كۆرۈش: 946|ئىنكاس: 1

جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1990 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1990 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 28 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.
1 - ماددابۇ قانۇن دۆلەت بايرىقىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ دۆلەت قارىشىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ئېلان قىلغان دۆلەت بايرىقى ئىشلەش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئىزاھاتقا ئاساسەن ئىشلىنىدۇ.
3 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى.
ھەربىر پۇقرا ۋە تەشكىلات دۆلەت بايرىقىنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى ئاسرىشى لازىم.
4 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش سىياسىي بۇسى ئۆزى باشقۇرىدىغان دائىرىدە دۆلەت بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ.
دۆلەت بايرىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن كارخانىلاردا ئىشلىنىدۇ.
5 - ماددا تۆۋەندىكى سورۇنلاردا ياكى ئاپپاراتلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردا ھەر كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىدۇ:
(1)بېيجىڭدىكى تيەنئەنمىن مەيدانى، شىنخۇامېن دەرۋازىسى؛
(2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى؛
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى؛
(3) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى؛
(4) چېگرا ئېغىزى قىلىنغان ئايرودروم، پورت، پويىز ئىستانسىسى ۋە باشقا چېگرا ئېغىزلىرى، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى قاراۋۇلخانىلىرى.
6 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى خىزمەت كۈنلىرىدە دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشى كېرەك.
پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قىشلىق تەتىل، يازلىق تەتىل ۋە يەكشەنبە كۈنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر كۈنى دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشى كېرەك.
7 - ماددا دۆلەت بايرىمى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، يېڭى يىل ۋە باھار بايرىمىدا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشى كېرەك؛ كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلات، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاھالە كومىتېتى، شەھەر - بازارلاردىكى ئاھالە قورۇ )بىنا(لىرى ھەم مەيدان، باغچا قاتارلىق جامائەت پائالىيەت سورۇنلىرىدىن شەرت - شارائىتى بارلىرى دۆلەت بايرىقى چىقارسا بولىدۇ.
باھار بايرىمىنى ئەنئەنىۋى بايرام قىلمايدىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا باھار بايرىمىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش - چىقارماسلىقنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى بەلگىلەيدۇ.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار مىللىي ئاپتونومىيە قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە ئاساسلىق ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملاردا دۆلەت بايرىقى چىقارسا بولىدۇ.
8 - ماددا چوڭ - چوڭ تەبرىكلەش، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى، چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە، چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە ئېچىلغاندا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشقا بولىدۇ.

9 - ماددا دىپلوماتىك پائالىيەتلەردە ۋە دۆلەتنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى ۋە باشقا دىپلوماتىك ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، ئىشلىتىش چارىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.
10 - ماددا ھەربىي ئورگانلار، ئارمىيىنىڭ گازارما رايونلىرى، ھەربىي پاراخوتلار دۆلەت بايرىقىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چىقىرىدۇ.
11 - ماددا خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان پاراخوتلار ۋە جۇڭگونىڭ سۇ تەۋەسىگە كىرگەن چەت ئەل پاراخوتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، ئامانلىق ساقلاش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان پاراخوتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
12 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 5 -، 6 -، 7 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغانلار ئەتىگەندە چىقىرىشى، كەچ كىرگەندە چۈشۈرۈشى كېرەك.
بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغانلار ھاۋا رايى يامان بولغاندا دۆلەت بايرىقىنى چىقارمىسىمۇ بولىدۇ.
13 - ماددا دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.
بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىۋاتقاندا، قاتناشقۇچىلار دۆلەت بايرىقىغا قاراپ تىك تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ، دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسى چىلىنسا ياكى دۆلەت شېئىرى ئېيتىلسا بولىدۇ.
پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەتىل ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا ھەپتىدە بىر قېتىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
14 - ماددا تۆۋەندىكى كىشىلەر ۋاپات بولغاندا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ:
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى؛
(2)جۇڭخۇا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى؛
(3)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار؛
(4) دۇنيا تىنچلىقى ياكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار.
پەۋقۇلئاددە كۆپ ئۆلۈم - يېتىم كۆرۈلگەن بەختسىزلىك ۋەقەسى ياكى ئېغىر تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن كۆپلەپ ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەسى يۈز بەرگەندە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلسە بولىدۇ.
بۇ ماددىنىڭ (1)تارمىقىنىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى تارماقچىسى ۋە(2) تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈشنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بايراقنى يېرىم چۈشۈرىدىغان كۈن ۋە سورۇننى دۆلەت قۇرغان دەپنە قىلىش ئاپپاراتى ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
15 - ماددا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا دۆلەت بايرىقى كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا چىقىرىلىشى كېرەك.
سەپ تۈزۈپ دۆلەت بايرىقى ۋە باشقا بايراقلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، دۆلەت بايرىقى باشقا بايراقلارنىڭ ئالدىدا بولۇشى كېرەك.
دۆلەت بايرىقى بىلەن باشقا بايراقلار بىللە چىقىرىلغاندا، دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرىدا، ئېگىزرەك ياكى گەۋدىلىكرەك ئورۇندا بولۇشى كېرەك.
تاشقى پائالىيەتلەردە ئىككىدىن كۆپ دۆلەتنىڭ بايراقلىرى بىللە چىقىرىلغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى ياكى خەلقئارا ئادەت بويىچە چىقىرىلىشى كېرەك.
16 - ماددا تىك تۇرغۇزۇلغان بايراق خادىسىغا دۆلەت بايرىقى چىقارغان - چۈشۈرگەندە، ئاستا - ئاستا چىقىرىپ چۈشۈرۈش كېرەك. بايراق چىقارغاندا دۆلەت بايرىقى خادىنىڭ ئۇچىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك؛ چۈشۈرگەندە دۆلەت بايرىقىنى يەرگە تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ.
بايراقنى يېرىم چۈشۈرگەندە، ئالدى بىلەن دۆلەت بايرىقىنى خادىنىڭ ئۇچىغا چىقىرىپ، ئاندىن بايراقنى بايراقنىڭ ئۈستى بىلەن خادا ئۇچىنىڭ ئارىلىقى بايراق خادىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلدىغان يېرىگە چۈشۈرۈش كېرەك؛ چۈشۈرگەندە ئالدى بىلەن دۆلەت بايرىقىنى خادىنىڭ ئۇچىغا چىقىرىپ، ئاندىن چۈشۈرۈش كېرەك.
17 - ماددا يىرتىق، مەينەت، ئۆڭۈپ كەتكەن ياكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولمىغان دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.
18 - ماددا دۆلەت بايرىقىنى ۋە ئۇنىڭ سىزما نۇسخىسىنى تاۋار ماركىسى ۋە ئېلانغا ئىشلىتىشكە، شەخسىي دەپنە پائالىيىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
19 - ماددا ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن كۆيدۈرۈش، بۇزۇش، سىزىۋېتىش، پاسكىنا قىلىۋېتىش، دەپسەندە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ھاقارەت قىلغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلار ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىدىكى جازالاش بەلگىلىمىسى بويىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ.
20 - ماددا بۇ قانۇن 1990 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-10 10:29:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە! ئاقسۇ شەھىردىكى ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ تىمىدا سىياسى ئۆگىنىش قىلاتتىمىزكەن، ئۇيغۇرچىسىنى تاپالماي قىينىلىپ يۇرەتتۇق. ئەمدى ئاسان بولىدىغان بولدى!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش