كۆرۈش: 5310|ئىنكاس: 41

تورداش دوستلارغا: چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر

0202.gif

«بايقاش» قا:

يېقىنلىدى «بايقاش»نىڭمۇ بىر يىللىق تويى،
يوقمۇ سىزدە مەرىكىنىڭ مەسلىھەت-ئويى.
ئۆتۈپ كەتسە بۇ ئىيۇلمۇ، كۈتەرمىز بىر يىل،
تاپا-تەنە غەشلىك ئىچرە، يۈرۈپ يىل بۇيى.


«شام» غا:

جارى بۇلۇپ ئۆتسۇن ئەبەت، «شام»لىق روھىڭىز،
«ئەلگە نەپ» دەپ يالقۇنجايدۇ، ئارزۇ-ئويىڭىز.
‹‹ساۋاقداشلار يىغىلىشى››دا دىدارلىشارمىز،...
يەتتىنچى ئايدا ئاۋاتلاشقاي، مۇزارت بويىڭىز.


«يانار تاغ» قا:

«يانار تاغ» دەپ نامىڭىز بار،شۇنچە ھەيۋەتلىك،
مۇنبەر ئارا تونۇشلۇق ۋە شۇنچە ھۆرمەتلىك.
يېڭىلارنى يېتەكلەشكە كۆڭۈل بەرسىڭىز،...
ھۆرمىتىڭىز ئاشار شۇنچە، بۇلۇپ كېرەملىك.


«مەرىپەت» كە:

«مەرىپەت» دەپ نامىڭىز بار، شۇنچىلىك تاتلىق،
تېمىڭىز ۋە يازمىڭىزمۇ شۇنچە سۇمباتلىق.
«ئىشەنمەيسەن» دىگەن بىرلا سۆزىڭىز بىلەن،
غەشلىك ئىچرە بۇلۇپ قالدۇق، بىز يامان ئاتلىق.


«مائارىپ» قا:

مائارىپنىڭ بوستانىدۇر-«بايقاش» مۇنبىرى،
بۇ بوستاننى ئارىلايدۇ، باغۋەن ھەر كۈنى.
سۇسىز قويماڭ گۈل-گىياھنى، ئەجرىڭىز بىلەن،
خۇش پۇراقلار گۈپۈلدىسۇن، ھەر كۈن-يىل بۇيى.


«ئالىم» غا:

ئالىمغا خاس تۇرقىڭىز بار «بايقاش» بېتىدە،
تېمىڭىزمۇ ئورۇن ئالغان تورداش قەلبىدە.
ئىچىپ تۇرۇڭ:«ئىخلاس»،«ئارمان»،ھەسەل،مۇراببا،
«قىزىل كالا»...ھېرىپ قالماڭ، ئاخىر-پەللىدە.


«نۇرى» گە:

قەھرىتاندا ئۇچراشقانتۇق «بايقاش» بېتىدە،
مۇشائىرە قىزىتىپ بىز،.... مۇنبەر يۈزىدە.
قايتىپ كەلگىن جېنىم دوستۇم، سېغىندۇق سېنى،
مۆكۈپ ياتتىڭ ئىلىخونىڭ قايسى يېرىدە؟


«ئۇستاز» غا:

«ئۇستاز» سۆزى شۇنچە ئۇلۇغ-بۈيۈك كەلىمە،
نەچچە ۋاقىت ئۇخلاپ ياتتىڭ، بېسىپ ۋەھىمە.
«نورۇزنامە» خۇلاسىسى چىقمىدى تېخى،...
شۇنچە كۈتۈپ ھېرىپ كەتتى سەندىن، كەمىنە.


«زەپەر» گە:

زەپەر قۇچۇپ ئۇچماقتا سىز «بايقاش» كۆكىدە،
باشقۇرغۇچى بۇلۇپ بۈگۈن مۇنبەر بېتىدە.
«شېئىر» بىلەن كىرىپ كەلگەن «بايقاش» قوينىغا،
«دەرسلىك»كە ئۆتۈڭ ئەمدى، يېڭى پەدىدە.


«پەرى» گە:

پەرى سۈپەت قىز ئىكەنسىز، ئۆزگۈرۈشلەر كۆپ،
ھەر قارىسا رەسمىڭىزدا كۆرۈنۈشلەر كۆپ.
ئىنكاس يېزىپ ئۈلگۈرىسىز، ھەر بىر تېمىغا،
تۆھپىڭىزدە مۇنبەردىمۇ يۈكسىلىشلەر كۆپ.


«كۆك بۆرە» گە:

«كۆك بۆرە» دەپ ئات قويۇپسىز،شۇنچە جەلىپكار،
نامىڭىزغا لايىق تۆھپە قوشۇڭ، قەلەمكار،
مۇنبەرداشلار تۆھپىڭىزگە بولدۇق ئىنتىزار،
ئەجدادىمنىڭ تۇتىمىنى قىلماڭ زەئىپ، خار.


«تايلاق» قا:

ئېسىمنى بىلسەم،تۆگىنىڭ بالىسى تايلاق،
مەنزىلى ئۇزۇن،ئوتلاپ يۈرۈر يېرى يايلاق.
باشقا مۇنبەر تاللاپ يۈرمەي،قايتىپ كېلىپ،
ئىززەت بىلەن بۇ ئاۋۇلغا بۇلۇڭ بايراق.


«گۈلزار» غا:

«بايقاش» ئۆزى بىر گۈلزارلىق ئىدى ئەسلىدە،
سىز كېلىپلا گۈلزارلىققا گۈللەر قوشۇلدى.
گۈلزارلىقنىڭ پەرۋىشكارى، باغۋىنى بۇلۇڭ،...
رىقابەتكە سىز بىلەنمۇ يەڭلەر تۈرۈلدى.


باشقا تورداش دوستلارغىمۇ كۆڭۈل سۆزلىرىم بار ئىدى، بىراق بايقاش ئەپەندى: ‹‹ بايقاشتا مۇشائىرە قىزىپ كەتتى، سىزلا قاتناشمىدىڭىز، تېز بۇلۇڭ... ›› دەپ ئالدىرىتىپ قويغاچقا، يېزىپ ئۈلگۈرەلمىدىم، باشقا تورداش دوستلار كۆڭلۈڭلارغا ئالمىغايسىلەر.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4قىزغىنلىق +20تىللا +20تۆھپە +20شۆھرەت +15يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!
مەرىپەت + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!
火山 + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-26 18:29:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز كىلىپ قالدى بايقاشنىڭ تويى؛
كىچە-كۈندۈز ئۇخلىماي بايقاشنىڭ كويى.
بۇ جەھەتتە مىنىڭمۇ ئويلىنىغىم بار؛
بىلەلمىدىم تورداشلارنىڭ قانداقتۇر ئويى.

باھا سۆز

شائىر ئەمەسمەن دەيسىز ، مانا ئەمدى شائىرنىڭ ئۆزى بولۇپسىز .  ۋاقتى: 2012-6-27 00:15
ياخشىغۇ! سىزمۇ شائىر بوپ كېتىپسىز مانا!  ۋاقتى: 2012-6-26 18:37
ۋاقتى: 2012-6-26 19:06:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن سۆزۈڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم مەن ،
بېزەكچىدەك بېزەپ بايقاش يۈزىنى،
گۈل دەستە ئىچىدە ھەر تېما ئىنكاسنى ،
قاماشتۇرۇپ بىزدەكلەرنىڭ كۆزىنى.

جەلىپكار ،دوختۇر سۈپەت ئامانجان،
بىلىم بېرىپ سىناق ئېلىپ ھارمايسىز،
چىن يۈرەكتىن تەشەككۇرىم بىلدۈرەي،
تىزىپ گۈل-دەستە ،قۇبۇل قىلىپ ئالارسىز.  


r[5].gif بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 03:35  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-26 21:08:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرى خانقىز:
شۇنداق چىرايلىق گۈلكەن، سوۋغىتىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! رەخمەت سىزگە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 20:15  

ۋاقتى: 2012-6-26 22:01:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشنىڭ كۆپلىكىدىن مۇنبەرنى تاشلىدىم ،
ھازىرجاۋاپ  بۇلالماي باشنى تازا قاشلىدىم .
سىزگە بەكمۇ قايلىمەن ،دوستۇم ئامانجان،
تېما ،ئېنكاس ،يېتەكلەش ھەم بېزەشتە ،
بىزگە دائىم  ئۆلگە سەن دوستۇم ئامانجان.
سەن ئامان مۇنبەر ئامان!دوستۇم ئامانجان.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-26 23:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم:
مەن سىز ئېيتقاندەك ئۇنچىۋالا ئىختىدارلىقمۇ ئەمەس، بەك ئاشۇرۇۋېتىپسىز.  مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى ۋە كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈچ چىقارساق دەيمەن شۇ. چۈشتىن بۇرۇن مۇنبەر بىر مەھەل تازا قىزىپ كەتتى، مەنمۇ ئازراق تەييارلىقمۇ قىلغان، ئەمما ئۇ ئىنكاس شەكلىدىكى يازمىلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا پەقەت ياقمىدى،.... شۇڭا مەن بۇ يازمىنى ئايرىم تېما شەكلىدە يوللىغان.
رەخمەت سىزگە، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى.

باھا سۆز

بولمىغان تەرەپلىرى بولسا تۇزۇتۇپ ئوقارسىز .  ۋاقتى: 2012-6-27 00:18
ئامان ئەپەندىم بايقاشنى قىزىسۇن دەپ بىلگىنىمىزچە شېئىر يېزىپ قويدۇق .  ۋاقتى: 2012-6-27 00:16
ۋاقتى: 2012-6-26 23:33:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق ئەمەس !سىز يوللىغان تېمىدا بىرەرمۇ يەردە ئېملا ىاتالىقى تاپقىلى بولمايدۇ !ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرنمەي باشقلارنى ئېلھاملاندۇرىدىغان شۇنداق ياخشى ئېنكاسلارنى يازىسىز !يوللىغان تېمىىڭىز ھەم ئېشلەتكەن بېزەكلىرىڭىز بەكمۇ ئېسىل بۇجەھەتتە ھەممە ئادەم سىزگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ !مېنىڭ سىزدىن ئۈگىنىدىغان  تەرەپلىرىم كۆپ !
شۇڭا كۆپرەك تەلىم بېرەسىز

باھا سۆز

رەخمەت سىزگە، دوستۇم.  ۋاقتى: 2012-6-27 00:34
ۋاقتى: 2012-6-26 23:41:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                 توغرا دەيسىز بايقاش ئۆزى گۇلزارلىق ئىكەن .
                 گۈلزارلىقتا خۇشپۇراق گۇللەر كۆپ ئىكەن .
                 گۇلزارلىقتا سىزدەك  بولغاچ پەرۋىشكارلار ،
                 ئېچىلاركەن تۇرلۇك تۇمەن  سەر خىل گۇللەر .

                 مەنمۇ كەلدىم بۇ گۇلزارلىققا ،  
                 بۇ گۇللەردىن ھوزۇر ئالاي دەپ .
                 قوشېۋىلىڭ  بىزنى قاتارغا ،
                 كېلىپ قالدۇق بۇ ماكانغا .

                سىناقلارنى ئېلىپ بولغانسىز ،
                بىزەكلەرنى تىزىپ بولغانسىز ،
                سىزگە بولغان قايىللىقىمنى .
                چىن يۇرەكتىن قوبۇل قىلغايسىز .
ۋاقتى: 2012-6-26 23:45:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھىم مەڭگۈ يالقۇنلۇق مەشئەل روھىدۇر،
ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كۆيىمەن ئەبەد.
ئىيول ئېيىدا دىدارلىشىشقا تەقەززا بۇلۇپ،
پاياندازلار راسلىدىم كۈتىمەن پەقەت.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-26 23:52  

باھا سۆز

رەخمەت!  ۋاقتى: 2012-6-27 02:10
ۋاقتى: 2012-6-26 23:57:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەدە يالغان بولمىسۇن ئىشلىرىمنى تاشلىدىم،
دىدارلىشىش غەنىمەت كۈن ساناشنى باشلىدىم.
ھۆرمىتىم زور سىزلەر ئۈچۈن ئامان بۇلۇڭ،
ھاياجان ئىلكىدە كۆزلىرىمنى ياشلىدىم.
235630qvpit7p87to77l2n.jpg
DSC00278.JPG

باھا سۆز

كۆپ رەخمەت، دوستۇم!  ۋاقتى: 2012-6-27 02:11
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش