پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3643 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كەشپى يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈنۋىرسال ئەمىلىيەت دەرىس تەييارلىقىنىڭ تۇلۇقلىنىشىغا كۈچ چىقارساڭلار

  • ئۆزىل 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟خىلى كۇنلەر بوپ قاپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى ھەمىڭلار ياخشى...

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 23:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇغلۇڭغا كىيىم ئزدىگۈچە ،ئۇستاز ئىزدە .

  • ilghar تۈنۈگۈن 21:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇتۇنۇڭ يىيىشلىك بولسا ئۇردى خۇدا،مېلىڭ يىيىشلىك بولسا بەردى خۇدا

  • كالۋا تۈنۈگۈن 20:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    نان يىسە قۇساق تۇيدۇ.....

  • ilghar تۈنۈگۈن 19:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىرنەچچە كۈن يوقاپ كەتسەم مۇنبەرئەجەپ قىزىپ كېتىپتۇ

  • amankol 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ تېمڭنڭ كۈرۈپ بېقىڭلارچۇ!! http://url

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرا 2- ماۋسۇملۇق ئۈنۋىرسال ئەمىلىيەت دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويساڭلار . مۇكاپات بار

  • مەرگەن1 تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىيالمايمەن ، ئەڭ ياخشىسى مىنى تاللىسۇن

  • 清澈(维) تۈنۈگۈن 21:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغلۇڭ بۇشاڭ بولسا ،كېلىنىڭ بىشەم بولۇر

  • ilghar تۈنۈگۈن 20:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسلا ! كىمدە 6-يىللىق شىنجاڭ دەرس تەييارلىقى بار؟ بولسايوللاپ قويغان بولساڭلا بەكلا مىننەتدار بولغان ب.....

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 20:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن ئارقىلىق ئەتىنى يارات!

  • MUSLIMA تۈنۈگۈن 16:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوئال قويۇلمىسا،جاۋابمۇ بېرىلمەيدۇ.ياخشى سوئالنىڭ قىممىتى ياخشى جاۋابنىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

كۆرۈش: 2005|ئىنكاس: 26

بارلىق تورداش دوستلارغا‹1›(چوقۇم كۆرۈڭ)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

406

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5051 سەر
تىللا
2205 دانە
تۆھپە
8467 سەر
شۆھرەت
3666 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 06:35:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق تورداش دوستلارغا‹1›

61589_1275379041tAq8.gif

بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلار ياخشىمۇ سىلەر؟
بايقاش مۇنبىرى قۇرۇلغالىقىنىڭ بىر يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك خۇشاللىق كۈنلەردە مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارغا تورداش دوستۇڭلار كەمىنە ئاماندىن ئوتلۇق سالام!

«بايقاش مائارىپ تورى»مىزنىڭ بۇ بىر يىللىق تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ، ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس. بىز «بايقاش مائارىپ تورى»نى يەنىمۇ گۈللەندۈرىمىز، ئەڭ سەرخىل تور بېكىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن مۇنبەردە، ئۆزىمىزدە ساقلانغان، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاختىدا بايقاشقا ۋە تۈزۈتۈشكە، يېڭىچە پىكىر يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ماھىر بۇلۇشىمىز كېرەك.
تور دۇنياسىدا ھەر قانداق بىر تور ئەھلى مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇش، مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن تېما تەييارلاش، مۇنبەرگە تېما يوللاش، مۇنبەردىكى تېمىلارغا ئىنكاس يوللاش ۋە مۇنبەردىن ماتىرىيال چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بەش باسقۇچلۇق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تۆۋەندە بايقاش مۇنبىرى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ بۈگۈنگىچە بولغان بۇ بىر يىل جەريانىدا مۇنبىرىمىزدە، مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم تورداش دوستلاردا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمەن:


1.مۇنبەرگە تىزىملىتىپ ئەزا بولۇپ كىرگەندە:
1)مۇنبەرگە تىزىملىتىپ، ئەزا بۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم تىلىمىزدىكى مەنىلىك سۆز-ئاتالغالارنى ئۆزىگە نام قىلىشى(ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى قوللانسىمۇ بۇلىدۇ)، ھەرگىزمۇ ھېچقانداق مەنىسى يوق ئېنگىلىزچە، روسچە ھەرىپلەر تىزمىسى ياكى شەرتلىك بەلگىلەرنى نام قىلىپ تاللىماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇنبەرگە  ئەزا بۇلۇپ كىرىش ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ. (ئىلگىرى يۇقارقىدەك غەيرى، مەنىسىز ناملار بىلەن تىزىملىتىپ كىرگەنلەر بولسا، مۇنبەردىكى نامىڭلارنى ۋاختىدا ئۆزگەرتىۋېلىشىڭلار لازىم، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن يوللىغان تېما-ئىنكاسلىرىڭلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرۈلىدۇ).
2)مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرگەندىن كېيىن چوقۇم « مۇنبەر ئەزالىرى قائىدە تۈزۈمى » نى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، مۇنبەردىكى كونا-يېڭى تورداشلار بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.


2.مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن تېما تەييارلىغاندا:
1) مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن تەييارلانغان ماتىرىياللار چوقۇم ئۆزى يېڭى، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى، تورداشلارنىڭ ئەمىلى ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تېمىلار بۇلۇشى، ھەرگىزمۇ باشقا مۇنبەرلەردە تۆكمە بولۇپ كەتكەن ياكى پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى يوق، پاخال تېمىلار بولماسلىقى لازىم.
2) مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن تەييارلانغان ماتىرىياللار رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئېھتىياجلىق بولغان، ئۇلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىسى بۇلىدىغان تېما ۋە ماتىرىياللار بۇلۇشى، تاللانغان تېمىلار چوقۇم ئۆز ئىجادىيتىنىڭ مەھسۇلى ياكى ئىزدىنىش تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن، ياكى كۆرۈنەرلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ماتىرىياللار بولۇشى لازىم.


3. مۇنبەرگە تېما يوللىغاندا:
1)يوللىماقچى بولغان تېمىنى تەھرىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يوللىماقچى بولغان  ماتىرىيالنىڭ بۆلەك، ئابزاسلارغا ئايرىلىشى، قۇر ئارلىقىنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشى... قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
2) يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ خەت-ئىملاسىنى، تىنىش بەلگىلىرىنى تۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بايقاش مۇنبىرىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايدۇ. شۇڭا ھەممىمىز يوللىغان تېمىلىرىمىزدا خەت ئىملانىڭ توغرىلىقىغا، سۆز-جۈملىلەرنىڭ راۋانلىقىغا ۋە تىنىش بەلگىلەرنىڭ جايىدا قويۇلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
3)يوللىماقچى بولغان تېما ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش كېرەك. يەنى يوللىماقچى بولغان بۇ تېمىدىكى قانداق ماتىرىيال، قايسى كەسىپ، قايسى ساھەگە مۇناسىۋەتلىك، ئىشلىتىش-پايدىلىنىش ئۇسۇلى، خەت نۇسخىسى، سىغىمى، مەنبەسى.... قاتارلىقلار ھەققىدە مۇۋاپىق چۈشەنچە ۋە ئەسكەرتىش بېرىش كېرەك.
4)يوللىماقچى بولغان تېمىنى شۇ تېمىنىڭ مەزمۇن-خاراكتىرىغا ئاساسەن ماس سەھىپىگە يوللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بايقاش مۇنبىرىدە تور بېكەتلىرىدە بۇلۇشقا تېگىشلىك بارلىق سەھىپىلەر تولۇق ئېچىلغان، يوللىغان تېمىلارنى شۇ تېمىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتىرىغا ماس سەھىپىگە يوللاش، ھەرگىزمۇ ئۇدۇل كەلگەنلا سەھىپىگە يوللاۋەرمەسلىك كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا مۇنبەردىكى ماتىرىياللارنىڭ رەتلىك بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، مۇنبەردىن ماتىرىيال ئىزدىگۈچىلەرگە قولايلىق ياراتقىلى، مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتى ۋە شان-شەرىپىنى قوغدىغىلى بۇلىدۇ.
5)يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ مەزمۇن-خاراكتىرىغا ئاساسەن ماس كېلىدىغان پايدىلىنىش رەسىملىرىنى مۇۋاپىق قىستۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇنبەردە مەخسۇس «پايدىلىنىش رەسىملىرى» ناملىق سەھىپە ئېچىلغان، بۇ سەھىپىدە ھەر قايسى سەھىپىلەرگە ماس كېلىدىغان رەڭدار قىستۇرما رەسىملەر تەييارلانغان، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرگە «سەرخىل تېما بېزەكلىرى (1)،(2)، ....» يوللانغان. شۇڭا تېما يوللىغۇچى دوستلار يوللىماقچى بولغان تېمىسىنىڭ مەزمۇن-خاراكتىرىغا ئاساسەن، ماس كېلىدىغان پايدىلىنىش رەسىملىرى ۋە تېما بىزەكلىرىنى  مۇۋاپىق قىستۇرۇپ، مۇنبەردىكى ماتىرىياللارنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن رەڭدار، جەلىپ قىلارلىق بۇلۇشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
6) يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېقىندىن بۇيان مۇنبەرگە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم ماتىرىياللار يوللىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تورداشلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئىجادى ئەسەرلىرى بولسا، يەنە بەزىلىرى باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان ماتىرىياللار بۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارغا خاتىمە بېرىلىدۇ. شۇڭا مۇنبەرگە تېما يوللىغۇچى تورداش دوستلار چوقۇم يوللىغان ۋە يوللىماقچى بولغان تېمىلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چوقۇم ئېنىق ئەسكەرتىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا تورداشلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغدىغىلى ۋە قېرىنداش مۇنبەرلەر ئارا ئىتتىپاقلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.
7)يوللىغان ماتىرىيالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تۇلۇق، توغرا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېقىندىن بېرى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ يوللىغان تېمىلىرىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى بولماسلىق، بولسىمۇ تولۇق، توغرا بولماسلىق سەۋەپلىك، تورداشلارنىڭ شۇ تېمىلارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنالمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېما يوللىغۇچى دوستلار تېما يوللىغاندا ئەستايىدىل بۇلۇشى، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك.
8) بىر تېمىنى بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە مۇنبەرگە تەڭ يوللاشقا قەتئى يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق قىلمىشلاردا بۇلۇپ، قېرىنداش مۇنبەرلەر ئارا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىپ، تېما پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ئەزالىق سالاھىتى بىكار قىلىنىدۇ.
9)تېما يوللاش تەجرىبىسى كەمچىل تورداشلار (بۇلۇپمۇ بىر قىسىم يېڭى ئەزالار) مۇنبەردىكى «تېما يوللاش دەرسلىكى»نى تەپسىلى كۆرۈشى، باشقىلاردىن سوراپ، كۆرۈپ ئۈگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا مۇنبەردىكى دوستلاردىن، ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن مەسلىھەت ئېلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا نەتىجىسىز تېما يوللاشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.
10)بۇرۇنقى گېزىت، كىتاپ-ژورناللاردا، باشقا قېرىنداش مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان، باشقا ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوغۇرلاپ، ئۆز نامىدا بايقاش مۇنبىرىگە تېما قىلىپ يوللاش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار كۈرۈلسە شۇ كىشىنىڭ بارلىق تېمىلىرى ئۆچۈرۈلۈپ، ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.


4. مۇنبەردىكى تېمىلارغا ئىنكاس يازغاندا:
1)ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىنى ئەستايىدىل كۆرۈش ۋە ئوقۇشقا، مەزمۇنىنى چۈشۈنىشكە  ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۆۋەتتە بىر قىسىم تورداشلاردا ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىنى ئەستايىدىل كۆرمەي، مەزمۇنىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ماۋزۇسىغا قاراپلا، قول ئۇچىدا ئىنكاس يازىدىغان (تاغ ھەققىدىكى ماتىرىيالغا، باغ ھەققىدە ئىنكاس يازىدىغان) مەسىلىلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ھالەت تېما يوللىغۇچىلارنىڭ ۋە ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىغا، مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتىگە داغ تەككۈزىۋاتىدۇ. شۇڭا بارلىق تورداش دوستلار ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىلارغا ۋە يازماقچى بولغان ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
2)ئىنكاس يازغاندا « رەخمەت، ھەشقاللا، يەنىمۇ تىرىشىڭ... » دىگەنگە ئوخشاش قۇرۇق، زومۇ-زۇر ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنىش، ئۆزىگە ئەڭ ياخشى تەسىر قىلغان، مۇھىم، پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان تەرەپلىرىنى، ئۆزىنىڭ شۇ تېما ھەققىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
3)ئىنكاس يازغاندا يېزىلغان ئىنكاسنىڭ تېما ئىگىسىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلەيدىغان، يېڭى تېما يوللاش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرالايدىغان بۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر بىر تېما ـــ يوللىغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە قان-تەر، مېھنىتى نەتىجىسىدە مۇنبەرگە چىقىدۇ، شۇڭا ھەربىر تورداش تېما يوللىغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئىنكاسى ئارقىلىق ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، مۇنبەردىكى تېمىلارنى ئىنكاسسىز، «غېرىپ»  قالدۇرماسلىقى كېرەك.


5.مۇنبەردىن ماتىرىيال چۈشۈرگەندە:
1)كونا-يېڭى تورداشلار مۇنبەردىكى بىر قىسىم ھەقلىق(تىللالىق) ماتىرىياللارغا نىسپەتەن ئىلمىي، توغرا پوزۇتسىيەدە بۇلۇشى كېرەك. مۇنبەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تەييارلىغان، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دەرس تەييارلىقى، دەرسلىك دىتاللىرى، ئوقۇتۇش ۋە ئەخلاقى تەربىيە خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك پىلان-خۇلاسىلار ۋە لېكسىيەلەر توپلىمى قاتارلىق بىر قىسىم ماتىرىياللار ھەقلىق(تىللالىق) قىلىپ تەڭشەپ قويۇلغان. بۇ ھەرگىزمۇ ماتىرىيال چۈشۈرگۈچىلەردىن نەپ ئېلىشنى كۆزلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىر تەرەپتىن باشقىلار ئۈچۈن مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، باشقىلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى يېنىكلەتكەن جاپاكەش تورداش دوستلارغا ئېيتىلغان مىننەتدارلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىمۇ ئەنە ئاشۇنداق ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللارنى تەييارلاپ، مۇنبەرگە تېما سۈپىتىدە يوللاشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
2)ماتىرىيال چۈشۈرۈپ، ئىشلىتىپ، سىناپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شۇ ماتىرىيال ھەققىدىكى باھاسىنى تېما ئىگىسىگە ئىنكاس شەكلىدە قايتۇرۇش كېرەك.
3)ماتىرىيال چۈشۈرۈشتە قىينالغان، ياكى چۈشۈرەلمىگەن ئەھۋاللار كۈرۈلسە، ماتىرىيال ئىگىسىگە ياكى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ۋاختىدا ئىنكاش يېزىپ، ياردەم سوراش كېرەك.


قوشۇمچە:
ئەگەر مۇنبىرىمىزدىكى تورداشلار ئارىسىدا يۇقارقى نوختىلارغا خىلاپلىق قىلىدىغان مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش، تېما-ئىنكاس يوللاش، ماتىرىيال چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى چەكلەش ۋە ئەزالىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللۇنىلىدۇ. بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ يۇقارقى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىپ، ‹‹بايقاش مائارىپ تورى›› مىزنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!

ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئوغلانبەگ + 3 + 3 + 3 + 3قوللايمەن!
ياشنار + 1 + 1 + 1قوللايمەن!
umid0998 + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
ئالىم + 9 + 9 + 9 + 9قوللايمەن!
گۇلزار + 5 + 3 + 5 + 5قوللايمەن!
admin + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 28 تىللا + 25 تۆھپە + 28 شۆھرەت + 28  باھا خاتىرىسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

483

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5682 سەر
تىللا
1776 دانە
تۆھپە
6491 سەر
شۆھرەت
4296 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 09:45:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم  بەك ياخشى تىمىنى يوللاپسىز. مەنمۇ ئويلىغا نتىم .مۇنبەردە سىز دىگەندەك بەزى مەسىللەر ھېلىھەم ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇنى قەتئى تۈزۈتۈپ بايقاش مۇنبىرنىڭ خاسلىقىغا تۇلۇق ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ.ھازىر مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۈپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. مەنمۇ ئارلىقتا بىرقانچە ئەزا ۋە  زىيارەتچىلەرنىڭ يوللىغان ماتىرياللىرىنى بىر قۇر كۈرۈپ  چىقىپ ،مەسىلە ساقلانغان ئەسەر يوللىغۇچىلارغا نىسپىتەن ئۈزەمنىڭ  كوز قارشىنى  ئىنكاس شەكلىدە تۈزۈتۈشنى  ئوتتۇرغا قۇيۇپ قويغان.  بۇ مەسىللەرنى تۈزۈتۈش ھەمىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى. شۇڭا ئۆرتاق تىرشايلى . بەك ياخشى ماتىريال يوللاپىسز . رەخمەت سىزگە.
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

124

تېما

20

دوست

3287

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1052 سەر
تىللا
222 دانە
تۆھپە
411 سەر
شۆھرەت
413 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 21:24:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ پىكىرىڭىزنى بەكمۇ قوللايمەن،بۇلۇپمۇ بىر قىسىم تورداشلار ئىنكاس يازغاندا پەقەت رەسىم ئىپادىسى ئارقىلىقلا ئىنكاس يازىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئىغىر،بارلىق تورداشلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتە دىققەت قىلىپ ئۆزىگە تەسىر قىلغان تەرەپلەرگە نىسبەتەن كۆز قاراش،پىكىر تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

557

تېما

89

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8048 سەر
تىللا
7382 دانە
تۆھپە
4807 سەر
شۆھرەت
5203 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 12:07:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم مۇنبەر مەشغۇلات تەرتىپى ۋە توغرا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ناھايىتى ئەتىراپلىق توختۇلۇپسىز. بۇ تېمىنى يېزىش جەرىيانىدا كۆپ كۆزىتىش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغاندەك قىلىسىز. مۇنبەرنى مۇشۇنداق ئەتىراپلىق چۇشۇنۇپ يىتىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.
تورداشلارغا ياخشى بولغان مەشغۇلات ماتىرىيالدىن بىرنى سوۋغا قىلىپسىز.  كۆپ رەھمەت سىزگە!
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

87

تېما

21

دوست

6272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1486 سەر
تىللا
365 دانە
تۆھپە
1101 سەر
شۆھرەت
1153 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 02:23:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر ئامان، ھازىر تور بىتىمىزدىكى ئەزالاردا ساقلىنۋاتقان مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، مەسلىنى ھەل قىلىشتىن، مەسلىنى بايقاش،ئوتتۇرىغا قويۇش قىيىن ئىشتۇر.مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن،ھامان ھەل قىلىش چارىسى تىپىلىدۇ.
ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن، ھەم يۇقىرىدا سىز ئىيتىپ ئۆتكەن مەسىللەرنى سادىر قىلماسلىققا تىرىشىمەن.
سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىز بايقاش تورىمىزنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىغۇسى، رەھمەت سىزگە

باھا سۆز

ئامان رەخمەت سىزگە!  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 08:44
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

0

تېما

4

دوست

69

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
20 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
10 سەر
شۆھرەت
15 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 21:11:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىرىيال بوپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىز دىققەت قىلساق بولغىدەك.

69

تېما

16

دوست

3343

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
876 سەر
تىللا
243 دانە
تۆھپە
631 سەر
شۆھرەت
515 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 04:43:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئوبدان نوختىلاركەن. ھەممىمىز يۇقارقى تەرەپلەرگە دىققەت قىلساق، بايقاش مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى چوقۇم ياخشى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ بۇ نوختىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن.

52

تېما

21

دوست

2919

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

شاھ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
664 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
592 سەر
شۆھرەت
568 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 10:03:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.
ئالىمى كۆپ ئەل گۈل بولىدۇ، ھېكىمى كۆپ ئەل كۈل بولىدۇ.

139

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2798 سەر
تىللا
1204 دانە
تۆھپە
1755 سەر
شۆھرەت
1522 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:19:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم ناھايىتى كەڭ دائىرلىك ياخشى تېما يوللاپسىز، مۇنبەردە سىزدەك باشقۇرغۇچىلىرىمىز بولىدىكەن مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىدا گەپ يوق.پىكرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ پىكرىڭىزنى قوللايمەن.

406

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5051 سەر
تىللا
2205 دانە
تۆھپە
8467 سەر
شۆھرەت
3666 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:40:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن

تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەر مەشغۇلاتى داۋامىدا بۇ نوختىلارنى ئەستىن چىقارماسلىقىنى ۋە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 08:44  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-13 15:20, Processed in 0.594638 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش