مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2082 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 1چىچەك يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • siginix1212 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(2)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • 1چىچەك 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر 6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

كۆرۈش: 307|ئىنكاس: 14

مەن خوتۇندىن قورقىمەن

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

1

دوست

146

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
44 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 23:42:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خوتۇندىن قورقىمەن

سالام ساڭا ئانىجان مەن سېنىڭ ئۆز ئوغلۇڭمەن،
نۇرى ئۆچۇپ كۆزۇڭنىڭ تونالمىدىڭ مېنى سەن.   
ئاۋاق ئىدىم ئىلگىرى سالاپەتلىك ھازىرمەن،
شۇڭا بەزەن ئۆزەمنى ئۆزەم ئاران تونىيمەن.  
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.
   
ئىشتىن چۈشۈپ سېنىڭغا سالام بېرەي دىمەيمەن،  
خوتۇن ئىشتىن كەلگۈچەڭ تاماق ئېتىپ راستلايمەن.
بەرمەي ساڭا لوقما ئاش چىنىلەرنى قاتلايمەن،
كۆرگىن مانا ھالىمنى مەن يەنىلا ياشايمەن.  
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.

تويغۇنۇڭنى مېنىڭدەك بىرەر قېتىم بىلمەيمەن،  
كىيىم ئېلىپ بىرەر قۇر ئانام كەيسۇن دىمەيمەن.  
تاپساق يەيمىز ئىككىمىز ساڭا بېرەي دىمەيمەن،   
ئېشىپ قالسا ئەپقويۇپ ھەرگىز زايە قىلمايمەن.   
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.  
   
ھېرىپ كەتتى خوتۇن دەپ پۇت-قولىنى سىقىمەن،   
پاكىس يۈرسۇن خوتۇن دەپ كىيىمىنى يۇيىمەن.  
جېنىم ئانا كىرىڭنى ئۆزەڭ يۇيسەن بىلىمەن،   
بىرەر قېتىم ئېلىپ كەل مەن يۇپ بېرەي دىمەيمەن.   
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.   
   
ئېسىل بېزەپ ئۆيۈمنى خانلار كەبى ياتىمەن،
قىشتا ئىسسىق،يازدا سوق مەن راھەتتە ئۆتىمەن.  
ئاپتاپ چۈشمەس زەي ئۆيدە سەن تۈگۈلۈپ ياتىسەن،   
كاللام بەكلا ئىشلىگەچ تەغدىر بۇ دەپ ئارتىمەن.  
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.
     
يۆتىلىسەن كېچىچە تۇرماي ئۇخلاپ ياتىمەن،  
قاشسا ئۇيقۇم ئەگەردە سېنى تىللاپ كېتىمەن.
ئىنجىقلىسا خوتۇنۇم شۇنچە سەگەك ياتىمەن،  
چاچراپ تۇرۇپ ئورنۇمدىن ئىسسىق چايلار تۇتىمەن
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.¬  
  
ئاغرىپ قالساڭ ئانىجان دورا ئېلىپ بەرمەيمەن،
بىلسەڭ ئانا خوتۇنسىز بىر سىنىتمۇ بۇزمايمەن
ئاھ-ئاھلىسا خوتۇنۇم ۋاي دوختۇر دەپ يۈگرەيمەن،   
بالنىستلاردا ياتقۇزۇپ ۋاپادارلىق ئەيلەيمەن.   
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.  

ئۆزەڭ يىمەي يىگۈزۈپ چوڭ قىلدىڭ مەن بىلىمەن،  
ئويلىغانسەن بىركۈن دەپ راھەتىنى كۆرىمەن،   
بارلىقىمنى قۇربان قىپ خوتۇن ئۈچۈن بىراق مەن،   
راھاتىنى ئۆزەمنىڭ ئۆزەم بىلمەي يۈرىمەن.  
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،  
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.  
   
ھەسرەت ئاقۇر كۆزۈڭدىن ياشلىرىڭدىن بىلدىممەن،
بەلكىم ئوغلۇم ۋاپاسىز دەيدىغانسەن تىلىڭدىن،  
بىراق ئانا خوتۇنچۈن كېچىمەنغۇ جېنىمدىن،   
ۋاپاسىزمۇ قېنى مەن راست گەپ قىلغىن دىلىڭدىن.
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،  
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.
   
كالتە قۇيرۇق تۈلكىدەك ھەييارلىقمۇ بىلىمەن،  
قۇلغۇڭدىكى زىرەڭنىڭ ئوخشىشىنى تاپتىممەن.
يۇپ قوياي دەپ چېچىڭنى ئالماشتۇردۇم پەم بىلەن،
بەرسەم ئەمدى خوتۇنغا ئۆتۈر كۈنۈم شات بىلەن.   
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،  
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.  

ھېيىتلاردا خوتۇنغا يېڭى كىيىم ئالىمەن،  
<چىڭ رېن جې>دەپ خوتۇنغا ئەتىر گۈللەر سۇنىمەن.   
بايرىمى دەپ خوتۇننىڭ سوغا-سالام قىلىمەن،   
بايرىمىڭدا ئانىجان سەندىن يىراق قاچىمەن.  
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.

قارغىۋەتسەڭ مەيلى دەپ قايتمىدىممەن يولۇمدىن،
قارغىش تەگمەي يەنىلا يۈردۈم چۇشمەي پېتىمدىن،   
ئانا دىگەن ئوغلىنى يامانلىماس دىلىدىن،  
شۇڭا ئۇنتۇپ سېنىمەن ھېيىقىمەن خوتۇندىن.
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.   
  
خوتۇن ئۇرسا بەزىلەر ساراڭكەن دەپ ئۆڭىمەن،  
مەزلۇملارنى ئۇرماسلىق دىندا بارغۇ بىلىمەن.
خۇتۇن تۇرۇپ ئانامنى دۈشكەللىسە كۈلىمەن،
دىتىڭ بارغۇ خوتۇن دەپ ھەر يېرىگە سۆيىمەن.
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.  
  
سەھەر ياكى كېچىدە ئەسكى-تۇسكى تېرىيسەن،  
مەن ۋاپاسىز ئوغلۇڭغا يەنە تىنماي يىغىسەن.
بەرسەڭ ئانا ئالىمەن بەرمىسەڭ ھەم پەم بىلەن،
ئۆلۈپ كەتمە شۇڭا سەن مەن سېنى بەك سۆيىمەن.  
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،   
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.
  
يىللار ئۆتۈپ بىر كۈنى مەنمۇ سەندەك قېرىيمەن،  
خارلىغاچقا سېنى مەن سەندىن بەتتەر بولىمەن.   
ئامال قانچە ئانىجان مەن خوتۇننىڭ قۇلىمەن،   
بىركۈن چوقۇم پەسلىشىپ ئىت كەبى مەن يۇرىمەن.  
دىسەم ساڭا ئۇيالما دىمىسەم مەن ئۆلىمەن،  
ئەيىبىم شۇ ئانىجان مەن خوتۇندىن قورقىمەن.  
   
مەنبە: «باغداش مۇنبىرى»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇلۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 23:43  

نەتىجە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

4

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
31 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
16 سەر
شۆھرەت
15 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 00:01:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا،    نەدىن كەلگەن ھېسىياتتۇ بۇ. بىزدەك قورقماي ياشاڭلا جۇمۇ................
ئەتىمىز ئۈچۈن!!!!!!!!!!!!!!!

815

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
8560 سەر
تىللا
7306 دانە
تۆھپە
5647 سەر
شۆھرەت
6177 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 08:39:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتۇندىن قورقىمەن دىگەننى دىيىشكىمۇ جۈرئەت كېتىدۇ جۇما ئاداشلار
ماۋۇ ئاغىمىزدا جۈرئەت بار ئېكەن !ئاغزىدا قورقمايمەن دەپ قويۇپ خۇتۇننى كۆرسە قۇيغىلى يەر تاپالمىغان تۇخۇدەك چۆگلەپ كېتدىغانلار كۆپ

11

تېما

1

دوست

146

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
44 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:06:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ماختاپ كەتمەڭ ،بارلىق ئەرلىرىمز ئۇنداق ئەمەستە...
نەتىجە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ!

52

تېما

24

دوست

3031

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

شاھ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
695 سەر
تىللا
136 دانە
تۆھپە
599 سەر
شۆھرەت
558 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:54:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز راسلا قورقىمايدىغانسىز، قورقۇشقا بولمايدۇ لىكىن ھۆرمەتلەشكە، يول قويۇشقا بولىدۇ
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.
ئالىمى كۆپ ئەل گۈل بولىدۇ، ھېكىمى كۆپ ئەل كۈل بولىدۇ.

574

تېما

31

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7210 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7892 سەر
شۆھرەت
5854 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 12:49:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز  خوتۇندىن قورقىمەن دىگەن گەپنى دىيىشكىمۇ بىز ئەرلەرگە نىسپىتەن شىجائەت . ۋە جۈرئەت كىتىدۇ.  سىز راستىنلا قورقامسىز ھە.  يولۋاستەكل ياشاڭ جۇمۇ .
ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

11

تېما

1

دوست

146

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
44 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 16:05:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربىر ئەر ئۈزىنى بىر ئومۈر  ئۇنداق ئۈتۈشى ناتايىندە...
نەتىجە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ!

70

تېما

16

دوست

3537

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
914 سەر
تىللا
300 دانە
تۆھپە
655 سەر
شۆھرەت
527 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 19:00:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەكلەر  بۇشىئېرنى بىر قېتىم ئوقۇپ قويايلى....ئۆزىمىز ۋە ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالايلى....


سىزگە رەخمەت.

11

تېما

1

دوست

146

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
44 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 19:07:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بولسىڭزمۇ چۈشۈپسىز .رەھمەت.

باھا سۆز

saba007 توغرا شىئېردا ئۆزگىچە بىر ئۇقۇم بار. بۇ ناھيتى جانلىق بىر تەشەببۇس...‹‹خوتۇندىن قورقمىغان ئەر ، ئەر ئەمەس.. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 20:25
نەتىجە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ!

70

تېما

16

دوست

3537

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
914 سەر
تىللا
300 دانە
تۆھپە
655 سەر
شۆھرەت
527 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 20:25:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلۇچى يوللىغان ۋاقتى  2012-8-11 19:07
سىز بولسىڭزمۇ چۈشۈپسىز .رەھمەت.

توغرا  شىئېردا ئۆزگىچە بىر ئۇقۇم بار.  بۇ ناھيتى  جانلىق بىر تەشەببۇس...



‹‹خوتۇندىن قورقمىغان ئەر ، ئەر ئەمەس...››
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 18:18, Processed in 0.478576 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش