- تىزىملاتقان
- 2012-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-20
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2428
- نادىر
- 0
- تېما
- 25
- يازما
- 327
  
- يوقلىما
- 97
قىزغىنلىق- 638 سەر
تىللا- 37 دانە
تۆھپە- 386 سەر
شۆھرەت- 402 سەر
    
| ئۇقۇتقۇچى -ئىنسان روھىنىڭ ئېنجىنېرى .بۇ سۆز شۇ قەدەر توغرا ئېيتىلغان ،ئۇقۇتقۇچىنى سۈپەتلەشتە ئېشلىتىلىدىغان ناھايىتى پاساھەتلىك سۆز ھە !مەن ھەر قېتىم مۇشۇ سۈپەتن سۆزىنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگۈنۈمدە ۋۇجۇدۇمدا ئىللىق بىز سىزىم پەيدا بۇلىدۇ .ئۆزەمنىڭ ئۇقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن ،باشقىلارمۇ شۇنداق ھېسياتتا بۇلار بەلكىم ! سىز ئۆزىڭىزنى نارىسىدە گۆدەكلەرنىڭ روھى دۇنياسىنى ئەقلى كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ توغرا يولغا ،توغرا نىشانغا باشلايدىغان بىر ماياك دەپ ئويلىغىنىڭىزدا ،دەل ئەكسىچە ئۇلارغا بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ شۇنچىلىك ئاددى ،شۇنچىلىك يۈزەكىي ئىكەنلىگىنى تۇيۇقسىز ھىس قىلسىڭىز سىزدە يەنە ئىپتىخارلىق ،پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولارمۇ ؟ قېنى ،دوستلار نېمە دەيدىكىن ؟
مېنى قۇچاقلاڭ ،مۇئەللىم ( بىر ئۇقۇغۇچى تىلىدىن ) مۇئەللىم ،ياخشىمۇ سىلى ! مۇئەللىم ،بۇ ئۇقۇش ماۋسۇمى ئاخىرلاشتى ،يېڭى بىر ئۇقۇش ماۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ .سىلىمۇ بىزنى تاشلاپ كىتەرلىمۇ ؟ مەن مۇشۇ 4-يىللىقنى پۇتتۇرگىچە نەچچە ئۇقۇتقۇچى ئالمىشىپ بولدى .شۇلاردەك سىلنىمۇ بىزگە گەپ قىلمايلا كىتىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن . مۇئەللىم ،ناۋادا سىلمۇ بىزنى تاشلاپ كەتمەكچى بولسىلا ئۈتۈنۈپ قالاي ،مىنى بىر قۇچاقلاپ قۇيسىلا بۇلامدۇ؟ مۇئەللىم ،مېنى بىر قېتىم قۇچاقلاپ ،مېنىلا، پەقەت مېنىلا بىر قېتىم «بالام » دەپ چاقىرىپ قويغان بولسىلا مەن نەقەدەر خوشال بولغان بۇلار ئىدىم ھە ! سىلى بەلكىم بىلمەيلا مۇئەللىم ،مەن ھازىرغىچە ئۆز ئاتا-ئانامنىڭ كىملىگىنى بىلمەيمەن ،مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت چوڭ ئانام .مەن ھازىرغىچە ئاتا-ئانام تۇرماق چوڭ ئانامنىڭمۇ مېنى بىر قېتىم ئەركىلىتىپ ،سۇيۇپ قويغىنىنى بىلمەيمەن . سىلى بىلمەيلا مۇئەللىم مەن ھەر دۈشەنبە كۈنىنىڭ كىلىشىدىن بەك قورقۇمەن ،مەن جۈمەدىن كىيىنلا دەم ئېلىش بولمىسىكەن ياكى يەكشەنبىدىن كىيىن مەڭگۇ مەكتەپكە بارمىساقكەن دەپ ئويلاپ كىتىمەن .چۇنكى دۈشەنبە كۈنى بارلىق ساۋاقداشلىرىم دەم ئېلىش كۈنىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن نەلەردە ئوينىغانلىقى ،ئاپىسىنىڭ ئوخشۇتۇپ قانداق تاماق ئىتىپ بەرگەنلىگى قاتارلىق ئىشلارنى سۆزلىشىدۇ ، ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كۆز-كۆز قىلىشىدۇ . مەندە ھىچنىمە يوق ،مەن پەقەت بىر چەتتە ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئولتۇرىمەن . بەزىدە مېنىڭمۇ ئاتا-ئانام بولغان بولسا ھە ! دەپ ئولاپ كىتىمەن . بىلمەيلا، مۇئەللىم مەن سىلىنى مېنىڭ ئاپام بۇلۇپ قالسىكەن دەپ ئويلاپ كىتىمەن .ئۆزەمنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندە بىللە ئېلىپ كىلىدىغان تەييارلىقتا ئۇقۇۋاتقان ئاشۇ قىزلىرى بىلەن بىللە تۇرسامكەن دەپ ئويلاپ كىتىمەن .كۈندە قىزلىرىنى يىتىلەپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققانلىقلىرىغا قاراپ تۇرىمەن .ئەتىگەندە شۇ دەرۋازا ئالدىدا سىلىنى شۇ ھالەتتە كۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپكە سىلدىن بالدۇر كىلىشكە تىرىشىمەن .ئەمما سىلىگە : مۇئەللىم ،سىلى بىلەن كىتەيچۇ ؟دىيەلمەيمەن . بىلىمەن مۇئەللىم سىلى بىز ھەممىمىزنى يەنى سىنىپتىكى 50 نەپەر ئۇقۇغۇچىلارنى ياخشى كۇرىلا ،ھەر دائىم ئېغىزلىرىدىن «بالىلىرىم» دىگەن سۆز چۈشمەيدۇ .ئەمما مەن مۇشۇ سۆزنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ ماڭىلا ،پەقەت ماڭىلا تەۋە بۇلىشىنى شۇنداق ئۈمۈت قىلىمەن . ئۆتۈنەي مۇئەللىم مېنى بىر قېتىم باغرىللىرغا بېسىپ ،چۇڭقۇر مېھرىللىرى بىلەن سۇيۇپ تۇرۇپ «قىزىم » دەپ چاقىرىپ قويسىلا . مېھىرلىرگە تەشنا ئۇقۇغۇچىللىرى : ×× |
|