تەپەككۇر مېۋىلىرى ★ ئەرلەر توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان قىزلارنىڭ ناھايتى ئازلىقىنى ھېس قىلىدۇ ، توي قىلغاندىن كېيىن بولسا ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان قىزلارنىڭ ناھايتى كۆپلىكىنى ھېس قىلىدۇ . ★ ياشلار نۇرغۇن ساختا نەرسىلەرگە ئىشىنىدۇ ، قېرىلار بولسا نۇرغۇن چىن نەرسىلەردىن گۇمانلىنىدۇ . ★ نىكاھنىڭ قىيىنلىقى شۇ يەردە ، بىز قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن مۇھەببەتلىشىمىز ، ئەمما ئۇنىڭ كەمچىلىكى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىمىز . ★ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ سۆيەلىگەن بولساڭ سۆيگۈ ئىزدەپ خار بولمىغان بولاتتىڭ . ★ تاشقى گۈزەللىكنى قوغلاشما ، ئۇ ئادەم ئالدايدۇ ؛ بايلىقنى قوغلاشما ، ئۇمۇ تۈگەيدۇ ؛ سېنى كۈلدۈرەلەيدىغان ئادەمنى قوغلاش ، چۈنكى كۈلكە ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ،قاراڭغۇ كۈنۈڭنى پاللىدە يورۇتىدۇ . ★گېپىڭنى تولا قىلىدىغان كىشى بىر بولسا غېمىڭنى يەۋاتقان ، بىر بولسا ئوراڭنى كولاۋاتقان كىشىدۇر . ★ گۇمانى قارىشى بولمىغان كىشىنىڭ ئىجادچانلىق روھى بولمايدۇ . ★ كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان دانا ئەمەس ، ئوقۇغاننى ئىشلەتكەن دانا . ★ ئىشىكنى جېنىڭىزنىڭ بارىچە << گۇم >> قىلىپ ياپماڭ ، چۈنكى يەنە قايتىپ كېلىشىڭىز مۈمكىن . ★ بىر _ بىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەقەت تەسەللى بېرەلەيدىغان ، ئەمما قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارمايدىغان دوستلارنى يېرىم دوستلار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . ★ باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ماختاپ ئولتۇرغىنىڭدىن ، ئاشۇ ئىشلار ئۈستىدە ئازراق پىكىر يۈرگۈزۈشۈڭ كۆپ ياخشىدۇر .
مەنبەسى : «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»
|