| سىز كۈيئوغۇل بولغان بولسىڭىز ياكى بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ 1.خۇتۇنىنىڭ يېنىدا قېينى ئاتا-ئانىسىنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرىنى سۆزلىمەستىن ،ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلىشى لازىم . 2.ھېيىت –بايرام كۈنلەردە تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئاۋال قېينى ئاتا-ئانىسىنىڭكىگە بېرىپ سالام بەرگەندىن كىيىن باشقا جايلارغا بېرىش لازىم . 3.ئەگەر قېينى ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشقا توغرا كەلسە ،خۇتۇنىنى جىقراق ياردەم قىلىشقا دەۋەت قىلىش لازىم . 4.قېيىن ئاتا ۋە ئانىسىنىڭ ئالدىدا ىۇتۇنىنىڭ كەمچىلىگىنى ياكى ھەر خىل ئەيىپلىرىنى ئاشكارلىماسلىق لازىم . 5.قېينى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈيىگە بارغاندا ئىشىكتىن « ئەسسالام » دەپ كىرىپ ئامانلىق سورىغاندىن كىيىن ،تەكلىپ قىلىنغان ئۇرۇنغا بېرىپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇرشى ،پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ ئولتڭرماسلىق ياكى يانپاشلاپ ياتماسلىقى لازىم . 6.قېينى ئاتا –ئانىسىنىڭ ئۈيىدە داستىخان سېلىنغاندا ،ئاۋال چوڭلارنى قول كەلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ ،ئاندىن تاماققا قول ئۇزۇتۇشى ،تاماق ئۈستىدە قولىنى سىلكىشتەك قىلىقلارنى قىلماسلىق لازىم . 7.قېينى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈيىدە تاماكا چەكمەسلىگى ،قالايمىقان يەرگە تۈكۈرمەسلىگى لازىم . 8.قېينى ئاتا-ئانىسى باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا گەپكە ئارلاشماسلىقى ،سورىمىغان گەپنى قىلماسلىقى ،گەپنى مۇبالىغىلەشتۈرۋەتمەسلىگى لازىم . 9. قېينى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈيىدە ئايالىنى ياكى بالىلىرىنى سىلكىشلەپ ،ئۇلارغا دوق قىلىپ ،قېيدىغاندەك گەپ –سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم . 10.قېينى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوتتۇردىكى ئىشلارغا توغرا پوزۇتسىيەدە بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ پات –پات بىر يەرگە جەم بۇلۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىشى ،مەسىلىلىرگە توغرا قاراپ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېينى ئاتا-ئانىسى ۋە خۇتۇنىنىڭ ئىناق ئۈتۈشىگە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى لازىم .مۇشۇنداق قىلغاندا ياخشى كۈيئوغۇل بولغىلى ھەم ئىناق ئائىلىگە ئىگە بولغىلى بۇلىدۇ
مەنبە : يىگىت -قىزلار سەمىگە |
|