مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 9

بىزدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

356

تېما

68

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3499 سەر
تىللا
1698 دانە
تۆھپە
2870 سەر
شۆھرەت
1465 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 11:11:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى  
شەمشىنۇر ئىبراھىم
مەن مەكتىۋىمنى x نىڭ تەجرىبە ئېتىزى قىلىشىغا تاشلاپ بەرمەيمەن، چۈنكى مېىنىڭ مەكتىۋىم شاۋقۇن-سۈرەنسىز، تاراق-تۇرقسىز ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان «تىنىچ مەكتەپ». مەن ئوبدان بىلىمەن ئۇ ئەدبىيات دېگەن نىمنى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭمۇ بېىشى ئىششىپ قاپتىمۇ نىمە؟ بۇ تۆت كۈنلىكى قالغان بىر نىمە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ… قېنى مېنى نىمە قىلالايدىكىن! بۇ مەكتەپتە مېنىڭ دېگىىنم دېگەن. بۇندىن كېيىن مېنىڭ ئالدىمدا ئەدىبىياتنىڭ گېپنى قىلىشما
… بۇندىن كېيىن بىرىڭ بېرىشمايسەن ئەدىبىياتنىڭ پائالىيەتلىرىگە…
ئۆتكەندە ئۆزىڭىز…
بولدى، بولدى، شۇ ئالدىراپ قوشۇلۇپ قويۇپتىمەن، ئويلاپ باقسام، باشقا پەنلەر بولغان بولسا قۇشۇلۇپ قوياتتتىم. ئەمما تۆت كۈندىن كېيىن ئۆلىدىغان مۇنۇ ئەدبىيات دېگەن بىر نىمىگە مەكتىۋىمنىمۇ، ئوقۇتقۇچۇملىرىمنىمۇ، ئوقۇغۇچىلىرىمىنىمۇ ئاۋارە قىلغۇم يوق…ھېلىمۇ ئەدەبىياتىڭىزغا دەرس سېتكىسىدىن ئورۇن بېرىۋاتقىنىمغا خوش بولسىڭىز بولىدۇ!!!
كىچىك بوسامۇ دەپ قوياي شەمشىنۇر ھەدە، بۇ ئىشقا بەك ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىغا چىقىشى ناتاتيىن…   
خوتۇن كىشى بوغاندىكى نىمە ئاۋارچىلىق دەيمەن…
شۇ ئەمەسمۇ، ئىشخانىدا بىكار گېزىت ئوقۇپ، بىكارلىق قايناقسۇنى ئىچىپ ئولتاماي، نىمە ئاۋارچىلىقتا قالغان دەيمەن...
جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ پىلانىدىكى تەتقىقات تېمىسى «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسىنى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئىشلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 16ئورۇن ئىچىگە كىرگەن غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھيىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ قىزغىن قوللىىشغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئۆزى ماڭا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى… ئەمما يۈزى بىلەن يەنە بىر يېرىنىڭ پەرقى يوق، تۈنۈگۈن دېگەن گېپىدىن بۈگۈن يېنىۋالدىغان، مەكتەپ ئاتلىق بۇ «خاسىيەتلىك كولدۇما»نى شاۋقۇن-سۈرەنسىز، ئۈن-تىنىسىز تۈرمىگە ئوخشىتىپ قويۋاتقان مۇنۇ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرشنىڭ تولىمۇ ئورۇنسىز ۋە بىمەنە بىر ئىشلىقنى ھېس قىلىپ ئۇددۇل ئىدارىغا قايتىپ كېلىپ، ئىدراە رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى دوكلات قىلدىم. سابىق مۇدىرىمىز چېن شاۋئەن ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، دەرھال باشقىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تەجرىبە نۇقتىسىنى باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكىدۇق.
ش ئۇ ئا ر ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخاىنىسىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدىكى جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ پىلانىدىكى تەتقىقات تېمىسى «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسى غۇلجا ناھىيە تارماق تېمىسنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان «ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى يولغا قويۇپ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسى تەجرىبە سىناق خىزمىتى سىناق قىلىنغان ئۈچ يىل جەريانىدا ئەدەبىياتنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا تۆت پۇتى ئۆرە بولۇپ قالىدىغان، بىرقىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەنە شۇنداق «مەن بىلەن خوشى قالمىدى…» ئەمما ئىدارىنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھاملىرى، قوللاپ-قۇۋۋەتلەشلىرى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى بەرگەن شان-شەرەپلەر ، زور كۆپ ساندىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماڭا تىكىلگەن ئۈمىتىلىك كۆزلىرى، قىزغىن ئالقىشلىرى ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن تاشلىغان ھەربىر قەدىمىمىگە ئۈمىت، ئىشەنچ ئاتا قىلدى. شۇڭىمۇ، «ئالدىراش تۇلۇق سۆرەۋاتقان ئايغىرنىڭ جەڭگىۋار يەرلىرىگە قونۇپ، ئاۋارچىلىق تۇغدۇرغىنى ئۈچۈن پىرى مۇشرىكلىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ ھېجىيىدىغان چىۋىن، كۇمۇتىلار…قۇڭى ئاپتاپتا قالسىمۇ، تۇمشىقىنى يوشۇرغىنى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرىدىغان تۆگە…» دەك كىشىلەرگە «ھە دەپ قوي» پەلسەپىسى بويىچە پەرۋا قىلمىدىم. ئەكسىچە ئەقلىمنى ئىشقا سېلىپ، ئايىقىمنى يېنىك قىلىپ ئۆز خىزمىتىمىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك جانلىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېپيېڭى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمنى مۇۋاپەققىيەتلىك باستىم. ئىدىيىسى ئوچۇق، كاللىسى جاراڭشىپ تۇرىدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم ياش، قابىل ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات گۇرۇپپسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا نۇرغۇن ئۆگىنىش، تەربىيلىنىش، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىن باشقا يەنە، ئۆزۈممۇ كۆپ قېتىم ناھىيە، ئوبلاست، ئاپتۇنۇم رايۇن، مەملىكەت دەرىجىلىك شەرەپلەگە نائىل بولدۇم… ئەمما باسقان ھەر بىر قەدىمنى نام-مەنپەئەت بىلەن ئۆلچەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئويلىغاندەك بۇ ئىشلارنى ئۇنۋان، دەرىجە ۋە ئاللىقانداق تامالار ئۈچۈن قىلمىدىم. بەلكى پارتىيىمىز ۋە ھۆكىمىتىمىزنىڭ بىزگە، ئانا تىل ئوقۇتىشىمىزغا بەرگەن بۇ قىممەتلىك پۇرسىتىنى قەدىرلەش، ئۆز زىممەمدىكى مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش، ئىش ھەققىمنى ھاللالپ ئېلىش ئۈچۈن قىلدىم… ئەمما ئەتراپىمىدىكى ئۇنۋان، دەرىجە، پايدا مەنپەئەت ۋە ئاللىقانداق شەخسى غەرەزلەر ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە مىدىرلاپ، كۈن ئۆتكۈزىشكە ئادەتلىنىپ، قەيەردە يوچۇق بولسا شۇ يەردىن نەپ ئېلىش ئۈچۈن پالاقلشىىيدىغان، ئۆمرىدە يالاقچىلىق ۋە چېقىمچىلىقتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، باشقىلارنىمۇ ئۆزىنىڭ ئەنە ئاشۇ ھايات مىزانى بىلەن ئۆلچەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەھلىل ۋە غەيۋەت-شىكايەت ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدىم…
دەرۋەقە، «كارۋانلار مېڭىۋەردۇ، ئىتلار قاۋاۋېردۇ» دېگەندەك، ئاز ساندىكى ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ماڭا سۈركىمەكچى بولغان كۆسەيلىرى، سانجىماقچى بولغان بېگىزلىرى مېنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىنىلىقمنى سۇسلاشتۇرالمىدى. ئەكسىچە مېنى سەگەك، تىرىشچان ۋە تېخىمۇ ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان قىلىپ چېنىقتۇردى…ئۇنۋان، دەرىجە ۋە يۇقۇرىغا ئۆرلەش ئۈچۈنلا ئاز-تولا مىدىرلاپ قويىدىغان، مەقسەت-مىراتلىرىغا يېتىپ بولغاندىن كېيىن بولسا، «ئۆزى خان، ئۆزى بەگ»بولۇپ ياشاپ، «ئالدىغا كەتكەنلەرنى چىشلەپ»، «ئارقىدا قالغانلانى دەسسەپ-چەيلەپ» كۈن ئۆتكۈزىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىتىپ قويدى.
ئەلۋەتتە، خىلمۇ-خىل مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر قوينىدا ياشاۋاتقان بىر ئايال بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تەڭتۇشلىرىم بىلەن بولغان نۇرغۇن باردى-كەلدىلەر، تۈگىمەس قائىدە-يوسۇنلارغا يېتىشىپ بولالماي، تارتقان جاپالىرىم، ئاڭلىغان تاپا-تەنىلىرىممۇ ئاز بولمىدى. ئەمما زور كۆپچىلىكنىڭ، ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھام-مەدەتلىرى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇردى…
دەرۋەقە، بىر ئۆمۈر مائارىپ سېپىدە ئىشلەپمۇ، ئەتراپىدىكىلەرگە قۇۋلۇق-شۇملۇق، ئارقا ئىشىكتە قانداق مېڭىش، پايدىسى تېگىدىغانلارغا قانداق خوشامەت قىلىشتىن باشقىنى ئۆگىتەلمىگەن بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، ئەتراپىغا ئۆزىدەكلەرنى ئولاشتۇرۋېلىپ، غەيۋەت-شىكايىتىنىڭ تىغ ئۇچىنى ناھيىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ماڭا قاراتتى. ئەمما ئۇندقلارنىڭ «يولى بارمۇ»، ياكى تەلىيى ئوڭدىن كەلدىمۇ، ۋە ياكى ئۇلار شۇ ئىشلارنى مەخسۇس تەتقىق قىلغاچقىمۇ، ئۇنداقلارنىڭ ئىشى ئوڭ بولۇپ، ئۇنداقلارنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم چىقمىدى. بەلكى ھوقۇق-مەرتىۋە، دەرىجە-ئۇنۋان دېگەنلەرگە ھېچبىر جاپا تارتمايلا ئېرىشۋەردى ۋە ھەر خىل ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتېۋەردى… كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىمىسە، ئۆگەنىمىسە ئاسانلا شاللىنىپ قالىدىغان، ئادەم ئۆزىدىن ئۆزى ئەنسىرەپ تۇرىۋاتقان بۈگۈنكىدەك رىقابەت دەۋردىمۇ، قولىدىكى دېپلۇم ۋە دەرىجە -ئۇنۋان كېنىشكىلىرىنى ياستۇق قىلپ يېتىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرىكى «پۇل! پۇل! پۇل! پۇل!» دەپ سوقۇپ تۇرغاچقىمۇ، شۇنداقلارنىڭ قولىغا قالغان مەكتەپلەردە قۇۋلۇق-شۇملۇق، چېقىمچىلىق، شەكىلۋازلىق، ئالدامچىلىق كۈچىيىپ، شەخسىيەتچىلىك، خوشەمەتكويلۇق، ئالدامچىلىقنى سۆكۈپ، پاكلىقنى، چىن ئىنسانىي مېھرى-مۇھاببەتنى، ھەقىقەتنى تەكىتلەيدىغان، ئەۋلاتلارغا ئادىمىيلىك مىزانلىرنى، يۇرت، ۋەتەن سۆيۈشنى ئۆگىتىشنى بىردىن مەقسەت قىلغان تىل-ئەدەبىيات دەرسى نىمە ئۈچۈندۇر ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمىدى. شۇڭلاشقىمۇ، بىرىنچى بولۇپ چەتكە قېقىلىشقا، ئۆگەيلەنگىنىشكە، سوغۇق مۇئامىلە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراپ بوينى قىسىلغىنى، ئورۇنسىز زەربە يىگىنى دەل، كەسىپچانلىقى يۇقۇرى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر قىسىم تىل-ئەدەببيىات ئوقۇتقۇچىلىرى بولدى…ئەلۋەتتە، مەن ئەنە ئاشۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا يېتەكچى بولغىنىم، كېچە-كۈندۈز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈن پالاقىشىغىنىم ئۈچۈنمۇ، ئەنە شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدىم…ئەمما غۇلجا ناھيىلىك، ئىلى ئوبلاستلىق، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرىنىڭ، زور كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋەتلىشى، مەدەت بېرىشى، كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتۈرۈشى مەندە خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيسى بىلەن، مىللى مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيسىنى سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئىستىكىنى ئويغاتتى.
ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خەنزۇ مەكتەپلەر تىل-ئەدەبيات ئوقۇتۇشنى بىردىن بىر ئاساسىي پەن دەپ ھېساپلاپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ سەرخلىنى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈكىنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا قويغان. ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنلىرىدا تىل-ئەدەبىيات ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەڭ موھىم نەتىجە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، سىڭلىمنىڭ قىزى ئوقۇۋاتقان غۇلجا شەھرىدىكى ئىنگلىز ۋە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغنىنىغا قاتنىشىپ قالدىم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ مەكتەپ گەرچە ئىنگىلىز تىلىنى ئاساس قىلىدىغان مەكتەپ بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلار ۋە خەنزۇ ئاتا-ئانىلار باشتىن- ئاخىر تىل-ئەدەبيات ئوقۇتۇش نەتىجىسى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شەكلىگە كۆڭۈل بۆلدى…ئەمما بىزدىچۇ؟
بىزدە ئەھۋال باشقىچە:
ئەدەىبىياتنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام بېشىم ئاغرىيدۇ! ئاتا-ئانىلارغا دەڭلار، ئۆيىدە بالىلارغا «ئۇيغۇرچە ئۆگەن» دەپ بالىلارغا بېسىم قىمىسۇن! ئۇ ئەدبياتىڭىزنىچۇ ئۆتسىمۇ، ئۆتمىسىمۇ بولىدىغان بىر نەرسە. شۇڭىچۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ سان-سۈپىتىگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشنىڭمۇ ئانچە زۆرۈريىتى يوق!!!   
مەن بەرگەن پۇللارغا ئۇرغۇيچە كىتاپ ئىپ باقە قېنى، ئۇرغۇيچە كىتاپنىڭ نىمە پايدىسى دەيمەن؟ مالىمىڭ نىم دېدى ئۆيگە ئۇرغۇيچە كىتاپ دېگەننى يوللاتماڭ دېدىغۇ!
ئاپا ئاۋۇ كىتاپنى ئېپ بېرە! ئەمدىلا بەش-ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوماقىنە بىر قىز قولىنى كىتاپ جازىسىدىكى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» دېگەن كىتاپقا ئۇزىتىشىغا ئانىسى ئۇنىڭ قولىغا شاققىدە بىرنى قويۇپ:
بولمايدۇ! ئۇنىڭغا قارىما. لاۋشىرىڭ نىمە دېدى، ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ مەن ساڭا باشقا كىتاپ ئېپ بېرىمەن. ئۇنى ئوقۇغاننىڭ ئون تىينلىق پايدىسى يوق!
چاچلىرىنى ئالا-چىپار بويىۋالغان، دۈمبىسى ئوچۇق كوپتا، تېقىمى ئوچۇق يوپكا كىيىۋالغان ياش ئانا قورقۇنۇچلۇق بىر مەخلۇققا يوللۇقاندەك ئەندىكىپ، بالنى سۆرىگىنىچە كىتاپخاىنىدىن چىقىپ كەتتى…
ئىنتايىن ئاددىي كاللا بىلەن تەپەككۈر قىلىدىغان، باشقىلار چىىچپ بېرىپ «پوقۇمنى يە» دېسە، ئىككىلەنمەي يەيدىغان، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى تۈزۈك دىيەلمەيدىغان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار باشقىلارنىڭ تۇمشىقىدىن يېتىلىشىگە بويسۇنۇپ ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەچكىمۇ، كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئىگەللەشنمىۇ پايدا-مەنپەئەت بىلەن ئۆلچەيدىغان بولىۋالغان…
دەرۋەقە، ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس!!! ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئەقىل-پارسەتلىك ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەكتەپ بولمىغان، تېلىۋىزور بولمىغان، تور بولمىغان ئەشۇ يىللاردا ھېكايە-چۆچەكلىرى ئارقىلىق بىزگە ئادەم بولۇش يولنى ئۆگەتمىگەن بولار ئىدى. تەبىئەتنىڭ سىرلىق كارامەتلىرىنى چۈشەندۈرمەس بولار ئىدى…بۈگۈنكى كۈندە ھەم پارتىيمىز، ھۆكىمىتىمز مىللى خاسلىقنى، مىللى ئەنئەنىنى ئەكىس ئەتتۈرۈرگۈچى سەنئەت شەكلى بولغان ئانا تىل ئوقۇتۇشىمىزغا بۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلمەس ئىدى…
مەملىكەت بويىچە، جۇڭگۇ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ۋە رەسمىي تۈر سۈپىتىىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 20 تېما ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلەيدىغان بىردىنبىر تېما سۈپىتىدە، «تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۈچ يىل ئىشلەيدىغان تەتقىقات خىزمىتىنىڭ رايۇنىمىز تەۋەسىدە رەسمىي يولغا قويۇلىشى يۇقارقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى ئەلۋەتتە. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 1-، 2-، 3-كۈنلىرىدىكى باسقۇچلۇق خىزمەت خۇلاسە يىغىنىدا جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىدىن كەلگەن سۈيلىئەن دېگەن مۇتەخەسىسنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىمىزغا، ئۈچ يىللىق خىزمەتلىرىمىزگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىشى يۇقارقى سۆزىمىزنىڭ تېخمۇ جانلىق دەلىلى ئەلۋەتتە…
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ قىسمەن كىشىلىرىمىز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى كۆزگە ئىلمايدۇ؟
2006-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، ناھىيەمىزدە سناق قىلىنىۋاتقان «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسىنى ئىشلەش جەريانىدا بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىمكى، بىزنىڭ بىر قسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ۋە شۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يىغىنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، يازغان خەتلىرىنى كۆرسىڭىز ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق زامانىۋى مەدەنىيەتلىك دەۋردىمۇ قانداقلارچە شۇ ئورۇنغا چىقىپ قالغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيسىز!!
مېنىڭچە بۇنداق كىشىلەرنىڭ بىلىمسىزلىكى، ساپاسىزلىقى باشقا كەسىپ، باشقا ساھەلەردە ئانچە چېنىپ كەتمىگىنى بىلەن، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرى بىلەن مائارىپ سېستىمىسدا بەك سەت چانىدىكەن، ھەم بۇ ساھەگە ھەرگىز سەل قارىغىلىمۇ بولمايدۇ!! چۈنكى بۇ ئىككى مۇقەددەس كەسىپنىڭ بىرى، ئادەمنىڭ جىسمىنى پەرۋىش قىلسا ۋە قۇتۇلدۇرسا، يەنە بىرى ئادەمنىڭ روھىنى پەرۋىش قىلىدۇ ۋە داۋالايدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى كەسىپكە چوقۇم كەسىپكە پۇختا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، مىللەت، ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىتيىنى تولۇق ئادا قىلالايدىغان ۋىجدانلىق كىشىلەرنى باش قىلىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ يېنىكلىك قىلماسلىق لازىم. ئەمما ئۆزۈمگە تونۇش بولغان قىسمەن مەكتەپلەرگە قاراپ باقسام، قىسىمەن مەكتەپلەردىكى ئەھۋال ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ موھىم پاكىتلىرىدىن بىرى شۇكى، بۇ مەكتەپلەر ئىشىكنى چىڭ تاقاپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاچقا، بالىلارنى ھەتتا تەنەپۇسقا چىقىشقىمۇ يول قويمىغان. تۆۋەن يىللىقنىڭ بالىلىرى ئىشتانلىرىغا سىيۋەتسىمۇ بولدى قىلمىغان. ئالتىنىچى يىللىقنىڭ بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىسى ئىشتنغا سىيىۋېتىپ ھۆل ئىشتان بىلەن ئۆيگە بېرىشتىن ئۇيالغانمۇ ۋە ياكى باشقىچە غەرىزى بارمۇ ئىش قىلىپ، سىنىپنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ھاجەتخاىندا سىيگەندەك سىيىگەن. بۇنى كۆرگەن مەكتەپ مۇدىرى بالنى ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ بولىشىغا دۇمبالىغان.
بالىلار مەكتەپنىڭ بىر چىرايلىق كەڭرى كەتكەن چىملىق مەيدانلىرىغا قاراپ، ئاغزىنى چاكىلداتقىنىچە، باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن. بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق بىر پارچە ماقالە يازغان:
«بىزنىڭ مەكتەپ تولىمۇ چىرايلىق، پۈتۈن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، كەڭرى كەتكەن ياپ-يېشىل مەيدانلىرى بار. ئەمما بىز بىرەر قېتىممۇ بۇ مەيدانلادا توپ تېپىپ باقمىدۇق، كىتاپخانىلارغا كىرىپ كىتاپ ئوقۇپ باقمىدۇق، كومپۇيوتېرلانى ئەركىن-ئازادە تۇتۇپ باقمىدۇق. ئاددىسى تەنەپۇسلاردا قاتىىقراقمۇ ئاۋاز چقىرىپ باقمىدۇق. قىزىق يېرى ھاجەتخاىنىغىمۇ ئوقۇتقۇچىلار يالاپ ئېپ چىقىدىغان بولىۋالدى. بۇنىمۇ مەكتەپ دېگىلى بولامدۇ؟!…»
يەنە بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يازغان:
بۈگۈن مەن تۇنجى قارنىڭ خاسىيىتىدىن خوش بولۇپ، دوستلىرىم بىلەن مەكتەپنىڭ مەيدانىدا قار ئېتىشىپ ئويناپ خوشلىقتىن بېشىم كۆككە يەتكەن ئىدى. ئەمما تۇيۇقسىز پەيدا بولغان مەكتەپ مۇدىرى قۇڭامغا بىرنى تېپىپ، مېنى يەرگە يىقىتىۋەتتى ۋە يەنە بولدى قىلماي ئۇرۇپ-تېپىپ، ئاغزى-بۇرنۇمنى قان قىلىۋەتتى. خەپ چوڭ بولىۋالدىغان بولسام، بۇنداق ئىپلاس مۇناپىقنى ئايىقىمدا ئۆمىلەتمىسەم ھېساپ ئەمەس!…»
دەرۋەقە بۇ ئوقۇغۇچى ھەقىقى گەپنى قىلغان. ئامما بىچارە ئەدەببيات ئوقۇتقۇچىسى بالانىڭ چوڭىغا قالغان. مەكتەپ مۇدىرى كارنىيى يىرتىلغۇدەك سەت ئاۋاز بىلەن:
مەن دېمىدىمۇ، گەپنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەدىبىيات دېگەن نىمىدىن چىقىدۇ! بۇ ئوچۇقلا مەكتەپ تۈزىمى بىلەن قارشىلاشقانلىققۇ؟! ئاۋۇ ماقالە دەرسى دېگەننى سېتكىدىن دەرھال يوقىتىڭ! بۇ گۇينىڭ باللىرىنىڭ ماقالە يازغىنى بىر كۆرەي!!
مېنىڭچە ئاۋۇ x مۇئەللىمنمۇ جازالاش كېرەك. ھەممە گەپ شۇنىڭدا!
سىنىپ مۇدىرلىق پۇلىسىنى بەرمەسلىك كېرەك!
13-ئايلىق پۇلىنى تۇتۇپ قلېىش كېرەك!
ئىلغار خىزمەتچى، مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى قىلماسلىق كېرەك!
دەرس تەقسىم قىلماسلىق كېرەك!
بولدى، بولدى، دەرس تەقسىم قىماي بولمايدۇ. ئۇ خەققە چېقىلغىلى بولمايدۇ. ھەممە يەردە باشلىق ئاكىلىرى بار. ئەڭ ياخشىسى باغۇ، 1-يىللىقنىڭ ئىلىپبەسىنى بېرىپ، ئەدىۋىنى بېرىش كېرەك!!
ۇنداق مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ قولچوماقلىرىغا نىمە دېگۈلۈك؟! ھاجەتخانىغىمۇ ئەركىن-ئازادە چىقالمايدىغان، بالىلىق ھەۋەسلىرىگە، شاۋقۇن-سۈرەنلىك مەكتەپ تۇرمۇشىغا پەقەتلا قېنىپ باقمىغان، ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنمۇ ئېيتالمايدىغان بىچارە بالىلارغا نىمە دېگۈلۈك؟! پاك، يۇمران قەلبىگە ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان غەزەپ ئوتلىرى تۇتاشقان سەبىيلەرگە نىمە دېگۈلۈك؟!
قارىغاندا بۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرى ئاغزىدا شەھەر ئالغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، ئۆزى دەسسەپ تۇرغان بۇ خاسىيەتلىك ماكاننىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىدەك ئاددىي ھەقىقەتنىمۇ بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ… پارتىيە ۋە ھۆكىمەتنىڭ مائارىپقا ئائىت پروگىراممىلىرىدىنمۇ خەۋەرسىزدەك قىلىدۇ. باشقىسنى قويۇپ تۇرۇپ، «جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پروگىراممىسى» نىڭ7-ماددىسىىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى: پروگرىممىدا، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق، پەن-مەدەنىيىەت، ئەمگەك-ماھارىتى ۋە جىسمانىي، پىسخىك ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت»دەپ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئادىمىيلىك تەربىيىسىنى كىچىكىدىن باشلاش ناھاىيىتى زۆرۈر بولۇپ، بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت تىل-ئەدەبىياتقا ئوخشاش تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، بالىلار تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمى بولغان گۇمانتار پەنلەرلا تولۇق چىقالايدۇ. چۈنكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ خاس خارەكتىرى، نىشانى ۋە ماھىيىتىگە قارىغاندا، ئۇنىڭدا «ئىنسانىيەت تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى ۋە كۆپ خىللىقى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا ئادەمنى ھۆرمەتلەش، كونكىرىت ئادەمنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ كۆپ خىللىقىنى ھۆرمەتلەش» تەك مەزمۇن ۋە «ئادەمسىز» مائارىپتىن، «ئادەم ئۈچۈن» مائارىپقا ئۆتۈشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ھازىرقى زامان مائارىپ قارىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق، پەن-مەدەنىيىەت، ئەمگەك-ماھارىتى ۋە جىسمانىي، پىسخىك ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتتە، باشقا پەن دەرسلىرى ئوينىيالمايدىغان ئۆزگىچە رول بار. بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان ئادەمنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى كۆزگە ئىلمىغىنى بىر تەرەپتىن، يۇقارقىدەك زامانىۋى مائارىپ ئىدىيىسى ۋە مائارىپ قارىشىدىن بىخەۋەر ھالدا ئاللىبۇرۇن كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىلىمى بىلەن مەكتەپ باشقۇرىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنلىكى، تەربىيە ئوبىكىتىنى قىلچە چۈشەنمىگىنى، ئۆز مىللى مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋلاتلارنى دەۋرگە مۇناسىپ ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىنى قىلچە بىلمەيدىغانلىقىدەك بىر قاتار ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلاپلا قالماي بەلكى موھىمى، ئۇنىڭدا مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىسىدىن ئەسەرمۇ يوقلىقىنى ناھايىتى روشەن ئاشكارلاپ بېرىدۇ. خالاس…
شۇڭا خاتىمە ئورنىدا تەكىتلەيدىغىنىم، «قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن». مەكتەپلىرىمىز مەكتەپكە، مۇدىرلىرىمىز مەكتەپ مۇدىرغا ئوخشىسۇن. بالىلىرىمىز بالىلىقىغا قانسۇن. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بالىلارغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىش رولىدىن مەھرۇم قالمىسۇن! ئانا تىلنى سۆيەيلى، ئانا تىلنى سۆيگەنلىك ئۆزىمىزنى سۆيگەنلىك!!…  
مەنبە:
   << «ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش تەتقىقاتى»دىن ئانا تىل ئوقۇتىشمىزغا نەزەر>>  ناملىق كىتاپتىن  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-23 11:12  

بىز ھەقىقەتنى تىل-ئەدەبىيات دەرسخانە ئوقۇتىشى نۇقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەيلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

12

تېما

17

دوست

495

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
160 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
49 سەر
شۆھرەت
72 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 22:16:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىماناھايتى ياخشى يىزلىپتۇ. ئاناتىلنى ھەممىمىز بىرلكتە قەدىرلەيلى!

15

تېما

5

دوست

1249

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
289 سەر
تىللا
36 دانە
تۆھپە
277 سەر
شۆھرەت
236 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 18:27:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى يىزىپسىز،مەن كىچىكىمدىنلا ئەدەبىيات دەرىسىگە بەك ئامراق ئىدىم.
تامچە يىغىلسا كۆل تولۇر،دانچە يىغىلسا باداڭ تولۇر.

441

تېما

71

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5904 سەر
تىللا
3167 دانە
تۆھپە
9076 سەر
شۆھرەت
4231 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 01:51:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن . رەخمەت سىزگە بۇرادەر.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

102

تېما

39

دوست

8569

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1780 سەر
تىللا
535 دانە
تۆھپە
1692 سەر
شۆھرەت
1677 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 22:04:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاناتىلنى ئۇنتۇغانلىق ئانىسىنى ئۇنتۇغانلىق بىلەن باراۋەر. ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشايلى.

باھا سۆز

XAM جاسارىتىڭىزگە بارىكاللا تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 15:39
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

356

تېما

68

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3499 سەر
تىللا
1698 دانە
تۆھپە
2870 سەر
شۆھرەت
1465 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 15:39:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلانبەگ يوللىغان ۋاقتى  2013-2-17 22:04
ئاناتىلنى ئۇنتۇغانلىق ئانىسىنى ئۇنتۇغانلىق بىلەن بار ...

جاسارىتىڭىزگە بارىكاللا

باھا سۆز

ئوغلانبەگ رەھمەت! ئانا تىلىم جان تىلىم،ماڭا قۇۋۋەت -- نان تىلىم.تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقان،ساپ،دولقۇنلۇق قان تىلىم. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 18:46
بىز ھەقىقەتنى تىل-ئەدەبىيات دەرسخانە ئوقۇتىشى نۇقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەيلى

102

تېما

39

دوست

8569

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1780 سەر
تىللا
535 دانە
تۆھپە
1692 سەر
شۆھرەت
1677 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 18:46:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XAM يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 15:39
جاسارىتىڭىزگە بارىكاللا

رەھمەت!
ئانا تىلىم جان تىلىم،
ماڭا قۇۋۋەت -- نان تىلىم.
تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقان،
ساپ،دولقۇنلۇق قان تىلىم.

باھا سۆز

XAM تىل دېمەك بىز ئىنسانلار ئۆزىمىز دېگەنلىكتۇر، تىلنى قوغداش، ئۆزىمىزنى قوغداش دېمەكلىكتۇر.... تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 19:33
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

356

تېما

68

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3499 سەر
تىللا
1698 دانە
تۆھپە
2870 سەر
شۆھرەت
1465 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 19:33:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلانبەگ يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 18:46
رەھمەت!
ئانا تىلىم جان تىلىم،
ماڭا قۇۋۋەت -- نان تىلىم. ...

تىل دېمەك بىز ئىنسانلار ئۆزىمىز دېگەنلىكتۇر، تىلنى قوغداش، ئۆزىمىزنى قوغداش دېمەكلىكتۇر....
بىز ھەقىقەتنى تىل-ئەدەبىيات دەرسخانە ئوقۇتىشى نۇقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەيلى

24

تېما

10

دوست

6174

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
928 سەر
تىللا
442 دانە
تۆھپە
2196 سەر
شۆھرەت
958 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 21:49:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلنى قوغدىغانلىق ئۇزمىزنى قوغدىغانلىق،تىلنى ھۆرمەت قىلغانلىق ئۇزمىزنى ھۆرمەت قىلغانلىق.

10

تېما

1

دوست

326

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
100 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
50 سەر
شۆھرەت
41 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 15:27:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغىم كىلۇر،ئانا تىلىنى قولىدىن ئالتۇن بىرىپ ئالغۇم كىلۇر،›› دىگەن ھىكمەتنى بىلمەمدىكىنە ئۇ قاپاقباش
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 11:54, Processed in 0.620753 second(s), 44 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش