كۆرۈش: 15941|ئىنكاس: 104

بارلىق تورداش دوستلارغا‹1›(چوقۇم كۆرۈڭ)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بارلىق تورداش دوستلارغا‹1›

W5L56(L3H]5F`{}R9BEM2@4_副本.gif

بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلار ياخشىمۇ سىلەر؟
بايقاش مۇنبىرى قۇرۇلغالىقىنىڭ بىر يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك خۇشاللىق كۈنلەردە مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارغا تورداش دوستۇڭلار كەمىنە ئاماندىن ئوتلۇق سالام!

«بايقاش مائارىپ تورى»مىزنىڭ بۇ بىر يىللىق تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ، ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس. بىز «بايقاش مائارىپ تورى»نى يەنىمۇ گۈللەندۈرىمىز، ئەڭ سەرخىل تور بېكىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن مۇنبەردە، ئۆزىمىزدە ساقلانغان، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاختىدا بايقاشقا ۋە تۈزۈتۈشكە، يېڭىچە پىكىر يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ماھىر بۇلۇشىمىز كېرەك.
تور دۇنياسىدا ھەر قانداق بىر تور ئەھلى مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇش، مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن تېما تەييارلاش، مۇنبەرگە تېما يوللاش، مۇنبەردىكى تېمىلارغا ئىنكاس يوللاش ۋە مۇنبەردىن ماتىرىيال چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بەش باسقۇچلۇق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تۆۋەندە بايقاش مۇنبىرى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ بۈگۈنگىچە بولغان بۇ بىر يىل جەريانىدا مۇنبىرىمىزدە، مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم تورداش دوستلاردا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمەن:


1.مۇنبەرگە تىزىملىتىپ ئەزا بولۇپ كىرگەندە:
1)مۇنبەرگە تىزىملىتىپ، ئەزا بۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم تىلىمىزدىكى مەنىلىك سۆز-ئاتالغالارنى ئۆزىگە نام قىلىشى(ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى قوللانسىمۇ بۇلىدۇ)، ھەرگىزمۇ ھېچقانداق مەنىسى يوق ئېنگىلىزچە، روسچە ھەرىپلەر تىزمىسى ياكى شەرتلىك بەلگىلەر ۋە ياكى سان-سىفىرلارنى نام قىلىپ تاللىماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرىش ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ. (ئىلگىرى يۇقارقىدەك غەيرى، مەنىسىز ناملار بىلەن تىزىملىتىپ كىرگەنلەر بولسا، مۇنبەردىكى نامىڭلارنى ۋاختىدا ئۆزگەرتىۋېلىشىڭلار لازىم، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن يوللىغان تېما-ئىنكاسلىرىڭلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرۈلىدۇ).
2)مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرگەندىن كېيىن چوقۇم « مۇنبەر ئەزالىرى قائىدە تۈزۈمى » نى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، مۇنبەردىكى كونا-يېڭى تورداشلار بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.


2.مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن تېما تەييارلىغاندا:
1) مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن تەييارلانغان ماتىرىياللار چوقۇم ئۆزى يېڭى، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى، تورداشلارنىڭ ئەمىلى ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تېمىلار بۇلۇشى، ھەرگىزمۇ باشقا مۇنبەرلەردە تۆكمە بولۇپ كەتكەن ياكى پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى يوق، پاخال تېمىلار بولماسلىقى لازىم.
2) مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن تەييارلانغان ماتىرىياللار رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئېھتىياجلىق بولغان، ئۇلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىسى بۇلىدىغان تېما ۋە ماتىرىياللار بۇلۇشى، تاللانغان تېمىلار چوقۇم ئۆز ئىجادىيتىنىڭ مەھسۇلى ياكى ئىزدىنىش تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن، ياكى كۆرۈنەرلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ماتىرىياللار بولۇشى لازىم.


3. مۇنبەرگە تېما يوللىغاندا:
1)يوللىماقچى بولغان تېمىنى تەھرىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يوللىماقچى بولغان ماتىرىيالنىڭ بۆلەك، ئابزاسلارغا ئايرىلىشى، قۇر ئارلىقىنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشى... قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
2) يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ خەت-ئىملاسىنى، تىنىش بەلگىلىرىنى تۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بايقاش مۇنبىرىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايدۇ. شۇڭا ھەممىمىز يوللىغان تېمىلىرىمىزدا خەت ئىملانىڭ توغرىلىقىغا، سۆز-جۈملىلەرنىڭ راۋانلىقىغا ۋە تىنىش بەلگىلەرنىڭ جايىدا قويۇلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
3)يوللىماقچى بولغان تېما ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش كېرەك. يەنى يوللىماقچى بولغان بۇ تېمىدىكى قانداق ماتىرىيال، قايسى كەسىپ، قايسى ساھەگە مۇناسىۋەتلىك، ئىشلىتىش-پايدىلىنىش ئۇسۇلى، خەت نۇسخىسى، سىغىمى، مەنبەسى.... قاتارلىقلار ھەققىدە مۇۋاپىق چۈشەنچە ۋە ئەسكەرتىش بېرىش كېرەك.
4)يوللىماقچى بولغان تېمىنى شۇ تېمىنىڭ مەزمۇن-خاراكتىرىغا ئاساسەن ماس سەھىپىگە يوللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بايقاش مۇنبىرىدە تور بېكەتلىرىدە بۇلۇشقا تېگىشلىك بارلىق سەھىپىلەر تولۇق ئېچىلغان، يوللىغان تېمىلارنى شۇ تېمىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتىرىغا ماس سەھىپىگە يوللاش، ھەرگىزمۇ ئۇدۇل كەلگەنلا سەھىپىگە يوللاۋەرمەسلىك كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا مۇنبەردىكى ماتىرىياللارنىڭ رەتلىك بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، مۇنبەردىن ماتىرىيال ئىزدىگۈچىلەرگە قولايلىق ياراتقىلى، مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتى ۋە شان-شەرىپىنى قوغدىغىلى بۇلىدۇ.
5)يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ مەزمۇن-خاراكتىرىغا ئاساسەن ماس كېلىدىغان پايدىلىنىش رەسىملىرىنى مۇۋاپىق قىستۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇنبەردە مەخسۇس «پايدىلىنىش رەسىملىرى» ناملىق سەھىپە ئېچىلغان، بۇ سەھىپىدە ھەر قايسى سەھىپىلەرگە ماس كېلىدىغان رەڭدار قىستۇرما رەسىملەر تەييارلانغان، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرگە «سەرخىل تېما بېزەكلىرى (1)،(2)، ....» يوللانغان. شۇڭا تېما يوللىغۇچى دوستلار يوللىماقچى بولغان تېمىسىنىڭ مەزمۇن-خاراكتىرىغا ئاساسەن، ماس كېلىدىغان پايدىلىنىش رەسىملىرى ۋە تېما بىزەكلىرىنى مۇۋاپىق قىستۇرۇپ، مۇنبەردىكى ماتىرىياللارنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن رەڭدار، جەلىپ قىلارلىق بۇلۇشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
6) يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېقىندىن بۇيان مۇنبەرگە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم ماتىرىياللار يوللىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تورداشلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئىجادى ئەسەرلىرى بولسا، يەنە بەزىلىرى باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان ماتىرىياللار بۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارغا خاتىمە بېرىلىدۇ. شۇڭا مۇنبەرگە تېما يوللىغۇچى تورداش دوستلار چوقۇم يوللىغان ۋە يوللىماقچى بولغان تېمىلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چوقۇم ئېنىق ئەسكەرتىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا تورداشلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغدىغىلى ۋە قېرىنداش مۇنبەرلەر ئارا ئىتتىپاقلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.
7)يوللىغان ماتىرىيالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تۇلۇق، توغرا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېقىندىن بېرى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ يوللىغان تېمىلىرىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى بولماسلىق، بولسىمۇ تولۇق، توغرا بولماسلىق سەۋەپلىك، تورداشلارنىڭ شۇ تېمىلارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنالمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېما يوللىغۇچى دوستلار تېما يوللىغاندا ئەستايىدىل بۇلۇشى، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشى، ئۆزى يوللىغان تېمىلىرىنى ئۆزلىرى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشى كېرەك.
8) بىر تېمىنى بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە مۇنبەرگە تەڭ يوللاشقا قەتئى يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق قىلمىشلاردا بۇلۇپ، قېرىنداش مۇنبەرلەر ئارا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىپ، تېما پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ئەزالىق سالاھىتى بىكار قىلىنىدۇ.
9)تېما يوللاش تەجرىبىسى كەمچىل تورداشلار (بۇلۇپمۇ بىر قىسىم يېڭى ئەزالار) مۇنبەردىكى «تېما يوللاش دەرسلىكى»نى تەپسىلى كۆرۈشى، باشقىلاردىن سوراپ، كۆرۈپ ئۈگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا مۇنبەردىكى دوستلاردىن، ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن مەسلىھەت ئېلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا نەتىجىسىز تېما يوللاشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.
10)بۇرۇنقى گېزىت، كىتاپ-ژورناللاردا، باشقا قېرىنداش مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان، باشقا ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوغۇرلاپ، ئۆز نامىدا بايقاش مۇنبىرىگە تېما قىلىپ يوللاش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار كۈرۈلسە شۇ كىشىنىڭ بارلىق تېمىلىرى ئۆچۈرۈلۈپ، ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.


4. مۇنبەردىكى تېمىلارغا ئىنكاس يازغاندا:
1)ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىنى ئەستايىدىل كۆرۈش ۋە ئوقۇشقا، مەزمۇنىنى چۈشۈنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۆۋەتتە بىر قىسىم تورداشلاردا ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىنى ئەستايىدىل كۆرمەي، مەزمۇنىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ماۋزۇسىغا قاراپلا، قول ئۇچىدا ئىنكاس يازىدىغان (تاغ ھەققىدىكى ماتىرىيالغا، باغ ھەققىدە ئىنكاس يازىدىغان) مەسىلىلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ھالەت تېما يوللىغۇچىلارنىڭ ۋە ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىغا، مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتىگە داغ تەككۈزىۋاتىدۇ. شۇڭا بارلىق تورداش دوستلار ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىلارغا ۋە يازماقچى بولغان ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
2)ئىنكاس يازغاندا « رەخمەت، ھەشقاللا، يەنىمۇ تىرىشىڭ... » دىگەنگە ئوخشاش قۇرۇق، زومۇ-زۇر ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنىش، ئۆزىگە ئەڭ ياخشى تەسىر قىلغان، مۇھىم، پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان تەرەپلىرىنى، ئۆزىنىڭ شۇ تېما ھەققىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
3)ئىنكاس يازغاندا يېزىلغان ئىنكاسنىڭ تېما ئىگىسىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلەيدىغان، يېڭى تېما يوللاش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرالايدىغان بۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر بىر تېما ـــ يوللىغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە قان-تەر، مېھنىتى نەتىجىسىدە مۇنبەرگە چىقىدۇ، شۇڭا ھەربىر تورداش تېما يوللىغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئىنكاسى ئارقىلىق ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، مۇنبەردىكى تېمىلارنى ئىنكاسسىز، «غېرىپ» قالدۇرماسلىقى كېرەك.


5.مۇنبەردىن ماتىرىيال چۈشۈرگەندە:
1)كونا-يېڭى تورداشلار مۇنبەردىكى بىر قىسىم ھەقلىق(تىللالىق) ماتىرىياللارغا نىسپەتەن ئىلمىي، توغرا پوزۇتسىيەدە بۇلۇشى كېرەك. مۇنبەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تەييارلىغان، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دەرس تەييارلىقى، دەرسلىك دىتاللىرى، ئوقۇتۇش ۋە ئەخلاقى تەربىيە خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك پىلان-خۇلاسىلار ۋە لېكسىيەلەر توپلىمى قاتارلىق بىر قىسىم ماتىرىياللار ھەقلىق(تىللالىق) قىلىپ تەڭشەپ قويۇلغان. بۇ ھەرگىزمۇ ماتىرىيال چۈشۈرگۈچىلەردىن نەپ ئېلىشنى كۆزلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىر تەرەپتىن باشقىلار ئۈچۈن مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، باشقىلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى يېنىكلەتكەن جاپاكەش تورداش دوستلارغا ئېيتىلغان مىننەتدارلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىمۇ ئەنە ئاشۇنداق ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللارنى تەييارلاپ، مۇنبەرگە تېما سۈپىتىدە يوللاشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
2)ماتىرىيال چۈشۈرۈپ، ئىشلىتىپ، سىناپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شۇ ماتىرىيال ھەققىدىكى باھاسىنى تېما ئىگىسىگە ئىنكاس شەكلىدە قايتۇرۇش كېرەك.
3)ماتىرىيال چۈشۈرۈشتە قىينالغان، ياكى چۈشۈرەلمىگەن ئەھۋاللار كۈرۈلسە، ماتىرىيال ئىگىسىگە ياكى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ۋاختىدا ئىنكاش يېزىپ، ياردەم سوراش كېرەك.


قوشۇمچە:
ئەگەر مۇنبىرىمىزدىكى تورداشلار ئارىسىدا يۇقارقى نوختىلارغا خىلاپلىق قىلىدىغان مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش، تېما-ئىنكاس يوللاش، ماتىرىيال چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى چەكلەش ۋە ئەزالىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللۇنىلىدۇ. بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ يۇقارقى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىپ، ‹‹بايقاش مائارىپ تورى›› مىزنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!

باھا سۆز

تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەر مەشغۇلاتى داۋامىدا بۇ نوختىلارنى ئەستىن چىقارماسلىقىنى ۋە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى   ۋاقتى: 2014-6-12 00:22

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 11قىزغىنلىق +48تىللا +45تۆھپە +48شۆھرەت +48يىغىشسەۋەبى
ۋارىس + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
TARAM + 2 + 2 + 2 + 2قوللايمەن!
توققۇزبۇلاق + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.
شاشتېكىن + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
ئوغلانبەگ + 3 + 3 + 3 + 3قوللايمەن!
ياشنار + 1 + 1 + 1قوللايمەن!
umid0998 + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
ئالىم + 9 + 9 + 9 + 9قوللايمەن!
گۈلزار + 5 + 3 + 5 + 5قوللايمەن!
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-26 08:51:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بايقاش مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ، بۇ مۇنبەردىن تولىمۇ سۇيۈندۇم، شۇنداقلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ كۇندىن -كۇنگە گۇللىنىشى ئۇچۇن تىرىشىۋاتقان يوقىرى قاتلام مۇنبەر باشقۇرغۇچلارغا بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن مننەتدرلىق بىلىدۇرىمەن. ھەممىز قولنى -قولغا تۇتۇشۇپ بىرلكىتە مائارىپ سۇپتىنى يوقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن تىرشايلى!
ۋاقتى: 2012-7-28 21:11:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىرىيال بوپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىز دىققەت قىلساق بولغىدەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-2 08:40:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن

تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەر مەشغۇلاتى داۋامىدا بۇ نوختىلارنى ئەستىن چىقارماسلىقىنى ۋە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!
ۋاقتى: 2012-7-19 09:45:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم  بەك ياخشى تىمىنى يوللاپسىز. مەنمۇ ئويلىغا نتىم .مۇنبەردە سىز دىگەندەك بەزى مەسىللەر ھېلىھەم ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇنى قەتئى تۈزۈتۈپ بايقاش مۇنبىرنىڭ خاسلىقىغا تۇلۇق ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ.ھازىر مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۈپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. مەنمۇ ئارلىقتا بىرقانچە ئەزا ۋە  زىيارەتچىلەرنىڭ يوللىغان ماتىرياللىرىنى بىر قۇر كۈرۈپ  چىقىپ ،مەسىلە ساقلانغان ئەسەر يوللىغۇچىلارغا نىسپىتەن ئۈزەمنىڭ  كوز قارشىنى  ئىنكاس شەكلىدە تۈزۈتۈشنى  ئوتتۇرغا قۇيۇپ قويغان.  بۇ مەسىللەرنى تۈزۈتۈش ھەمىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى. شۇڭا ئۆرتاق تىرشايلى . بەك ياخشى ماتىريال يوللاپىسز . رەخمەت سىزگە.

باھا سۆز

ئامان ئەپەندى بايقاش مۇنبىرى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىسىز. سىز ئوتتۇرىغا قويغان نوقتىلار ھەقىقەتەن ئەمەلىيەت تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-8-17 22:51
ۋاقتى: 2012-7-19 21:24:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ پىكىرىڭىزنى بەكمۇ قوللايمەن،بۇلۇپمۇ بىر قىسىم تورداشلار ئىنكاس يازغاندا پەقەت رەسىم ئىپادىسى ئارقىلىقلا ئىنكاس يازىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئىغىر،بارلىق تورداشلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتە دىققەت قىلىپ ئۆزىگە تەسىر قىلغان تەرەپلەرگە نىسبەتەن كۆز قاراش،پىكىر تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
ۋاقتى: 2012-7-20 12:07:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم مۇنبەر مەشغۇلات تەرتىپى ۋە توغرا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ناھايىتى ئەتىراپلىق توختۇلۇپسىز. بۇ تېمىنى يېزىش جەرىيانىدا كۆپ كۆزىتىش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغاندەك قىلىسىز. مۇنبەرنى مۇشۇنداق ئەتىراپلىق چۇشۇنۇپ يىتىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.
تورداشلارغا ياخشى بولغان مەشغۇلات ماتىرىيالدىن بىرنى سوۋغا قىلىپسىز.  كۆپ رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2012-7-26 02:23:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر ئامان، ھازىر تور بىتىمىزدىكى ئەزالاردا ساقلىنۋاتقان مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، مەسلىنى ھەل قىلىشتىن، مەسلىنى بايقاش،ئوتتۇرىغا قويۇش قىيىن ئىشتۇر.مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن،ھامان ھەل قىلىش چارىسى تىپىلىدۇ.
ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن، ھەم يۇقىرىدا سىز ئىيتىپ ئۆتكەن مەسىللەرنى سادىر قىلماسلىققا تىرىشىمەن.
سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىز بايقاش تورىمىزنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىغۇسى، رەھمەت سىزگە

باھا سۆز

رەخمەت سىزگە!  ۋاقتى: 2012-7-26 08:44
ۋاقتى: 2012-7-30 04:43:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئوبدان نوختىلاركەن. ھەممىمىز يۇقارقى تەرەپلەرگە دىققەت قىلساق، بايقاش مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى چوقۇم ياخشى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ بۇ نوختىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن.
ۋاقتى: 2012-7-30 10:03:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2012-7-30 12:19:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم ناھايىتى كەڭ دائىرلىك ياخشى تېما يوللاپسىز، مۇنبەردە سىزدەك باشقۇرغۇچىلىرىمىز بولىدىكەن مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىدا گەپ يوق.پىكرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ پىكرىڭىزنى قوللايمەن.

باھا سۆز

ئامان ئەپەندىم ئىنتاىيىن ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللاپسىز، مەن قوللايمەن.  ۋاقتى: 2015-1-30 19:26
كوپ رەخمەت  ۋاقتى: 2014-11-13 12:55
ناھايىتى ياخشى مەزمۇنلار يوللىنىپتۇ .ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرغان كىشلە...  ۋاقتى: 2014-11-13 12:54
ناھايىتى ياخشى مەزمۇنلار يوللىنىپتۇ .ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرغان كىشلە...  ۋاقتى: 2014-11-13 12:54
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش