كۆرۈش: 727|ئىنكاس: 3

سىز يولدىشىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

▲ مەڭگۈ ئالىيجاناپ، مېھرىبان بولۇڭ.

مەيلى دوستلار يىغىلىشى بولسۇن ياكى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە بولغاندا بولسۇن، كىيگەن كىيمىڭىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقمىسا مەيلى، لېكىن يولدىشىڭىزنىڭ ئابرويىنى قىلىشنى ھەرگىز يادىڭىزدىن چىقارماڭ، ئامال بار ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، تەربىيە كۆرگەن، ئۆزىڭىزگە خاس قاراشقا ئىگە سالاپەتلىك بولۇشقا تىرىشىڭ. ھەرگىزمۇ سەمىرىپ تىقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئورۇقلاش ئۈچۈن چېنىقىش ئۆيلىرىگە قاترايدىغان، دورا يەيدىغان ئىشنى قىلماڭ. كونىلىقىدىن يىرتىلىپ، تىتىلىپ كەتكەن ئىچ كىيىمنىڭ ئۈستىگە يولدىشىڭىز ئېلىپ بەرگەن ئېسىل كىيىملەرنى كىيمەڭ، يادىڭىزدا بولسۇنكى،يولدىشىڭىز ئۈستىڭىزدىكى كونىراپ كەتكەن ئىچ كىيىمنى، ئۇ يەر ياكى بۇ يېرى تېشىلىپ قالغان پايپاق بىلەن تۇرغان تۇرقىڭىزنى كۆرمىسۇن.
▲ ئائىلىنىڭ كەيپىياتىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
ئانىڭىز ئۆگىتىپ قويغان تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى ئۇنۇتماڭ، دەم ئالغان چاغلىرىڭىزدا ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بېرىڭ، ئۇنىڭ تەمى بار ياكى يوقلۇقى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئىشنى قىلماڭ. كىچىك بالىدەك قىلىقلارنى قىلماڭ، ناۋادا چاپىنىنىڭ تۈگمىسى ئۈزۈلۈپ كەتسە ،تۈگمىسىنى قاداپ بېرىڭ. مېھرىبان بولۇڭ، بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن، يولدىشىڭىز بالىنى ئېمىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ يۈرمىسۇن؛ ئەگەر بالا ئېمىتىمەن دەپ چىرايلىق بەدىنىڭىزدىن مەھرۇم بولسىڭىزمۇ، يولدىشىڭىز يەنىلا سىزنى چوقۇم قەدىرلەيدۇ.
▲ كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ.
توي قىلغان ئاياللار كۆپىنچە ئاددىي كۆڭۈل ئېچىش ئوقۇشلۇقى بىلەن مودا كىتابلارنى ئوقۇيدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. بەزى ئەرلەر رومانتىك تۇيغۇنى قوزغىتىش ئۈچۈن مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى، شېئىرلارنى ئوقۇيدۇ، ئۇلار ئەلۋەتتە سىزدىنمۇ شۇنداق كىتابلارنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش، بىراق ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ چارىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. كىتاب ئوقۇش ئەمەلىيەتتە سىزنى «بىلىمسىز، نادانلىقتىن» خالاس قىلىدۇ، شۇنداقلا يولدىشىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا نۇرغۇن ئورتاق تىلنى پەيدا قىلالايدۇ، يەنە ھەم تۇرمۇشىڭىزنى زور مەناغا ئىگە قىلىدۇ.
▲  ئوخشاش بىر خىيالنى قىلىڭ.
ئاش- تاماق، ئوتۇن، كۆمۈر بىلەن پۈتىدىغان كىشىلىك ھايات ئەرلەرنىڭ قەلبىدە چوقۇم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خىياللارنى پەيدا قىلىدۇ. گەرچە بۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە غەلىتە، بىمەنە خىياللار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى مازاق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ. روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالغان چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر خىيالنى قىلىپ، شېرىن خىيالىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇڭ. ئەمما بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، چۈنكى ھەر قانداق بىر نورمال ئەر كىشى ئەخمىقانە خىياللارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كويىدا بولمايدۇ، چۈنكى مەڭگۈ بۇزۇلمايدىغان چۈش بولمايدۇ.
▲ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ سىزگە زىيان قىلمايدۇ.
ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقى بىلەن ئاق كۆڭۈللۈكى گوياكى بىر ناۋات، ئەمما بۇ ئەرلەرگە مەڭگۈ ئوزۇق بولالايدۇ دەپ قارىسىڭىز چوقۇم خاتالىشىسز؛ يۇمۇر خۇددى تۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئىنتايىن ئاز خۇرۇچ، ناۋادا بۇ خۇرۇچ بىر يەرگە كېلىدىغان بولسا، چوقۇم باشقىچە تەمگە ئىگە بولۇپ، سىزگىمۇ، ئېرىڭىزگىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

مەنبە شىنجاڭ رادىئو تورى

باھا سۆز

ياخشىكەن.  ۋاقتى: 2012-5-10 09:47
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-5-9 22:29:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن....... ھارمىغايسىز!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 22:43  

ۋاقتى: 2012-5-9 22:34:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
◤pari◥ يوللىغان ۋاقتى  2012-5-9 22:29
ياخشى ناخشىكەن....... ھارمىغايسىز!!!!

ناخشا ئەمەس‹‹ تېما ››دىققەت قىلىڭ جۇمۇ!

باھا سۆز

دىققەت قىلاي  ۋاقتى: 2012-5-9 22:38
ۋاقتى: 2015-2-16 07:49:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇن ئىكەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش