6

مانا بۇ يىلمۇ يەنىلا ھېيت بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مانا بۇ يىلمۇ يەنىلا ھېيت بولدى . ياخشىغىمۇ يامانغىمۇ ، ئوڭغىمۇ ساراڭغىمۇ بايغىمۇ گادايغىمۇ . مۇساپىرغىمۇ ھېيىت بولدى




بۇلتۇرمۇ شۇنداق بولغان .نەچچەيلەن شۇنداق ئىسىل ئۆتكۈزسە نەچچەيلەن نامىراتچىلىقتا كۆڭلى سۇلغۇن دىلى پۇچۇق ئۆتكۈزىدۇ .مانا مەنمۇ شۇنداق .


ھېيىت كۈنى نامازدىن يانىمەن قارىسام ھەممە ئادەم بىر بىرى بىلەن چىھرىدىن خۇشاللىق ياغدۇرۇشۇپ سالاملىشىدۇ،خوشال بولشىدۇ ، شۇلارنىڭ ئارسىدىن بىر مەن پەقەت ۋە پەقەت بىر مەن ھېچكىم بىلەن تونۇشمايمەن ، ھەم تونۇشۇممۇ يوق . يۇرىتتىكىدەك نامازدىن يېنىپلا قۇچاقلىشىپ كۆرىشىدىغانلىرىم يوق مەسچىتتىن ئۇدۇل چىقىمەن بۇرنۇم ئاچچىق بوپ كۆزلىرىم تورلىشىدۇ دە ياش كىلىدۇ يىغلايمەن يىغلايمەن نامازدىن يېنىپ 2كىلومىتىر يولنى پىيادە بېسىپ شۇ يىغلىغانچە ياتاققا كىرمەن . سەل يىغام پەسەيىدۇ .ئۆيگە تىلفۇن قىلمەن ،ئاۋال ئانام ئالدۇ .يىلايدۇ ، مەنمۇ ئەگىشىپ يىغلايمەن .ئۆيدىكى ھەممەيلەن بىلەن ئۇرۇق تۇققان خۇلۇم قوشنىلار بىلەن كۆرشىمەن . شۇنداق قىزغىن خۇشال خۇرام كەيپىياتىكىلەرگە مىنىڭ بىر تىلفۇنۇم بىلەن ھەممىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم ، ئانامغا ھېيىت بولمىغاندەكلا بوپ قالدۇ .مەن بولسام تىلفۇننى ئالدىراپ قويۋىتىمەن دە ياتاقتا يېتىپ يىغلايمەن ، يىغلاپ ئۇخلاپ قالمەن .ئويغانسام سائەت 1 بولدۇ .قوپۇپ تاماق يەيمەن . قىلدىغانغا ئىش يوق زىركىمەن  ئامالسىز يەنە ئىشخانىغا چىقىمەن . مەندىن باشقا بىر مۇ ئۇيغۇر يوق يەنە شۇ كالدۇر كۇلدۇر . يەنە شۇ تىلفۇن توختىمىغان .تىلفۇننىڭ سىمىنى ئېلۋىتىپ كومپىيۇتىرغا قاراپ خىيالغا چۆكىمەن . ئۆيدە بولغان بولسام  ئاكام سويغان قوينىڭ بىر پۇتىنى تۇتۇشۇپ بەر دىسە ئۇنىماي قاننى كۆرسەم كۆڭلۇم ئىلىشىدىكەن دەپ سىرىتقا چىقىپ كىتەتتىم .مانا ھازىر تۇتۇشۇپ بىرەي دىسەم بىر قوي ئەمەس قوينىڭ گۆشىنى يەپ باقمىغىلى خېلى ئۇزۇن بپتۇ قاچانلاردا يىگىنىم ئىسىمدە ئەمەس .ئۆتكەن بىر مەۋسۇم 6قېتىم دۆڭكۆرۈككە بارغىنىمدا ھەممىسىدىلا شورپا ئىچكەنئىدىم . بىر مەۋسۇم ئىچىدە . لىكىن بۇ قېتىم قوي گۆشىگە ئانامنىڭ ئاشۇ ئەتكەن لەغمىنىگە زار بوپ كەتتىم .قەيەردە سەن ئىللىق ماكان ؟ قەيەردە سەن قېرىنداشلىرىم . ؟

ئەتىمۇ شۇنداق ئۆتىدۇ . بىلىپ تۇرۋاتمەن .

ئاخىردا بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن.  ھازىرقى پۇرسەتنى قەدىرلەڭلار.



مۇساپىرلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقان   باللارغا     ......................


ئائىلىسىگە قايتالمغان  ئوقۇتقۇچىلارغا          ........


يىتنى  خۇشال خۇرام  ئۆتكۇزۈڭلا     ئامان بولۇڭلا

[
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-18 16:40:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ ، ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ياقا يۇرتلاردا يۈرىۋاتقان قېرىنداشلاغا ھېسداشلىقىم قوزغىلىپ قالدى . ئاللا ئاسانچىلىقنى بەرگەي، بارلىق قېرىنداشلارنىڭ روزى ھېيتىغا چەكسىز بەرىكەتلەر بولسۇن!
ۋاقتى: 2012-8-18 18:31:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتىغۇ ھېيىتنى شۇنداق ئۆتكۈزەتتۇق، ئەمدى ئاران بىر ئۆيدە ئۆتكۈزىدىغان پۇرسەت كەلگەندە، ئۆيدىكىلەر ئەتىگەنلىك بايراق چىقىرىشقا كەتكۈدەك، شۇنىڭ بىلەن يېرىم كۈن يوق بولسا، ئىككىنچى كۈنى مەن كېتىمەن، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇۋاتىدۇ،...
ۋاقتى: 2012-8-18 18:48:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بودەك يوللىغان ۋاقتى  2012-8-18 18:31
مەكتەپتىغۇ ھېيىتنى شۇنداق ئۆتكۈزەتتۇق، ئەمدى ئاران بى ...

بايراق چىقىرىش دىگەن 1سائەتتە تۈگەيدۇ !
ۋاقتى: 2012-8-18 20:53:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ياخشىى تىما يوللاپسىز
ۋاقتى: 2012-8-18 21:48:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان ئەپەندىم،شۇنداق بۇ ھېيت ھەرگىزمۇ  تەركىپ ئايرىمايدىكەن. ئەگەر تەركىپ ئايرىيدىغان بولسا نىمە بولۇپ كېتەتتى ھە؟؟؟؟؟

سىزنىڭ يازمىڭىز مېنى ھەقىقەتەن ئويغا سالدى.
سىزگە كۆپ رەخمەت.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-18 21:50  

ۋاقتى: 2012-8-21 10:55:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىزىنى كۆرۈپ مەن بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپتىكى باشقا ۋىلايەتتىن كەلگەن مۇساپىر ئوتقۇتقۇچىلار كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇلار بىلەن بىرنەچچە يىل بىرگە ئىشلىدىم ۋە ئۇلار بىلەن يېقىن ئارلىشىپ ئۆتتۈم. شۇنى ھىس قىلدىمكى مۇساپىرچىلىقتىن ئارتۇق ئېغىر كۈن بولمىسا كېرەك. «ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول» دىگەن ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان ئىكەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:50, Processed in 0.985352 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش